ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆكتۈرۈك
قىممىتى زور تېمىنى يوللاپسىز .ئىتىقات ۋە مېھنەتكەشلىك جەھەتتە قارا دۈۋىنىڭ
زور كۆپچىل ئادەملىرى بىزگە ئۆرنەك .ئۇلاردىكى ئىتىپاقلىق قومۇلنىڭ باشقا جايلىرىدا
ئاز ئۇچىرايدۇ .بۇرادەرلەر ئارا يار يۆلەكتە بولۇش ئوموملاشقان .
ھاھاھا ..قارا دۈۋىلىكنى نىمە ئۈچۈن قوڭغۇز يىدىلەر دەيدىكىن دىسەم ..بۇ تارىخنىمۇ
بىلىۋالدىم .لېكىن ئاۋۇ <خە> دىگەن سەت سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدى .
لېكىن مېنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم بۇ سەت سۆزنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەندۇ؟بۇنىڭ
چوقۇم تارىخى ئارقا كۆرىنىشى بار .
ئوزاقى يىلىدىكى ئىش ھېلىمۇ ئىسىمدە .ئۈچ ئاكام بىلەن قارا دۈۋىگە كۆچەت ئالغىلى باردۇق
قارا دۈۋە تەۋەسىگە كەلگەندە ناماز شام بولۇپ قالدى .مەن يولىمىزنى ئاقسىتىپ قويماسلىق
ئۈچۈن نامازنى ماشىندىلا ئولتۇرۇپ ئۆتىدىم .لېكىن مەن قارا دۈۋە سايلىرىدا
بۇ ۋاقىتتا نامازغا تۇرغان نۇرغۇن قارا دۈۋىلىكنى كۆردۈم .
مەنزىلىمىزگە يىتىپ بېرىپ بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىدە قوندۇق .ناماز خۇپتەن بولغاندا
ساھىپخان <تەرىتىڭلەر بارمۇ تەرەت ئېلىۋالامسىلەر > دىدى .نومۇسقا پاتقان ئۈچ ئاكام
نىمە دىيىشىنى بىلمەي قېلىشتى .چوڭ ئاكام سەت بولمىسۇن دەپ ئامالسىز چۆگىننى كۆتىرىپ
چىقىپ كەتتى .قالغانلىرى قاققان قوزۇقتەك ئولتۇرىۋىرىشتى .بەلكىم قاتتىق خىجىل بولدى
ساھىپخانمۇ زورلىمىدى. لېكىن ئۇلار ھازىرغىچە شۇ ھالەتتە .ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت
قىلىدىكەن .
ئەتىسى كۆچەت كولىغىلى باردۇق .ئاكىلىرىمنىڭ تاماكا خۇمارى قوزغالغىلى تۇردى .
قارىسا ئەتراپتا بىرمۇ تاماكا چىكىدىغان ئىنسان يوق .بىز كېلىشتىن ئىلگىرى قارا دۈۋىدە
ئاشكارە تاماكا چەككىلى بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان .شۇڭا ئاكاملار ئامالسىز ئىگىز تۆپىلىكنىڭ
چوقىسغا چىقىپ تارتىپ كەلدى .ھاھاھاھ..
..قارا دۈۋىلىكلەر قانون بەرگەن دائىرە ئىچىدە
ئۆزىنىڭ ئىتىقات ئەركىنلىكىنى مۇشۇنداق قوغداپ كەلدى .
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-08-08 10:57قايتا تەھرىرلىدى ]