ئالدىنقى قىسىملارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
./read.php?tid=1231 3-پەسىل
14-قىسىم
ئەلنۇر بىلەن ئوغۇزخان توي قىلىپ مۇرادىغا يىتىپتۇ. قىرىق بىر كۈن تويدىن كېيىن ھەممەيلەن رىستوراندا ئولتۇرۇپ ھېرىپ ھالىدىن كىتىپتۇ. توخۇتۇر توخۇلىرىنى ئويلاپ ھېرىپ كىتىپتۇ. ئىلىم بولسا بالىسىغا قارايمەن دەپ كەلمەپتۇ. تاس قاپتۇ ئوغۇزخانمۇ توي رۇخسىتىم توشتى دەپ كىتىپ قالغىلى. ئەلنۇر يىغلاپ ئولتۇرۋىلىپ، باشلىقىغا ئازراق يەرلىك توخۇ بىلەن كۆكتۈرۈكتىن كۆكىرىپ يۈرۈپ ئالغان چىلانلارنى سۈڭگۈتۈپ يۈرۈپ ئازراق رۇخسەت ئاپتۇ.
قالغان ئەزالاردىن ئوت قوي گۆشى يىسەم يۈرىكىمگە تېخىمۇ ئوت كىتىدىكەن دەپ كالا، توخۇ گۆشى يەپ ئولتۇرۇپتۇ. يەنە كىملەر بارتى ؟ ئۇزاق يوقاپ كەتسەڭلار ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن. ئىۋىرغۇل رىستۇراندا ئىككى تال ئوسما يىلتىزى دەملىمىسى، ئۈچ تال باش ئاغرىقى دورىسىنى تىزىپ قويۇپ قىرىق كۈن تىجارەت قىپتۇ. بولدىلا بۇ توينىڭ گېپىنى قىلمايلى، ئەلنۇر ئايتاراتىنى قولدا قىلىمەن دەپ تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ قىرىق كۈن ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپتىكەن، ھازىرغىچە بېشى ئاغرىپتۇ. ئىۋىرغۇلدىن دورا سورىغانكەن، نىسى قىلمايمىز...!!! دەپ تەتۈر قارىۋاپتۇ.
توي تۈگەپ ھەممەيلەن خاتىرجەم، بەخىتلىك ياشاپتۇ. لېكىن بىر كۈنى ئوردىدا باغداش شاھ كومپىيۇتىردا پۇمشىچىك ( دۇ دى جۇ ) ئويناپ ئولتۇرغاندا بىر ئەرزخۇر يىتىپ كىرىپتۇ.
-داد، پادىشاھى ئالەم، بىزنى ئويلىسىلا، ئويۇنلىرىنى چەتكە قايرىسىلا..
-ھە نىمە دەردىڭ بار.
- خوپ، باغداش تېغى ئانا تاغ، ئۇ مۇشۇ ئەلنى باقىدۇ، يېقىننىڭ ياقى باغداش مەھەللىسىدە كۆپچىلىك سۇ ئىچىدىغان ئېرىقنىڭ باش تەرىپىدە بېشى قاپتەك، بىلى تاغدەك، پۇتى چىناردەك بىراۋ پەيدا بولىۋىلىپ، قىرىق كۈنلۈك سۇنى بىر قېتىمدا ئىچىۋىلىپ، ئىچىملىك، تېرىملىق سۇلارنى قىس قىلىپ قويدى. شۇڭا ئاپەتنى يوقىتىپ بىزگە باشپانا بولغان بولسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن، رىسقىلىرى زىيادە، شېركەتلىرى پايدىدە بولسۇن-دەپتۇ.
-نىمە ؟ مەن ئەلنى ئامان، يۇرتنى پاراۋان دىسەم، نەدىن كەلگەن قاپ يۈرەككەن ئۇ؟ قايسىڭ بار؟
-لەببەي،-دەپ يۈگرەپ كەپتۇ ئەلقۇندى.
-دەررۇ باغداش مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ئاپەتنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار.
-ماقۇل، ئەمما ھەزىرىتى مەرتىۋىسى زىيادە شاھىم، مەن ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بوپ قالدىم. شۇڭا ئۆزىنى ئۆزلىرىدىنمۇ ئاشۇرۇپ باغداشخان قويىۋالغان تېرىقچىلىق ۋەزىرىمىز بارسۇنمىكىن.
-ماقۇل تېرىقچىلىق ۋەزىرىنى چاقىر.
ئەلقۇندى بىلىگە ئېسىۋالغان نۆلىنچى ئەۋلات ئايفۇننى چىقىرىپ باغداشخانغا تېلىفۇن قىپتۇ.
باغداش شاھ كىملەرنى ئىۋەتىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىپ تۇرغاندا بىلىگەن يانفۇن ئاسقان، دۈمبىسىگە ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسىنى چېچىش ماشىنىسىنى ئارتىۋالغان، قولىغا باغۋەنچىلىك قايچىسىنى تۇتقان باغداشخان ئوردىغا ھازىر بوپتۇ.
-نەگە باردىڭىز تەقسىز-دەپتۇ شاھ تەئەددى بىلەن.
-مەن شۇ،...ھەرەمخانامغا بىر تال چىۋىن كىرىۋاپتىكەن، شۇنى ئۆلتۈرىمەن دەپ.
-ۋاي ئاللا، بىر چىۋىنغىمۇ دورا چاچقان بارمۇ ؟
-چىۋىن جىقلاپ كەتسە ئۆيدە ئۇخلىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە بىر نورمال چىۋىن بىر كۈندە ئوتتۇز تال تۇخۇم تۇغىدۇ، ئۇ تۇخۇملا ئۈچ كۈندە ئەي بولىدۇ، نۇرمال ھېسابلىغاندا بىر ئايدا بىر ساندۇق چىۋىن بولىدۇ...
-بولدى. بولدى...قانداق چىۋىن ئۆلدىمۇ؟
-چىۋىنغۇ ئۆلدى، ئەمما خانىش بانۇيۇم چىۋىن دورىسىدىن ھوشسىزلىنىپ يېتىپ قالدى.
-شۇنداقمۇ قىلامدۇق؟ بۇ قايچا پىچاقلارنى نىمىگە ئىشلەتتۇق.
- شۇ ھوشسىزلىنىشقا قارشى دورا بار ئىدى شۇنىڭ ئاغىزىنى ئاچىمىز دەپ...
-بولدى، بولدى...بۇ گەپلەرنى قويايلى، مۇنداق گەپ باغداش مەھەللىسىدە بولغان گەپنى ماۋۇ ئادەم سىزگە دەپ بەرسۇن، سىز بىر رەھبەرلىك كومىتىتى قۇرۇپ شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغايسىز.
-خوپ.
باغداش شاھ ئىشىنى داۋام قىپتۇ. باغداشخان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىۋانىغا باشلاپتۇ.
ـ خوش بۇرادەر ئىسمىڭىز نىمە ؟
-ئىسمىم سەرسان سەكسەن سەككىز.
-ئىسمىڭىزغۇ سەرسانكەن، سەكسەن سەككىزىڭىز نىمە؟
-بىرىنچى مەن سەكسەن سەككىزىنچى يىلى تۇغۇلغان، ئىككىنچى سەكسەن سەككىز قېتىم سەرسان بولغانمەن، ئۈچىنچى مەلىدىن بۇ يەرگە سەكسەن سەككىز كوي خەجلەپ كەلدىم.
-ۋاي ۋۇي قۇمكەنغۇ بۇ...بولدى، ھە..ئەھۋالنى سۆزلەڭ.
سەرسان ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى دەپ بىرىپتۇ.
باغداشخان ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ رەھبەرلىك كومىتىتى قۇرۇپتۇ.
ئۆزى باش بوپتۇ، ئىلىم ئۆيدە بالا باقىمەن دىگەچكە ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىپتۇ. توخۇتۇر، كۆكتۈرۈك، ئوغۇزخان قاتارلىقلار ياردەمچى بوپتۇ. قالغانلارنى كىرەك بولسا يولدا قوشارمىز دەپ ئويلاپتۇ. شۇ مىنۇتتىلا باغداششاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى مەلۇم قىپتۇ.
كۆكتۈرۈك، توخۇتۇر، ئوغۇزخانلار دەررۇ مەيدانغا ھازىر بوپتۇ. ئۇلار پىلاننى ئۇققاندىن كېيىن ئۆيىگە بېرىپ ئاياللىرىدىن رۇخسەت سوراپ كەلمەكچى بوپ كىتىپتۇ. باغداشخان بانۇ ئايىمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ماھى ئايىم ئەلنۇرنى قارىتىپ قويۇپ يۈرۈشكە ئاتلىنىپتۇ.
ئۇلار ئاۋال ماشىنا كىرا قىلىپ ساقىغا بېرىپتۇ. ساقىدا ئۇلارنى نۇرغۇن ئادەم قارشى ئاپتۇ. ئەمدىكى مەسىلە باغداشقا قانداق چىقىش ئىكەن. باغداشخان مالىيەدىن پۇل بەرمىدى دەپ قاتناش پۇلىنى چىقارغىلى ئۇنىماپتۇ. توخۇتۇر ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ ئۈن چىقارمايلا يانچۇقىدىن كۈمۈش ئايلاندۇرۇپ تاپقان پۇلىدىن بەش كوينى ئېلىپ باغداشقا قاتنايدىغان ماشىنا ئۇقۇشۇشقا باشلاپتۇ.
قېنى بۇ ئەزىمەتلەر باغداشقا قانداق چىقىدۇ ؟ ئۇلار زادى بۇ سۇ توسار دىۋىنى يىڭەلەمدۇ ؟ كىيىنكى قىسىمدا كۆرۈشەيلى.
[ بۇ يازمىنىtaratiدە2011-10-02 21:56قايتا تەھرىرلىد ]