ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئازقالغان كۈنلەردە، ئۆيىدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن ئەسكەرلىككە تىزىملاتتىم. شۇ كۈنلەردە بوۋام ماڭا نەسىھەت قىلىپ:-نەۋرەم، بۇرۇنسىدا بالىلارنى موللىغا بېرەتتۇق، موللا بولسا ئاز تولا نەزىر-چىراق يەپ جان باققىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئەمدى دەۋىر يېڭىلاندى، ئەسكەر بولساڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز تەمىنلىنىشىدىن بەھىرلىنىپ تەربىيەلىنىسەن، ئاخىرىدا خىزمەت تېپىشىڭمۇ ئاسان بولىدۇ. دېگەنتى. مەن ئامالىسىز يىراق چىگرا رايونىدا تۆت يىل جاپالىق چېنىقتىم. قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، ئۆيدىكىلەر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم ئۈچۈن تاپقان-تەرگىنىنى سۈڭگۈتكەن بولسىمۇ، تېرىكىمىز، يولىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن < قويۇلۇپ> كەتتۇق. قىسىمدىن چېكىنىپ، قىسىمدىن بېرىلگەن پۇللارنىمۇ سودا-سېتىق قىلىمەن، باي بولىمەن، دەپ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇمىنىنى كۆككە سورىۋەتتىم.ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە كونا سەپداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە ئامانلىق قوغدىغۇچىلىق خىزمىتىدىن بىرنى تاپتىم.
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىسىمدىن چىكىنگىلىمۇ 5 يىل بولاي دەپ قاپتۇ. تۇنجى خىزمەتكە كەلگەن كۈنۈم، كۆرگەن بىر ئىش ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. شۇ كۈنى ماڭا قورچاق ئەسكەرلەرنىڭ فورمىسىدەكلا كۆرىنىدىغان ئامانلىق قوغدىنىش ئەتىرىتىنىڭ كۈلرەڭ فورمىسىنى كىيىپ، ئىشلەۋاتقان ئىدارىنىڭ كارىدورىدا بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن تاغدىن-باغدىن كۇسۇرلۇشۇپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز بىر ئاغۋاقار كۆز، پولداڭ قۇرساق ئوتتۇرا بوي كىشى يۈگىرەپ كىرىپ، -ھوي، ئىككىڭ نىمە بۇيەردە مۇڭدۇشۇپ كەتتىڭ!؟دەرۋازا ئالدىدا بىر خەلق ئىشچىسى كىيىم-كېچەكلىرى قان ھالەتتە:-ماڭا ئوۋال بولدى! دەپ ۋاقىراپ-جاقىراۋاتىدۇ. ياغاچ قۇلىقىڭلارغا كىرمىدىمۇ؟! ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماي، تېزدىن ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇڭلار، باشلىقلار كۆرۈپ قالسا، ئىشىڭلار چاتاق!...دەپ ۋاقىراپ ئىككىمىزنى ئالدىغا سېلىپ، مۈرىلىرىمىزدىن ئىتىرگىنىچە ئالدىغا سېلىپ ئەپ ماڭدى. بىزمۇ تېزلىكتە دەرۋازا ئالدىغا چىقتۇق. ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىدى. ئورۇقلاپ ياغاچ ئويمىدەك بولۇپ قالغان، ئۇچىسىدىكى ئاق كۆينەكنىڭ ئالدى-كەينىگە قان بىلەن:-ماڭا ئوۋال بولدى! دىگەن خەت يېزىۋالغان بىر خەلق ئىشچىسى ئوڭ قولىدا بىر پىچاقنى سول بىلىكىنىڭ بېغىشىغا توغۇرلاپ تۇرۇپ:- ماڭا ئوۋال بولدى! چوڭ خوجايىن، مەن يۇرتۇمدىن باشلاپ كەلگەن ئون نەچچە يۇرتدىشىمنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەي قېچىپ كەتتى! دەپ ۋاقىراۋاتاتتى. ھەقسىز ئويۇنغا چىۋىندەك ئولۇشىۋالدىغان كۆرۈرمەنلەر ئەتىراپنى بىر ئالغانتى. ئەگەر چاتاق چىقسا، جەمئىيەتتىمۇ ئەكىس تەسىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق...بىز ئىككى قوغدىغۇچى نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق.بىردەمدىن كېيىن نىمىشقىكىن بۇ ئەرىزچىگە ھېسداشلىقىم قوزغۇلۇپ قالدى. بىزنىڭ ۋە ئەتىراپتىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشلىرىمىز ئارقىسدا ئۇ سەل-پەل بوشىغان بولسىمۇ قولىدىكى پىچاقنى ھېچ تاشلايدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆزى پۇل ئالمىسىمۇ مەيلىكەن، ئەمما ئۆزىگە ئىشىنىپ، بالا-چاقىلىرىنى تاشلاپ كەلگەن يۇرتداشلىرىغا چوقۇم پۇل بېرىلىشى كېرەككەن، بولمىسا ئۇ يۇرتداشلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىكەن. ئەگەر پۇل ئالالمىسا، نەق مەيداندا ئۆلۈپ بېرىدىكەن...گەرچە، ئۆلۈۋېلىش، مەندەك قويۇق ئىسلام مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئادەمگە يات تۇيۇلىدىغان ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك كەچۈرگۈسىز جىنايەت ھىسابىدىكى بىر ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز يۇرتداشلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مەردانىلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۇ خەلق ئىشچىسىنىڭ ھاياجىنى ئەتىراپتىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ تۇراقسىزلىشىپ باراتتى. دەل شۇ چاغدا، ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا يېڭىدىن ياردەمگە كەلگەن كەرتىم چاچ چوكانچاق توپ ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتكىنىچە: پۇل، نەدىكى پۇل! ساڭا پۇلنى بېرىدىغان ئادەم بۇيەردە يوق، ئۆلسەڭمۇ، ئۆلىدىغان يېرىڭگە بېرىپ ئۆل! جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرساڭ، ئاقىۋىتىگە ئۆزەڭ ئىگە! يوقال كۆزىمىزدىن!...
توۋۋا، ماۋۇ سەرخوش ئىشنى بۇزدى، ئەسلىدىنلا مىجەزى تۇراقسىزلىشىۋاتقان خەلق ئىشچىسىنىڭ قوشمىلىرى تۈرۈلگىنىچە، ئا! دەپ ۋارقىۋاپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىدىكى پىچاقنى سول بىلەك بېغىشىغا سۈركىدى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىم يېرىم مېتىرمۇ كەلمىگەچكە، ھەتتا پىچاقنىڭ گۆشكە، ئۇستىىخانغا شىرىت! قىلىپ سۈركەلگەن ئاۋازلىرىغىچە ئاڭلىدىم. ئاۋازدىن كېيىن بېغىشنىڭ تېرىسى كىنولاردىكى ئاستا كۆرۈنۈشتەك ئىككىگە بۆلۈندى، تېرە ئىچىدىكى گۆش، ياغ، سىڭىر كۆز ئالدىمدا مانا مەن دەپ ئايان بولدى. قىسىمدىمۇ بۇنداق قورقۇنۇچلۇق جەرياننى كۆرمەپتىكەنمەن...بىرچاغدا ئۇنىڭ بىلىكىدىكى قان فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى. مەن شىددەت بىلەن ئۇنىڭ بېغىشىدىكى يارا ئېغىزىنى باستىم، كەينىمدىنلا خىزمەتدىشىممۇ قولۇمنىڭ ئۈستىدىن چىڭ قاماللاپ باستى. لېكىن، قان توختايدىغاندەك ئەمەس، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كىيىم-كېچەكلىرىمىز ۋە ئاياق ئاستىمىز قىپقىزىل قانغا بۆزلەندى! ياندىكى ھېلىق كەرتىم چاچ بۇ ھالەتلەرنى كۆرۈپ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ چوشقىدەك چىقىرىغىنىچە ئايلىنىپ كەتتى. شۇندىلا ئەتىراپتىكى قىزغىن كۆرۈرمەنلەر ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىتى. مەن، ئوڭ قولۇمدا يارا ئېغىزىنى باسقاچ سول قولۇمدا <120> تېلفۇن قىلدىم. شۇ ئارىدا، خەلق ئىشچىسىنىڭ ئاۋازى بارغانچە سۇزلىماقتا ئىدى. ئۇ قەغەزدەك ئاقىرىۋاتقان كالپۇكلىرىنى تەستە مىدىرلىتىپ: ماڭا ئوۋال بولدى! ئاغىنىلەر! سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن...دەپ پىچىرلايتتى. ئالاھىزەل ئون نەچچە مىنۇتلار ئۆتتىمىكىن، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ ئۆلىۋالماقچى بولغان خەلق ئىشچىسىنى ئېلىپ كەتتى.
خىزمەتتنىڭ ئالدىراشلىقىدا، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. بىر ئۇزۇن قۇلاق ئەرباپتىن ئاڭلىساق ھېلىقى كەرتىم چاچ ئۆز ئىدارىسىغا قايتۇرۇلۇپتۇ. ھېلىقى خەلق ئىشچىسىنىڭ پۇلىمۇ قولىغا تېگىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، بۇ ئىدارىدە ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن بىچارە كىشىلەرنىڭ ئاز بولمىغان ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچىرىغانلىقىنى تولا كۆرۈپ، تولا ئاڭلاپ يۈرىكىممۇ تاش بولۇپ قاتقان ئوخشايدۇ. بۇرۇنقىدەك قارانچۇقسىز كىشىلەرگە تاماق ئېلىپ بېرىدىغان، پۇل بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم.
ھەركىم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.مانا مەنمۇ ئاۋال ئۆي ئالايمۇ، خوتۇنمۇ؟! دەپ بېشىمنىڭ ئىچى تېشى قېتىپ يۈرىمەن. ھازىر ئۆيى يوققا نەدە خوتۇن بار دەيسىز... ھېلىقى خەنزۇ خىزمەتدىشىم مائاشى تۆت تەڭگىلىك خزمەتنى تاشلىغاندىن كېيىن، چوڭ بىر كارخانىنىڭ ئامانلىقىغا، قۇرلۇش ماتىياللىرىنىڭ توشۇش ئىشلىرىغا مەسئول بولۇپ خېلى پىتلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كارخانىسى چەتئەللەردىمۇ ئىش ئالىدىكەنمىش. تېخى ئالدىنقى ئايدا ئۇنى شەھىرىمىزدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئىزلەپ تاپتىم. مەقسىتىم، ئىككى يىللىق دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزى -ھۆرمىتىگەئەرزانراق ئۆي ئېلىۋېلىش ئىدى. ئۇ شۇچاغدا يېنىدىكى سالاپەتلىك بىر كىشىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ چۈشەنچە بېرىۋاتقان ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغۇچى، مېنى بايقىيالمىدى. مەنمۇ بىرچەتتە، ئۇلارنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ساقلاپ تۇردۇم. توساتتىن، ھېلىقى سالاپەتلىك كۆرۈنگەن كىشىنىڭ سول بېغىشىدىكى تارتۇق كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. قۇرلۇش قالپىقى ۋە قارا كۆزەينەك تارتىۋالغان بۇ كىشىنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىنىڭ ھېچ بىر يېرى مېنىڭ يۈرىكىمگە مۆھۈردەك بېسىلىپ قالغان تارتۇق ئىگىسىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىمايتتى. مەن شۇ ھاڭۋاققان پېتىم تۇرۇپ قاپتىمەن. بىر كەمدە: -ھوي! ئەخمەتجانمۇ سەن؟! دېگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كېلىپ ئالدىمغا قارىسام ئۇلار ئىككىلىسى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى سالاپەتلىك كىشى دەل مەن گۇمان قىلغان خەلق ئىشچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز يۇرتداشلىرىنىڭ يىللىق قان-تەر پۇلىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۆز يېزىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ زور تەسىرلەر قوزغىغاندىن كېيىن، شۆھرىتى تېزدىن ئېشىپ، كېيىنكى يىلى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىققانلارنىڭ سانى ئۈچ يۈزدىن ئېشىپتۇ. بۇ سان يىلدىن- يىلغان كۆپىيىپ ھازىرقى كۈندە قول ئاستىدا3400دىن ئارتۇق ئادىمى بار كۈچلۈك كارخانىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇلار مېنىڭ قىيىنچىلىقمنى بىلگەندىن كېيىن، مېنىمۇ ئۆزىلىرىنىڭ كارخانىسىدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. بىراق،مەن چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتتىم. لېكىن، شەھىرىمىز بويىچە ئەڭ ئەرزان بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېرىشتىم، ئۇلار دوسلۇقنىڭ ھۆرمىتى دەپ ئۆينى، ئىچكى باھادا سېتىپ بەردى.
شۇ كۈندىن باشلاپ، كىشى ھاياتىدا،ئۆزىگە ھەم ئۆزگىلەرگە يۈز كېلىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم. ئەگەر ئاشۇ كۈنى ھېلىقى كەرتىم چاچ شۇم ئېغىز، خەلق ئىشچىسىنى ھاقارەتلىمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلىكىدىن قان گۈللىرى تۆكۈلمىگەن بولاتتى...ئەگەر ئۇ مەردانىلىك بىلەن ئۆز لەۋزىدە تۇرمىغان بولسا...بەلكىم، ئۇ مەڭگۈ ئاددى بىر خەلق ئىشچىسى بولۇپ قالاتتى. مەنمۇ شەھرىمىز بويىچە ئەڭ ئەرزان بۇ بىر يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولالمىغان بولاتتىم...
2011-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى قومۇل
[ بۇ يازمىنىarkimدە2011-08-05 17:28قايتا تەھرىرلىدى ]