ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى taratiدە2011-09-21 07:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىزتىراپ: ئۈچ ئايدا خېلى قېيىپ كەتكۈدەكسىز جۇمۇ. سىز بەرىبىر ئەمدى تەبئىي پەنچى بولالمايسىز. ئادەمنىڭ روھى تويماي تۇرۇپ باشقا نەرسىلەر بىكار جۇمۇ.
ئۆتكەندە كۆكتۈرۈكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانتىم. بىرەر لىكسىيە، بىرەر نۇتۇق بىر ئادەمنىڭ كۆز قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلىسە، بۇنىڭ 3 يىلدىن كىيىنكى ئۈنۈمىگە قارىسا بولىدۇ.
سالام تاراتى،سىزگە نامەلۇم بولسا كېرەك،مەن ئەسلىمۇ تەبىئىي پەنچى.خىميە كەسپىنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۇتتۇرگەن.ئۆزەم خىميە ئوقۇتقۇچىسى.ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيتىگە بولغان قىزىقىشىمنىڭ ئۆز كەسپىمگە بولغان قىزىقىشىمدىن ئارتۇقلىقى راست،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن تەبىئىي پەندىكى تەربىيلىنشىمنى تاشلاپ قويغۇنۇم يوق.داۋاملىق ئىزدىنۋاتىمەن.
يەنە كىلىپ مەنمۇ بىلىمەن،تەبىئىي پەن ھەممىنى ھەل قىلغۇچى ۋاستە ئەمەس.بولۇپمۇ دىيارىمىزدا ئۇ نىسپىيلىككە ئىگە ۋاستىلەرنىڭ بىرىدۇر.
كۆپ سۆزلەش نە ھاجەت سىز ۋە باشقا تورداشلار كۆپچىلىكى زامانغا نىسبەتەن توغرا تەپەككۇر قارىشىغا ئىگە ئويغاق كىشىلەردىنسىزلەر،مەن پەقەت بىر ئەدىبنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قايتىلاپ كېتەي<<سايراپ بىرەر تۇمۇچۇق،لاچىن سوقار توشقاننى>>.
يەنە كىلىپ تورداشلارغا مەلۇم بولسۇنكى،مەن ياپۇنلارنىڭمۇ،يەھۇدىيلارنىڭمۇ تەرەپدارى ئەمەس.پەقەتلا مىللەتنىڭ چىقىش يولى ئۇستىدە ئىزتىراپلىق شىپاسىز خىياللارنى سۇرۇپ يۇرگۇچى بىر ساياقمەن.