turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 3197 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 398 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 394 سوم
تۆھپە: 223 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 224 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 نىكاھ سەپىرىمىز ھەققىدە يەنە بىر گەپ(ئۆزتۈرك)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-21)
              ئوسمانجان زاھىر(مەڭگۈتاش) قەلىمى ئاستىدىكى نىكاھ سەپىرىمىزدە نىمە كام ناملىق ئەسىرىنى ئوقىغاندىن كېيىن:


      دەرۋەقە ئەلۋەتتە نىكاھ سەپىرىمىز توغۇرلۇق بىر مەھەل ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەر بىلەن ئايالنىڭ نىكاھلىنىشى سۈننەتتۇر ، قۇرئام كەرىمدە  ئامال بار ئۆيلىنىڭلەر ،ئىمكان بولسا كۆپرەك ئەۋلات قالدۇرۇڭلار دېيىلگەن .مەن بۇ ئەرزىمەس يازمامدا نىكاھنىڭ ۋە ھازىرقى بىر قىسىم نىكاھنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلار توغرىدا سۆزلىمەكچىمەن،،
       ئەلۋەتتە مەيلى يىگىت بولسۇن ياكى قىز بولسۇن نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم شەرت -شارائىتلارنى ھازىرلىشى كېرەكتۇر، لېكىن ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق نىكاھلىنىش پەقەت ياش بىر يەرگە بارغاندا تەبىئىي بولۇشقا تىگىشلىك ئەھۋالدەك، يەنە شۇنداقلا خۇددى ئوغۇل بەش ياشتىن ئاشسا خەتنە قىلغاندەك بىرقىسىم شەرت -شارائىتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلماقتا،
       نىكاھ ئۇ بولسا ئاللاھ نامى بىلەن چوڭلارنىڭ مەھەلە -جامائەتنىڭ گۇۋاھلىقى،ئىككى ياشنىڭ مۇستەھكەم ئىشەنچى،چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان ئۇلۇغ ۋە ساۋاپلىق ئىشتۇر، ئۇ شۇنداقلا ئوقۇپ قويىدىغان ئىبراھىمگاڭنىڭ قوشىقى ئەمەس ، نىكاھ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغدۇر ، قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئېيتتىكى <ئىككى جۈپ ھالال نىكاھتىن كېيىن ئالقانلىرىنى چىن مۇھەببەت بىلەن جۈپلىسە ئۇلارنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ>.ئەنە نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئاللا نىكاھ قىلغان ئىككى مۇسۇلماننىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلدى.

     ئەگەر سىز توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر يىگىتتىن تويغا تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ دەپ سوراپ بېقىڭ.
ئۆينى بېزەپ بولدۇم،  رېستۇراننىمۇ زاكاس قىلىۋەتتىم ئەمدى باغاق تارقىلىپ بولسىلا پۈتۈپ قالدى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ئوننىڭ توققۇزى ،
      شۇنداق ئەلۋەتتە توي قىلماق ئۈچۈن بىر تۇرالغا ئۆي لازىمدۇر ،لېكىن سىزدە شۇ ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارغۇدەك ئىدىراك بارمۇ ؟ بىر ئۆيگە تۈۋرۈك بولالىغۇدەك ،ئايالىڭىزغا ، ئائىلىڭىزگە مەسئول بولالىغۇدەك مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى تەييارلىدىڭىزمۇ؟
       شۇنداق قىلىپ نىكاھمۇ شۇنداق چىرايلىق ئوقۇلدى، ئەمدى يېڭى تۇرمۇش باشلاندى،ئاشۇ يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە كۈن كەچۈرىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى، ئەمدى سىز قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ بىر ئائىلە ئۈچۈن ياشايسىز ،كەلگۈسىدە تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ياشايسىز ،
 بۇنىڭ ئۈچۈن سىز  زور بەدەللەرنى تۆلىشىڭىز كېرەك ،بۇرۇن سىرتقا چىققاندا تاكسى توسىغان بولسىڭىز ئەمدى ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇشقا كۆنىشىڭىز كېرەك ،يېقىنراق جايلارغا پىيادە مېڭىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.مانا مۇشۇنداق ئازدىن- ئازدىن پۇل غەملەپ ئۆيىڭىزنى بات-باياشات قىلىشىڭىز كېرەك،
     چۈنكى ئۆي دىگەننىڭ چىقىمى تولا ، بۇرۇن ئۆيىڭىزدە توك پۇلى ،سۇ پۇلى تۆلەپ باقمىغانسىز ،بىرەر خالتا ئۇن ،بىر كىلو گۆش سېتىۋىلىپ باقمىغانسىز ،
ئەمدى گۆش ئالىسىز ، سۇ-توك پۇلى تۆلەيسىز ،تېلىفۇن ،تورھەققى يەنە تېخى بىنا ئۆيىڭىز بولسا ئۆيىڭىزنىڭ غوجىدارلىق ھەققى ۋەھاكازالار،
       ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالىڭىز قورساق كۆتۈرىدۇ،ئىككى جان ئۈچ بولىدۇ.ئەتراپىمىزدا كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ئايالى يەڭگىش ئالدىدا دوختۇردا يېتىش پۇلىنى چىقىرالماي لۆمشۈپ چوڭلارنىڭ قولىغا قاراپ تۇرىدىغانلارنى ھېلىھەم مەۋجۈت .بېقىپ چوڭ قىلسۇن ،ئوقۇتسۇن ،چىرايلىق نەچچە تۈمەن تويلۇق سېلىپ تويىڭىزنى قىلىپ قويسۇن،ئۆيىڭىزنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەرسۇن ، ئەمدىلىكتە تېپىپ قويغان بالىڭىزنى يەنە شۇ چوڭلار سىزگە بوشاندۇرۇپ بەرسۇن،بۇ مەسىلىنى سەللا ئەگىتىپ سالساق قېلىن  يۇمۇردىن بىرسى بولىدۇ.
         نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا  شىنجاڭدىكى بىر گېزىتمۇ ئىشقىلىپ مەلۇم ئورۇن ياشلاردىكى ئاجرىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى <ئىقتىسادى ئامىلمۇ ياكى ئىجدىمائىي ئامىلمۇ >دىگەن مەسىلە توغرىسىدا جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ نەتىجىدە  ئىقتىسادى ئامىل 65 پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىپتۇ ،دىمەككىم بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىقتىساد بولىۋېتىپتۇ ، ئەمدى بۈگۈنكىدەك  چاكىنىلاشقان ،ئەخلاقسىزلىق يامرىغان جەمئىيەتتە جىنسىيەت ئامىلىنى 10 پىرسەنىت دىسەك ئارتۇق كەتمەس ،خۇددى ئوسمانجان زاھىر بىر ماقالىسىدە ئېيتقاندەك <ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻫﻪﯞﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶﺧﯩﺘﺎﭘﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ>.


         ئەينى ۋاقتىتىلا ئاياللارغا ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ بېرىلگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئائىلە ئاياللىرى ئەرلەرگە ئوخشاش ئىشلەيدىغان بولدى ، ئائىلىگە مەلۇم ئىقتىسادى كىرىم يارىتىدىغان بولدى ،ھازىر يەنە ئايالىنىڭ قولىغا قاراپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس بەلكىم ، شۇنداق تەرەققىيات داۋامىدا بىر قىسىم ئاياللار ئەرلەرنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بولدى ،ئەر -ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ئۇنتۇپ كەتتى،
 گەرچە ئاياللار نۇرغۇن كۆرەش ئېلىپ بېرىپ ئاياللار مۇستەقىلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ شەخسەن مەن كېسىپ ئېيتالايمەن ،يەنە قانچىلىغان كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارسىمۇ يەنىلا نەتىجە شۇكى ئەرلەر مەڭگۈ ئاياللاردىن ئۈستۈن ، بۇ قانداقتۇر باشقىچە مەنىدە ياكى باشقا مەقسەتتە دېگىنىم ئەمەس ، بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەك بەلكىم بۇ ئەسەر نەچچە بەت بوپ كېتىشى مۇمكىن ، بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا مېغىزلىق جاۋاپ : 
  ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن ئاللا شۇنداق دېدىكى  : <ئەگەر بۇ دۇنيادا ئىنساننى ئىنسانغا سەجدە قىلدۇرۇش توغرا كەلسە ئايالىنى ئېرىغا سەجدە قىلدۇرغان بولاتتىم> .
ئاياللار ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ، خىزمەت ئۇنۋانى دىگەندەك ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلايدىيۇ يولدىشىنىڭ پايپىقىنى يۇيۇشتىن باش تارتىدۇ،
      بەلكىم پايپاق يۇيۇش سەۋەپلىك بۇزۇلغان نىكاھ دەپ كىچىككىنە ھېكايە سۆزلەپ بەرسەم بەلكىم باشقىلارغا غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ، شۇنداق ئاياللار باركى ئۆز خىزمەت ۋە ياكى باشقا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىراۋلارغا يالغان ھىجىيىپ ،تەخسىكەشلىك قىلىدىيۇ لېكىن ئۆز سۆيگىنىڭ پايپىقىنى يۇيۇش ئىشىغا كەلگەندە ئاتالمىش ئاياللىق غۇرۇرى كۆتۈرمەي بىر چىرايلىق مۇھەببەت چىرىقىنى ئۆچۈرىدۇ. مەنچىمۇ شۇنداق بۇنداق بىر پايپاققا ئەرزىمىگەن  نىكاھنى بۇزىۋېتىش كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئائىلىدىكى كىچىك لېكىن نېگىزلىك بولغان مەسىلىلەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋەتتى  .
  بىر قىسىم خەنزۇلاردا توي كېچىسى يولدىشىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويىدىغان ئۆرۈپ-ئادىتى بار ئىكەن ،بۇ بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ شۇ ئارقىلىق ئايالنىڭ يولدىشىغا قانداق خىزمەتلەردە بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىكەن ،ئويلاپ قالدىم ئاشۇ پايپىقىنى يۇغۇزالمىغان ئەر پايپاق يۇيۇشنى ئېيتسا پايپاقنى ئاتقان ئاشۇ بەغرەز ئايالغا پۇتىنى يۇيۇشنى ئېيتقان بولسا يولدىشىنىڭ بىر پۇتىنى چاناپلىۋېتەرمۇ ؟  
      نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا  < يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇۋاتقان ئەر>نامىدىكى بىر ماقالە شىنجاڭ مەدەنىيتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خېلى بىر قىسىم ئەرلەر كىر -قات يۇيۇش ئىشىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى چىقىپ ئائىلىدىكى ئەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغان ئىدى ،
     دوزاخنىڭ كۆپىنچى قىسمىنى ئاياللار ئىگەللەيدىكەن ،سەۋەبى ئاياللارغا بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلىپ زەررىچە يامانلىق قىلىپ قويساڭ ئۇ مەن بۇنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمىدىم دەپلا تۇرىدىكەن.

      بۇ يەردە بىر قىسقا ۋەقەنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم :  بىر ئايال ئۆتكەنكەن ،يولدىشى ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كېلىشىگە بىر كۈن قالغاندا يالغۇز ئوغلى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدىكەن ، بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتمەيلا يولدىشى قايتىپ كېتىدىكەن، ئايال شۇ ھامان ياخشى تارىنىپ يولدىشىنىڭ يېنىغا چىقىدىكەن ،سەۋەبى يولدىشىم ئۇزۇن مەزگىل سىرتتا بولدى ،بەلكىم مېنى كۆڭلى خالاپ قالغاندۇ دىگەننى ئويلايدىكەن ،ئىككىسى  بىللە بولىدىكەن ، ئاندىن ئايالى يولدىشىغا ئېيتتىكى:
-ئەي ،مېنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر يېققىنىم :ئەگەر سىز بىراۋدىن ئامانەت ئالغان بولسىڭىز ئۇنى قايتۇرامسىز ؟دەپ سوراپتۇ: ئېرى ئېيتتتىكى :
-ئەلۋەتتە قايتۇرىمەن:
-ھەقىقەتەن توغرا ئېيتتىڭىز ، سىز كېلىشتىن بىر سوتكا بۇرۇن ئاللا بالىمىزنىڭ ئامانىتى ئالدى .
ئاللا بۇ ئايالنىڭ شۇ كۈنكى قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئايالغا جەننەتتىن بىر ئورۇن ھازىرلايدىكەن شۇنداقلا ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن شۇ كۈنىلا ئايالنىڭ قورسىقىدا قالدىكەن
ئەر يېرىم خۇدا دەپ توغرا ئېيتقانمۇ يوق ؟ 

 يەنە بىر قىسقا ھېكايەت:
  بىر ئەر ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ئايالىغا ئۆزىنىڭ سەپەردىن قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقماسلىقنى تاپىلاپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ ، ئاي ئۆتمەي قىزنىڭ ئۆيىدىن خەۋەرچى كىلىپ قىزغا :
 - ئاتىڭىز ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ،يوقلاپ كېلىڭ دەيدىكەن ،قىز بولسا :
 -يولدۇشۇم سىرتقا چىقماسلىقىمنى جېكىلىپ سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ، دادامغا سالام ئېيتىڭ ، يولدۇشۇم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رۇخسەت ئېلىپ يوقلاپ بارىمەن :
  ئارىدىن يەنە ھەپتە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يەنە خەۋەرچى كېلىپ قىزغا دەيدىكەن :
- ئاتىڭىز ئېغىر سەكراتتا ياتىدۇ ، كۆز يۇمۇشتىن بۇرۇن سىزنى بىر كۆرىۋالسەم دەيدۇ ، قىز بۇنىڭغا جاۋابەن يىغلاپ تۇرۇپ :
 -يولدۇشۇم ماڭا سەپەردىن قايتىپ كېلىش ئالدىدا ھېچقانداق يەرگە چىقماسلىقىنى تاپىلىغان .ئاتامغا ئېيتىڭلار ،مەندىن رازى بولسۇن ، مەن ئاتامنىڭ روھىغا دۇئا قىلىمەن دەيدىكەن .
   كېيىن يولدىشى سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ تولىمۇ تەسىرلىنىدىكەن ، ئاللا بۇ ئايالغىمۇ جەننەتتىن ئورۇن بېرىدىكەن .
  يەنە قايسى بىر ھېكايەتتە بىر ئاتا ياتلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزىغا نەسىھەت قىلىپ : قىزىم ،ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېيىنئاتاڭ بىلەن مەن بىر كۈندە ۋاپات بولۇپ قالسام قېيىنئاتاڭنىڭ يەتتە نەزىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن مېنىڭ قەۋرەمنى يوقلىغىن ، ياخشى كېلىن بولغىن دەيدىكەن ، لېكىن ھازىر مۇشۇنداق ئاتىلار قانچىلىك ؟؟؟؟؟
 شۇنداق  بۇ ھەقتە سۆزلىسەك گەپ تولا ، مىسال ئۇندىن تولا ،بىز بۇ ھاياتىمىزدا كىچىككىنە ئازۇ -ھەۋەسلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ -تىرمىشىپ ياشايمىز ، ئەلۋەتتە ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر گەۋدىسى بولغان ئائىلەۋە نىكاھ توغرىسدا كۆپلەپ ئويلىنىپ قويۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن:
پېقىر كەسپى يېزىقچىلىق تەربىيسى كۆرمىگەچ يازمامدا پىكىر چېچىلاڭغۇ ،شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم بىلەرمەنلىك قىلىپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلىشقايلا : ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئائىلىسىگە  بەرىكەت يار بولسۇن !



   مەزكور يازمام باغداش تورىغا خاس ، باشقا تورلاردا كۆرۈلمىگەي : كۆچۈرمىكەچ دوستلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى چىن دىلمدىن ئۈمىد قىلىمەن !




[ بۇ يازمىنىozturukدە2011-08-22 22:00قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-21, 01:59
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-21 01:58 |
attella
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 142 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 142 سوم
تۆھپە: 76 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 79 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەرھەق     
ئاياللا ئاياللىق مەجبورىيتىنى ئەرلە ئەرلىك مەسئولىتڭنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.بۇ بىر كىچىككىنە پايپاق ۋەقەسى بولسىمۇ ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك ماقالە بوپتۇ...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 02:22 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1059 سوم
تۆھپە: 541 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 541 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆزتۈرك. يازمامدا ئىپادىلەنمىگەن يېڭى نۇقتىلارنى بۇ يازمىڭىزدا بايان قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر. ئەمما كىچىككىنە تەكلىپ: ئاۋۇ قۇرئان كەرىمدىن نەقىل ئالدىم دېگەن مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. ئاندىن، ئىككىنچىسى ئايالنىڭ ئەرگە سەجدە قىلىشى ھەققىدىكى مەزمۇن ھەدىستە كېلىدۇ.
ياخشى نىيەت بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالمايلى......
چ چ:1272497571
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 09:15 |
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 398 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 394 سوم
تۆھپە: 223 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 224 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى menggutashدە2011-08-21 09:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆزتۈرك. يازمامدا ئىپادىلەنمىگەن يېڭى نۇقتىلارنى بۇ يازمىڭىزدا بايان قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر. ئەمما كىچىككىنە تەكلىپ: ئاۋۇ قۇرئان كەرىمدىن نەقىل ئالدىم دېگەن مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. ئاندىن، ئىككىنچىسى ئايالنىڭ ئەرگە سەجدە قىلىشى ھەققىدىكى مەزمۇن ھەدىستە كېلىدۇ.
ياخشى نىيەت بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالمايلى......


ئوسمانجان ئاكامنىڭ تېمامغا ئىنكاس يازغانلىقىدىن خوش بولدۇم ، يازمامدىكى نۇقساننى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەخمەت .سىز دىگەن يەرنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم  ،كۆپ رەھمەت ،داۋاملىق تەلىمىڭىزگە مۇھتاجمەن!
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 11:36 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 972
شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئائلىۋى مەدىنيەت قانداق بولسا ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتمۇ شۇنداق بولىدۇ ،

دەۋلەتتە مەدىنيەت بار ،  كارخانىدا مەدىنيەت بار ، ئائىلدىچۇ  ئەلۋەتتە مەدىنيەت بار .ئاتا بوۋىلىرىمىز داشۇ دىپلۇمى ئالمىغان بىلەن   مەدىنيەتلىك دەيمەن ،   ئون بىر يىل ئوقۇپ ئاتىزىملىق  روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بىلەن ، تالادا توت تەڭگە تېپىشقا يارىمايۋاتقان ، ئائىلىدە خوتۇنغا گەپ ئوتمەيۋاتقان ، ئەي دىمىسە بىكار ،  ئائىلىدىكى سىز كۇچەپ تۇرغۇزغان مەدىنيەت  ئەرئايال مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ بەلگىلەپ قويىدۇ ،

كىتاپ بىر  خىل مەدىنيەت ، گاھىلارنىڭ كىتاپنى ۋە كىتاپ ئوقۇغۇچىنى كەمسىتكەنلىكىنى كۆرۇپ ھەيران قالىمەن ، كىتاپ سېتىۋېلىش ئۇچۇن جاسارەت كىتىدۇدەيمەن ، بالىسى يىغلاپ تىرەجەپ تۇرۇۋالسىمۇ ئۇرۇپ سوقۇپ كىتاپخاندىن ئېلىپ كەتكەن  ئادەملەرنى كۆپ كۆردۇم .
قىسقىسى  ئائىلە ئۇزۇن بىر سەپەر ، بۇ سەپەردە ئەر ئاياللاردا بىر بىرىنى چىن دىلىدىن قايىل قىلىدىغان ھەققى نەرسىلەرلار ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، مەسەلەن  چىن ئىتقات  ھەممىنى تەسىرلەندۇرۇدۇ ، سەمىمىلىىك  قارشى تەرەپنى خاتىرجەم قىلىدۇ،

ئائىلىدە سىز نىمىنى چوڭ بىلىسڭىز نىمىگە ئەجىر قىلسڭىز شۇنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىسىز ، ئىسلام نى ئۇلۇغلىىسڭزى ھاياتىڭىز نۇرغا پۇركۇنىدۇ، ئەرلىك ھۆرمەتڭىىز ئىسلامدىكى سىزگە قىلىنغان تۇگۇمەس ھۇرمەتنىڭ بىر قىسمى خالاس ،
ئائىلدە ھاراقنى چوڭ بىلىپ ، كەتسىڭىز ئۇنداقتا ئسلام  ئائىلىڭىزدە تۇرمايدۇ ،ياكى سۇسلىشىدۇ ، كۇچى قالمايدۇ، خەنلەر ئەمەلنى چوڭ بىلىدۇ ، ئۇنۇڭ بەدىلمۇ ئاز ئەمەس
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 12:13 |
kayguluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزمۇ تەڭقۇرلار بىلەن سۆھبەتلەردە دائىم دىگۈدەك مۇشۇ ئاياللار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ قالىمىز.(غەيۋەتخور بوپ قالدۇقمۇ تاڭ.)تولاراق تېمىمىز ئائىلىۋى زىددىيەتلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىش...دېگەندەك مەسىلىلەر.تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئاشۇنداق بىر سۆھبەتكە داخىل بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.مەنمۇ ئۆزەمگە تەسىر قىلغان بىر نەچچە پىكىر توغرىسىدا يېزىپ قوياي دەپ ئويلىغان بولساممۇ روياپقا چىقىرىپ بولالمىغانكەنمەن.تېمىڭىزغا قوشۇمچە قىلاي،
1.ئاياللار ئائىلىدە قانداقتۇ قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى ياكى زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنى پەش قىلىپ،ئەرلەر بىلەن تەڭلىك ۋە باراۋەرلىك تالاشماسلىقى كېرەك.ناۋادا بەكلا ئەزۋەيلەپ ھوقۇق ۋە تەڭلىك دەۋاسى قىلىىدىغانلارغا،ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر جاي بار.ئۇ بولسىمۇ پاھىشىخانا.پەقەت ئاشۇ جايدىكى ئاياللارلا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ سودىلىشالايدۇ ۋە ئۆز خاھىشىى بويىچە ئىش كۆرەلەيدۇ.
مېنىڭچە،ھالال نىكاھ ۋە ساپ ھېسسىيات ئاساسىغا قۇرۇلغان،كەلگۈسى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بىجىرىم ئائىلىلەردە ئەرلەر ئەرەنچە،ئاياللار ئايالچە رول ئېلىشى كېرەك.
2.ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتۇر.ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى ئەنە شۇ يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى غول ھۈجەيرىسىدۇر.قازان بىلەن چۆمۈچ يېقىن بولغاچقا پات-پاتلا تېگىشىپ كېتىدۇ،ئەمما بىرەرسى قازايى-قەدەرگە يولۇقمىغۇچە ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەيدۇ.چۈنكى بۇ ئىككىسى بىرلەشمىگۈچە مۇكەممەللىككە ئېرىشەلمەيدۇ.ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىمۇ قازان چۈمۈچ مۇناسىۋىىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.ئەنە شۇنداق يېقىنلىق سەۋەبىدىن گاھىدا تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋازلاردىن ساقلانماق تەس.لايىقىدىراق بولغان <تاراڭ-تۇرۇڭ>نىڭ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ،ھېسسىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇغان ئىدىم.
3.ھەر قانداق مەسىلىنى سوغوققانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزسىلا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدۇ.ئادەم-زاۋۇتتىن چىقىدىغان مەھسۇلات بولمىغاچ ئۇنىڭدا ئۇنداق-مۇنداق ئۆزگىچە مىجەز-خاراكتېر ۋە كەمچىلىكلەر مەۋجۈت.سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دەيدۇ بوۋىلار.بىر كىمنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىش،ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بويسۇندۇرۇشقا ئورۇنۇش-بىھۈدىلىكتۇر.
  بىر ئاغىنەم بولىدىغان،ئائىلىسىدە دائىملا جىدەل قۇرىمايدىغان.يېقىندىن بۇيان بۇلارنىڭ ئائىلىسىدە باشقىچىلا بىر كەيپىيات.سەل ھەيرانلىق ھېس قىلىپ سورىۋىدىم.
  -ئايال كىشى-مېنىڭ نەزەرىمدە بىر ئىت،-دەپ كەسكىنلا ئېيتتى ئۇ.ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپىمغا قارىۋېتىپ يەنە كوچىلىدىم.
  -نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ نەۋرىسى بىلەن ئىشەككە مىنىپ بازارغا ماڭغانلىقى ھەققىدىكى لەتىپىدەك،-دەپ باشلىدى ئۇ،-سىز بىر ئىت بىلەن ئېتىشىپ،ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرۇپ تالاشسىڭىز،باشقىلارنىڭ نەزەرىدە سىزمۇ شۇ ئىتتىن قېلىشمايدىغان ناكەس سانىلىسىز.ناۋادا ئىتنى يەڭسىڭىز،سىز ئۇ ئىتتىنمۇ ۋەھشى ئاتىلىسىزكى،ھەرگىزمۇ شەرەپ تاپالمايسىز.ئىتتىن يېڭىلىپ قاچسىڭىز،تېخى مازاققا قالىسىز.ئەڭ ياخشىسى ئىت قاۋىسىمۇ پەرۋا قىلماي يولىڭىزغا ماڭغىنىڭىز تۈزۈككەن
  دەماللىققا چۈشەنمەي كۆزۈمنى چىمشىتىپ قالدىم.تۇرۇپلا ئويلىسام،ئىپادىلەشتە ھاياتلىق دەرىخىمىزنىڭ  يىلتىزى سانالمىش ئاياللارنى كەمسىتىپ ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ،ئائىلىدىكى زىددىيەتلەرنى زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ھەل قىلىدىغان بەزىبىر ئەرلەر ئويلىنىپ باقسا بولىدىغان پىكىردەك ھېس قىلدىم.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 13:59 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرەت: 1385 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1395 سوم
تۆھپە: 828 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 828 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          چوڭ ئەيسانىڭ ئائىلە پىرىنسىپى بويىچە مۇشنى ئاچچىقسۇ لازىغا مىلاپ ئۇرۇپ تۇرسا ئايال دىگەننى :(چاقچاق)

ئايال-ئۇ دىگەن ئانا ،. نىمە دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان ھە : ئاشۇ ئاياللار ئاشۇ ئۇلۇغلىقى بويىچە ئىش كۆرسە بىزمۇ ئۇلارنى قەدىرلىسەك ھەتتا بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرسەك بولماسمىدى ، ھەي ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان ئاياللارنىزە !
        
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 14:04 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 959
شۆھرەت: 5334 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5307 سوم
تۆھپە: 3135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3118 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2893(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەرلەرنىڭ زارلىنىشىلىرى بوپتۇغۇ بۇ...
ئاياللار يۇۋاش مۇلايىم، مۆمىن بولسۇن، ئېرىغا سەجدە قىلسۇن، پايپاق يۇيسۇن... يەنىچۇ ؟ يەنە دەيدىغىنىڭلار بولسا دەۋىلىڭلار...ئائىلە مەسىلىسى ھەل بولغان ئائىلىدە بۇنداق زارلاشلار بولمايدىغىنى ئېنىق.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 14:06 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 972
شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  -ئايال كىشى-مېنىڭ نەزەرىمدە بىر ئىت،-دەپ كەسكىنلا ئېيتتى ئۇ.ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپىمغا قارىۋېتىپ يەنە كوچىلىدىم.
مەن  قارشى  باغداش دىمىكراتىيەسىگە ئۇيغۇن ئەمەس
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 14:44 |
kuxlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2867
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 71 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 71 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:نىكاھ سەپىرىمىز ھەققىدە يەنە بىر گەپ(ئۆزتۈرك)fg

kadimki  uygurlarnig  nikalinix  ahwalni   bir yasaglar qu kakxi..
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 15:00 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1289 سوم
تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 755 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تورداشلارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ شۇنچىلىك كۆڭلۇم يېرىم بولدىكىن !سەجدە قىلغۇدەك ئەر، پايپقىىنى يۇيۇپ بېرىپ ، ھۆرمەتلىگۇدەك ئەرلەر قانچىلىك قالدى .ئەرلەر بىلەن ئاياللار مەڭگۇ تەڭ بولالمايدۇ دەپ شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كەتكەن بارمۇ ؟ھازىرقى جەئىيەتتە پەقەت شۇ كۈچ جەھەتتەئەرلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇغۇ !مۇشتۇڭلار شۇنچە زورمۇ ؟سىلەرنىڭمۇ ئاناڭلار ،ئاچا-سىڭلىڭلار، قىزىڭلار باردۇ ؟ ھەربىر ئېغىز گەپنى قىلغاندا ئەتراپقا قاراپ بېقىپراق قىلغۇلۇق .بۇ يەردە مېنىڭ بىرئىشنى سۆزلەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ :بىر ئاتا باركەن ، ئۇ كىشى ئۆز قىزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن ، قىزى چوڭ بولۇپ ،تالالىق قىلىش يېشىغا يەتكەندە بۇ كىشى «قىزىمنى توي قىلسام ، ئېرى بوزەك قىلارمۇ ؟قىزىم قىينىلىپ قالارمۇ ؟دەپ ئەنسىرەيمەن ، شۇڭا قىزىمنى توي قىلغۇممۇ كەلمەيۋاتىدۇ » دىگۇدەك . بۇنى ئاڭلىغان بىر چوڭ ياشلىق ئايال يېنىدىكىلەرگە «سەن خۇتۇنۇڭنى قانداق كۆرگەن بولساڭ ،باشقىلارمۇ سېنىڭ قىزىڭنى شۇنداق كۆرىدۇ »دەپ پىچىرلاپتۇ . ئىشلارنى تۇزەيدىغانلارمۇ ،بۇزىدىغانلارمۇ يەنىلا شۇ ئەرلەر !
  شۇ جاپاكەش ئاياللارنى قىلچە چۇشەنمەي ،ئىت دىدىڭلارما ؟ ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ بىر قوۋۇرغىسىدىن يارالغان دەيدىغان قاراشنىڭ مەنىسى :ئايال سېنىڭ باغرىڭ دىمەكچى . ئۆز باغرىدىن شۇنچىمۇ بىزار بولغان بارمۇ ؟مۇنۇ شئېئىرنى بىر ئوقۇپ باقساڭلار ، مۇشۇ شئېئىرنى يازغان ئەرنى سەجدە قىلغان ئايال ، پايپىقىنى يۇغان ئايالغا ھەممە ئاياللار مەدەت بېرىدۇ-غۇ دەيمەن .
كېچىلىرى بالا بېقىپ ئۇخلىمىدىڭلار،
كۈندىزلىرى خىزمەت قىلىپ تازا ھاردىڭلار.
ھېرىپ -چارچاپ ئۇششاق چۈششەك كېسەل بولدۇڭلار،
خورەك تارتىپ بۈگۈن بىر كۈن ئۇخلۋېلىڭلار.


                                                           ھېيت بايرامدا مېھمان كۈتۈپ ئۆيدە قالدىڭلار،
                                                           دەم ئېلىشتا كىر قات يۇيۇپ تازلىق قىلدىڭلار.
                                                           تۇرمۇش غېمى يامان نىمە قاتتى كاللاڭلار،
                                                           سەيلە قىلىپ بۈگۈن تازا ئوينىۋېلڭلار.


                                                                              
     ئۇزۇن بولدى دوسلار بىلەن  كۈرۈشمىدىڭلار،
    ساۋاقداشلار كەلمىدى يا بېرىشمىدىڭلار.
   سېغىز كەمپۈت قارسىلدىتىپ بۈگۈن بىر تازا،
   خىزمەتتاشلار دوسلاربىلەن كۈرۈشۋېلىڭلار.



            ئاپتۇرى  چايان123                                    مەنبە:  ئۈزۈم
                                                            
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 23:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز