karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 847 قېتىم كۆرۈلدى
hawar
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 897 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 885 سوم
تۆھپە: 455 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 475 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1041(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ

خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن سۆز قوبۇل قىلىش
ھەققىدە تەكلىپ
مۇھەممەت يۈسۈپ



          خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر دېگىنىمىز خەلقئارا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئاساسلىق تىللار ( ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، ئىسپانچە ، ئەرەبچە ) دا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئاھاڭداش ، شەكىلداش ، مەنىداش سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ . مېنىڭچە ، ئېلىمىزنىڭ تۆتتە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن زامانىۋى تىل –يېزىقنىڭ بولۇشى – كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . زامانىۋى تىل – يېزىق بولۇش ئۈچۈن ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىللە ، لاتىن ھەرپى تىرانسكرىپىسىيىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ـ  خەلقئارالىق ئورتاق سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق قوللىنىش كېرەك . شۇڭا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغانلىرىنى تىلىمىزغا قوبۇل قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ . بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا ئاتالغۇلىرىدىن زۆرۈرلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك . بۇ تىل تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق ئامىل . ئەلۋەتتە تىلىمىزغا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدىن بىرەر ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش بىلەنلا تىلنى زامانىۋىلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قاراش خاتا . خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدىن ئەمەس ، مەلۇم بىرلا چەت تىلدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش بىلەن خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنى كۆپەيتىش كېرەك ، دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى رۇسچە ياكى ئىنگلىزچىغا ئوخشاش مەلۇم بىرلا چەت تىل ئاتالغۇلىرى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بۇ چەت ئەل تىللىرى ( خەلقئارا ئاتالغۇلار ) دىن ئەمەس ، بەلكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن زۆرۈر ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك دېگەنلىك .

        تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلاردىن زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغانلىرىنى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ قېلىپلاشتۇرۇش لازىممۇ – يوق ؟ تىلىمىزغا چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلارنى تۇغقان تىللاردىن ، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلغاندىن باشقا ، خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن قوبۇل قىلىش لازىم ، دەپ قاراش توغرىمۇ – خاتا ؟ ئۆز تىلىمىزدا يارىتىشقا بولمىغان ۋە قېرىنداش تىللاردىمۇ بولمىغان ھەم خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدە كىرمىگەن ئايرىم ئاتالغۇلارنى ئىنگلىزچىدىن قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى رۇسچىدىنمۇ ؟ خەنزۇچىدىنمۇ ؟ ياكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلاردىن خەنزۇتىلى لۇغەت فوندىغا كىرمىگەنلىرىنى خەنزۇچە بويىچە ئېلىش لازىممۇ ياكى خەلقئارا ئورتاق سۆز بويىچە ئېلىش كېرەكمۇ ؟ خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت ئۆلچەم – پرىنسىپلىرى قانداق بولۇشى كېرەك ؟
       مانا مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مېنىڭچە ، تىلىمىزغا زۆرۈر بولغان خەلقئارا ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك . چۈنكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن سۆز قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى ــ  خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەننىۋا تىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورتاق يۈزلىنىش ، خەلقئارادىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، پەن – تېخنىكا ، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئىنفورماتسىيىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تىل جەھەتتىمۇ چەت تىللاردىن ( خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن ) سۆز قوبۇل قىلىش بارغانچە كۆپەيمەكتە . بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى تىللاردا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى مۇقەررەر يۈزلىنىش ، بۇنداق قىلغاندا مەيلى خەنزۇچىدىن ۋاستىلىق تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسۇن ياكى خەلقئارادا ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان چەت تىللاردىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسۇن، دۇنيادىكى تۈرلۈك پەنلەر بويىچە ئىلغار بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ . شۇڭا خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇلارنى، جۈملىدىن يەر ناملىرى ،ئادەم ئىسىملىرى ، خاس ئاتالغۇلارنى ئەسلىسى ( ئەدەبىي تىلىمىزدا تەلەپپۇز قىلىنىپ يېزىلىشى ) بويىچە تىلىمىزغا قوبۇل قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك ، دەپ قارايمەن . خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنى پرىنسىپسىز ، ئۆلچەمسىز ھالدا تىلىمىزغا قارىسىغا قوبۇل قىلىپ ، تىلنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئەلۋەتتە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ھەرخىل ئېغىشلارنى ھەرگىز قايتا سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك . بۇ خىزمەتنى كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پىلان – تەدبىرى بولغان ھالدا ئىلمىي ئىزغا سېلىش لازىم .


分裂主义 نى بۆلگۈنچىلىك دېمەي ، بۆلۈنمىچىلىك دەپ
تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا مۇھاكىمە


         分裂主义者,分裂主义,分裂 دېگەن سۆز ، ئىبارىلەر تىلىمىزدا ئۇزاق يىللارىدن بۇيان پارچىلاش ، بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى دەپ تەرجىمە قىلىنىپ ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ . ش. ئۇ . ئا . ر  ئاتالغۇلار كومىتىتىنىڭ 92-يىلى 4- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلاردىمۇ 民族分裂主义 نى مىللەت بۆلگۈنچىلىكى دەپ بىكىتىلگەنىدى . مەن بۇ ئۈچ سۆزنى بۇنداق تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېساپلاپ ، بۆلۈنمىچىلىك ، ئايرىلىش مەسلىكى ( يولى ) ، بۆلۈنۈش – ئايرىلىش تەرەپدارى ، بۆلۈنگۈچى – ئايرىلغۇچى دەپ تەرجىمە قىلىنىش كېرەك دېگەن قاراشتا بولۇپ كەلمەكتىمەن .
 
      ئاۋۋال يوقىرقى تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە سېماسئولوگىيىسى ئۈستىدە توختىلايلى .
分裂 تۈپ سۆز ۋە بۇ تۈپ سۆزدىن ياسالغان ، 分裂主义者 分裂主义دېگەن ياسالما سۆزلەر خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تېكىستىلاردا كۆپرەك سۈپەت ۋە ئىسىم بولۇپ ئۇچرايدۇ ، ئالاقىدار لۇغەتلەردە ئۇيغۇرچىغا بىردەك ھالدا بۆلۈش ، بۆلۈۋېتىش ، پارچىلاش ، ئايرىش ، ئايرىلىش ، ئاجىرتىۋېلىش قاتارلىق سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ( بۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل مەنىلىرى بۇ ماقالە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا بىر – بىرلەپ كۆرسەتمىدىم ) 分裂主义者, 分裂主义  دېگەن ئاتالغۇلارمۇ بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى دەپ تەرجىمە قىلىنغان . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت – ژۇرناللاردا ۋە رادىئو – تېلىۋىزىيەلەردىمۇ مۇناسىپ ھالدا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىپ قوللانماقتا .
         بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى ... دېگەن سۆزلەرنى سۆز مەنىسىدىن ئالغاندا ، « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى ( 518-519- بەتتە ) بۆلگۈنچى دېگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن :
1. سۈپەت شەكلىدە كەلگەندە – بىرلىكنى پارچىلايدىغان ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان ، ئارىنى بۇزىدىغان ، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر ( ئۇيۇشتۇق چىڭ جىمى مىللەت ئەلگە بولۇپ قۇرغان ، غەزەپلىك قەھرىمىز ۋولقان ھامان بۆلگۈنچى شەيتانغا )


2. ئىىسم شەكلىدە كەلگەندە – شۇخىل قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشى .
 بۆلگۈنچىلىك – ( ئىسىم ) بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان ، ئارىنى بۇزىدىغان قىلمىش ( دۇەن جاۋشۇ : « ئەمدى ئۇيغۇر تىلىدا بىر پارچە ماقالە يېزىڭ ، سادىر پالۋان توغرىسىدا يېزىڭ ، سىزنىڭ پىكرىڭىز توغرا ، شۇ چاغدىكى تارىخى شارائىت بويىچە « ئېلى سۇلتانلىقى » نى تەھلىل قىلىش كېرەك ، ئۇ ھەرگىزمۇ بۆلگۈنچىلىك بولمايدۇ ، بۇ بىر ئىلمى مەسىلە » دېدى.
 بۆلگۈنچىلىك سالماق – بۆلۈنۇش پەيدا قىلماق ، مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرماق : ( « جەڭنامە » سۆزلەشنى باھانە قىلىپ ، ئاممنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ، دىندىن پايدىلىنىپ ، ماركىسىزم – لېنىنىزمغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ ) .
بۆلگۈنچىلىك قىلماق – بىرلىكنى پارچىلاشقا ، بۆلۈنۇش پەيدا قىلىپ مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرۇشقا ياكى ئارىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماق .
 بۆلۈنمەك : (1) بۆلمەك پېئىلنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى ، مەسىلەن : بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ( ماقال ) ؛ ئاتوم – ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلىكتىرونغا بۆلۈنىدۇ . بۆلگۈنچى – 1) سۈپەت شەكلىدە – بۆلۈنىدىغان ، پارچىلىنىدىغان ، بۆلگۈچى شەيئىي ، بۆلۈنگۈچى ماددا ، 2) ماتىماتىكىدا بۆلمەكچى بولغان سان ( ئىسىم ) ، لوگىكىدا بۆلۈنمەكچى بولغان جىنىس ئۇقۇم .
       ئەمدى 分裂主义 دېگەن سۆز بىرىكمىسىگە مىللەت دېگەن ئىسىم قوشۇلۇپ كەلگەندە ( 民族分裂主义) مىللىي بۆلگۈنچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىنۋاتقان سىياسى ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە مەنىسىگە كەلسەك « مىللەت لۇغىتى » ( 355- بەت ) ئۇنىڭغا مۇنداق يەشمە بېرىلگەن : يەنە بىر نامى 民族分离主义( مىللىي ئايرىلىشچىلىق ، مىللى بۆلۈنمىچىلىك ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ مىللەتچىلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ تارىخى شەرت – شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئۇنىڭ ئىپادىسىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، سىنپى ئېكسپالاتاتسىيە تۈزۈمى شارائىتىدا بۇرژۇئا ھۆكۈمىرانلىقىنى ھىمايە قىلىشنى ياكى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ ھەر قايسى مىللەت پرولېتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ بىرلىشىپ كۆرەش قىلىشقا قارىشى تۇرىدۇ ، مىللەت تەركىبى بويىچە سىياسىي پارتىيە ياكى تەشكىلاتلارنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا بولسا ئاتالمىش مىللىي دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كومپارتىيە رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرىدۇ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۆز مىللىتىنى سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدىن بولۇپ – ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ . دېمەك بۇ يەشمىدىن مەلۇمكى  民族分裂主义,民族分裂主义者 نى مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ، مىللەت بۆلگۈنچىسى دەپ تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇچىدىكى ئۇقۇم ئەينەن ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ھەمدە بۆلگۈنچى ۋە بۆلگۈنچىلىك دېگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتىكى ئىزاھاتىمۇ مىللەت لۇغىتىدىكى يەشمە بىلەن ئوخشىمايدۇ ، بەلكى بۆلۈنمىچىلىك ، بۆلۈنمىچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە دەل ئوخشاش كېلىدۇ . چۈنكى يۇقىرىقى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىلدىكى ئايرىم – ئايرىم ئىزاھلاشتىن مەلۈمكى ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى دېگەن ئۇقۇم بىلەن مىللەت بۆلۈنمىچىلىكى ، بۆلۈنگىچىلىك ، ئايرىلىشچىلىق – ( ئايرىلىش يولى – ئايرىلىش مەسلىكى ) ھەرگىز تەڭداش ئۇقۇم ياكى مەنىداش سۆز ئەمەس ، چۈنكى ۋەتەن بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى مۇھىمى ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاپ ، بۆلۈش – بۆلۈۋېلىش – ئاجىرىتىۋېلىش ھەتتا ( بۆلۈۋالىدىغان ، ئاجىرىتىۋالىدىغان ) بىر قىسىم زىمىندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا قارىتىلغان ئۇقۇم ، شۇڭا ۋەتەن بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش دەپ تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇچە ئەسلى مەنىسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . بۆلگۈنچىلىك قىلىش دېگەنلىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشنى ، ئايرىمچىلىق قىلىشنى ، ئازار پەيدا قىلىپ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇشنى بىلدۈرۈپ بۆلگۈنچىلىك سالغانلىق بولىدۇ . شۇڭا ئۇقۇم جەھەتتە ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش – بۆلۈۋېتىش ( بۆلۈنۇش ، ئايرىلىش ) بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشنى پەرىقلەندۈرۈپ چۈشىنىش ھەم تەرجىمىدىمۇ مۇناسىپ پەرقلەندۈرۈپ ، مىللىي بۆلۈنمىچىلىك ، مىللىي بۆلۈنمىچى ، دەپ  ئىپادىلەش لازىم دېمەكچىمەن .


          يۇقىرقى ئۈچ خەنزۇچە سۆز- ئىبارىنى ئېنگلىزچە ، رۇسچە تىللار بىەن ئالماشتۇرۇپ بىر – بىرىگە سېلىشتۇرغاندا خەنزۇچە – ئېنگلىزچە ئالاقىدار لۇغەتلەردىكى ئىزاھلاشلارمۇ يۇقىرقىدەك پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىش ۋە تەرجىمە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . بۇ ئۈچ سۆز ئىبارە ئېنگلىزچىدە Separate,Separatism,Separaist دەپ ، رۇسچىدا دەپ بىر تۈپ سۆز ۋە بۇ تۈپ سۆزدىن ياسالغان ياسالما سۆز بىلەن ئېنىقلانغان . ئېنگلىزچە ۋە روسچىدىكى بۇ ئۈچ سۆزمۇ ئۇيغۇرچىدىكى بۆلۈنۇش – بۆلۈنۇش ( ئايرىلىش ) ۋە بۆلۈنمىچىلىك ، بۆلۈنگۈچى – ئايرىلغۇچى ، بۆلۈنۇش – ئايرىلىش تەرەپدارى دېگەن سۆزلەرگە دەل ئۇدۇل كېلىدۇ . بۇلاردىن باشقا تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەكچىدىمۇ 分裂主义 نى روسچە دېگەنگە سېلىشتۇرۇپ ئايرىشچىلىق ۋە تۈرۈكچىدە ئايرىلىش ، پارچىلىنىش ، بۆلۈنۈش دەپ ئاتالغان . 分裂主义 نى بۆلگۈنچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىش رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ 70-يىللاردا 要团结不要分裂 دېگەن سۆز ئۇزۇندىسى ئېلان قىلىنغاندا ئىتتىپاقلىشىش كېرەك ، بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق كېرەك دەپ تەرجىمە قىلىنغاندىن باشلاپ شۇنداق تەرجىمە قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق .مېنىڭچە ، بۇ سۆزئۇزۇندىسىمۇ ئىتتىپاقلىشىش كېرەك ، بۆلۈنمەسلىك كېرەك دەپ تەرجىمە قىلسا ئەسلى مەنىسىگە دەل ئۇيغۇن بولاتتى ) ، چۈنكى :
社会党因内部矛盾使分裂左派右派دېگەن جۈملىنى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئوڭچىلار ۋە سولچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى ، دەپ تەرجىمە قىلىپ ئادەتلىنىپ كەلگىنىمىز بىلەن ھەمدە ئەسلى سىياسىي ئۇقۇم مەنىسى بىلەنمۇ بىردەك بولغان بولاتتى ، خەنزۇچە تېكىستلاردىكى :
这一分析深刻的揭露了分裂主义的反动本质,划清了分裂问题与民族问题, 宗教问题的界限。
分裂问题与民族问题在矛盾性上是根本不同的。 
بۇ تەھلىلدە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن . بۆلۈنۇش مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلىنىڭ ، دىنىي مەسىلىنىڭ چىگرىسى ئېنىق ئايرىپ بېرىلگەن . . . بۆلۈنۇش مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلە زىددىيەتنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن زادىلا ئوخشىمايدۇ ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » نىڭ 90-يىل 2-ساندىكى ( ئۇيغۇرچە شۇ يىل 4-ساندىكى ) چى ۋېنلىنىڭ « بۆلۈنۇشكە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش – سىياسى كۆرەش ) دېگەن ماقالىسىدىن – ئۇيغۇرچە ( 30-،31-بەتلىرىدىن ) بۇ تەرجىمىدە 分裂 ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆپ يىللاردىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك دېمەي ، تۈنجى قېتىم بۆلۈنۇش دەپ توغرا تەرجىمە قىلىنغان ، بۆلۈنۇش دەپ ئېلىش سۆز مەنىسى جەھەتتىنلا توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى سىياسى ئۇقۇم مەنىسى جەھەتتىنمۇ توغرا تەرجىمە قىلىنغان ، لېكىن بۇ ماقالىدا 分裂主义 مۇناسىپ ھالدا بۆلۈنمىچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىنماي يەنىلا بۇرۇنقىدەك بۆلگۈنچىلىك دەپ ئېلىنغانلىقى مۇۋاپىق بولمىغان دېگەن قاراشتىمەن .
تەرجىمە ئەمىلىيىتىدە ئۇچرىغان تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئەمىلى مىساللار يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ :


      1. 总书记个戈尔巴乔夫在本月十日召开的。。。会议上发出号坚持同在苏联的民族分裂主义势力作斗争。
باش شۇجى گورباچىپ مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان . . . يىغىندا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىش توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى. ( توغرىسى . . . مىللەت بۆلۈنمىچىلىكى كۈچلىرىگە قارشى . . . تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى . ھالبۇكى ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە 15مىللەت جۇمھۇرىيىتىگە بۆلۈنۇپ كەتتى .

        2. 帝国主义长期以来,一直企图把台湾从我们祖国分裂出去。
جاھانگىرلار ئۇزاقتىن بۇيان تەيۋەننى ۋەتىنىمىزدىن بۆلۈۋېلىشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كەلدى. ( روشەنكى . . . ۋەتىنىمىزدىن پارچىلاشقا . . . دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ) .

        3.无论过去和现在,国内外敌对势力总是在分裂新疆上打主意。
ئۆتكەندە بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئىچكى ، تاشقى دۈشمەن كۈچلەر ھامان شىنجاڭنى بۆلۈۋېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ كەلمەكتە . . . ( روشەنكى . . . شىنجاڭنى پارچىلاشنىڭ . . . دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ) .

 
      4. گورباچىپ : مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقتىن ئايرىلىدىغان بۆلگۈنچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈش لازىم دېدى . ( « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 91-يىلى 12- ئاينىڭ 5-كۈنى 6-بەتتىكى بىر خەۋەردىن ) توغرىسى گورباچىپ : مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقتىن ئايرىلدىغان بۆلۈنمىچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈش لازىم دېدى . گورباچىپ : دېمەكچى بولغان ئەسلى پىكىر مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىگە ياكى ئىتتىپاقتىكى ھەر قايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياكى ھەر قايسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ئىتتىپاقتىن ئايرىلىدىغان بۆلۈنمىچىلىكتىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولغاچقا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تەرجىمىسىدە ئەسلىدىكى پىكىر – مەنە توغرى ئىپادىلەنمەي قالغانلىق ئېنىق كۆرۈنۇپ تۇرمامدۇ ؟



مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ 


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-24 13:20 |
duttarqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 252
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 385 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 382 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 223 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك  تېما بوپتۇ.   شۇنىڭدىن قارىغاندا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ كۈچلۈك تەرجىمانلار قوشۇنىغا مۇھتاجلىقىنى ھىس قىلدىم.
مېنىڭچە  ھازىر مەتبۇئاتلاردا قوللىنىۋاتقان <<مىللى بۆلگۈنچى>> دىگەن سۆزنى <<مىللەتلەر بۆلگۈنچىلىكى >> دەپ ئالسا توغرا بولامدىكىن دەپ قارايمەن. <<مىللى>> دىگەن بۇ سۆز ئاز سانلىق مىللەت دىگەن مەنانى بېرىدۇ. بۆلگۈنچىلىكنى  ئاز سانلىق مىللەتلەرگىلا قارىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى  بۆلگۈچىلىك ھەممە مىللەتتىن بار. بۇنىڭ تىپىك مىسالى: تەيۋەنلىكلەرمۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ، خەلقئاراغا دۆلىتىمىزدىن بۆلىنىپ چىقىشنى   داۋراڭ سېلىۋاتمامدۇ؟؟؟؟؟
[ بۇ يازمىنىduttarqiدە2011-08-25 16:04قايتا تەھرىرل ]
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-24 14:52 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھەقىقەتەن  ياخشى تەكلىپكەن :
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-24 20:41 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 431
شۆھرەت: 2382 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2391 سوم
تۆھپە: 1394 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1401 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇلىمۇئورۇنلۇق تەكلىپلەركەن،بولگۇنچىلىىك ئۇقۇمىنى قانداقتۇر بىر مىللەتكە قارىتا چۇشەندۇرۇش ۋە چۇشنىش ئاقلانىلق ئەمەس،تەرجىمانلاردا چۇقۇم مەسئوليەتچانلىق تۇيغۇسى بۇلۇش كېرەك،قايسى مىللەت بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر مىللى ھىسياتىغا ئازار بېرىش مىللەتلەر ئىتپاقلىقى تەكىتلىنۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى بىر ۋەزىيەتكە مۇخاللىپ.مۇئەللىپنىڭ مەزكور يازمىسىنى ھەققىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-25 21:30 |
karwan@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
شۆھرەت: 708 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 709 سوم
تۆھپە: 421 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 422 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 193(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بىز بۇرۇنلاردا فىزىكا(physics)،خىمىيە(chemistry)،بىئولوگىيە(biology)..............قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتەتتۇق،بۇلار خەلقارالىق ئاتالغۇلارغا ئاساسەن يېقىن ئىدى،ھازىر ئۇلار پۈتۈنلەي ئۆزگەردى،ھازىرقى بالىلارغا ئاشۇ پەنلەرنى بۇرۇنقى ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن ئاتىساق چۈشەنمەيدۇ.بۇ بىر ئاددى مىسال.پەننىي ئاتالغۇلارنى ئامالسىز خەلقئارادىن قوبۇل قىلساق بولاتتى،يامان يېرى ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى كىشىلىرىمىز ئىستىمالدىن قالدۇرۇش ئالدىدا،مەسىلەن،پەرقى يوق دېگەننى سابۇدو،ئون ئۈچنى ياۋسەن.......................مەن ئۈرۈمچىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر مەدەنىيەتلىك،مەدەنىيەتسىز كىشىلەر ئاز دەپ قارايتتىم،ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆيمەيدىغان مەدەنىيەتسىزلەر تولىمۇ كۆپكەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-25 23:02 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى