ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى ilimدە2011-09-05 17:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قاپاق مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلاردا 200 يىل ئىلگىرىلا مەيدانغا كەلگەن دىگەن
گېپىڭىزنىڭ ئىلمى ئاساسىنى بىر شەرھىلەپ بېقىڭە ئەنۋەر ئاكا
مېنىڭ ئىگەللىگىنىمچە ئۇيغۇرلارنىڭ قاپاقنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا ئاز دىگەندىمۇ
3000 يىل بوپتۇغۇ ؟قاپاقنىڭ ئۇستىگە ھايۋانلارنىڭ باشقا نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى
سىزىپ چىكىپ قويىدىغان ئىش بۇرۇندىنلا باركەن .
ماقۇل ئىلىم ئۇكام سىزنى تۆۋەندىكى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەي ئەمىسە .
قاپاق بولسا ئىپتىدائىي دەۋىرلەردىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يېقىن ھەمرا بولۇپ كەلگەن .مەسىلەن؛ ئەينى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار قاپاقلارنىڭ سەرخىل،چىرايلىق،چىداملىق،سۈپەتلىك ۋە چوڭلىرىنى تاللاپ ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە سۇ قاپىقى،سۇ ئىدىشى،تۇز قاپىقى،ياغ قاپىقى قىلىپ ئىشلەتكەن ھەمدە بوغما قاپاقلارغا مەخسۇس ئارغامچا بىكىتىپ دۈمبىسىگە ياكى ئۇلاغقا ئارتىپ،يىراقلاردىن سۇ ئەكىلىپ ئىشلەتكەن ئۇندىن باشقا قاپاقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈش ،نەملىكنى تارقىتىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇرۇق، ئاشلىق ساقلىغان ،قېتىق ئۇيۇتقان.كىچىك قاپاقلارنى كارۋانلار سەپەردە سۇ،تالقان قاپىقى،جۇۋازىچىلار ياغ قاپىقى قىلغان قاچا تەخسە كەمچىل ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىملىرىنى تاۋاق، چۆچەك قىلغان ئىنچىكىرەكلىرىنى غاڭزا،چىلىم،ناسۋال قاپىقى موخۇركا قاپىقى قىلىپمۇ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن ساپاقلارنى چوڭ -كىچىكلىككە قاراپ تەرەت قاچىسى،تەرەت نوگىيى قىلغان ،شۇنداقلا يەنە بىر قىسىملىرىغا ئۇزۇن ساپاق بىكىتىپ قۇدۇقتىن سۇ ئالىدىغان ئوپقا، نوگايچەك قىلغان ۋە يەنە بەزىلىرىنى بالىلار راۋاپ،سۇنناي،نەي ۋە قونچاقلارنى ياساپ ئوينىغان .
پەقەت بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىللار ئىلگىرىلا ئاندىن ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئەتكارلىرى قاپاقنى توغراق شۈلتىسى ياكى ھاكقا چىلاپ ،كۈن نۇرىغا قاقلاپ سارغايتقاندىن كىيىن قاپاق ئۈستىگە ئاددىي بولغان زامان ماكانغا لايىق ھەر خىل گۈل نەقىشلەرنى ئويۇپ ياكى كۆيدۈرۈپ ئۇنى مىللىي خاسلىققا ئىگە گۈزەل سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغان ........
يەنە قالغان تەپسىلاتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز 2008- يىلى2-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى << ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى >> دىن كۆرۈۋالغايسىز .