karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 687 قېتىم كۆرۈلدى
hawar
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 897 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 885 سوم
تۆھپە: 455 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 475 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1041(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خەلىپە ، ئەمىر ، سۇلتان، شەيخ سۆزلىرى ھەققىدە

« خەلىپە ، ئەمىر ، سۇلتان، شەيخ »
سۆزلىرى ھەققىدە يۈزەكى مۇھاكىمە
مۇھەممەت يۈسۈپ


        ‹ خەلىپە ، ئەمىر ، سۇلتان ، شەيخ › (  哈利法,艾米尔,苏丹,谢赫- 酋长) دېگەن دىنىي ، مەنسەپ ، ئەمەل ناملىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىغا ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىنىپ ، ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىنماقتا ، شۇنىڭدەك بۇ سۆزلەر ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، نېمىسچە ، خەنزۇچە قاتارلىق ب د ت خىزمەت تىللىرىدىمۇ ئەسلىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ ، شۇ بويىچە قوللىنىلماقتا . مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى گېزىت-ژۇرناللاردا نامۇۋاپىق قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا ئاساسەن ، ئۇلارنىڭ مەنىسى ۋە ئىستېمال ئورنى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم .

       خەلىپە --- ئەرەبچىدىن ئۆزلەشكەن . بۇ سۆزنىڭ ئومۇمەن مۇنداق ئىككى خىل مەنىسى بار : 1)ئىسلام دىنىدا دىننى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقۇچى داھىي ، يېتەكچى . 2) ئادەتتىكىچە نام مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . ئىسلام دىندىكى نام – ئابرويلۇق زاتلارنىڭ ،مۆتىۋەر، ئۆلىمالارنىڭ ياكى مەلۇم ئورۇنغا ئىگە بولغان ئەربابلارنىڭ ھۆرمەت نامى .
          ئىسلام ۋە ئەرەب تارىخىي مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا ، خەلىپە – مۇسۇلمان فېئودال ئالىي ھۆكۈمراننىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان روھانىي شەخس ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈپ كەلدى ۋە مۇسۇلمان فېئودال مەملىكەتلەردە ئالىي ھاكىمىيەت خەلىپە ( روھانىيلار ) قولىدا بولغان دۆلەت تۈزۈمى -- « خەلىپلىك » ( خەلىپىلىك دۆلەت  哈利法国家) » دەپمۇ ئاتالغانىدى. مەسىلەن ، ئەرەب خەلىپىلىكى ، باغداد خەلىپىلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا خانلىقى دەۋرلىرىدە شەرىئەت ئەقىدىلىرىنىڭ بېجىرىلىشىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى مەنسىپىدىكى شەخسلەرمۇ « خەلىپە » دېيىلگەنىدى .
          بۇلاردىن باشقا  بۇ سۆز خەلىپىنىڭ مەنسىپى ۋە ئۇنۋانىنى ھەمدە كەسىپ نامىنىمۇ بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن ، ئوسمان خەلپەم ئون يىل خەلىپىلىك قىلدى.

          ئەمىر – ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، ئەمىرلىك تۈزۈمىدىكى دۆلەت باشلىقى  ۋە ھەج ئۆمەك باشلىقى ، شاھزادە ، داھىي، رەئىس ، يېتەكچى ،باشلىق ، قوماندان ، قەبىلە شەيخى، شەيخ دېگەندەك  ھەرخىل مەنىلەرگە ئىگە . ئادەتتە كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل نامىنى كۆرسىتىدۇ . ئەرەب تارىخىدىن ئېيتقاندا ، 2- خەلىپە ئۆمەر ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى ( ئەمىر ئەل مۆمىنىن ) دەپ ئاتىغانىدى. ئابباس خانىدانلىقىدا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرىمۇ مۇشۇ نامنى قوللانغانىدى . XIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللار باغدادنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرقتىكى بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۆزلىرىنى « ئەمىر » دەپ ئاتاشقانىدى . ھازىر ماراكەش پادىشاھى ئۆزىنى يەنىلا « مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى » دەپ  ئاتىماقتا . يەنە كۇۋەيت ، قاتار، بەھرەيىن قاتارلىق قىسمەن ئەرەب مەملىكەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىمۇ « ئەمىر» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ، بەھرەيىندە دۆلەت باشلىقى « ئەمىر » دەپ ئاتىلىپ ، خەلىپە ئائىلە جەمەتىدىن مىراس قالىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي ،ئىقتىسادىي ، ھەربىي چوڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ . « ئەمىر » نىڭ بۇلاردىن باشقا مەنىلىرىمۇ كۆپ .سودا نەشرىياتى 1965-يىل نەشىر قىلغان « ئەرەبچە – خەنزۇچە لۇغەت » تە ئۇنىڭغا : « ھوقۇق تۇتقۇچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى، باشلامچى ، ھۆكۈمران ، كۈچ، تەسىر ئىگىسى، بۇيرۇق، بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى، قوماندانلىق قىلغۇچى، قەبىلە باشلىقى ، دۆلەتنىڭ ، دۆلەتلىك ، ھۆكۈمەتنىڭ ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ، لەشكەر باشلىقى، قوشۇن باشلىقى ، سەركەردار » دېگەنگە ئوخشاش كۆپ خىل مەنىلەر بېرىلگەن . « ئەمىرلىك » بولسا « ئەمىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى فېئودال مەملىكەت » نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ، بۇخارا ئەمىرلىكى . دېمەك ئەمىر – ھازىر قىسمەن مۇسۇلمان مەملىكەتلەردىكى ئەڭ يۇقىرى دىنىي – مەمۇرىي ھوقۇقدارنى ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى ئىستېمال قىلغان ئورۇن ۋە مەزمۇنىغا قاراپ جانلىق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
          ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكلىرى – ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەبۇزەبى قاتارلىق يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلىشىشى بىلەن 1971- يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە ئەمىرلىكلەر دۆلىتى بولۇپ ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نامى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت – ژۇرناللار ۋە ئالاقىدار لۇغەتلەردىمۇ بىردەك « ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى » دەپ قوللىنىلماقتا. مېنىڭچە ، « ئەمىر ، ئەمىرلىك » بىلەن « خەلىپە ، خەلىپىلىك » نىڭ مەنە پەرقى چوڭ . « خەلىپە » ۋە « خەلىپىلىك » دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس . ھالبۇكى ، بۇ دۆلەتنىڭ نامى ئەرەبچىنىڭ ئۆزىدىمۇ « ئەمىرلىك » دەپ ئاتىلىدۇ . ئەرەبچە نامىنىڭ ( ئەمىرات ئەلئەرەبىيەھ ئەلمۇتتە بىدەھ ) لاتىنچە تەلەپپۇز قىلىنىشى ( imaratal arabiah aimutta bidah ) – دىكى imararat دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان « ئەمىرلىك » دېگەننىڭ دەل ئۆزىگە توغرا كېلىدۇ . بۇ سۆز قېرىنداش تىل- ئۆزبېك ۋە تۈرك تىللىرىدىمۇ « ئەمىرلىك » دەپ ئېلىنغان . خەلقئارا ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، نېمىسچە قاتارلىق ئاساسىي تىللاردىمۇ « ئەمىرلىك » ( Emirates’ Emirats Emrate ) دەپ ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ ، خەلقئارا ئورتاق سۆزگە ئايلانغان .


         سۇلتان دېگەن سۆزمۇ ئەرەبچە بولۇپ، ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، ئىسپانچە ، خەنزۇچە قاتارلىق چوڭ تىللارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاھاڭ بويىچە قوبۇل قىلىنىپ ، خەلقئارا ئورتاق سۆز بولۇپ قوللىنىلماقتا. ئەسلىدە غازناھ Gtaznah  خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى مەھمۇت ( 1030-998-يىللار ) سۇلتان دەپ ئاتالغان ۋە بۇ سۆزنى « دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانى » دېگەن مەنە نام بىلەن قوللىنىشقا باشلاپ ، خەلىپە بۇ ئۇنۋاننى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىمپېرىيىگە قاراشلىق ھەرقايسى جايلاردىكى خانلارغا بەرگەن . بۇ نام مۇسۇلمان ئەللەردە كەڭ قوللىنىلدى ھەم بەزى شەرق مەملىكەتلىرىدە ئەمىر ، خان ، شاھلارنىڭ ئالىي مەنسەپ ئۇنۋانى بولۇپ كەلدى . تۈركلەر XII ئەسىردىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇردى ۋە ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانىنى « سۇلتان » دەپ ئاتىدى . سۇلتان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت تۈزۈمدىكى مەملىكەتلەر « سۇلتانلىق ( 苏丹国، ئىنگلىزچە sultanat ) » دەپ ئاتالدى. بۇنىڭدىن باشقا ، مۇسۇلمانلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسىدە سۇلتاننى كىشى ئىسمى قىلىپ قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن . يەنە كۆچمە مەنىدە كىشىلەر ياكى بىر خىل نەرسە ، شەيئىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقىسى ، ئەڭ ئېسىلى ، شاھ دېگەندەك مەنىلەرنىمۇ بېرىدۇ . مەسىلەن ، كىشىنىڭ شەھىرىدە سۇلتان بولغىچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول .
           ھازىر ئوممان ۋە برونى قاتارلىق قىسمەن مۇسۇلمان مەملىكەتلەر يەنىلا سۇلتانلىق تۈزۈمىدە بولۇپ ، دۆلەت باشلىقى « سۇلتان » دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ . مەسىلەن ، ئوممان سۇلتانلىقىنىڭ دۆلەت باشلىقى – سۇلتان قابۇس بىن سەيىد --- 阿曼苏丹国国家无首是苏丹卡巴斯。本。塞义德 ---( سەيىد ئوغلى سۇلتان قابۇس )


       شەيخ -- « ئەرەبچە – خەنزۇچە لۇغەت » ۋە « خەنزۇچە -  ئەرەبچە لۇغەت » لەردە « قەبىلە باشلىقى ، قەبىلە باشلىقىنىڭ ھۆرمەت نامى ، شەيخ قەبىلىسى ، شەيخ ، ئەمىر » دېگەن مەنىلەرگە ئىگە دەپ ئىزاھلانغان ( « خەنزۇچە – فرانسۇزچە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان سۆزلۈك » دە ئۇدۇل بىرلا سۆز – ئەمىر دەپلا ئىزاھلانغان )
شەيخ ( sheikh- 谢赫) ئادەم ئىسمى بولۇپ كەلگەندە ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن ئېلىنغاندىن باشقا ، ئىسلام دىنىدا مۇئەييەن مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ ، مەلۇم ئورۇنغا ، نام – ئابرويغا ئىگە بولغان شەخسلەرنىڭ ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ، ئۆلىمالارمۇ « شەيخ » دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىر بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ۋە رايونلىرىدا ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمەت نامى بولماقتا. ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ئەرەب قەبىلە باشلىقلىرىمۇ « شەيخ » دەپ ئاتالغانىدى.
         « 酋长» نىڭ شەيخ ، ئەمىر دېگەنمۇ مەنىلىرى بولغانىكەن ، كونكرېت ئورۇن ۋە مەزمۇنغا قاراپ ، بەزىدە « ئەمىر » ياكى « شەيخ » دەپ ۋە « 酋长国» نى بولسا مۇناسىپ ھالدا « ئەمىرلىك » دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، نېمىسچە قاتارلىق خەلقئارا چوڭ تىللاردىمۇ « ئەمىرلىك » دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا ، شۇڭا « خەلىپىلىك » دېمەي « ئەمىرلىك » دېيىش مۇۋاپىق .
دېمەك ، يۇقىرىقى خەلىپە قاتارلىق تۆت سۆزنى مەنە جەھەتتىن بىر – بىرىدىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ۋە جۈملىدىكى كونكرېت مەزمۇنغا قاراپ جانلىق ، مۇۋاپىق توغرا قوللىنىش لازىم .


مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ 


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-28 11:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى