بىر جۇڭگولۇق بوۋاي ، باشقا يەردە ئەمەس ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ زېمىنىدا كوچىدا يېتىپ قالدى .لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەنداشلىرى ،بىر زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى ،لېكىن بىر چەتئەللىك بۇ بوۋايغا سۇ بەردى، ئۆز ۋەتەنداشلىرى قىلمىغان ھېسداشلىقنى بىر چەتئەللىك قىزدىن كۆردى، جۇڭگولۇقلار شۇنداق تاش يۈرەكمۇ ؟
يىگىت ،بۇنداق كۆز بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىما ، ئۇ دۈشمەن ئەمەس ،ئۇ پەقەت ھوقىقى دەپسەندىگە ئۇچۇرغان ئاددى پۇقرا . يىگىت ،بۇ قېرى كىشىگە ئۇنداق قوپاللىق قىلما ، ئۇ سېنڭغا ئاتا دىمەتلىك ، سەن يەپ چوڭ بولغان ئاشلىق سېنىڭ ئالدىڭدىكى ئاشۇ بىچارە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈمەنلىگەن جاپاكەش دېھقانلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن .،
ۋاسكىتبول چولپىنى ،جۇڭگونىڭ پەخرى ياۋمىڭ بىلەن جۇڭگولۇق ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش جەريانى، يەنىلا ياۋرۇپالىقلار ساپالىقكەن ، قاراڭ ئۈستىدىكى رەسىمگە ئۇلار ياۋمىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوتتۇردىن ئورۇن بەردى ، لېكىن جۇڭگولۇقلارچۇ ؟؟؟
6-ئاينىڭ 20-كۈنى ، دالىيەن شەھىرى ، بىر شەھەر پۇقراسىغا ئوغرىلار پىچاق تىقىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن، ئەتراپتىكى كىشىلەر دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان .ساقچىلار ئالدىرىماي مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ،لېكىن ئۇلارنىڭ دېگىنى بولسا ( ئەھۋال ئىگەللەپ باقايلى ) . ئەتراپتىكى ئامما تېزدىن ماشىنا توسۇپ يارىدارنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ،لېكىن ئەتراپتىكىلەر قەتئىي ماشىنا توسالمىغان ،
ساقچى بولسا ئەتراپتىكىلەرگە - سىلەر چۈشەنمەيسىلەر دىگەن ، بۇ چاغدا يارىدار تېخى ھايات ئىدى ، ئۇ ئىنتايىن ئاستا ئاۋازدا ( مېنى قۇتقۇزۋېلىڭلار ، مېنى قۇتقۇزۋېلىڭلار ، ) ساقچى يارىدارغا قاراپ ، ( ماقۇل ،مەن سېنى قۇتقۇزىمەن ) دىگەن ، ئارقىدىنلا ماشىنىسىغا چىقىپ ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق كېتىپ قالغان ، ئاقىۋەت يارىداردىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن شۇ يەردە جان ئۈزگەن .
.