مەڭگۈ تاشنىڭ ئۇلۇغ رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مۇشۇنداق ياخشى تېما يوللىغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر ،
مەنمۇ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۆزەم ئاڭلىغان بىر تەبلىغتىكى ئۆتمۈشتە بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرەي :
بىر كىشى ئۆتكەنكەن ،(ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ) ، بۇ كىشى مۆمىن مۇسۇلمانكەن ، بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىكەن ، بىر ئۆمۈر رەسۇلىللاغا ئەگىشىپ جىھاد قىلغانكەن .
كېيىن بۇ كىشى ئاغرىپ سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ .جان تالىشىپ تىلى كەلىمىگىمۇ كەلمەپتۇ، بۇنىڭدىن ساھابىلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ ، بۇ بىر ئۆمۈر پەيغەمبەر ئارقىدىن ماڭغان كىشى تۇرسا نىمىشقا ئاغزى كەلىمىگىمۇ كەلمىدىغۇ دەپ ئويلاپ رەسۇلىللانىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ :
رەسۇلىللا ساھابىلەردىن سوراپتۇ :
- ئۇنىڭ ئانىسى بارمىدى ،
-شۇنداق ئۇنىڭ يىراق يېزىدا بىر تۇل ئانىسى بار :
-تېز بېرىپ ئانىسىنى چاقىرىپ كېلىڭلار ،مەن xxxنىڭ ئىشىك ئالدىدا ساقلايمەن:
ئانا كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئۇندىن سورايدىكەن :
- سىزنىڭ xxx ئىسىملىك ئوغلىڭىز بارمىدى .
-شۇنداق بار ئىدى ،دەيدىكەن ئانا ،
-ھەي ئانا ، سىز ئوغلىڭىزدىن رازىمۇسىز ، ماڭا راست جاۋاپ بېرىڭ دەيدىكەن رەسۇلىللا
- مەن ئوغلۇمدىن نارازى بولغانمەن رەسۇلىللا ، مەن ئوغلۇمنى دادىسىن قالغاندىن كېيىن بېقىپ چوڭ قىلدىم ، ئۆيلۈك قىلدىم ،كېيىن ئۇ سىزگە ئەگىشىپ جىھاد قىلدى، لېكىن بىر نۆۋەت مېنى يوقلاپ كەپ باقمىدى دەيدىكەن ،رەسۇلىللا شۇئان ساھابىلەرگە :
-xxx چوڭ گۇناھ قىلىپتۇ ، تېزدىن ئوتۇن دۆۋلەپ ئۇنى كۆيدۈرۈڭلەر :
ئانا شۇئان تىزلىنىدىكەن ، ئى رەسۇلىللا ، مەن ئوغلۇمدىن رازىمەن ،رازى بولدۇم ، دەيدىكەن .
شۇھامان رەسۇلىللا ساھابىلىرىغا xxx نىڭ يېنىغا كىرىڭلەر دەيدىكەن ،
بۇ چاغدا xxx شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالىدىكەن ، ۋە كەلىمىنى ئۈچ نۆۋەت ئېيتىپ ئىنتايىن تېنىچ جان ئۈزىدىكەن !
دىمەككىم ، ئانا رازى خۇدا رازى ، سىز قانچىلىك ئىبادەت قىلىڭ ، قانچىلىك ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغان بولۇڭ ئانىڭىز رازى بولمىسا ئاخىرەتلىكىڭىز ياخشى بولمايدۇ ، شۇڭا دوست-بۇرادەرلەر ئانىمىزنى ياخشى كۈتەيلى ، ئانىمىزنىڭ رازىلىقىنى دۇئاسىنى ئالايلى :
[ بۇ يازمىنىozturukدە2011-08-22 11:36قايتا تەھرىرلى ]