
قەدىمقى تارىم بويىدا قۇدرەتلىك بىر مىللەت بار بولۇپ بۇ مىللەت (مىلادىدىن بۇرۇنقى20ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 16ئەسىرگىچە بولغان) ئارىئان مىللىتى ئىدى ،تارىم بويىدا قەدىمقى يىپەك يولى دونخۇڭدىن باشلىنىپ ئىككى چوڭ يول بويلاپ شەرىققە قاراپ داۋاملاشقان ئىدى،قومۇل ،تۇرپان يولىدىكى كۇچلۇك ئانا مىللەت ئۇلۇغ ياۋچى( قومۇللۇقلارنىڭ ئەجدادى)،توخرى مىللىتى ئەڭ كۇچلۇك ھۆكۇمران مىللەت ئىدى،جەنوبى يولدىكى مىللەت ساك قەۋمى (ئارىئان مىللىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى) ئىدى ،تۇركى تىللار دىۋانىدا بۇ ھەقتە بۇنداق بايانلار بار ،خۇتەن دەل ساك قەۋمىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىكى <<ر>> تاۋۇشى بۇ قەۋىمدە تا ھازىرغىچە شەكىللەنمىدى،دىمەك كىيىنمۇ شەكىللىنىشى تەس،جەنوبى يىپەك يولى بويلىرىدىن تېپىلغان قىيا تاش رەسىملىرى بىلەن قەدىمقى ئارىئان يېزىقىنىڭ تېپىلىشى ( بۇنى يېزىق دىگىلىمۇ بولماس)ئىلىم ئەھلىلىرىنى تارىم ۋادىسىدى ئارىئانلارنىڭ ئانا ماكانى دىگەن قاراشقا كەلتۇرگەن ئىدى،مەشھور تۇركشۇناس تۇركىيىلىك تالانت تىكىن،روسىيىلىك بارتولىد ئەپەندى بۇ ئىلمى نۇقتىنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىسپاتلىدى،نەتىجىدە ياۋرۇپادىكى گىرمانىيە ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى خاتىرلىگەن تارىم ۋادىسىدىكى ئارىئانلار بىلەن قانداش ۋە يىلتىزداش ئىكەنلىگى سەۋەبىدىن تارىم بويىغا تۇركۇم-تۇركۇملەپ ئارىئانشۇناس ئالىملار كىلىشكە باشلىدى.نەتىجىدە قىيا تاش رەسىملىرىدىن گېتلىر ئىشلەتكەن دۆلەت گىربى نەچچە ئون جايدىن تېپىلدى،بۇ بەلگىنىڭ مەنىسى ئارىئانلارنىڭ قەدىمقى بىر بايرىمىدا بىر ياغاچنىڭ ئۇچىغا قوشوش بەلگىسى شەكلىدە ياغاچ ئورنىتىپ بۇ ياغاچنىڭ تۆت ئۇچىغا مەشئەل يېقىپ پېقىرتىپ ئوينايدىغان بۇلغاچقا پېقىراتقاندا دەل فاشىزىم بەلگىسى شەكىللىنەتتى،بۇ بەلگە<< غەلبە،خوشاللىق،قۇد>> بەلگىسى ئىدى،گېتلىر جاھانگىرلا ئەمەس بەلكى ئۆز تارىخىنى بىلىدىغان تارىخشۇناس ئىدى.
مىلادىدىدن بۇرۇنقى 16-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 14 ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە بۇ مىللەت غەرىپكە قاراپ كۆچۇشكە باشلىدى،تارىم بويىدا قېپقالغان قالدۇق قىسمى كىيىنكى ئۇيغۇرلارغا ئاسسىملاتسىيە بولۇپ كەتكەن،توخرى،ياۋچى(ئۇلۇغ ياۋچىلار)،ساك قەۋىملىرى دەل ئۇيغۇرلار غەرىبكە كۆچكەندىن كىيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ئەجدادى ئىدى،بۇ قەۋىملەرنىڭ ئىچىدىكى ساك قەۋمى بولسا ئارىئانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
ئاپتورى:ئابدۇبەسىر مۇئەللىم.
ئاپتورلۇق ھوقوقى ئابدۇبەسىر مۇئەللىمگە مەنسۇپ ،كۆچۇرۇشكە،باشقا مۇنبەرگە چاپلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-08-17 20:17قايتا تەھرىرل ]