ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇشۇ تېمىنى يازغان قېرىندىشىم .يازمىڭىزغا قايتا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ . پاكىت كام .دىنى ئىلىمنى قالايمىقان ئىشلەتكەن ،زىيادە ماختاش ۋە مەدىھلەش ئېغىر .مەن پۇتاق تېپىپ ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ياخشى مەقسىتىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دەۋاتىمەن .
سىزنىڭ بۇ يازمىنى يېزىش شەرتىڭىز توشامدۇ يوق؟سىزدە پاكىت بارمۇ ؟ياكى نۇقۇل مىللى ھېسيات ئۈچۈنلا يېزىۋاتامسىز ؟سىز مۇشۇ چولتا يېزىلغان تېمىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ جىق پىتنىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ھەمدە قارا قويۇق ماختاشلارغا سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتامسىز؟
مېنىڭچە بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىنى چوقۇم ئايشەم تورتخانىسى ئۆزى يېزىشى كىرەك .ھەرقانداق نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ .مېنىڭچە ئايشەم تورتخانىسى بار مەسىلىلەرنى ئاشكارە قىلىشى ھەمدە دادىللىق بىلەن تۈزىتىشكە يۈزلىنىشى كىرەك .ئايشەم تورتخانىسىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ ساخاۋەتلىك مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز .ھەرقانداق ئادەم خاتالىق سادىر قىلىپ قويىشى مۇمكىن .ئاللاھ تائالا ئەڭ كەچۈرگۈچى زاتتور .ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ چىن نىيىتىدىن قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ .شۇنداق ئىكەنكەن بىز بەندىلەر بىر قېرىندىشىمىزنى كۈچۈرمەسلىككە
ھەددىمىز يوقتور .
بىز بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئايشەم تورتخانىسىنى قوللايمىز . ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ياخشى تەرەپلىرىنى قىلىمىز.لېكىن بۇ ھالەتنىڭ
قايتا شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئايشەم تورتخانىسى ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتىشى كىرەك ساختىلىق ھامىنى ئاشكارىلىنىدۇ ۋە ساختىلىق پەيدا قىلغانلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەمەس ئەڭ يامىنى ئاللاھ ئالدىدا شەرمەندە بولىدۇ .شەرمەندە بولغۇچىلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ بۇ شەرمەندە سۈپىتىنى مىراس ئالىدىكەن . شۇڭا باتىللىقنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ئايشەم تورتخانىسى ئەمەلىي ھەركەتكە
كەلسە ياخشى بولۇر . ئاللاھ بەندىگە ھەقىقى تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەت بىرىدۇ .
بەلكىم بۇ ئىشلار ئايشەم تورتخانىسى خوجايىنلىرىغا بەرگەن پۇرسەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بولىشى مۇمكىن ئىنشائاللاھ .
ئەڭ ئاخىرقى تەكلىبىم بۇ تېمىنى قايتىدىن پاكىتلىق قىلىپ يېزىشنى تەكلىب بىرىمەن .پاكىتلىق تېما يېزىلغۇچە بۇ تېما ئۆچىرىلسە ياخشى . روزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاسىيەتلىك كۈنلىرىدە پىتنە پاساتلارغا شېرىك بولۇپ قالمايلى .
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-08-27 12:49قايتا تەھرىرلىدى ]