karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 293 قېتىم كۆرۈلدى
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 835 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 612(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھەر قېتىم ئاتا دېگىنىمدە... مەشئەل20

ھەر قېتىم ئاتا دېگىنىمدە... 

مەشئەل20

ھەرقېتىم ئاتا دېگىنىمدە، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە قايتا قايتا سىلكىلىنىمەن. مەجبۇرىيەت ۋە ھەققانىيەت تەرەپدارى بولغان ئارسلان كەبى سۈرلۈك، ئاسمانلارنىڭ تۈۋرىكى، زېمىننىڭ كۆرىكى بولمىش تاغلاردەك بەستلىك، مىڭ يىللاپ كۆكلىگۈچى، چۆللەرنىڭ زىننىتى بولمىش توغراق كەبى تەمكىن، تاشلارنى تىترەتكۈچى دولقۇنلىرى بىلەن پەخىرلىك ئىلى دەرياسىدەك جەڭگىۋار بىر گەۋدە، بىر گىگانىت روھ ئاتا دېگەن ئىككى بوغۇملۇق سۆزگە مۇجەسسەملىنىپ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا جاۋاھىرلار شاھى كەبى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

ھەرقېتىم ئاتا دېگىنىمدە، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە قايتا قايتا سىلكىلىنىمەن. ۋۇجۇدۇمدا داۋالغۇغان ۋىجدان دولقىنىنىڭ شىددەتلىك شاۋقۇنى سەۋەب غەپلەت ئۇيقۇمدىن رەھىمسىزلەرچە ئويغىتىلىمەن. خۇددى ئارسلان تارتقان نەرە كەبى بىر سىرلىق ئاۋاز، چوڭقۇر چوڭقۇرلارغا چۆككەن ئەقلىمنى ۋە ئۆزلىكىمنى توختىماي چاقىرىدۇ. تاشتەك قاتقان يۈرىكىم ئۇشبۇ ئاۋاز بىلەن قايتىدىن قانغا، جۈملىدىن ئىنساب ۋە ئىمانغاتولىدۇ. ھەيكەلسىمان قاتقان جىسمىمنىڭ جانسىز تىنىقلىرى ئاتا دېگەن ئۇشبۇ سادابىلەن قايتا ئويغىنىدۇ، تىرىلىدۇ.

ھەرقېتىم ئاتا دېگىنىمدە، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە قايتا قايتا سىلكىلىنىمەن. ئۇنتۇلغان تارىخ بەتلىرى ئۇشبۇ سادا بىلەن قايتا يېزىلىدۇ، ئوقۇلىدۇ.تەكلىماكاننىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا سىڭگەن بوۋامنىڭ كارۋان ئىزى مەيىن شامال تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلغان بولسا، ئۇشبۇ سادا بىلەن قايتا مۆھۆر بولۇپ پۈتىلىدۇ. مەنسۇبلىقنىڭ ئەڭ يوقۇرى دەرىجىسى پەقەتلا ئۇشبۇ سادا بىلەن يارىتىلىدۇ. ماڭا چەكسىز ئەركىنلىك ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ. ئارزۇ ئۈمۈدلىرىم خۇددى سايرام كۆلى كەبى تاشالمىغاندا،ئۇشبۇ سادا تاغلارنى يېرىپ، ساھىللاردىن يول ئاچىدۇ.

ھەرقېتىم ئاتا دېگىنىمدە، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە قايتا قايتا سىلكىلىنىمەن. يىراقلارغا يىپسىز لەگلەكتەك ئۇچقان ئاڭ سېزىملىرىم ئۇشبۇ سادا بىلەن مەنزىلىنى تاپىدۇ. قەرز ۋە پەرزلىرىمنى بايان ئەيلىگۈچى نامەلۇم ئاۋاز تەرىپىدىن مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بەتلىرىگە چوڭقۇر ئويىلىدۇ. تەۋەررۈك ئەجداد روھىنى داۋاملاشتۇرماق ئۈچۈن ماڭا توختىماي سۆزلەيدۇ. پەقەتلا ئاتا دېگەن سۆز، ئاتا دېگەن ئىنسان بىلەن ئەسلىم پېشانەمگە پۈتىلىدۇ. خۇددى كىندىك قېنىم ئىڭەلىگىنىمدە ئانا زېمىنغاتامچىغاندەك، تۇنجى ئۆكسىگىنىمدە، ئوغۇز يېشىم ئاتام ئىزىنى بويلاپ ئاقىدۇ. 

[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2011-08-04 16:36قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-01, 13:59
مەشئەل20!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-01 07:08 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر قېتىم ئاتا دىگىنىڭدە، بۇ ئاتام ماڭا بىر ئۆمۈر باقىۋەندىمۇ؟ چوڭ دەرەخ ئاستىدا ياخشى ئوت-چۆپ ئۆسەمدۇ يوق؟ ئاتا-ئانىنى بىر ئۆمۈر تۇتىۋالغىلى بولامدۇ يوق؟دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ جېنىم ئۇكام..........
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 14:39 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 835 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 612(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسەردىكى ئاتا پەقەت نوقۇل ئاتامنىلا كۆرسىتەمدۇ؟
[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2011-08-04 16:34قايتا تەھرىرلى ]
مەشئەل20!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 16:50 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنى پەرق ئەتكۈچىلىلىم بار ئۇكام...... بۇگۈن شۇنداق بىر ھالقىلىق ئىمتىھانىڭ تۇرۇپ يەنە تور چارلاپ يۈرۈپسەن،،،،،،،، ئېچىم ئېچىشىپ كەتتى...........
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 16:54 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 835 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 612(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 ئەسىرىمنى ئوقۇپ، كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2011-08-04 16:33قايتا تەھرىرلى ]
مەشئەل20!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 16:57 |
kabus
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1273
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 101 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 103 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 58 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام اللاھ ھەر دائىم ياردەمچىڭ بولسۇن .
   سەن ھازىر چوڭ دەرخنىڭ سايىسىدە ئەمەس ، سەن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ئىگىز تاققا يامىشىۋاتقان ئادەمسەن.
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 23:14 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ۋۇجۇدىڭىزدىكى  ئاتىغا  بولغان   مۇھەببەت   ناھايىتى  چوڭقۇركەن  .


   < غەپلەت ئۇيقۇمدىن رەھىمسىزلەرچە ئويغىنىمەن > .   مۇشۇ  گەپنى  ھىچ  چۈشىنەلمىدىمغۇ  ؟
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-02 00:58 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 835 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 612(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى oguzhanدە2011-08-02 00:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
   ۋۇجۇدىڭىزدىكى  ئاتىغا  بولغان   مۇھەببەت   ناھايىتى  چوڭقۇركەن  .


   < غەپلەت ئۇيقۇمدىن رەھىمسىزلەرچە ئويغىنىمەن > .   مۇشۇ  گەپنى  ھىچ  چۈشىنەلمىدىمغۇ  ؟


ئويغىتىلىمەن.  دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى، تۈزىتىپ قوياي. رەھمەت
hawar
مەشئەل20!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 16:36 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى