ئىلىخو تور بىكىتى رەسمى تورداشلارغا ئېچىۋىتىلدى
بىكەت نىشانى : ئىلى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى بولۇش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر :
بۈگۈن يەنى 2011- يىلى - 8 - ئاينىڭ 5 -كۈنى قۇتلۇق روزا ئايلىرىدا بىكىتىمىز رەسمى قۇرۇلۇپ تورداشلارغا ئېچىۋىتىلدى ، بىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق خارەكتىرى بولسا ئۇنۋىرسال تور بىكەت ، ئاساسلىق يىڭىلىق ۋە ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان بىر ئۇنۋىرسال بىكەت .
بىكىتىمىزدە 8 چوڭ تۈر 38 كىچىك تۈردىن تەشكىل تاپقان بىر قەدەر ئۇنۋىرساللاشقان بىر بىكەت . ئۇنۋىرسال بىكەتتە بولۇشقا تىگىشلىك زۆرۈر شەرىتلەر ھازىرلانغان .
بىكەت ئىسمى ۋە ئادىرسى : < ئىلىخو > يەنى < 伊犁好 > دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، مەنىسى ئىلى ياخشى جاي دىگەنلىك . تور ئادىرسى :
http://www.iliho.netبىكەت نىشانى بولسا : ئىلى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى بولۇش ، بۇ قارىماققا سەل چوڭ بولۇپ كەتتىسمۇ ، مۇشۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىمىز .
بىكەت شوئارى بولسا : باشقىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزەلەيدىغان بىر تور بىكەت قۇرۇش .
بىكىتىمىز ھازىر يىڭى قۇرۇلغاچقا تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە مۇھتاج ، شۇڭا بىكىتىمىز ھەرقايسى بىكەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورناتماقچى ، بىكەت باشلىقلىرى ھەم تورداشلارنىڭ بىكىتىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئاز تولا ھەمدەمدە بولۇشىنى ھەم بىزدىكى سەۋەنلىكلەرنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى سورايمىز .
بىكەتتىكى دوستانە ئۇلىنىش بىر قۇرلا قىلىپ تەڭشىلىدۇ ، شۇنداق بولغاندا دوستانە ئۇلىنىشدىن ياخشى بولغان زىيارەت مىقتارىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق . ئاندىن بىكىتىمز بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلماقچى بولغان بىكەتلەر چوقۇم ئاۋال بىزنىڭ تۇغنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىپ بىكەتنىڭ ئۇلىنىش رايونىدىن ئىلتىماس قىلسا بىز تەستىقلايمىز . ئۇلىنىش قىلغان بىكەتلەرنىڭ مەزمۇنى چوقۇم ساغلام بولۇشى كىرەك ، دۆلەتنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرىگە زىت مەزمۇنلار مەزمۇنلار بولمساسلىقى كىرەك ، ئەگەر شۇنداق مەزمۇنلار بايقىلىپ قالسا دەرھال ئۇلىنىشتىن چىقىرىۋىتىلىدۇ ، ھەم كۆزىمىزنى بوياپ ئۇلىنىش قىلىۋىلىپلا ئۇلىنىشتىن چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ .
بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزىمىز يوللىغان يازمىلار كۆچۈرمىلەر يوق دەپ ئىيتالمايمىز ، بەزى كۆچۈرۈلمە يازمىلارنى ئامال بار مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا بىكىتىمىزگە يوللايمىز . ھەم كەڭ تورداشلارنىڭ بىكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ئۆزىنىڭ نادىر تىمىلىرىنى يوللىشىنى سورايمىز .
ھازىر بىكەت يىڭى سىناقتىن ئۆتكەن بولغاچقا يەنە بىر ئۇچىراتمىغان نۇرغۇن يوچۇقلار بولۇشى مۇمكىن ، شۇلارنى ۋاقتىدا بىكىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەسكەرتىپ قويىشىڭلارنى سورايمىز ، ھەم مۇنبەردىكى بەزى تىمىلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلمىدى ، بىز شۇ تىمىلارنىڭ مەنبەسىنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىۋىتىمىز ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز .بىكىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئېلان مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغان بىكەتلەر بىكىتىمىزنىڭ پىكىر تاختىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىزىپ قويىشىنى سورايمىز . بىكىتىمىزدىن يۇمشاق دىتال ۋە بەزى دەرىسلىكلەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىكىتىمىزگە ئەزا بولۇشى شەرىت ، ھەم بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەڭمۇ دىمەيمىز شۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يۆتكەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
ھازىرغىچە مۇشۇنچىلىك چىقىرىلدى قالغانلىرى بولسا تورداشلارنىڭ قوشۇپ قويىشىنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن : ئىلىخو ئۇنۋىرسال تورى 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى