karamat sarkar xj 50
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 2302 قېتىم كۆرۈلدى
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 372 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قايغۇلۇق خەۋەر ھاياتنوپۇس مۇھەممەد ۋاپات بولدى



تونۇلغان ياش ئايال ئەدىب ، شائىر ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 2011- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا ئۇلۇغ رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت گۈلشەنىدە بولسۇن !


تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-27, 20:10
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-27 20:10 |
alnazar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 91
شۆھرەت: 460 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 275 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 275 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ جەننەتتىن ئورۇن ئاتا قىلغاي........


بىلمىدىم ،،كىمۇ بۇ؟  تەرجىمھالى يوقمۇ ؟
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:21 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 218
شۆھرەت: 1235 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1235 سوم
تۆھپە: 713 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 713 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 238(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش بولۇپتۇ، مەن بۇ شائىرەنىڭ شىئېرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. ئۇلۇغ ئاي -ئۇلۇغ كۈنلەرنى نىسىپ قىپتۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:23 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 372 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

         ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 1976-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى 9-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ مەكتەپتە ئۇ ئۇدا ئۈچ يىل «ئەلاچى ئوقۇغۇچى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرى»، «مۇنەۋۋەر قىزلار ھەيئىتى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپ پارتكومى ۋە مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى. ئۇ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىپ ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي پەن كەسپى بويىچە ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى بىلەن تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس دىپلومىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ ئوقۇش پۈتكۈزدى. ئۇنىڭ قىسقىغىنە ئۈچ يىللىق ئوقۇش تارىخىدا قانداق ئوقۇغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە بىلىپ تۇرۇۋاتقان ئانا مەكتىپى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكىلەر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا قايتا-قايتا ئىلتىماس يېزىش ئارقىلىق، ھاياتنوپۇسنى ئۆزى ئوقۇغان مۇشۇ مەكتەپكە تەقسىم قىلدۇرۇپ ئېلىپ قالدى.
     1994-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا، ھاياتنوپۇس ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك، مۇقەددەس كەسپكە چوڭقۇر ئەقىدە-ئىشتىياق باغلاپ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىدى ھەمدە ناھىيە بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتۇش ماھىرى»، «مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى»، «8-مارت قىزىلبايراقدارى» بولۇپ باھالىنىپ، تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. <
     ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئىككى يىل شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، ھاياتنوپۇسنىڭ ئەدەبىيات ئاساسىي بىلىمى، ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ئۈزلۈكسىز موللىشىپلا قالماي، 1992-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن بۇ قىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى تالانتىمۇ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى. «يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «كىروران»، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق ژۇرناللاردا 260 پارچىغا يېقىن ماقالىسى ۋە شېئىرى ئېلان قىلىندى. ">مەخسۇس خانىم-قىزلار توغرىسىدا يېزىلغان «قىز-ئاياللارغا مەسلىھەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى باشلامچىغا ئايلاندى.
       ھاياتنوپۇس ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىگە تايىنىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى بىرقانچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تەشكىللەش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ جەرياندا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇنى تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلاردا بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلدى. ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجىدە تاماملاپ، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان ھاياتنوپۇس مۇھەممەد ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ يۆتكىلىپ كېلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئانا يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش نىيىتىدە، 1999-يىلى 9-ئايدا ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئالىي مەكتەپتىكى ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ھاياتى ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە ئۇنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇردى. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، 80 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى، 3000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار بولغان بۇ چوڭ يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىتتىپاق شۇجىلىق خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى ۋە خىزمەتتتىكى جانلىقلىقىغا قاراپ، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكىنىڭ كاتىباتلىق خىزمىتىنى ۋە قىز-ئاياللار خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىمۇ ئىزچىل تۈردە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلارغا دەرس بېرىپ، تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ناھىيە بويىچە يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشىغا زور كۈچ چىقاردى. ناھىيە بويىچە بىرقانچە قېتىم «ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ماھىرى» بولۇپ باھالاندى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان مەزگىللەردە، ئۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە 30 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە قانداق تەتبىقلاش، بىر ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاق ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا ھەققىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا مول مەزمۇنلۇق تەربىيە ئېلىپ باردى. ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەكلىپى بويىچە مائارىپ تەرەققىياتى ۋە مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2003-يىلى ئۇنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىگە يۆتكىدى. بۇ، دەل «ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات پروگراممىسى» يولغا قويۇلغان مەزگىل بولۇپ، ئۇ مۇشۇ خىزمەتكە دائىر نۇرغۇن كونكرېت ئىشلارنى قىلدى. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى قىزلار، ئاياللار خىزمىتى مەسئۇللىرىغا « ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسى»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
         2004-يىلى ۋىلايەت بويىچە ئېلىنغان يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوخشىماسلىقى، پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئېنىق ئايرىلماسلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر يىلدا ئىككىدىن تۆتكىچە ئىجتىمائىي پەن دەرسىنى ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ پەنلەرنىڭ ئىچىدە «يېزىقچىلىق» دەرسىمۇ، «گۇمانىتار ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئاساس» دەرسىمۇ، « تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» دەرسىمۇ ۋە تۈرلۈك قانۇن پەنلىرى دەرسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈشكە، بىرتەرەپتىن ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى قىلچىمۇ توختىتىپ قويمىدى.
      2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «رەڭدار كۆلەڭگە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش قانىلىنىڭ «تەڭرىتاغ گۈلزارى» پىروگراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىندى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش قانىلىنىڭ «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پىروگراممسى ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق ساداسى»، «ئاياللار ۋە جەمئىيەت»، «ئەخلاق گۈلىستانى» قاتارلىق پىروگراممىلار كەينى-كەينىدىن بىرقانچە تېمىدا ئۇنى زىيارەت قىلدى ۋە تونۇشتۇردى. ئارقىدىنلا شىنجاڭ تېلېگراف شىركىتى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كەڭ ئابونتلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنى نەقمەيدان زىيارىتىگە ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپ قىلدى.
       خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «خوتەن كۈيى»، «ئاياللار ۋە جەمئىيەت»، «ئەخلاق باغچىسى» قاتارلىق تۈرلۈك پىروگرامملىرى ئۇنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى، تونۇشتۇردى، تۈرلۈك تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەكلىپى بىلەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەتتە ناھىيە، بىر شەھىرىدە، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردا ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا نۇرغۇن قېتىم تۈرلۈك مەزمۇنلاردا ئىلمىي لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاچقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانتلارغا «ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لايىھەلەش»، «ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» قاتارلىق دەرسلەرنى ناھايىتى جانلىق ئۆتۈپ، كۇرسانتلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 6-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە سىستېمىلىق بىلىم ئاشۇردى.
      <تالانتلىق شائىرە، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ يەنە «ئىپپەت ئارىلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن خانىم-قىزلار ھەققىدە يېزىلغان«ئايالدەك ياشاش ئەڭ زور غەلىبەڭ» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
      1996-يىلى ئۇنىڭ «كىمنىڭ ئەقلى قىسقا»، «رەڭدار سوراق ۋە بىز» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى ئويلايلى» ناملىق ماقالىسى «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى «مەدەنىيلىكنى چۈشىنەيلى» ناملىق ماقالىسى ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «شېئىردىكى گۈزەللىك» ناملىق يېڭىچە ۋە ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى يوشۇرۇن گۈزەللىك ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاقيول مۇكاپاتى»غا، 2006-يىلى «بىز دۇنيانى قانداق تەۋرەتتۇق» ۋە « ئانا، مېنى باغرىڭغا باس» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئانىلار، ئاياللار ۋە دۇنيا» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
        ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:27 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 258 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 258 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ،ياخشىلارنى قېشىمغا بالدۇرراق كەلسۇن ،دەپ بالدۇرلا ئېلىپ كېتەمىش  . رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى بېھىش بولغاي ! ئامىن  .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:28 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 372 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھاياتنوپۇس شېئىرلىرىدىن



جاۋاب

ئاھ،مىنى چىللىما ئازابلىرىڭغا،
ئەقىدەڭ ھەم مىنى قالمىسۇن تونۇپ.
تونۇغۇم يوق سىنى،ئۇنتۇپ كەت ئاستا،
قالمىسۇن ئارامىم ساڭا تۇتۇلۇپ.

بەلكىم سەن ئەزەلدىن ئاشىقسەن ماڭا،
تۇنجى ۋە ئاداققى كۆرۈشمەستىنلا.
كەلگەنسەن تىمتاسلا قەلبىڭگە سىڭىپ،
ئۈمىدلەر توزىغان باھاردەك گويا.

بەلكىم سەن مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمدۇر...
تەنھالىق بوپ ياغقان يېشىل قار كەبى.
ھەممىدىن خوشلاشسام،كەچۈر،قايتىدىن،
ئۆزۈمگە ئىرىشىپ قالۇرمەن بەلكى.


1996-يىل.دىكابىر.


چۈنكى،مەن ھايات

تىرەن ئازاب سەرسانلىقىدا،
شۇنچە مەغرۇر يىتىمسىرىشىم.
ئېھ،ئارماندا چاراسلاپ كۆيۈش،
يالقۇن بولدى ھامان كۆز يېشىم.

ئوماققىنە تىنىچسىزلىقتا،
قەدىردانسەن ئىزگۈ بۈگۈنۈم.
تاللىۋالدىڭ چۈچۈمەل بەخت،
ئىلكىمدىكى بىرتەنھا ئۆزۈم.

روھىم سىڭگەن چەكسىزلىكلەردە،
ئەسىرلەردىن ھالقىيدۇ قىسمەت.
ئۆزئەسلىگە سادىق قۇدرەتتە،
ۋۇجۇدۇمدىن تۇغۇلار كۈنۈم.

ھېسلارئارا شىۋىرلاشلاردەك.
ئوخشاپ قالسام تىلسىز ناخشىغا.
ئەقىدەمنى سىرغىتىپ رەڭدار،
تىمتاسلىقتىن ئوخچار ئۆز ئۈنۈم.

ھىجرانلاردا يۇيۇنسام ئەگەر،
سۈكۈتلەرگە كەتسەم تۇتىشىپ.
ئۆكسىمىگىن تەنھا يۈرىگىم!
ئاھ،شەكىلسىز چاقناشلىرىڭدا.

كۈت،يۇلتۇزۇڭ بولغىچە زاھىر،
پاك ھەسرەتتە شاۋقۇنلاپ كىرىپ.
مەن ئەنتىمنى ئالىمەن ،ئاخىر!
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:33 |
edirhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 342 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 342 سوم
تۆھپە: 196 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 199 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    مەرھۇمنىڭ قازاسى ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە چوڭ يوقىتىش بوپتۇ... بىزدە بۇنداق بىلىم شەيدالىرى، تارقاتقۇچىلىرى ئاز ئىدى... ئەلۋىدا مۇئەللىم!... ئۇلۇغ ئاللاھ ئاخىرەتلىكىڭىزنى ئاسان قىلسۇن! جەننەتتىن ئورۇن بېرىشكە نىسىب قىلسۇن!
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 20:53 |
sarsan88
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 186
شۆھرەت: 945 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 945 سوم
تۆھپە: 564 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 564 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياش كېتىپ قاپتۇ  .
مەڭگۈتاشنىڭ 40ياش 400 مىڭ يۈەن ،ئۆلۈم  دىگەن تېمىسى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ ،
ئاللا بىلىپ -بلمەي قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرگەي  ، ئامىن :
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 21:00 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 480
شۆھرەت: 2455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2456 سوم
تۆھپە: 1463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1463 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 983(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت گۈلشەنىدە بولسۇن !  
   ماڭا  ئاپتورنىڭ « قىزلىق  دوقمۇشىدىن  ئانىلىق  سەپىرىگىچە »  دىگەن  قايناق  ئىنچىكە  نەزەرى  بىلەن  كۈزىتىلىپ  ،  مەردانە  ئاۋاز  بىلەن  دادىل  ئوتتۇرىغا  قويۇلغان  تېرەن  پىكىرلىك  ماقالىلار  توپلىمى  يادىكار  بولۇپ  قالدى  .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 21:17 |
delnazi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1126
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 82 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 82 سوم
تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !
      
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 21:26 |
t-bag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 989
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 285 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 165 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 165 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !  
نىمە سەۋەبتىن ۋاپات بوپتۇ؟  مۇشۇ ئا مۇشۇ كۈنلەدە ياش ئۆلۈپ كېتىدىغانلار جىقلاپ كېتىۋاتىدۇ دېسە؟ ئۆتكەندە بىزنىڭمۇ بىر ياش تۇققىنىمىز تۈگەپ كېتىپ قالدى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-27 21:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » خەۋەر ئۇچۇرلار