karamat sarkar xj 50
«12345»Pages: 1/13     Go
بۇ تېما 12988 قېتىم كۆرۈلدى
bahar=noruz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 148 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىغۋاغا ئەگەشمەڭ؟(ئايشەم تورتخانىسى ھەققىدە)

  ئىغۋا پەيدا قىلىش ئادەم ئۆلتۇرۇشتىنمۇ يامان گۇناھ "قۇرئان كەرىمدىن  ئىغۋا پەيدا قىلىش ئادەم گۆشى يىگەنگە ئوخشاش. ھەدىستىن سىلەر بىر-بىرىڭلەرنى ياخشى كۆرمىگىچە مۇسۇلمان بولمايسىلەر. ھەدىستىن ئۆزەڭگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىڭغىمۇ ياخشى كۆر.ھەدىستىن: ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىسىدابىرى خەلپىدىن بىر مەسىلىنى سورايدۇ،خەلپە بۇ كىشىدىن سەن بۇ مەسىلىنى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدىڭمۇ دىگەندە ئۇ كىشى سورۇدۇم ،سەندىنمۇ سوراپ باقاي دىگەنتىم دىگىنىدە خەلپە بۇ كىشىنى ئۆلۇمگە بۇيرۇيدۇ.ئۇنىڭ ئۆلۇمگە بۇيرۇلىشىدىكى سەۋەپ:
      بىرىنچىدىن :بۇ كىشى ئاللانىڭ ئەلچىسى بىلەن خەلپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پىتنە پەيدا قىلماقچى بولغان،ئىككىنچىدىن ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ئوبرازىغا دەخىل -تەرۇز قىلغان. ھازىر جەمىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر توپى ئىچىدە پات-پاتلا ئازراق باش كۆتۈرگەن كىشىلەر توغۇرىسىدا پىتنىلەر پەيدا بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
       بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر كارخانىچىسى زەكىيە خانىمنىڭ شەخسى تۇرمىشى پىتنىخورلار تەرىپىدىن ئاشكارلاندى،ھەمدە جەمىيەتتە نۇرغۇن غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.ئەمدى  قومۇل شەھىرىدىكى بىردىن-بىر لاياقەتلىك ئۆلچەملىك سوغاق ئىچىملىك،سوغاق سەي،پېچىنە-پەرەنىك ،ماروژنا تورتخانىسىنىڭ ئۈستىدىن (ئايشەمخان تورتخانىسى) كىشىلەر ئارىسىدا  پىتنە-ئىغۋا تارقىتىلدى.بىز ئەقلىمىز بىلەن بۇ ئىغۋالارغا نەزەر سېلىپ باقايلى.زەكىيە خانىمنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنىڭ ئاشكارلىنىشىغا سىنغا ئالغۇچى زەكىيە خانىمدىن پۇل ئۈندۈرەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن شەخسى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان.ئايشەمخان تورتخانىسىنىڭ ئۈستىدىن توقۇلغان ئىغۋاغا كەلسەك <ئايشەمخان تورتخانىسى چوشقا مېيى ئىشلىتىدىكەن >دىگەن ئىغۋاغا نىمە ئاساستا ئىشىنىمىز؟!
       ئايشەمخان تورتخانىسىنىڭ توخو پاچىقىنىڭ تەمىنىڭ ئېسىل بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟سوغاق سەيلىرىنىڭ ۋە ماروژنىنىڭ تەمىنىڭ ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ياكى پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ  سۈپىتىنىڭ ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟! بۇ يىمەكلىكلەرگە ھەممەيلەننىڭ ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟  سىز بىر ئەقىل ئىگىسى بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ قايسىسىدا چوشقا مېيى باركەن." ئاللا  بىر-بىرىڭلەردىن گۇمان قىلماڭلار..." دىمىگەنمىدى،سىز نىمىگە ئاساسەن گۇمان قىلىسىز؟ توغرا تورتنىڭ بەزى خۇرۇچلىرىنى مۇسۇلمانلار ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى مەنمۇ ئاڭلىغان،لېكىن ھازىر ئىشلىيەلەمدۇ بىلمىدىم(راس گەپ قىلمىسام بۈگۈنكى پاكلىنىشىم نۆل بولىدۇ).

     ئايالىم  2 كۇن بۇرۇن ئايشەم تورتخانىسىغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالغاچ ئۇلارنىڭ چوشقا مېيى توغۇرىسىدا ئىغۋاسىغا بولغان قارىشىنى سوراپتۇ، ئۇلار بارلىق خۇرۇچلارنى ئۈرۈمچىدىكى تۇمارىس دېدىمۇ بىر مۇسۇلمانچە ئۇيغۇر كارخانىسىدىن كىرگۈزىدىغانلىقىنى، ئايشەمخان ئاچىنىڭمۇ ناھايىتى تەقۋادار ئاللاغا سادىق بەندە ئىكەنلىكىنى پىتنىخورلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق پىتنە توقۇغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تۆت كوچا جامائەسىنىڭ ئىمامى رۇستەممۇ جۈمە نامىزىدا "ئايشەمخان تورتخانىسىنىڭ ئۇستىدىن توقۇلغان ئىغۋانى  جۈمە نامىزىدا ئېنىق قىلىپ ئەيىپلىدى" شۇنداقلا ئايشەمخان تورتخانىسىنىڭ جامائە قۇرۇلىشىغا 10 مىڭ يۇەن بەرگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ ياخشى بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنداق پەسكەش ئىشلارنى قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.  سىلەر قېرىندىشىڭلارغا ئىشەنمىسەڭلەر،يىتەكچىڭلەرگە(ئىماملارغا) ئىشەنمىسەڭلەر.ئۆزەڭلەرنىڭ ئەقلىڭلەرگىغۇ  ئىشىنەرسىلەر  ،تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار ئۇلارنىڭ قايسى مەھسۇلاتىدا چوشقا مېيى باركەن؟
     سىلەرنىڭ 40 نەچچە قېرىندىشىڭلار مۇشۇ كارخانىدا ئىشلەيدۇ،ئۇلارمۇ سىلەردەكلا مۇسۇلمانلار ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭلار چوشقا مېيى ئىشلەتكەن كارخانىدا ئىشلەرمۇ؟! "ئايشەمخان تورتخانىسىغا جەرىمانە قويۇپتۇ"،مۇسۇلمانچە دىگەن خەت يوق شۇڭا مەن چوشقا مېيىنى ئىشلىتىۋېرىمەن ....دەپتۇ. دىگەن ئىغۋالارنى ئانالىز قىلىپ بېقىڭلار ،شۇ كارخانىدا ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار. سىلەر ئۆزەڭلەردىن چىققان سەركىلەرگە مۇشۇنداق تۆھمەت چاپلىغۇچىلارغا يان تاياق بولۇشتىن خىجىل بولمامسىلەر.  
       بىز بەزى كىشىلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىك پەيدا قىلىدىغان پىكىرىگە ئەگەشسەك بىزگە پايدىلىقمۇ!! بۇنداق ئىغۋا پەيدا قىلىدىغانلا پەقەت ئۆزىنىڭ نەپسى ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي بارلىق پەسكەسلىكنى قىلىدۇ.ھەيران قالارلىغى شۇكى بەزى كىشىلەر باشقىلانىڭ ئەيىۋىنى تېپىۋالسا ئالتۇن كان تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ باشقىلارنىڭ ئاشۇ ئەيىپىنى بولۇشىچە سازايى قىلىشىدۇ!! .....پىتنىخورلار  نىمىگە ئېرىشمەكچى؟؟!! بىزگە ئىناقسىزلىق  ئۇرۇغى چاچماقچى! پىتنە-پاساتنى دەسمايە قىلىپ بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماقچى! بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى يوقاتماقچى!..........
     ھەر شەيئىگە ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر سالايلى ئۆزىمىزنى ئۇنداق غالجىرلاچە چىشلەپ تارتمايلى!! ياخشى تەرەپلەرنى سۆزلەيلى .يامان تەرەپلەرنى ياپايلى! شۇندىلا بىز ئىناق جەمىيەت قۇرالايمىز.سىز قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىشەنمىسىڭىز؟! ئىماملىرىڭىزغا ئىشەنمىسىڭىز؟ ئۆز ئەقلىڭىز بىلەن مەسىلىلەرگە ھۆكۇم قىلمىسىڭىز ؟بۇ چاغدا سىز قانداق ئىنسان بولۇپ قالىسىز. ئىمان دىگەن ئۇيغۇرچە ئىشەنچ دىگەنلىكتۇر.سىزدە  ئۆزىڭىزگە قېرىنداشلىرىڭىزغا،ئىماملىرىڭىزغا ئىشەنچ بولمىسا ئاللاغا بولغان ئىشەنچىڭىز قانچىلىك بولار. سىز ئاللانىڭ ياخشى بەندىسى بولسىڭىز قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئەيىپىنى يېپىڭ! بولمايدىكەن ئاللا سىزنى رەسۋا قىلىۋېتىدۇ.بولسا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ يۇز تۇرانە سۆزلىشىش ،مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاڭ.مۇنا بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى.
      ئاڭلىسام ئاخشام ئايشەمخان تورتخانىسى(شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىدىكى تارمىقى) نىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپتۇدەك. ناۋادا بۇ ئىش مۇشۇ پىتنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا،سىزگە دەيدىغىنىم سىز نىمىشقا رەمىزاندا رېستۇراندا  ھاراق ئىچىۋاتقان......لارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلالماي ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىز.ئويلانمامسىز ئايشەمخان تورتخانىسىدا ھاراق ئىچىشكە يول قويامدۇ...........رېستۇرانلاردا ھاراقسىز سورۇن بولامدۇ........................ئويلاپ بېقىڭ سىز توغرا قىلىپسىزمۇ ؟! بەلكىم مۇشۇ بالىلىقىڭىز نادانلارغا پىتنىغورلارغا ئەگەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن جازالىنارسىز؟ ئەرزىمدۇ؟! سىز كىمگە يان تاياق بولىۋاتىسىز؟! سىز ئايشەمخاندەك 40 نەچچە ئادەمگە ئەمەس 1 ئادەمگە مائاش بېرىپ ئىشلىتىپ بېقىڭچۇ؟! ئايشەمخاننىڭ مۇشۇنچىلىك ئىگىلىك تىكلىمىگى ئاسانمۇ-ھە!!!مەن ئايشەمخان ھەدەمگە ئاسانلىق،بەركەت تىللەيمەن! پىتنىخورغا توغرا يول تىللەيمەن. 


 مەنبە  :ئۆزەم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-08-26 12:24قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-26, 12:11
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-26 11:05 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىمەككىم ، قومۇلنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقە يۈز بېرىپتۇدە ،
بىر چاغلاردا قايسى بىر مالاچۈەر خانىنىڭ خېلى ئېگىز پەس قىلغان بىر قسىم كىشىلەر :
زاكاتنى ۋاقتىدا بەرگۈلۈكتى ئەمەسمۇ ؟
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 12:29 |
kawimmol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 809 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 سوم
تۆھپە: 465 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 471 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ يېققىندا قومۇلدىكى قېرىنداشلىرىمدىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان ، لېكىن بۇنچىكىك ئېغىر ئىكەنلىگىنى ئويلىماپتىمەن ، ئەي ئەھلى مۇسۇلمان سەن باشقا بىرسىگە ئىشەنمىسەڭمۇ ئاشۇ يەردە ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىڭغا ئىشەنمەمسەن، مۇسۇلمانچە خەت يوق ...
بىز ئۇيغۇرلاردىن مۇسۇلمەنچە بولمىغان ئاشخانا ياكى باشقا يىمەڭ ئىچمەك ئورنى ئاچقان بىرسى بارمۇ ؟
گەپ قىل دىسە ھەر نىمە دەيدۇ بۇخەق ، بىز ئۇرۇمچىدىمۇ بۇنداق پىتنى پاساتلارنى كۆپ ئاڭلايمىز ، ئۇلار شۇ بىر قىسىم كۆرەلمەسلەر، ئىچى پۇشقان پىتنىخورلارنىڭ تاپقان سۆزى خالاس.
ئايشەم ھەدە ئاشۇ قوللىرىڭىز ئىشتىن توختىمىسۇن ، ئەزان ئاڭلىغان قۇلاقىرىڭىز ھەر دائىم پىتنى پاساتلارنى ئاڭلاتمىسۇن ، ماڭغان قەدەملىرىڭىزدىن گۇل ئۇنۇپ قومۇل ئاياللىرى ئىچىدىن چىققان داڭلىق سودىگەرلەردىن بولۇڭ ،  خالىس ياردەملىرىڭىز مەڭگۇ ئۇزۇلمىسۇن !!!
پىتنىخور . چېقىمچىلارنىڭ ئاشۇ يالغان سۆزلىگەن ئاغزى گەپتىن قالسۇن ....
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 12:44 |
isyankar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:ئىغۋاغا  ئاساسسىز ئەگەشمەڭ؟(ئايشەم تورتخانىسى ھەققىدە)

 ھازىرغىچە بۇگەپكە ئىشەنمىگەن بولساممۇ ،قۇلاققا كىرىۋاتقان گەپلەرنىڭ سەرخىللىقىدىن سەل دەرگۇمان بولۇپ قالدىم....ھەممىسى ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىۋاتقان....  ( جامائەت قۇرۇلىشىغا 10مىڭ يۈەن ئىئانە قىلسىلا ئاللانىڭ ياخشى بەندىسى بولۇپ قالمايدۇ...)  بىراق بۇ ۋەقەنىڭ راست بولماي، پىتنە-ئېغۋا بولۇشىنى، ئەگەر راست بولۇپ قالسا،بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، دەرىزىلىرىلا ئەمەس ھەممە نېمىسىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن....  شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ چوشقا مېيى ئىشلىتىشىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ... ئەسلى مالاچۇەر دېگەندەك ئەخلەتلەردىن قاتتىق شەكلەنسەك بولاتتى!!!  چىقسا شۇنىڭ ئىچىدىن ھەممە نېمە چىقىشى مۇمكىن....
[ بۇ يازمىنىisyankarدە2011-08-26 12:58قايتا تەھرىرل ]
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 12:44 |
arkin79
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2997
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ توغرىسىدا ئىككې ئېغېز لىللا گەپ قېلش ئۈچۈن كىردىم:
نەچچە ۋاقىت ئىلگىىرى قومۇلغا بېرىپ ئايشەم تورتخانىسىغاا كىرىشنى ئېيتسام ئاغىنەم كىرمەيلى دەپ تۇرىۋالدى ، نىمىشقا دىسەم يوقىرىقىدەك گەپلەرنى قىلدى.
لېكىن مەن چوقۇم كىرىمىز دەپ تۇرىۋالدىم ھەمدە كىردىم ،دىققەت قىلىپ باقتىم ، شۇ يەرگە كىرىپ  تورت يەۋاتقانلامۇ يەنە پىچىرلىشىپ شۇ پاراڭنى قىلىشىۋاتاتتى ، ئىشەنمىگەن ئادەم كىرىپ نىمىش قىلار ،كىرىپ يەنە شۇ پاراڭنى قىلسا بۇ قانداق بولغىنى :
   جەمئىيەتتە بۇ توغۇرلۇق ھەرخىل قىياس ، ھەرخىل پاراڭلار باركەن ، لېكىن قايسى راست ؟ بۇ بىزگە نامالۇم .
مەن ئەزەالىدن ئىشلارنىڭ ئېنىق بىر ھۆكمى چىقمۇغۇچە ئىشەنمەيمەن ، شۇڭلاشقا كردىم ، يەنە كىرىشىم مۇمكىن :
  چۈنكى بىز مىللى كارخانېلارنى قوللىشىمىز كېرەك :  بىز پەقەت كارخانا مەسئولىنىڭ جەمئىيەتكە قانائەتلىك جاۋاپ بېرىشىنى كۈتېشىمىز كررەك ، ئىغۋالارغا ئىشەنمېسلىكىمىز كېرەك :
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 13:01 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ قولى ئەپچىل ۋە ئىتتىك بولغان بولسا ئۆيدىلا يەيدغان نەرسىلەرئىدى بولمىسا ؟
  ھازىر خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ گوللىقىدىن ناشتىنمۇ سىرتتا يەيدىغان بوپ كەتتۇق:
  ھازىر ھيت ئايەمدە ساڭزىنى ئۆزى سالدىغانلار قانچىلىك ؟  پېچىنە -پىرەنىكنىغۇ ئۆيدە قىلىشقا خاتىمە بەرگىلى 4-5 يىل بولدى ،  
  بۇرۇن ئۆيلەردە بىردىن دوخاپكا بولاتتى ، ھازىر بىرمۇ ئۆيدە تاپقىلى بولمايدۇ ، ئۆزەڭلەردىن كۆرسەڭلەر بولدىكەن گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا ............................................
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 13:14 |
iblis
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 210 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 125 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىمامنىڭ پاكىت يوق ئەھۋالدا ئۇنداق دېگىنى بولماپتۇ :
بەلكىم چوشقا مېيى ئىشلەتمىگەندۇ ،يېاكى ماينىڭ كېلىش مەنبەيىدە مەسىلە باردۇ ،بۇ ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەگەر راستىنلا تۇمارىسىن تن ئالغان بولسا  ئاشۇ تۇمارىسنى خۇرۇچىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كرەك...
     قانداق دېدىم توخوتور :  بۇ مۇنبەردە چىگىش مەسىلەلەر بولسا توخوتورغا ئارتىپ قويدىكەنغۇ ؟
  توخوتور بىر لىللا گەپ قىلسۇن !
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 13:29 |
aytvrk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2516
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كارخانا مەسئولى چوقۇم  تېزدىن جەمئىيەتكە قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاپ بېرىشى كېرەك . بۇ ھەم كارخانىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا ياخشى، «پىتنە»لەرنىڭ ئاۋۇشىنى توسۇيدۇ ،كونا ساداقەتمەن خېرىدارلارنىڭ كوڭلىدىكى گۇمانلىرىنى يېشىپ ،ئۇلارنىڭ خاتا تاللىمىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ ئۇلارنى خاتىرجەم  قىلىدۇ.(بولىنىۋاتقان گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئەجىبا راستىنلا پاكىز بولمىغان شۇ يىمەكلەر بىلەن تېنىمنى ، ئىمانىمنى بۇلغۇۋالغاندىمەنمۇ ؟!دەيدىغان گۇمان تۇغۇلدى، بۇنى ئويلىساملا كۆڭلۈم غەش...)
بۇ بىر بولسا كۆرەلمەسلەرنىڭ پىتنىسى (ئەگەر شۇنداق بولسا ئاللاھ ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا ئۇلارنىڭ جازاسىنى بەرسۇن!) بىر بولسا مەنبەسىگە دېققەت قىلماي ئىستىمال قىلىشقا كۆنگەن بىز خەقنىڭ بىخەستىلىكى(بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ جازاسىنى تارتماي ئامالىمىز يوق،شۇڭا ئەگەر ناۋادا بۇ ئىش مەۋجۇت بولسا گۇناھكارلار چوقۇم جازاغا لايىق)
شۇڭا مەنچە ئىش چوقۇم تېزدىن ئايدىڭلىشىشى كېرەك ، بۇنى قىلالايدىغىنى يەنىلا شۇ كارخانا . «بىزدە يوق ئىش »دەپ جىم بولىۋېلىش ھېچ ئىشنى ھەل قىلمايدۇ .ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىنى ئىمان، ئىنساپ، ۋىجدان نۇرلىرى بىلەن يورۇتقاي ...
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 14:17 |
muqam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 119 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 119 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار....
مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ 40 نەچچە ئادەمنىڭ خىزمەت مەسىلىنى ھەل قىلغان ئايشەمخان ھەدەمگە كۆپتىن - كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، چۈنكى 40 ئىشچى دېگەنلىك 40 ئائىلىنى باققانلىق بىلەن باراۋەر ئەلۋەتتە.
ئەمدى مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يېرىگە كەلسەك، مەن ئۈرۈمچىدە بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان مەسىلىنىڭ زارى قەيەرنى كۆزۈپ بۇنداق ئېغىۋا تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.
ئايشەمخان ھەدە تەقۋا مۇسۇلمان بولسا چوقۇم دۇكانغا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاپ ئاندىن كىرگۈزىدۇ ئەلۋەتتە. (ئەمما ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر كارخانىسى تەمىنلىگەن بولسىلا چوقۇم ئىشەنچىلىك مەھسۇلات بولۇشى ناتايىن بۇ ھەممىمىزگە ئايان ئىشلار ....)
مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي ....
بۇنداق سۆز - چۆچەكلەر بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ چاغلاردا مەن توردىن نۇرغۇن مۇشۇ تورت پىشۇرۇش توغرىلىق ماتېرىياللارنى ئىزلاپ تېپىپ تېگىشلىك جاۋابقىمۇ ئېرىشكەن ئىدىم.
مەن ئېرىشكەن جاۋابلار ئىچىدە بازاردا سېتىلىۋاتقان بەزى تورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت سۈرتۈلگەن سۈزۈك مايسىمان، پۇراقسىز سۇيۇقلۇقنىڭ ھەقىقەتەن چوشقا مېيىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ ئىزاھات بېرىلگەن ئىكەن. ( بۇنى ئايال تورداشلار ئىنچىكىلىك بىلەن زەڭ سېلىپ قارىسىلا بىلىۋالالايدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سۇيۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ سۈزۈك، پۇراقسىز بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ ئاساسلىقى تورتنىڭ ئۈستى يۈزىگە سۈرتۈلگەندىن كېيىن، تورت يۈزىگە بىر قەۋەت ئاسراش پەردىسى ھاسىل قىلىپ تورتنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ھەم قېتىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رولى بار ئىكەن.
مەنچە بەزى كىشىلەر مۇشۇ ئاساستا ئايشەمخان ھەدىنىڭ ئۈستىدىن ئېغۋا تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر شىنجاڭدىكى بەزى كارخانىلار مۇشۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىرى ئارقىلىقمۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. (بۇنى مەن ئۆتكەن يىلى توردىن كۆرگەن ئىدىم، قايسى كارخانا ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ) مەنچە بولغاندا كىشىلەر ئاساسسىز ھالدا بىر ئادەمگە قارا چاپلىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە، دەلىل - ئىسپات بىلەن ئاندىن بىر ئادەمدىن ئاغرىنىش كېرەك. ئۆسەك سۆزلەرگە باشقا كىشىلەرنىڭ ئىشىنىپ كېتىشى توغرا ئىش ئەمەس ......
مەنىڭمۇ ئايشەمخان ھەدەمگە كىچىككىنە تەكلىپىم بار: بولسا سىزمۇ مۇشۇ ئىشتىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىپ (گەرچە سىز ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشەنسىڭىزمۇ) كىرگۈزۈۋاتقان خۇرۇچلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرۈپ كېلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىلا ئادەمدە ئارمان قالمايدۇ. (ئۇيغۇردىن سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ)
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 17:02 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 650 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 372 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قېرىندىشىم ياخشى تېما يوللاپتىكەنسىز،لېكىن ئىسلام تارىخىدىن خەۋەرسىزكەنسىز.بۇنداق بولغاندا كىشىگە ئاسانلا ئەكىس تەسىر بېرىپ قويىدۇ.ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بارلىق دۇنياۋى ۋە ئىلاھىي ئىشلار پەيغەمبەرنىڭ تەسەررۇپىدا بولغان.پەيغەمبەر كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سايلام بويىچە خەلپە بولغان ۋە قانۇنلۇق 4خەلىپە ئوتكەن.خەلپىلىك ئەبۇ سوفياندىن تارتىپ ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان بولغان.
پىتنىخورلۇق يامان ئىللەت،لېكىن زەكىيە<<خانىم>>نىڭ شۇ قىلمىشى ئاقلانغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن كىشىگە.<<ئىشەك ئۆلىۋاتسا ........>>دىگەندەك بىر ئىش قىلغانتى ئۇ خانىم.
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 17:43 |
bahar=noruz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 148 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سالام ئىزتىراپ! سىزنىڭ دىگىنىڭىز توغرا مەن بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق بىكىتەلمىگەچكە خەلىپە دەپلا ئالدىم. بۇ ھەدىسنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە ۋە مەزمۇنىغا  تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-26 18:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/13     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە