saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/9     Go
بۇ تېما 188199 قېتىم كۆرۈلدى
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەڭ گۈزەل ئايال (ھېكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-18)
         ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا، ئۇچىسىدا رېڭى سەل ئۆڭگەن بولسىمۇ پاكىز يۇيۇلغان يېشىل كۆينەك، پۇتىدا ئاددىلا يازلىق ئاياغ، ئسسىقتا قىزارغان دۈگىلەك يۈزلىرى ،ياغلىقتىن چىقىپ تۇرغان سارغۇچ چاچلىرى، مەيىن كىرپىكلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى قانچىلىك قاراپ تۇرغىنىم ئېسىمدە يوق ،ئاغىنەمنىڭ تاماققا چاقىرغان ئاۋازى بىلەن ئېسىمگە كەلدىم ،ئۇمۇ ئۈركىگەن كىيىكتەك كەينىگە ئۆرۈلدى.
شۇندىن بېرى بۇرۇن ئانچە ئىزدىشىپ كەتمەيدىغان ئاغىنەمنى ئىزدىگەچ، ئۇنى كۆرگەن ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتەتتىم.چۈشلىرىمدەئۇنى كۆرۈپ يۈرگەن كۈنلىرىم،چوڭلار تويۇمغا ئالدىراتقى تۇردى.دادام يۇرتنىڭ بايلىرى ھېسابلىناتتى، شۇڭىمىكىن ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش مەرتىۋىلىك ئائىلە بىلەن قۇدىلاشقۇسى بار.لېكىن مېنىڭ بۇكۆڭلۈم ئۇنىڭدىن باشقىنى سىغدۇرمايتتى. ئاخىر بىرقارارغا كەلدىم، بۇنداق كۆمسەم پىشامۇ ياپساممۇ دەپ يۈرگىچە قىزنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بېقىش كىرەكتە ئاخىر .ئاغىنەم ئارقىلىق ئۇنى سۈرۈشتۈردۈم ،قىزنىڭ ئىسمى زۇبەيدە ئىدى،ئاتا-ئانىسى كىچىك چېغىداتۈگەپ كەتكەن بولۇپ ئىنىسى ئىككىسىنى بۇۋا-مومىلىرى قاتارغا قوشۇپتىكەن،ئۆزلىرى نامراتراق بولسىمۇ تىرىشچان،ئاقكۆڭۈل ياخشى ئادەملەر ئىكەن.يەنە شۇ ئاغىنەمنىڭ ياردىمى بىلەن قىزغا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيۇمنى بىلگۈزدۈم،ئۇنىڭ كۆرىشىشكە ماقۇل بولغىنىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇش بولدۇم ،خۇددى پۈتۈن دۇنيا ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك.كىلەر پەيشەنبە يەنى بازار كۈنى،يەنە ئالتە كۈن بار.كۈنلىرىم شۇنداق خۇشال ئۆيدە تويۇم توغۇرلۇق گەپ بولۇنسا خۇش بولۇپ كىتىمەن.
        تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزۇپ،كۈن ساناپ ئاخىرى ئالتە كۈننى توشقۇزدۇم.شۇ كۈن كەلدى،مەن كۈتكەن ئاشۇ مىنۇتلار.سەھەردىلا تۇرۇپ تەييارلىق قىلىپ ئاغىنەمنىڭ مەھەللىسىگە ماڭدىم،ئاغىنەم بىلەن بازار ئارىلىغاچ ئۇنى ساقلىدىم گەرچە ئەتراپ شۇنچە ئاۋات بولسىمۇ مېنىڭ قۇلىقىمغا ھېچنىمە ئاڭلانمايتتى،كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۈرۈنمەيتتى.پۈتۈن ئوي-پىكرىم پەقەت ئۇنىڭدىلا،قەلبىم ئۇنىڭلا ئسمىنى تەكرارلايتتى.ئۇكۆرۈندى،دوستى بىلەن چىقىپتىكەن دىيىشكىنىمىز بويىچە شەرەتلىشىپ ھېلىقى ئۆستەڭ بويىغا مېڭىۋاتىمىز.ئۇنىڭ دوستى بىلەن ئاغىنەم بىزنى يالغۇز قويۇپ قايتتى. يانمۇ-يان ئۇلتۇرىۋاتىمىز،شۇنچىلىك سېغىنغان ئادىمىمگە نىمە دەپ گەپ ئېچىشنى بىلمەيۋاتاتتىم،سۈكۈتنى ئاخىرى ئۇ بۇزدى.
_ئىسمىڭىز ئەخمەت ھە.
ئىسمىمنى بىلگىنىدىن ھەم ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ سورىدىم
_سىز قانداق بىلىسىز؟
زۇبەيدە كۈلۈپ كىتىپ جاۋاپ بەردى
_ئاغىنىڭىزدەپ بەرگەن ،سىز دائىم بىزنىڭ مەھەللىگە كىلىپ تۇرىسىزغۇ،ئسمىڭىزنى بىلمىگەن چاغدىمۇ تونۇيتتۇم سىزنى.
      بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىسسىق بولۇپ قالدى ،دىمەك ئۇمۇ ماڭا دىققەت قىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى تارتىنىشلار تۈگەپ سۆھبىتىمىز باشلىنىپ كەتتى . مەنمۇ گەپدان شوخ ھالىتىمگە قايتىپ ،ھەرخىل قىزىق گەپلەرنى قىلىپ بىرىپ ئۇنى كۈلدىرەتتىم.ئۇمۇ ماڭا ئۇكىسىنىڭ بوۋا-مومىسىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بەردى.ياخشى كۈرگەن ئادىمىنىڭ ھەممە يېرى ياخشى بىلىنەمدۇ ،ئشقىلىپ ماڭا ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق كۈلۈشلىرى قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق ئاڭلىناتتى.گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ قاراڭغۇ چۈشكەننىمۇ سەزمەي قاپتۇق،ئۇ
_ئاپلا  مومام خاپىلايدىغان بولدى.
        دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى.ئىككىمىز كىلەر قېتىم كۆرۈشىدىغان ۋاقىتنى پۈتۈشۈپ بىربىرىمىزگە قىيماي تەستە خۇشلاشتۇق. كەينىدىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم، قەدەملىرىم ئۆزەمنىڭ مەھەللىسىگە كىتىۋاتسىمۇ يۈرىكىم ،ئوي-پىكرىم ،پۈتۈن بارلىقىم ئۇنىڭ يېنىدا قالدى!

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يۇللىنىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-17 20:14 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىغا تەشنا بىز، بولسا مەنبەسىنى بەرسىڭىز، ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ ياكى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


مەنبە ئۆزۈم   ۋاقتىم چىقسىلا يوللاپ تۇرىمەن
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 22:41 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خۇشلۇقۇمدا يول بويى ناخشا توۋلاپ ماڭدىم ،ئەتراپىمدىكى ئادەملەر دەل-دەرەخلەرئشقىلىپ ھەممىلا نەرسە كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئۆيگە قايتىپ خېلى چاغلارغىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى.كۆز ئالدىمغا ئۇنىڭ ھەربىر قاراشلىرى،كۈلگەن چاغلىرى ،كىرىپ كەتكىچە كەينىگە قايرىلىشلىرى كىلەتتى،بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن قوڭغۇراقتەك كۈلۈشلىرى قۇلۇقىمدا جىرىڭلايتتى.زۇبەيدە،زۇبەيدە ،زۇبەيدە...............شۇ ئىسىمنى يادلىغان پېتى ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
سەھەر ئويغاندىم ،دادامنىڭ ئالدىرىتىشىزلا ئىنىمنى ئويغۇتۇپ نامازغا مېڭىش ئۈچۈن دادامنى ساقلىدىم. ئەزەلدىن تىل ئشىتكىچە ئۇخلايدىغان ھۇرۇننىڭ سەھەر تۇرۇشى دادامنى خۇش قىلغان بۇلسا كىرەك،سۈرلۈك يۈزىدە ئانچە-مۇنچە تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى. نامازدىن يېنىپلا بازاردىكى سودا دۇكانلىرىمىزغابېرىپ نەچچە كۈندىن يىغىلىپ قالغان ھېساباتلارنى قىلدىم،بۇرۇن شۇنداق ئېغىر كىلىدىغان ئىشلار بىردەمدىلا تۈگەپ قالدى بۇلارنى تۈگىتىپ شەھەر مەركىزىدىكى دەڭگە (مېھمانخانا )بېرىپ سودا ئەھۋالى، تازلىق ،مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى تەكشۈرەپ كەچقۇرۇنغىچە ئۆيگە قايتىپ دادامغا بىرمۇبىر دوكلات قىلدىم. كۈنلىرىم مۇشۇ مەزمۇندا ئۆتىۋاتاتتى ،نىمىشقىكىن بۇرۇنقى ئاغىنىلىرىمنىمۇ ئىزدىمەس،سورۇنلارغىمۇ بارماس بۇلۇپ قالدىم.بۇجەرياندا زۇبەيدە بىلەنمۇ نەچچە قېتىم كۆرۈشتۇق ھەم تېخىمۇ ئلگىرلەپ چۈشىنىشكەن بولدۇق. قىسقىسى مەن ئۇنى بەك-بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم.ئۆيدىكى ھەربىر تىرىشچانلىقىم دادام-ئاپامنىڭ مېنى خېلى چوڭ بولۇپ قاپتۇ، ئۆمۈرلۈك ھەمراسىنى توغرا تاللىيالايدۇ دەپ قارىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.تىرىشچانلىقلىرىم نەتىجىسىنى كۆرسەتتىمۇ قانداق دائىم قاپىغى ئېچىلمايدىغان دادام ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قارايدىغان ئاپاممۇ ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئالدىدا مەمنۇنىيەت بىلەن مېنى تىلغا ئالىدىغان بولدى.
ئەتە زۇبەيدە بىلەن كۆرىشەتتۇق نەچچە كۈندىن بىرى ئۇنىڭغا دەيمەن دەپ ئويلاپ قويغان سۆزلىرىمنى ئۈنسىز تەكرارلاپ ئۇنىڭغا ئالغان سوۋغىتىمنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئاللادىن تىلەيتتىم.ئى قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلغايسەن،ئۇنىڭ كۆڭلىگە سۆيگۈمنى قوبۇل قىلىشنى سالغايسەن!قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم يادىمدا يوق لېكىن بەكمۇ سەھەر ئويغاندىم،پاكىز يۇيۇنۇپ دادام،ئىنىم بىلەن نامازغا ماڭدۇق .تاھازىرغىچە نامىزىمدا ئاللادىن پەقەت دادام -ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ،يۇرتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىدىن باشقا ئۆزەمگە ھېچ نەرسە تىلىمىگەن،بۈگۈن تىلىدىم ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى ئاللادىن ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ تىلىدىم!


مەنبە ئۆزۈم
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 01:52 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خىزمەتكارلارغا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا دادامدىن ئالدىراش رۇخسەت سوراپ ئۇبار مەھەللىگە يول ئالدىم ،قايسىبىر ناخشىدىكى «مەككىگەبارماڭ يارىم بۇندىمۇ بىر مەككە بار،ئاي يۈزۈڭنى كۈندە كۆرسەم مەككىگە بارغۇنچە بار»دىگەن مىسرالار بۇرۇن ماڭا شۇنچە غەلىتە ئاڭلىناتتى ،ھەركىم بېشىغا كەلسە بىلىدىكەن،مانا ھازىر ئۇ بار مەھەللىنى ئايلىنىپ كىتەلمەسلا بولغانىدىم.يول ئۇزىرىراپ كەتتىمۇ يا ئۆزەمگە شۇنداق بىلىنىۋاتامدۇ.شۇنچە ئالدىراش ماڭساممۇ ھېچ بىر كېلىپ بولالمايۋاتىمەن.
قاراتەرگە چۆمگەن ھالدا ئۆستەڭ بويىغا كەلدىم ،ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.سەۋرسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز بىرسى قارا دىگەندەكلا قاراپتىمەن. ئۇمەن تەرەپكەقاراپ كىلىۋاتاتتى.بېشىغا كىيىۋالغان قىزغۇچ دوپپىسى ئۇششاق ئۆرۈلگەن سارغۇچ چاچلىرى،نۇرلۇق پىشانىسى،قىياقتەك قاشلار ئاستىدىكى ئۇزۇن كىرپىكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان زەڭگەرگە مايىل قوي كۆزلەر ،چىمدىپ قويغاندەك قىرلىق بۇرۇنلار،دائىملا قارىسا كۈلۈمسىرىگەندەك كۆرىنىغان لەۋلەر،كۆينەكنىڭ ياقىسىدىن چىقىپ تۇرغان ئىنچىكە سىلىق ئاقسېرىق ئەتلىك بوينى نىمىسىنى ئېيتاي خۇددى بىرپارچە گۈزەل رەسىمدەكلا ،جىمى گۈزەللىك مۇشۇ قىزغا يىغىنچاقلانغاندەكلا،كىشىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان گۈزەللىك!
-تىنىچلىقمۇ؟
ئۆزەمنى ئوڭشاپ ئاران جاۋاپ بەردىم.
-تىنىچلىق ئۆزىڭىزچۇ؟
-ياخشىغۇ ئىشلىرىڭىز ياخشى كىتىپ بارىدىغاندۇ؟ئاتا-ئانىڭىزمۇ تىنىچلىقتۇ؟
يەنە شۇ تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاقىتتىكىدەك جىددىلىشىۋاتاتتىم،توۋا!ئۆزىنى ھېچ كىمگە تەڭ قىلماي يۈرگەن يىگىت ،كىچىككىنە بىر قىز ئالدىدا قىزىرىپ گەپ تاپالمايۋاتاتتى.يەنە شۇبۇرۇنقىدەك پاراڭلىشىۋاتىمىز،لېكىن كاللامغا ئۇگەپلەر كىرمەيۋاتاتتى،پۈتۈن ئەس-يادىم ئۇنىڭغا قانداق تەكلىپ قويارمەن دىگەندە ئىدى.كاللامدا بىرمۇنچە توقۇنۇشلار بولۇپ ئۆتتى،ئاخىر خۇداغا تەۋەككۇل قىلىپ ئۇنىڭغا سۆزئاچتىم.
-زۇبەيدە،سىزچەمەن قانداق؟
ئۇ ئادىتى بويىچە كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بەردى.
-ياخشىغۇ!
-ئۇنداقتا سىز ماڭا ئامراقمۇ؟
سىنچى نەزەرلىرىم ئۇنىڭغا باقماقتا ئىدىم ،ئۇ قىزىرىپ كەتتى ئاندىن كۆزلىرىنى يەرگە تىككىنىچە پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردى.
-ئامراق.
مەن چۈشۇمدىمۇ كۆرۈپ يۇرگەن جاۋاپ،شۇ مىنۇتتا قانچىلىك بەختىيار بولغىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. بۇجاۋاپتىن يۈرىكىم خېلى توق بولۇپ قالدى.كېيىنكى سۆزۈمنى ئەمدى ھۇدۇقمايلا باشلىدىم.
-زۇبەيدە مەنمۇ سىزگە شۇنچىلىك ئامراق،شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز بەك يېقىن دوست بولۇپ دائىم ئىزدىشىپ ئۆتسەك قانداق؟
-بىزھازىرمۇ يېقىن دوستقۇ ،ئىزدىشىپ ئۆتىۋاتىمىزغۇ؟
ئۇنىڭ قەستەن قۇۋلۇق قىلىپ مەقسىتىمنى بىلمەسكە سېلىۋالغانلىقىدىن شۇنچە پەرىشان بولدۇم ھەم يەنىمۇ ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭغا .
-مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم زۇبەيدە ،بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدا بىر-بىرىمىزنى ئەڭ يېقىن ھەمرايىمىز دەپ بىلسەك.بولسا كېيىنكى بەختىڭىزنى ماڭا تاپشۇرسىڭىز.
نىمىلا بولمىسۇن كۆڭلۈمدىكىنى دەۋالدىم ،ئۇنىڭغاھەم جىددىلىك ھەم تەشۋىش ھەم ئۈمىد نەزىرىمدە باقماقتا ئىدىم،پۈتۇن بەختىم ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان بىر ئېغىز سۆز ئىدى.ئۇ قىزارغان ھالدا كۆزلىرىنى يەرگە تىككىنىچە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇراتتى.تۇيۇقسىز كۆزجىيەكلىرىدىن ياشلار سىرغىپ چىقىشقا باشلىدى .
-نىمە بولدىڭىز؟
ئۇيىغلىسا مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىيتتى.ياشلىق كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي جاۋاپ بەردى.
-مومام مېنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭىزنى بىلىپ ماڭا بالام ئېگىز يەرگە ئېسىلما،بىز ئۇلارنىڭ خىلى ئەمەس ،سېنى ھەرگىز ئوغلىغا لايىق كۆرمەيدۇدىگەن.
گېپىنى تۈگىتىپلا يۇگۈرگىنىچە يېنىمدىن كىتىپ قالدى.كەينىدىن بار ئاۋازىم بىلەن .
-ئۇنداق بولمايدۇ زۇبەيدە،مەن بۇ ئىشقا ئۆزەم ئىگە !
دىگىنىمچە قالدىم،قولۇمدا ئۇنىڭغا بىرەلمىگەن سوۋغام،شۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇم ،بىرچاغلاردا قاراڭغۇ چۈشۇپتۇ.ئېغىرلاشقان پۇتلىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئۆيۈمگە ماڭدىم.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 14:07 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن قايتىپ كەلگەندە كىچەيېرىم بولغانىدى ،كىرىپلا يېتىپ قالدىم كاللام قۇپقۇرۇق ئۇنىڭ ئىسمىدىن باشقانەرسە تېپىلمايتتى.ئەتىسى بۇرۇنقىدەك سەھەر تۇرالمىدىم ،ھەممەيېرىم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيتتى.داداممۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ كۆپ گەپ قىلماي،ئۆيدىكىلەرگە ماڭا ياخشى قاراشنى تاپىلاپ دۇكانغا چىقىپ كەتتى.ئاپام بېشىمدا پاي-پىتەك بولۇپ كەتتى،ھېلى شەربەت ئېچكۈزسە ھېلى پىشانەمنى تۇتۇپ باقاتتى. ئاپامغا ئۇيقۇم كەلدى دەپ چىقىرىۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم،كۆڭلۈم ئاشۇ ئۆستەڭ بويىنىلا تارتىپ تۇراتتى. بىربېسىپ ئىككى بېسىپ شۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن. يەنە كەچ كىرگۈچە ئولتۇردۇم،ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.بۇيەرگە كىلىش كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى.مۇشۇ كۈنلەردە ھېس قىلدىمكى تۇرمۇشۇم ئۇنىڭسىز رەڭدار بولمايتتى،ھاياتىم ئۇنىڭسىز خاراپ بولاتتى.
يەنە شۇنداق بىركۈن بىر ئاجىز ئۈمىد،ئاجايىپ تەقەززالىق بىلەن ئۆستەڭ بويىغا باردىم.ئۇنى بىر كۆرىۋالسام، يىراقتىن بولسىمۇ ئاۋازىنى بىرلا ئاڭلىۋالسام رازى ئىدىم.قايسى كۆزلىرىم بىلەن كۆرەي،ئاللاغا قانداق تەشەككۇر ئېيتاي.ئۇ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى.پۈتۈن ۋۇجۇدۇم خۇشاللىقتىنمۇ،ھاياجاندىنمۇ ئەيتاۋۇر بەزگەك بولغاندەك تىترەيتتى.ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ تۇراتتۇق ،ئۇنىڭ كۆزلىرى كۈلەتتى بۇقاراشلار كۆڭلۈمگە،يۈرۈكۈمگە مەڭگۈلۈك مۆھۈربولۇپ ئويۇلغانىدى.  يەنە ئۇ ئاۋال سۆزباشلىدى.
-تىنىچلىقمۇ؟ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايمەن.
-تىنىچلىق ،كىچىككىنە بىر ئاغرىق شۇ.ئوڭشىلىپ كەتتىم،ئۆزىڭىزچۇ،كۆرۈنمەسلا بولۇپ كەتتىڭىزغۇ؟
-بارغۇ مەن كۈندە كىلىسىز،كۆرمەي كىتىسىز شۇ.
قىزارغىنىچە كۈلۈپ قويدى. قۇۋلىقىنى شۇنچە قىينالغانلىقىمنى ئوغىرلىقچە بىلىپ تۇرۇپتۇ-دە!نىمىلا  بۇلمىسۇن پارىڭىمىز كۆڭۈللۈك باشلاندى.يەنەشۇ بۇرۇنقىدەك تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلار ،دوستلىرىمىز يەنە ئاللىقانداق ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلەشتۇق.ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىلىق يەنە ئۇنى قاچۇرۇپ قويماي دەپ ئالدىراپ ئېغىز ئاچمىدىم.لېكىن ئەكەلگەن سوۋغامنى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغۇزۇپ ئۆز قولۇم بىلەن قولىغا تاقاپ قويدۇم.مىھمانخانىمىزغا چۈشكەن خوتەنلىك سودىگەرلەردىن تالىشىپ سېتىۋالغان بىلەيزۈكتى،ئاق قاشتېشى ئۇنىڭ قولىغا بەكمۇ ياراشقانىدى.ئۇ كۆزىنى ئېچىپ خۇددى بايراملىق ئالغان بالىلاردەك خۇش بولۇپكەتتى.ئەتە كۆرىشىدىغان بولۇپ كىرىپ كەتتى.يولبۇيى ئۇنى ئويلاپ ماڭدىم، گەرچە ئېنىق جاۋاپ ئالالمىغان بولساممۇ يۈرىكىم تۇيۇپ تۇراتتى.ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 15:07 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەدەملىرىم شۇنچىلىك يىنىك ،لەۋلىرىمدىن كۈلكە ئۇچاتتى.شۇنداق بىر بەختىيار ھالەتتە كىتىپ بارماقتا مەن.كۈلۈپ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئاپام يىنىك تىنىپ قويدى.نىمىشقىكىن ھەممىلا ئادەمگە گەپ قىلغۇم ،خۇشاللىقىمنى پۈتۈن جاھانغا جاكارلىغۇم كىلەتتى.لېكىن تېخى ۋاقتى ئەمەس،قىزدىن جاۋاپ يوق.شۇنداقتىمۇ يۈرىكىم پۈتۈن كۆڭلۈم توق ئىدى.بىر ئاينىڭ ياقى تۇنجى قېتىم ئىشتىھا بىلەن تاماق يىدىم،تۇنجى قېتىم قېنىپ ئۇخلىدىم.ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلايتتىم زۇبەيدە،مېنىڭ زۇبەيدەيىم!
يەنە سەھەر تۇردۇم ،ئۆيدىكى ئىشلىرىمنى تۈگەتمەستىن ئۇنىڭ قېشىغا بارالمايتتىم،دادامنىڭ ھەممە تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇنداپ،رۇخسىتىنى ئېلىپ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا قاراپ ئۇچتۇم.قەدەملىرىم شامالدەك يەڭگىل! دىيىشكەن ۋاقتىمىزدىن خېلى بۇرۇن كىلىۋاپتىمەن.ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئەسلىگەچ ئۇنى ساقلىدىم.تۇنجى كۆرۈشكەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ،بۇقىزغا بولغان مەستانىلىقىم ئاششا -ئاشتىكى ،كېمىيىپ قالمىدى.ئۇبىر قېتىم ئۈزۈلسە پۇرىقىنى يوقىتىدىغان ئەتىر گۈلگە ياكى يىلتىزىدىن ئايرىلسا قۇرۇپ قالىدىغان مودەن گۈللەرگە ئوخشىمايتتى.ئۇنىڭ گۈزەللىكى مېھمانخانىلارغا تىزىلىدىغان گۈلسامساقلاردەك جۇلالالمايتتى،ئۇشۇنداق بىرگۈزەللىك ئىدىكى ئېتىز -قىرلاردىكى يالپۇزدەك ئاددى كۇرۈنىدۇ،لېكىن پۇرىقى سىزنى مەست قىلىدۇ،شېخىدىن ئۈزۈلگەنگە مەيۈسلەنمەيدۇ،قۇرۇپ قاقشال بولسىمۇ پۇرۇقىنى يوقاتمايدۇ،ھەرقېتىملىق غىزايىڭىزدا سىزنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ،تاكى ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغىچىلىك!خىيال بىلەن بولۇپ ئۇنىڭ كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلەر سالامنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.بۈگۈن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى دىمەكچى قىزىق ئىش ئالدىنقى قېتىمكىدەك جىددىلەشمەيۋاتىمەنغۇ !
-زۇبەيدە ئۆتكەنكى سۇئالىمغا جاۋاپ ئالمىدىمغۇ تېخى.
بۇقېتىم ئۇ مەيۈسلەنمىدى،كۆزىنىمۇ بۇرۇنقىدەك ئەپ قاچمىدى ،پەقەت قىزىرىپ كۈلۈپلا گەپ قىلماي تۇرىۋالدى.يەنەسورىدىم .
-زۇبەيدە گەپ قىلسىڭىزچۇ،يەنە ماقۇل دىمىسىڭىز ئاپام پۈتۈشكەن قوشنىمىزنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ كىتىمەن جۇمۇ!
نىمىشقا بۇ سۆزنى دىگىنىمنى بىلمەيمەن،لېكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلىغىرلاپلا قالدى.ئالدىراپ-تىنەپ بەزلىدىم.
-ۋۇي نىمە بولدىڭىز چاقچاققىمۇ شۇنچەقىلامدۇ،ھازىردىن باشلاپ كۈندەشلىك قىلىپ كەتكىنىنى.  
يىغلاي دەپ قالغان ئادەم كۈلۈپ كەتتى ھەم ئارقىدىنلا دومسىيىپ ئولتۇرىۋالدى.
-ئاپىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ ئەمىسە،يىگىت چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ ئەمەسمۇ.
قىيداپ دىگەن سۆزلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
-بولدىلا زۇبەيدە مەن ئۆيلىنىۋالسام سىزگە يىگىت چىقمىسا قانداق قىلىمىز،يەنىلا  مېنىڭ پىشىمنى تۇتقىنىڭىزئەۋزەل. ئۇ
-ئەسكى.
ەىگىنىچە كۈلۈپ مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى،شۇنداق قىلىپ قىزدىنمۇ جاۋاپنى ئالدىم.شۇمىنۇتتا جاھاندا مېنىڭدىنمۇ بەخىتلىك ئادەمنىڭ بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتىم ،تەستە خوشلاشتۇق ،گەرچە ئەتىلا كۆرۈشسەكمۇ ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قىيالمايتتىم.
ئۆزەمنى پەيدەك يىنىك ئۇچىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم،ئاسماندىكى ئاي ئىككىمىزگە بەخىت تىلەپ قالدى.ئۆيگە قايتىپ كىلىپمۇ ھاياجاندىن ئۇخلىيالمىدىم،پەقەت تىزرەك ئەتىنىڭ كىلىشىنى ئۇنىڭ بىلەن تىزرەك كۆرۈشۈشنىلا خالايمەن!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 20:40 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن كۈتكەن ئەتىمۇ كەلدى ،يەنە شۇبۇرۇنقىدەك دادام ئىنىم بىلەن نامازغا چىقىپ ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپلا ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىرايتتىم.ئۇمۇ ھەرقېتىم مېنى ئىللىق تەبەسسۇمى،تاتلىق گەپ سۆزلىرى بىلەن كۈتىۋالاتتى.كۈنلىرىم شۇنچىلىك تەرتىپلىك ،خۇشال ،ھەممە ئىشتا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەستايىدىل ئىدىم،ئۆيدىكى دۇكاندىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن دادام رازى بولغۇدەك چىقاتتىم .بۇرۇنقىدىنمۇبەك تىرىشاتتىم،ئۆزەمنى تىخىمۇ مۇكەممەل تۇقسانسىز بولۇشقا ئۈندەيتتىم چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغاندەك.تاتلىق بىر ئۈمىد،سۆيۈملۈك بىر ئىستەك ماڭا ھەمراھ .
خۇشال كۈنلەر تېز ئۆتىدۇ دىگەن گەپ بار ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى يېڭى بىر باھارنى كۈتىۋالدى،ۋاقىتنى سوزسام بولمايتتى.بۇئىشنى ئاتا-ئانامغا ئېيتىشىم كىرەك . ئاۋۋال زۇبەيدە بىلەن بىر مەسلىھەتلىشەي دەپ ئويلىدىم.ئەتىلا كۆرىشەتتۇق .شۇخىياللارنى قىلغاچ ئۇخلاپ قاپتىمەن.يەنە گۈزەل بىر سەھەر،كۈندىكىدەك ئىشلارنى كۆڭلۈمدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدىم.قەدەملىرىم يەنە شۇنداق ئىتتىك ،چۈنكى ھەر قېتىم بارساملا ئۇمېنى ساقلاپ تۇرغان بولاتتى،بالدۇر بېرىپ ھەيران قالدۇرۇشنى ئىستەيتتىم.يەنىلا كېيىن قاپتىمەن يىراقتىنلا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆردۈم.ئۇنى ھەربىر كۆرسەم تۇنجى كۆرگەندەك قاراپ كىتىمەن.
-يەنە بالدۇر چىقىۋاپسىزغۇ،ساقلىتىۋېتىپتىمەندە.
يەنە كېيىن قالغىنىمدىن خىجىل بولغان بولسام كىرەك ،قىزىرىپ كەتتىم.
-ياق مەنمۇ ھازىرلا چىقتىم ، ساقلىغۇدەك  بولمىدىم تېخى.
ئۇھەر قېتىم مېنى خىجىللىقتىن قۇتقۇزاتتى،تەڭلىكتە قالغۇزمايتتى.
-زۇبەيدە ئىككىمىز  ئىككىمىز تونۇشقىلى قانچىلىك بولدى؟
-بىرەر يىل بولغاندۇ.
دېدى ئۇماڭا ئەجەپلىنىپ قاراپ.
-نىمە بۇنى سوراپ قالدىڭىز؟
-شۇ ئەمدى بۇنداق ئۆتىۋەرمەي چوڭلارغا ئۇقتۇرۇيلى دەيمەنغۇ.
ئۇ يەنە قىزىرىپ كەتتى.
-ئەمىسە مەنمۇ بېرىپ داداملارغا ئېيتاي،سىزمۇ مومىڭىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ .مېنىڭچە ئۆيۈمدىكىلەر پاتلا كىرىپ قالارمىكىن.
-راستلا شۇنداق بولارمۇ؟  دادىڭىز -ئاپىڭىز بىزنى نامرات كۆرسىچۇ؟
ئۇراستىنلا ئەنسىرەپ قالغانتى،لېكىن داداملار ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەس ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ئورۇنلۇق دەپ ئويلىغان بىر ئېغىز سۆزۈمنىمۇ رەت قىلىپ باقمىدى،يەنەكىلىپ دادام ئۆزىمۇ بۇۋامدىن كىچىكلا يىتىم قېلىپ بەكمۇ جاپادا چوڭ بولغانلىقىنى ماڭا ھېكايەقىلىپ بېرىپ ،بىزنى ئۆيدىكى خىزمەتلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا نامراتلارغا ياردەم قىلىشقا ئۈندەيتتى.شۇلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزگەچ ئۇنىڭغا .
-خاتىرجەم بولۇڭ دادام -ئاپام ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ، سىزگە  مەندىنمۇ ئامراق بولۇپ كىتەمدۇ تېخى.
دەپ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم.ئەمدىكى ئىش دادام -ئاپاملارنى خەۋەرلەندۈرۈشتى. يەنە تەستە خوشلاشتۇق ،
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-20 23:29 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يول بويى دادام -ئاپامغا بۇئىشنى قانداق دىيىش توغۇرلۇق ئويلاندىم،ئۇلار چوقۇم خۇشال بولۇپ كىتىدىغان بولدىدە ،ئاپام ئوڭلۇق كېلىنگە،سىڭلىم كۆيۈمچان ئاچىغا ئېرىشىدىغان بولدى. لېكىن قېرىشقاندەك بىر ئىش ئۆيدە يېزىدىكى تۇغقانلار بار ئىدى،بىرەر ئەپلىك پەيتىنى تېپىپ دىمىسەم،ئۆيگە كەلسەم ھەممىسى پىشايۋاندا ئولتۇراتتى ،چىرايلىرى قايغۇلۇق .ئەندىككەندەك بولدۇم،نىمەبولدىكىنە؟ دادام جىمجىتلىقنى بۇزدى .ئەسلىدە تۇرپاندىكى بوۋام قازا قىلىپتۇ،گەرچە ئۇرۇق -تۇققاندارچىلىقىمىز بولمىسىمۇ دادام يىتىم قالغاندا بېشىنى سىلاپتىكەن، خۇددى ئۆزىنىڭ ئوغلىدەك كۆرۈپ ئىشنىڭ يولىنى ئۈگىتىپ كېيىنچە مۇشۇنداق كۆتۈرۈلىشىگە ئاساس سېلىپ بىرىپتىكەن.ئۆيدىكىلەر تۇرپانغا بېرىشنى مەسلىھەتلىشىپ ئاخىرى دادام ئىككىمىز بارىدىغان بولدۇق.دادامنىڭ دىيىشىچە ئەتە ئەتىگەنلا يولغا چىقىدىكەنمىز شۇڭا بالدۇرلا ئارام ئالايلى دېيىشتۇق.ياتقىنىم بىلەن ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى.ئۇنى خەۋەرلەندۈرمەي مېڭىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى،لېكىن بۇكەچتە بارسام چىقالارمۇ؟ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ يەنىلا باراي دېدىم.تۈن قاراڭغۇسى كىتىپ بارىمەن .ئاخىر ئۇنىڭ ئۆيىنىمۇ تېپىپ كەلدىم،تەلىيىمگە ئۇ ياتىدىغان ئۆينىڭ دەرىزىسى يول تەرەپكە قارايتتى. ئەتراپىمغا قارىۋېتىپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دەرىزە ئالدىغا كەلدىم.پەردىلىرى ھىم ئېتىك لېكىن شامنىڭ يورۇقىنى پەرق قىلالايتتىم.ئۇخلىماپتۇ-دە!دەرىزىنى ئاستاچىكىپ پەس ئاۋازدا
- زۇبەيدە بۇمەن ئەخمەت دېدىم،
-كىم؟  
ئۇ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك سورىدى.
-مەن ئەخمەت زۇبەيدە.
ئۇپەردىنى ئاچتى مەن ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىگەندەك كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ قارايتتى،ئاندىن دەرىزىنى ئېچىپ
-تىز كىرىڭ بىرى كۆرۈپ قالمىسۇن يەنە،دېدى
دەرىزە خېلى پەس بولۇپ بىرسەكرەپلا كىرىۋالدىم.تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىم، ھەممە نەرسە شۇنداق رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئۆيدىن رەيھانلار پۇرايتتى كىشىگە چەكسىز ئازادىلىك بىرەتتى.
-نىمە كەچ بولغاندا كەپ قالدىڭىز؟ ھەيران قېلىپ سورىدى ئۇ
-كەلسەم بولمامدىكەن قاچان كەلسەم شۇچاغدا كىلىمەنغۇ تازا!
ئۇنى تېرىكتۈرسەم تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىغىنىچە دومسىياتتى،شۇ ھالەتلىرى كۆزۈمدىن مەڭگۈ ئۇچۇپ كەتمەيدۇ.
-كەلمەڭغۇ دىمىدىم لېكىن بۇكەچتە،مومام بىلسە خاپىلايدۇ. دېدى ئۇ .
-بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟يەنە جىددىلىشىپ سورىدى.
-شۇ تۇرپاندا بىر بوۋام باردەپ ئېيتقانغۇ،تۈگەپ كېتىپتۇ ئەتە شۇنىڭغا بارىمەن ،خۇشلاشقىلى كىلىشىم .
-ھە.....
دېدى ئۇپەس ئاۋازدا.
-قاچان كىلەرسىز؟
-مەنغۇ بالدۇركىلەي دەيمەن لېكىن شۇ قاچان ئىشىمىز تۈگىسە شۇ چاغدا قايتىمەن-دە.
ئۇنىڭ يۈزلىرى پەرىشان بولدى،دىمىسىمۇ تا ھازىرغىچە ئۈچ كۈندىن  ئارتۇق ئايرىلىپ باقمىغان كۈندە ھېچ بولمىسا ئىككى كۈندە بىر كۆرىشىپ تۇراتتۇق،بۇ ئايرىلىشقا ئۆزەممۇ چىدىمايتتىم،شۇنداقتىمۇ كۈلۈپ خوشلاشمىسام بولمايتتى.چاقچاق قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم.
-ئەمدى مېڭىڭ ،ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئۇخلىۋېلىڭ ،سەھەر تۇرىسىز ئەمەسمۇ.
ۋاقىتمۇ بىريەرگە بارغان ئىدى.خۇشلاشمىساق بولمايتتى،بۇقېتىملىق خۇشلىشىش ئىككىمىزگىلا ئېغىر چۈشىۋاتاتتى.قايتىپ كەلگەن ھامان كۆرىشىدىغان بولۇپ ۋەدىلەشتۇق.

مەنبە ئۆزۈم
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-21 00:59 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سەھەرتۇرۇپ،يولغا چىقتۇق .ئۇچاغلاردا باشقا قاتناش ۋاستىمىزمۇ يوق قاراماشىنىدا ماڭاتتۇق .ئەتىگەن ماڭغان ئادەم يېرىم كىچىدە ئاران كەلدۇق .خەۋەرنى ئاڭلاپلا كەلگەن بولساقمۇ ئۇزىتىپ كىتىپتۇ،كىچىككەنىدۇق!دادامنىڭ بۇنىڭدىن بەكلا كۆڭلى يېرىم بولغانىدى.شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن يەتتە نەزىرىنى ئۆتكۈزۈپ ماڭماقچى بولدۇق.كۈندىلا ئالدىراش ئىدىم.بىرتەرەپتىن بوۋامغا تارتىشىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلسە بىرتەرەپتىن زۇبەيدەگە بولغان سېغىنىش مېنى قىينايتتى.كۈنلەر ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتەتتى،يەتتىسىمۇ ئۆتتى،ئەمدى ماڭمىساق بولايتتى ،سەھەرتۇرۇپ بوۋامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىغاندىن كېيىن ئۇرۇق -تۇققانلار،جامائەت بىلەن خۇشلىشىپ يولغا چىقتۇق.يەنە شۇ قارا ماشىنىدا ماڭغانىدۇق،دادام كىچىدە چوڭ بولغان ماكاندىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك پات-پات دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ قوياتتى.ماڭىمۇ بىرئېغىز گەپ قىلمايتتى ،قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ قانداقتۇر بىر ئىشلارنى ئويلىناتتى .گەپلىشىپ مېڭىشنى ئويلىغان بولساممۇ دادامنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ جىم ئولتۇردۇشنى لايىق كۆردۈم.پەقەت ماشىنىنىڭ تېزرەك مېڭىشىنى،تىزرەك ئۆيگە بېرىشنى ئۇنىڭ بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈشنى ئويلايتتىم.تۇيۇقسىزلا دادام .
-خەدىچە نەچچىگە كىرىپتۇ؟
دەپ سوراپ قالدى.خەدىچە تۇرپاندىكى بوۋامنىڭ چوڭ نەۋرىسى بولۇپ مەندىن بىرياشلا كىچىك بەكمۇ چىچەن ،تېتىك ،يېقىشلىق قىز ئىدى.
-مەندىن شۇ بىرياش كىچىكمىكىن دېدىم .
دادام -ھە. دەپ قويۇپ يەنە گەپ قىلماي ئۆزخىيالى بىلەن ئولتۇرۇپ كەتتى. يول ئۇزۇنمۇ،ياكى گەپ سۆزسىز مېڭىش ئىچىمنى پۇشۇردىمۇ،ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدىغىنىمىزغا ئازقالغانسېرى سېغىنىشىم كۈچىيىپ كەتتىمۇ ئولتۇرالمايلا قالغانىدىم.يېرىم كىچە بولغان ۋاقىت شۇنداق چىرايلىق ئايدىڭ ئىدى،دەل-دەرەخلەر ،مەھەللىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈلدى.ئاخىرى كەلدۇق ،مېھىرلىك يۇرتۇمغا ،سۆيۈملۈك ئۆيۈمگە !ماشىنىدىن چۈشۈشىمىزگە ئۆينىڭ چىراقلىرى يېقىلىشقا باشلىدى،ئاپام بىزنى كىلىپ قالارمىكىن دەپ ئۇخلىماپتىكەن .يېرىم كىچە بولىشىغا قارىماي ھاردۇق ئېشى ئېتىپ ئالدىمىزغا ئەكەلدى.ئىسسىق تاماق ئېزىپ قويغان بولسا كىرەك.داداملارنىڭ گېپىگىمۇ ئارىلاشماي ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ يېتىپ قالدىم.كىشىگە ئەڭ ھۇزۇر بېغىشلايدىغىنى شاھ ئوردىسىدىنمۇ ئەتىۋا بىلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆيى بولساكىرەك شۇنداق راھەتلىنىپ قېنىپ ئۇخلاپتىمەن،خۇددى نەچچە كۈنلۈك ھاردۇقۇم بىراق چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.يەنە سەھەرتۇرۇپ كەتتىم،دادام ئىككىمىز ئون كۈندەك ئۆيدە يوق دۇكاننىڭ مېھمانخانىنىڭ ئىشلىرى يىغىلىپ كىتىپتۇ.دادام قايتىپ كىلىپلا نەزىر بېرىش بىلەن ئالدىراش .ھەممە ئىش ئۆزەمگە قالغانىدى،ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىسەممۇ ھېچبىر بۇ ئىشلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس،شۇنداقلا قىلىپ بۇكۈنلەر ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى.تىخى ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەلمىگەن ئىدىم،بىريەردە تۇرۇپ كۆرىشەلمەسلىك مېنى .ئىچ-ئىچىمدىن تىت-تىت قىلىپ كىتىپ باراتتى.ئىشلىرىمنى تۈگەتكىچە يەنە كەچ بۇلغانىدى،ئەتە كۆرىشىمەن ،ئەتە چوقۇم كۆرىشىمەن ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدە بەرگىنىمچە ئۇيقىغا كىتىپ قالدىم.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-22 22:29 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن كۈتكەن ئەتىمۇ كىلىپ قالدى،سەھەر تۇرۇپلا ئىشلىرىمغا  كىرىشىپ كەتتىم ،شۇنچە ئالدىراش ئىشلىسەممۇ بۇئىشلار ھېچ بىر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.جىلىچىلىقتا دۇكاندىكىلەرگىمۇ خېلى قاتتىق تىگىپ قوياتتىم.دۇكاندىكى بالىلار بىر-بىرىگە ئەجەپلىنىپ قارىشىپ قوياتتى .چۈنكى تاھازىرغىچە  بۇلارغا قاتتىقراق گەپ قىلىپ باقمىغانىدىم.مۇھەببەت ئادەمنى ھەركويغا سالىدىكەن جۇمۇ،سەپرالاشقان مىجەزىم بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ. چۈشلۈك تاماقمۇ يىمەي ئىشلارنى تۈگىتىش قارارىغا كەلدىم .باشقىلارمۇ ئەلپازىمغا قاراپ ئارتۇق گەپ قىلماي جىمجىت ئىشلەيتتى.قاراڭغۇ چۈشىشكە ئازقالغان ۋاقىت بۈگۈنكى ئىشلار ئاخىرى تۈگىدى.تاماق يەۋال، ئازراق ئارام ئال دىگەنلەرگىمۇ قارىماي سىرتقا ماڭدىم. قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئىتتىك ئىدى،شۇ مىنۇتتا ئۇچقۇم كىلەتتى ،ھازىرلا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈنگۈم كىلەتتى.ئاخىرى ئۇنىڭ مەھەللىسىگە كەلدىم.ئاغىنامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سىڭلىسىنى زۇبەيدەگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتۇق،ئارقىدىنلا ئۇنىڭ شۇنچە تۇتقىنىغا قارىماي ئۆستەڭ بويىغا قاراپ ماڭدىم، ئەنە ئۇ مېنىڭ زۇبەيدەيىم، كۆرىشمىگىنىمىزگە شۇنچە كۈنلەر بولۇپ كەتكەنىدى .ئۇنىڭ كۆرۈپ خۇشالچىلىقتىمۇ ئەيتاۋۇر ئېغىزىمغىمۇ گەپ كەلمەي ھىجىيىپلا قاپتىمەن.زۇبەيدەمۇ ھەيران بولغان بولسا كىرەك.
-نىمانداق كۈلىۋېرىسىز،سالىمىڭىزمۇ يوقمۇ سىزنىڭ .دېدى.
ھاڭۋاقتىلىقىمدىن ئۆزەممۇ سەل خىجىل بولۇپ،دۇدۇقلاپراق جاۋاپ بەردىم.
-ھە ھە  ئەمدى شۇ سىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كىتىپتىمەن.
-يالغانچىلىقىنى تېخى كىلىپ شۇنچە كۈنلەر بولغىچە كۆرۈشۈپ قويمايسىز،ئەمدى تېخى مېنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم دېگىنىنى.
كىلىپ نەچچە كۈن بولغىنىنى نەدىن بىلگەندۇ ئەمدى،تازاخاپىلايدىغان بولدى- دە!جىددىيلەشكىنىمدىن ئۇنىڭغا تۈزمۇ قارىيالماي جاۋاپ بەردىم.
-مەنمۇ شۇ كىلىپلا  سىزبىلەن كۆرىشەي دىگەن ،لېكىن دۇكاننىڭ ئىشلىرى تۈگىمەي كىلەلمىدىم.
ئۆزەمگىمۇ شۇنداق خاپىلايتتىم ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرىشىۋېتىپ قىلساممۇ بولاتتىغۇ شۇ ئىشلارنى،ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن.شۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرسام ئۇ تۇيۈقسىزلا كۈلۈپ كەتتى،ھەم ئارقىدىنلا.
-نىمىگە  قىزىرىپ -تاتىرىسىز،شۇنچىلىك ئىشلارنى كۆڭلۈمگە پاتۇرمايدىغان مەن شۇنچىلا ئۇششۇقما ؟
ئۇنىڭ كۈلگەن چىرايىنى ھەم بۇگەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشۈپ قالدى،ئاندىن تۇرپاندىكى ئىشلارنى ھەم قايتىپ كەلگەندىكى .ئالدىراشچىلىقلارنى ئۇنىڭغا پاراڭ قىلىپ بەردىم.مەنمۇ كەچرەك كىلىپ قالغاچقا بىردەمدىلا ئۇنىڭ كىرىپ كىتىدىغان ۋاقتى بولدى.قىيالماستىن ئۇزىتىپ قويدۇم.  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-24 21:14 |
apple
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 127
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 804 سوم
تۆھپە: 466 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 467 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆيگە قايتقۇچە يەنە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئويلىدىم،ئەمدى بۇ ئىشنى داداملارغا ئېيتىش ئەپسىز يەنە بىرمەزگىل ھېچ بولمىسا بوۋامنىڭ يۈزىگىچە بولسىمۇ كۈتۈش كىرەك،مەندەھېچ بىر تاقەت قالمايۋاتاتتى. ئويگە كەلسەم يەنە شۇ ئالدىراشچىلىق،دادامغا ياردەملىشىپ ئانچە - مۇنچە بىر ئىشلارنى قىلىپ بېرىپلا ئۇخلىدىم.كۈنلىرىم يەنە شۇنداق ئالدىراش ھەم  تېز ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى.زۇبەيدە بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك جىق كۆرىشەلمەيتتىم،بىرھەپتىدە ئاران بىرقېتىم ئۆتۈپ كەتسە ئىككى قېتىم كۆرىشەتتۇق.ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتقىنىمدىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى لېكىن ئۇ ھېچنەرسە بولمىغاندەك يەنە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .پەقەتلا مېنى پەرىشان قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى،بەزى قىزلاردەك خۇيلىنىپ تۇرىۋالمايتتى.مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاللاغا شۈكرىلەر ئېيتىپ كىتەتتىم،ھەرقىتىملىق دۇئالىرىمدا بۇبەختىمگە كۆز تەگمەسلىكىنى تەڭرىدىن تىلەيتتىم.
بوۋامنىڭ يۈز نەزىرىسىگىمۇ ئاز قالدى.ئاپامدىن ئاڭلىسام تۇرپاندىكى تۇققانلار كىلىدىكەن،يەنەبىر مالىمانچىلىق دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،مەنغۇ مېھمان خالىماس ئادەم ئەمەس،لېكىن مۇشۇ نەزىر ئۆتسىلا ئۆيدىكىلەرگە زۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دېيىشنى ئويلىغان ،لېكىن ئۆيدە لىق مېھمان تۇرسا قانداقمۇ بۇ ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكىلى بولسۇن.نەزىردىن ئىككى كۈن بۇرۇن تۇرپاندىكى تۇققانلار كەلدى،ئاساسلىقى بوۋامنىڭ بالىلىرى،كېلىنلىرى ئاندىن ياشقا چوڭراق نەۋرىلەر ئىكەن.ئىككى ئوغۇل نەۋرە ئۇكام بىلەن تەڭ بولۇپ ئۇلار كۈندىلا بىر يۈرۇيتتى،خەدىچە بولسا سىڭلىم بىلەن چىقىشىپلا كەتكەن بولۇپ ئۆي ئىشلىرىدىمۇ ئاپامغا ئوبدانلا ياردەملىشىپ مۇشۇ ئۆيگە سىڭىپلا كەتكەنىدى!مەنمۇ بەزى چاغلاردا قىزلار ئامراق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ،سىرتلارغا ئاچىقىپ ئوينىتىپ سىڭلىم ئىككىسىنى خۇش قىلىۋېتەتتىم.
بوۋامنىڭ يۈز نەزىرىمۇ  شۇنچە تەييارلىق قىلغانغا چۇشلۇق ياخشى ئۆتتى،دادامنىڭمۇ بىر چوڭ ئىشى تۈگىگەندەك بولۇپ قالدى. نەزىرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ تۇققانلارنى ئايلاندۇرۇپ سەھرالارغا ئاچىقتۇق،ھاۋا ئىسسىپ قالغان بولغاچقا سالقىنلىسۇن دەپ تاغلارنى كۆرسەتتۇق ئۇلارمۇ بىزدىن شۇنداق خۇرسەن بولۇپكەتتى .كەلمەكنىڭ -كەتمىكى باردىگەندەك تاغدىن قايتىپ نەچچە كۈن ئۆتۈپلا تۇققانلار كەتمەكچى بولدى،شۇنچە تۇتقان بولساقمۇ كېيىن كىلىدىغان بولۇشۇپ،ئۇرۇق-تۇققانچىلىقنى ھەرگىز ئۈزمەي داۋاملىق ئىزدىشىدىغان بولۇشۇپ خۇشلاشتۇق.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-24 21:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/9     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر