karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1539 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 340 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 340 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سېۋىت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان ئۇيغۇر زېمىنى


                              تارىختىن سۆز

قەدىمكى تۈرك، ئۇيغۇر خانلىقىغا قاراشلىق بولغان توۋالار توغرىسىدا
-سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان جۇڭگو زېمىنى – ھازىرقى رۇسىيە
توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى تەرمىلەر
 

مۇھەممەت يۈسۈپ


            ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ئېلىمىز بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تارىختىن قالغان زېمىن تالاش-تارتىشى مەۋجۇت بولۇپ ھازىرغىچە ھەل قىلىنماي كەلمەكتە ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەشىر قىلىدىغان «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى » گېزىتىنىڭ 92-يىل 3-ئاپرېل سانىدا چۈەن ۋەنو ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان « سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چوڭ زېمىندىكى چاقماق رايونلىرى »دېگەن ماقالىدا 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى « جۇڭگونىڭ تاننو ئورانقاينى يۈتىۋالدى »، دېيىلگەنىدى. (بۇنداق ئاتاش 1-قېتىملىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باشقا ھۆججەتلىرىمىزدىمۇ ئىزچىل شۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى، مەسىلەن: 1979-يىلى نەشىر قىلىنغان « سۆز دېڭىزى » دىمۇ شۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان ). شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن مۇشتەرىلەر بۇ يۇتىۋېلىشنىڭ جەريانىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا خەت يازغان ھەمدە شۇ گېزىتنىڭ 30-ئاپرېل سانىدا بۇ ھەقتە مۇناسىپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى، ئاپتور بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە – بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئالاقىدار تارىخ ماتېرىياللىرىنى ئۆگىنىپ ئىزدەندى ۋە ئالاقىدار تارىخ مەلۇماتلىرىنى مۇشتەرىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتى:

            تاننو ئورانقاي ( بەزى مەنبەلەردە تاڭنو ئورانخاي دەپ ئېلىنغان ) دېگەن بۇ نام سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە فېدىراتىسىيىگە قاراشلىق بولغان توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچىدىكى تاننو ئورانقاي دېگەن تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر نامى ھەمدە توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1926-يىلدىن ئىلگىرىكى قوللانغان نامى. توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى – سېبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى يېنسەي دەرياسىنىڭ شىمالى ئېقىمىدا بىر توپ تاغلار بىلەن ئورالغان ئويمانلىق بولۇپ، يەر كۆلىمى 170مىڭ 500كۋادرات كىلومېتىر، مەركىزى شەھىرى قىزىل، بۇ جۇمھۇرىيەت ئېلىمىز بىلەن بىۋاسىتە چىگرىلانماي موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدىراتىيىسىنىڭ گورنى ئالتاي ئاپتونوم ئوبلاستى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى شىمالىدىن رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ گورنى ئالتاي ئاپتونوم ئوبلاستى ئارقىلىق 200كىلومېتىردىن ئارتۇق يول باسقاندىن كېيىنلا بارغىلى بولىدۇ، نوپۇسى 170مىڭدىن كۆپ بولۇپ، 90% دىن ئارتۇق يەرلىك خەلق-توۋا مىللىتى ئىگىلەيدۇ. موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىمۇ 20مىڭدىن ئارتۇق توۋا بار . ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ توۋلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى مەلۇم بولمىغانىدى. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ۋە بورچىن ناھىيىلىرىدە 1000دىن ئارتۇق توۋا بارلىقى مەلۇم بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەشھۇر سەيلىگاھ قاناس كۆلى بويىدىكى قاناس توۋا مىللى يېزىسىدا ياشايدۇ. توۋالار- موڭغۇل مىللىتى خىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئېتنوگرافلار توۋالارنى قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇل قەبىللىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىرلىشىشى جەريانىدا ھاسىل بولغان مىللەت، دەپ قارايدۇ. توۋا تىلى- ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر –قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ( بەزى تىلشۇناسلار قەدىمكى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە قىلىپ ئايرىيدۇ ). توۋالار-لاما ۋە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھازىر سلاۋىيان يېزىقى ئاساسدىكى رۇسىيە يېزىقىنى قوللىنىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

           توۋالار – ئېلىمىزدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى خاتىرىلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يېزىلغان « سۈينامە» قاتارلىق قەدىمكى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان. 6-،7-ئەسىرلەردە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىي شىمالدىكى نەچچە ئون يايلاق قەبىلىلىرى تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئاۋۋال بىر قەدەر مۇكەممەل سىياسىي بىرلىك بولۇپ ئۇيۇشتى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋاتلىرى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى . بۇ ئۆزگىرىشلەر ئەسلىدە ئالتاي تاغلىرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشايدىغان ئاشىنا تۈرك ( كېيىنچە كۆك تۈرك دەپ ئاتالدى ) قەبىلىسىدىن ئاۋۋال باشلاندى. مىلادى 546-يىلى قاڭقى قەبىلە ئىتتىپاقىدىن ئاشىنا تۈرك قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئاشىنا تۈرك ھۆكۈمىتىنى تىكلىدى. ئۇ 552-يىلى يەنە جۇجان ( مانجۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ) ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۈيۈك تۈرك خانلىقىنى تىكلەپ، ئۆزىنى « ئېل قاغان» دەپ ئاتىدى. بۇ تۈرك خانلىقى 553-581-يىللارغىچە ناھايىتى كېڭىيىپ شەرقتە لياۋخەي ( ھازىرقى بوخەي ) دېڭىزىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزى، جەنۇبتا گوبىي چۆللۈكى، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە ( جۈملىدىن بايقال كۆلىنىڭ غەربىدىكى توۋالار زېمىنغىچە ) بولغان پايانسىز زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالدى . ئۇزاق ئۆتمەيلا، تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، مىلادى 744-يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى، ئۇلارنىڭ باشلىقى قۇتلۇق بويلا ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان، دەپ ئېلان قىلدى، تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر خانلىقى تىكلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان بىر مۇنچە قەبىلىلەر بولۇپمۇ، بايقال كۆلىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى توۋالار ، قۇرىقانلار، يەنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدىكى قىرغىزلار، ئالتاي تاغلىرىدىكى قارلۇقلارمۇ ئۇيغۇر  خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى...
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى دەۋردە تۈرك خانلىقى ( شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى ) ھەمدە ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلدى، كۈچەيدى، ئاخىر ۋەيران بولدى ( تاڭ سۇلالىسىغا قوشۇلدى ). توۋالارنىڭ 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تۈرك خانلىقىغا ۋە ئۇيغۇر خانلىقىغا قاراشلىق بولغانلىقى، 13- ئەسىردە موڭغۇل تاتارلىرى، 18-ئەسىردە مانجۇلار باشقۇرغانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان « سوۋېت ئىتتىپاقى قامۇسى » دىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان.


          چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا تاننو ئورانقاي ئۈچ ئۈلۈس ( قەبىلە)نىڭ بىرسى بولۇپ، بەش خوشۇن، 46ياردەمچى ئەمىرلىككە بۆلۈنەتتى. ھەربىر خوشۇنغا بىردىن باش بۇغ ( ئاغلاقچى ) قويۇلغانىدى، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولياستاي ( ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى – ت )دىكى چېگرىنى تىنچلاندۇرغۇچى سول قول مۇئاۋىن سانغۇنى قوشۇمچە باشقۇراتتى. 1864-يىلى جۇڭگو –روسيە تارباغاتاي شەرتنامىسى ئىمزالانغاندا چار رۇسىيە جۇڭگونىڭ  غەربىي شىمالىدىكى ئون ياردەمچى ئەمىرلىكنى بۆلىۋالدى، بۇ زېمىن ھازىرقى رۇسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ خاناس ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن كىموروۋىسكى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدەك زېمىنغا توغرا كېلىدۇ. چاررۇسىيە 1911-يىلدىن كېيىن ئوتتۇرا قىسمىدىكى 27ياردەمچى ئەمىرلىكنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالدى، شەرقتىكى ياردەمچى ئەمىرلىكنى شۇ چاغدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان خالخا فېئودال خوجايىنلىرى بېسىۋالدى. شەرقىي قىسىمدىكى توققۇز ياردەمچى ئەمىرلىك موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇپسۇگول ئۆلكىسىگە قاراشلىق بولدى. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى 1921-يىلى 6-ئايدا ئاق باندىتلارغا قوغلاپ زەربە بېرىش نامى بىلەن نۇرغۇن ھەربىي قىسىمنى تاشقى موڭغۇلغا كىرگۈزدى ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاننو ئورانقاينى بېسىۋالدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق قىسمىدىكى 36ياردەمچى ئەمىرلىكنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل قايتۇرۇۋالغان ۋە ۋالىي ئەۋەتىپ بىر مەزگىل تۇرغۇزغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ زېمىنلەردىن قايتىپ چىقىشقا ۋە باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلىرىنى قايتۇرىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. تاشقى موڭغۇلىيە 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىدى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا 1924-يىلى 8-ئايدا « ئورانقاي جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، 1926-يىلى تاننو توۋا «خەلق جۇمھۇرىيىتى »دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى  « تاننو –توۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى » كىچىك خۇلار پەۋقۇلئاددە يىغىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرىشنى «ئىلتىماس » قىلىش خىتابنامىسى ماقۇللىدى . 1944-يىلى 11-ئۆكتەبىر سوۋېت ئىتتىپاقى ئالى سوۋېتى بۇ جۇمھۇرىيەتنى رۇسىيە فېدىراتىسىيىسىنىڭ  تەركىبىگە قوشۇۋېلىشىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ 2000كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنى رۇسىيە فېدىراتىسىيىسىنىڭ كىراسنويارسىكى چېگرا رايونىغا ئايرىپ بېرىلدى. 1961-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى نامى «توۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ، « مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى » بولۇپ ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندا، بۇ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت يەنىلا رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ تەركىبىدە قالدى. ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت زېمىنىنىڭ روسيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى  ئېتىراپ قىلماي ئىزچىل تۈردە ئېلىمىز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ھېسابلاپ كەلمەكتە. 

ئىزاھات : (1) 1990-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېلىمىز ھۆكۈمىتى بىلەن روسيە ھۆكۈمىتى چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن تالاش – تارتىشنى تولۇق ھەل قىلىپ ئاخىرقى كىلىشىم ئىمزالىدى . يۇقىرقى ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى روسيە فېدىراتسىيەسىگە تەۋە بولۇپ ئايرىلدى.


مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرۈشكە تۈرلۈك ئورۇنلاردا ، مەتبوئاتلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، بايقالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-04, 01:52
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-04 01:51 |
zamandax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2679
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 115 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 115 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تىما ئىكەن،مەن تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم، كۆپچىلىك سىلەرمۇ ئۇقۇپ چىقىڭلار.ياخشى سۇئاللارنى قالدۇرۇڭلار،
西部医院
سىز بىلەن مەن زامانداش،
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 11:23 |
arkim
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 327
شۆھرەت: 1940 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1990 سوم
تۆھپە: 1116 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1116 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 415(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىنى ئوقۇپ، مەملىكتىمىز دائىرلىرىنىڭ تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر خاندانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 13:09 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 693 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 694 سوم
تۆھپە: 413 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەخىرى يەنە شۇ روسلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ ھە !  
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 15:47 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       1881  يىلى   2 - ئاينىڭ  24 -  كۈنى   چار  روسىيە   ھۆكۆمىتى  بىلەن  چىڭ  سۇلالىسى  ھۆكۆمىتى   تارىختىكى   ئەڭ   تېتىقسىز  شەرمەندە   شەرتنامە   «  ئىلى  شەرتنامىسى »  نى   ئىمزالاپ ،   نەچچە  يۈز   سەر   كۈمۈچ   تەڭگىگە   دىيارىمىزنىڭ   70 مىڭ  كۋادىرات  كىلومېتىرلىق  بىباھا   زىمىنىنى   ئاچكۆز   چىڭ  سۇلالىسى   چار  روسىيەگە   سېتىۋەتكەن  .  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 17:04 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاناڭنى    دەيدىغانلار تېمىكەن بۇ  ،،،ئاناڭنى
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-05 15:09 |
al-aman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇ تېمىنى تەۋسىيە قىلغان تورداشقا رەھمەت :
  ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي ! باغداشتىكى بىلىملىك تورداشلار سالام : بۇندىن كېيىن تور دۇنياسىدا كۆپرەك سۆھبەت بولۇشقا تىرىشىمەن !
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-13 16:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى