قارىغاي يىل ھالقىسى كەڭلىكى جەدۋىلدىكى ئارىلىق ۋاقىت بولسا 1670-يىللىردىن 2005-يىلغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 1800-يىلدىن بۇيانقى ۋاقىتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەۋرىشكە سانى 10 دىن يوقىرى بولۇپ، ھەمدە ۋەكىل خاراكتىردىكى ئەۋرىشكە ئورنىڭ ئۇچۇرلىرنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ بېرەتتى، شۇڭلاچقا مۇ ماقالىدە 1800-يىلدىن 2005 -يىلغىچە بولغان ۋاقىتتى سانلىق قىممەتلەر ئانالىز قىلىندى(1-رەسىم).
3-يىل ھالقىسى ۋە ھاۋارايىنىڭ مۇناسىۋىتى
3.1 ماس كېلىش ھەققىدىكى ئانالىز
يىل ھالقىسى بىلەن ھاۋارايىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە يىغىش نۇقتىسىغا يىراق بولمىغان قومۇل شەھەرلىك ھاۋارايى پونكىتىنىڭ1951-يىلدىن 2005-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىكى ھاۋارايى سانلىق ماتىرىيالىنى ئىشلىتىلدى، ھەم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىشلىق ئۈچەككە كىرىش ۋاقتىنى ئويلىشىپ، ھاۋارايى سانلىق مەلۇما تىمۇ 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىسى ئانالىز قىلىندى(2-رەسىمگە قارالسۇن).
3- رەسىمدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ رايوندىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى بىلەن تېمپىراتۇرا ئۆزگىرىشى ماس ھالدا بولغان بولۇپ، ئەمما ھۆل-يېغىن بىلەن بولغان ماس كىلىش روشەن ئەمەس. ئۆلچەملىك يىل جەدۋىلى بىلەن ھەر قايسى ئايلارنىڭ ئومومى ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تاق ھالدىكى ماسلىق كوفىنسىنتى تۆۋەنرەك بولۇپ، ئەڭ يوقىرى بولغاندىمۇ مىنۇس 0.26 بولدى. بۇنىڭدا ئاساسلىق ئىككى خىل سەۋەپ بولۇپ: بىرىنچى خىل ئەھۋال، ئەۋرىشكە يىغىش نۇقتىسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ئىگىز ، ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولۇپ، بىۋاستە قارغاينىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭنىڭ باشقا تاغلىق رايونلىردا ئېلىپ بارغان تەجرىبە نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش بولدى؛ ئىككىنچى خىل ئەھۋال، ئەۋرىشكە يىغىش نۇقتىسى بىلەن ھاۋارايى پونكىتىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىدا چوڭ پەرىق بار بولۇپ،شۇڭلاشقا ئوخشاش ۋاقىتتىكى تېمپىراتۇرا پەرقىمۇ چوڭ بولدۇ. قارىغاي يىل ھالقىسى كۆرسەتكۈچى بىلەن قومۇلنىڭ ئوتتىرىچە تېمپىراتۇرىسى ۋە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئوتتىرىچە تېمپىراتۇرىسى، ئايلىق ئەڭ يوقىرى ئوتتىرىچە تېمپىراتۇرىسى ئوتتۇرسىدا ناھايتى يوقىرى بولغان ماس كىلىش بار. قارىغاينىڭ ئۆلچەملىك يىل ھالقىسى
جەدۋىلى بىلەن 8-ئايدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ۋە ئايلىق ئەڭ يوقىرى ئوتتىرىچە تېمپىراتۇرىسىنىڭ ماسلىق كۇففېنسىنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.42، 0.46، 0.39 بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 99 % كە يەتكەن. ئۆلچەملىك يىل جەدۋىلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شۇ يىلقى ئۆسۈش مەزگىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ۋە ئايلىق ئەڭ يوقىرى ئوتتىرىچە تېمپىراتۇرىسى ئوڭ تاناسىپ تۈزەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئۆلچەملىك يىل ھالقىسى جەدۋەل تەرتىۋى موشۇ رايوننىڭ تېمپىراتۇرا ئۆزگىرشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن دىيىشكە بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-08-20 05:15قايتا تەھرى ]