karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 633 قېتىم كۆرۈلدى
sansiz11
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 25 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 25 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئانامغا مەرسىيە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-05)
ئانامغا مەرسىيە

مۇخەممەس

ئانا ! چۆلدە يىگانە توغراقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئۇرۇق-تۇققان تەڭتۇشۇڭ ئامراقلارغا يىغلايمۇ ؟
سەندىن قالغان ئايۋىنىڭ قازناقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئانا، تەقدىر قىسمىتى - چاقچاقلارغا يىغلايمۇ ؟
سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ ؟

كۆرەي دىدىم، بالدۇرراق جاپايىڭغا چىدالماي،
‹‹بالام›› دىگەن مېھرىڭڭە، ئاۋازىڭغا چىدالماي،
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار دىدارىڭغا چىدالماي،
يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم، پەريادىڭغا چىدالماي،
ماڭا يىگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ ؟

سەۋەپكارى بىر ئۆزۈڭ تەۋەللۇتۇم، تويۇمنىڭ ،
سەن ئانىسى مەن ئەمەس، مىللىتىمنىڭ،قەۋمىمنىڭ،
قات -قېتىغا سىڭدۇردىڭ ئادەملىكنى قەلبىمنىڭ،
جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ ،
«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟

قانلىرىڭ بار يۈرەكتە يۈرۈگۈڭدىن قېتىلغان ،
غۇرۇرۇڭ بار جىسمىمدا غۇرۇرۇڭدىن چېچىلغان ،
تامغۇسى بار ئەجداتنىڭ قوللىرىڭدا بېسىلغان ،
چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،
باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ ؟

ئانا ! دىدىم تەلمۈردۇم ئىشىكلەردە دىۋانە ،
تۇپراق بېشى، قەبرەڭدە بولۇپ يۈردۈم پەرۋانە،
بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى بولمىغاندا سەرسانە،
قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،
كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟

زىمىستاندا پەريادىم، باھارىم يوق تومۇز يوق ،
ئانا! دىدىم ئېرىدىم مېھرىبان يوق گۈل يۇز يوق،
ئاق كۆڭلۈڭدەك ئاقاردى چاچلىرىمدا قۇندۇز يوق ،
ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،
ئانا ، ئۆزۈڭ ياققان شام - چىراقلارغا يىغلايمۇ؟

يۈرۈگۈمدە سەن ياققان چىراقلار بار، نۇرلار بار ،
ماڭا قالغان ئارزۇيۇڭ نىشانىڭ بار، يوللار بار ،
سېغىنچىمدا يېزىلغان داستانىم بار، قۇرلار بار ،
سۆيۇپ-سۆيۇپ قانمايمەن سەن سۇ بەرگەن قوللار بار،
تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۇك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟

غۇرۇرۇڭ بار ئوغلۇمدا، ئىللىقلىقىڭ تەپتىدە ،
ھارمايدىغان كۈچ-قۇۋۋت بويلىرىڭ بار بەستىدە،
دۇئايىڭدۇر كاپالەت ئەۋلادلىرىڭ بەختىدە ،
قىزلىرىمدا مىھرىڭ بار، يۇرىكىڭ بار كۆكسىدە،
ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ ؟

يىغلاپ كەتتىم بۇقۇلداپ ،قەبرەڭگە قۇچاق ئاچتىم،
بىلەلمىدىم قەدرىڭنى، ئانا دەپ قوشاق قاتتىم ،
سەن قالدۇرغان چەكمەننى، بېشىمغاقويۇپ ياتتىم،
قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،
روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ ؟

ئىچۈرسەڭچۇ شاھادەت قوللىرىڭدا «بالام!»دەپ
بېزىسەڭچۇ جىنازام، گۈللىرىڭدا «بالام!»دەپ ،
كېپىنىمنى تىكسەڭچۇ ،يىپلىرىڭدا «بالام!»دەپ
ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،
چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ ؟

يەتكۈزەرمەن مۇقەددەس پەرزىڭگە دەپ ئىش باشلاپ،
ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۇدۇپ- ھاپاشلاپ،
لېكىن بالدۇر كەتتىڭغۇ ، مېنى يىگانە تاشلاپ،
ئېسىلدىمغۇ ئانا ! دەپ جىنازاڭنى باغاشلاپ ؟
ماڭا بەرگەن ھىكمىتىڭ - ساۋاقلارغا يىغلايمۇ ؟

ئاق كۆڭلۈڭدەڭ ساپلىقنى ئۇدۇم قىلدىڭ نەۋرىگە ،
كۆز يېشىمدا سۇغۇرۇپ گۈل تېرىدىم قەبرىگە ،
ھېچبىر ئازاپ تەڭ بولماس ئانىسىزلىق دەردىگە ،
كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە!،
يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ ؟ ؟

ئىجادىي ئەسەر
2011-يىلى قەشقەر
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-05, 13:48
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-05 13:31 |
alrazi

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1203
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 350 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 186 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 186 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇغىنىمدىن ئۆزۇۈمنى بەكلا خوش ھىس قىلدىم ..قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بارىكاللا .. ھەقىقى شائىرلاردەك چىقىپتۇ .. ھەر بىر مىسرانى ئوقۇغىنىمدا ھەربىر كۆرۇنۇش ئۆز ئالدىمدا خۇددى كىنۇ لىنتىلىرىدەك كىلىشكە باشلىدى .. ھەقىقەتەن تەسىرلىك يىزىپسىز .. بۇ شىئىرىڭىزنى يەنە تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ... رەھمەت سىزگە .. بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشقان ئانىلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن !!!!1 ئامىن ...
西部医院
ئۆزىنى چۇشەنمىگەن ئىنسان ئۆزگىنىمۇ چۇشەنمەيدۇ .....
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-06 14:16 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
شۆھرەت: 1720 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1736 سوم
تۆھپە: 1006 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 352(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن، كېچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلاندىم، بەك كۆپ ئىنكاس يېزىلمىغانلىقىدىن  مەيۈسلەنمەڭ، ھەممە ئادەم ئازاپلانغاندا ئازاپنىڭ تەمىنى بىلىدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 23:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر