karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1139 قېتىم كۆرۈلدى
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 570
شۆھرەت: 3092 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3085 سوم
تۆھپە: 1811 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1818 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن

توي قىلغان تۇنجى يىلى ئەر - خۇتۇن ئىككىڭلار ھەر قانداق ئىشتا بىر - بىرىڭلارغا يول قۇيۇسىلەر ، 10 يىلدىن كېيىن بىر - بىرىڭلارغا ئامالسىز يول قۇيۇدىغان بۇلىسىلەر .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز خىزمەتتتىن كېچىكىپرەك كەلسە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ كەچ قالسا ، ئەنسىرگىنىڭىزدىن دېرىزە ئالدىغا تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بېلەن كۈتىسىز . 10 يىلدىن كېيىن سىز يېرىم كېچىگىچە كەلمىسىڭىز ئۇيقۇسىز ھالدا دېرىزە ئەينىكىدىن قارايدىغان ئايالىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى دوسلىرىڭىز بىلەن ئولتۇردىغان بۇلۇپ قېلىپ ئايالىڭىزدىن 100يۋەن سورىسىڭىز  يەتمەي قالمىسۇن دەپ 200 يۋەن بېرىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئىدارىدىن بەرگەن مىڭ يۋەن مۇكاپەت پۇلىنى چۈشتە ئايالىڭىزگە بېرىپ چۈشتىن كېيىن 100 يۋەن سورىسىڭىز ، ئايالىڭىز كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ  << نىمە قىلىسىز  ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى >> دەيدۇ .
   تۇي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خاپا بۇلۇپ قالسا ئۇدۇللا بېرىپ  سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۆيدىكى ئىشلارنى ئىچىڭىزگە پاتۇرالماي ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن دوسلىرىڭىزغا دەيسىز ، دوسلىرىڭىز ئايالىغا دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى ئىشلار داستانغا ئايلىنىپ ھەممە يەردە سۆزلىنىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم بۇلىسىز . 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئورۇنغا تەبىئىي ھالدا بالىڭىز ئولتۇردۇ ، سىز بولسىڭىز ئىككى بايغا  بىر مالاي بۇلىسىز .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خىزمەتتە نەتىجە يارىتىپ ئىلغار شەخس بۇلۇپ باھالانسىڭىز ، گېزىت - ژورناللاردا ماقالىڭىز ئېلان قىلىنسا ، ئايالىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ سىزنى تەبىرىكلەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن  بېرىلگەن مۇكاپەت ياكى قەلەم ھەققىنى سۈرۈشتۈردۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىزغا << بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈمەن >> دېسىڭىز چەكسىز بەخت ئىچىدە ئىلكىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسىڭىز ، كۆزىڭىزگە گۇمان بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قۇيۇدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئۆيگە دوستلىرىڭىزنى چاقىرماقچى بولسىڭىز ئايالىڭىز ئۆينىڭ ئىچىدە پايپىتەك بۇلۇپ يۈرۈپ تايارلىق قىلىدۇ ، تېخى ئۆزى قىلالمايدىغان ئۆزگىچە تاماقلارنى ئانىسىغا ئەتتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۈچ - تۆت دوستتىڭىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېسىڭىز << قاراڭ ، بۈگۈن بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭمۇ مىجەزى يوق ، ئۆيدە ۋاڭ - چوڭ  قىلىشقۇچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىڭە >> دەيدۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىز  سىزگە ئارتۇقچىلىقى بەكمۇ كۆپ ، ئىشچان مۇلايىم ، كەمسۆز كۆرۈنىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇ باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ، كۆزىڭىزگە ئازازۇل ، بېشەم ، مۇتتەھەم كۆرۈنىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۈرۈپ  كۆرۈپ شەھەر بويىچە ئاڭ گۈزەل ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن قىزدىن بىرنى ئېلىۋالغانلىقىڭىزغا پەخىرلىنىپ كېرىلىپ يۈرىيسىز ، 10 يىلدىن كېيىن ئەتتىگىنى ئويغۇنۇپلا قاپاقلىرى ئىششىپ ساڭگىلىغان ، چاچلىرى پاخپايغان ساپما كەشنى يەكپاي كېيىپ ، يۈرگەن ئايالىڭىزنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىنىسىز .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ھەر قانچە يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئايالىڭىز ئىشىنىدۇ ، بەزىدە مىنى ئەكىلىتىپ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ . 10 يىلدىن كېيىن سىز ئاللانى گۇۋاھلىققا تارتىپ قەسەم قىلسىڭىزمۇ قىلغان گېپىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن بازار ئارىلاۋىتىپ بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىپ سالاملاشسىڭىز ، ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ سالاملىشىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن << بۇنىڭدىن كېيىن ئارلىشىپ ئۆتەيلى >> دېگەندەك گەپلەرنى قېلىدۇ .10 يىلدىن كېيىن كۆچىدا ئۇچۇرشۇپ قالغان بىرەر  قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن بەش - ئون مېنۇت  موڭدۇشۇپ  تۇرۇپ قالسىڭىز  ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چاچلىرى پاخپايغان كۆزلىرى چەكچىيىپ ، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بىرى بىلەن بۇلىدىغان بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭگە تەيارلىق قېلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن تەگىشىپ قېلىپ ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، كەچتە ئانىسى قىزىنى يېتىلىگەن پېتى ئۆيىڭىزگە  ئەكىلىدۇ ، ئاندىن ئىككىڭلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئۆي تۇتۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، ئالدىڭلاردا تېخى نۇرغۇن كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى ، بىر - بىرىڭلارنىڭ كەمچىلىگىنى ئەپەۇ قىلىپ ئۆتۈشىڭلارنىڭ كېرەكلىگىنى ئېيتىپ نەسىيەت قىلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، سىزنىڭ ئانىڭىز  ئىككى - ئۇچ ئايالنى  ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ، قولىدا داستىخان كۆتەرگەن ھالدا قېينانىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەپۇ سوراپ ئايالىڭىزنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ .
   توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن ....
   ئادەم تۇمۇش قۇرغانىكەن ، ھەر خىل دىشۋاچىلىقلارغا يولۇقىدۇ ، رەڭگارەڭ  خوشاللىق ، بەختكە چۆمۈلىدۇ . نىكاھلىق تۇرمۇشتا تۈرلۈك ، تۈمەن قىيىن ئىشلار ، باش قېتىنچىلىقلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ . مۇھاببەتلەشكەنلەر بىر - بىرىنى ياختۇرۇپ قىلىپ كېيىن بىر - بىرىدىن ئايرىلالماس  بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقانلىقى  ئۈچۈن توي قىلىدۇ . ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن ھەر ئىككىيلەن ئاستا  - ئاستا ئۆزلىرىنىڭ مېجەز خارەكتېردىن تارتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ زېممىسىگە تۇرمۇشنىڭ تۇگمىنىنى چۆرگىلىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولغاچقا ، دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ جەرياندىلا ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ باشقا - باشقا ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم ئېكەنلىگىنى ھېس قلىدۇ .
  شۇڭا توي قىلغاندىن كېيىكى 10 يىل ھەم ناھايتى شېرىن ، ھەم خەۋپ - خەتەرگە تولغان پەيت دەپ قارىلىدۇ  . بۇ ۋاقتتا كۆپۈنچە ئەر - خوتۇنلار ئادەتتە بىر ياكى ئىككى باللىق بولغان بۇلىدۇ . شۇڭا ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ، باللىلارنىڭ غېمى ، ئەر - ئايال ئىككەيلەننى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خېلىلا چارچىتىدۇ . ئايال ئەينەكتىن سولغان چىرايى ، يوغۇنىغان ساغرىسى ، بوشۇشۇپ ساڭگىلىغان قۇرسىقىنى كۆرۈپ خۇرسىنىدۇ . ئۆزىدىن زىلۋا ، چىرايلىق قىز - چوكانلارغا قاراپ شۇلاردەك ياسانغۇسى ، ئاشۇلاردەك كىيىنىپ ، غەم - غۇسسىسىز يۈرگىسى كېلىدۇ . بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېرىدىن ئىزدىگۈسى كېلىپ  ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇدۇ  ، جىدەل قىلىدۇ . ئەرمۇ ئۆيدىكى ۋاڭ - چوڭ تۈگۈمەس جىدەل - ماجرالاردىن زېرىكىپ سىرتلاردا قاڭقىپ يۈرۈشكە ئۆيگە كەچ قايتىشقا ئادەتلىنىشكە باشلايدۇ . ھەتتا بەزىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەرگە باسماق قۇرۇشنى ئويلاپ قالىدۇ . مانا بۇ تويدىن كېيىنكى 10 يىلنى خەتەرلىك دېيىشىمىشنىڭ سەۋەبى . شۇڭا سىز ئالدىڭىزدا كېلىدىغان 20 يىلىڭىز ، 30 يىلىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دېسىڭىز مۇشۇ 10 يىللىق تۇرمۇش تەجىربىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، تۇرمۇشنىڭ يۈگىنىنى قۇلىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەممە ئىشنىڭ زىيادە مۇككەممەل بۇلىشىنى تەلەپ قىلىش ئادەمنى بارا - بارا تۇرمۇش لەزىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ ، زىيادە قۇسۇرچىلىق ، ئۆزىنىكىنىلا راست قىلىش بەختتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۋىتىدۇ . بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندا ، بىر - بىرىنى چۈشەنگەندە ، ئىناق ئۆتۈشكە ئادەتلەنگەندە ، ماسلاشقاندا ، << ئالتۇن توي >> غىچە بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بۇلۇپ ، ئۈمرىنى جىدەل - ماجراسىز ، كۆڭۈل ئاغرىقسىز ئۆتكۈزگىلى  بۇلىدۇ .

  مەنبە ؛ ئاياللار ژورنىلى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-17 14:44 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئون  يىلدىغۇ  مۇشۇنداق  بولىدىكەن  ،  يىگىرمە   يىلدا  قانداق  بولۇپ  كېتەر  ؟   بەش  يىلدا  بىر  قېتىم  توي  قىلغىلى  بولمىسا-يە  .
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 16:13 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 431
شۆھرەت: 2382 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2391 سوم
تۆھپە: 1394 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1401 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللەھۇئەلەھى ۋەسسالاممۇ قايسى بىر ھەدىسىدە «ئىنسانلارنى بىر -بىرگە سەجىدە قىلشقا بۇرۇيدىغان ئىش بولسا مەن ئاياللارنى ئېرىگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرۇغان بۇلاتتىم»دىگەنكەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 18:01 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 935 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمىدىگەن مۇرەككەپ  ئىشلار بۇ !! ئادەمنى تويغۇزۇپ !!!!!
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 18:24 |
japakax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 339
شۆھرەت: 1728 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1729 سوم
تۆھپە: 1037 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست دەيسىزلەر تۇرمۇشتا شۇنداق بىر مۇرەككەپ جەريانلار بولىدىكەن ئويلەغانسېرى تىگىگە يەتكىلى بولمايدىكەن .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 20:20 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 690
شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1535(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تازا مەززە قىلىپ كۇلىۋالدىم دىسە . ھەرقانداق ئادەمدىن ئەيىپ تاپقىلى بولۇدۇ ،تاپايچۇ دەپ قالسىڭزلا ،يەنە ھەرقانداق ئادەمدىن ئازدۇر كوپتۇر سىزنى رازى قىلىدىغان پەزىلەتنى ھەم تاپقىلى بولۇدۇ .ئۇمۇتمۇ ئۇمۇتسىزلىكمۇ ۋاقىتلىق بولۇدىكەن .بىراق مەن ھەرقانچە ئۇمۇتسىزلەنسەممۇ قاراڭغۇ كىچىدىن كىيىن تاڭ ئاتىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى توخىتماي ئۆزگەرتىپ تۇرۇدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنىمەن
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-28 12:10 |
sumbul0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1914
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راسىت دەيسىز ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىلغان گەپلەر ئىكەن.مەن توي قىلغىلى 13يىل بولدى.بولسا تىزرەك 20يىلنىڭ كىلىشىنى تىلەيمەن.شۇ چاغدا بىر ئەر-ئايال ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىنى قىلىپ ئۇتەرمىدۇقمىكى..................ھەجەپمۇ ھارغۇزدى بۇ تۇرمۇش.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-07 17:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » نىكاھ ۋە ئائىلە