تذغلذق
ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى
QQ دا باغ ياسىۋالىدىكەن ،خۇددى بىز كىچىك چاغلىرىمىز دا دالىدا ئۆيلەلە ئويناپ،ئۆزىمىزنىڭ بالىلىق دۇنياسىنى ياراتقاندەك ...
بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىدىن كۈزەتكەندە بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.يېقىندىن بۇيان مەن بالامنىڭ QQ بېغىغا زەن سېلىپ كىلىۋاتىمەن.
بالامنىڭ QQ بېغى ماڭا بالامنىڭ خاراكتىرىنى،ئۇنىڭ ئىندۇۋىندىئاللىقدىكى نۇقسانلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى.مەن بۇ ئارقىلىق بالامنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم.
1.بالامنىڭ ئۆزلۈكىگە باھا.
ئىنساننىڭ ئەسلى ئۆزلۈكى ئەرك سۆ يەر كىلىدۇ.بالاممۇ بۇخىل روھتىىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن.ئەلۋەتتە،بۇخىل ھالەتنى بالام چەكسىز يايلاق ۋە چاپچىپ تۇرغان نۇرغۇن تايچاقلار بىلەن ئىپادە قىلغان.دىمەك بالامنىڭ ئۆزلۈكىدە غەيرەت- شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،بالام جاسارەت بىلەن ئەركىن ياشاشنى ياقتۇرىدۇ.بىراق بالامنىڭ QQبېغىدا بىر بۆرە ئىت بار،مانا بۇ بالامنىڭ پىسخىكىسىدا تەشۋىشلىكنىڭ بارلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.ئەسلىدە بالام قورقۇپ كەتكەن ياكى بىخەتەرلىك ئېتىياجى قانمىغان بولۇشى مۈمكىن.مانا بۇ رىيال ئېھتىياجنى بۆرە ئىت ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.شۇڭا مەن بالامنى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىم كىرەك .بولمىسا بالام باشقىلارغا ئاسان ئىشەنمەيدىغان ،يۈرەكلىك ئىش قىلالمايدىغان،يۆلەنچۈك ئىزلەيدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ.ئەمىليەتتىمۇ بالامدا يىنىك تەشۋىشلىك بار ئىدى،بۇخىل ھالەتنى <<دۇمباق چېلىپ جىن قوغلاش>>ئارقىلىق داۋالىغان ئىدىم.بۇ مەسلە ماڭا بالامنىڭ ئۆزلۈك تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاشنىڭ زۆرۆرلىكىنى قايتا تونۇتتى.
بالامنىڭ قېنى 0تىپ بولۇپ،ئەسلى ئۆزلۈكى بوۋىسىغا ئوخشايدىكەن.
2.بالامنىڭ ئىندۇۋىندئاللىقدىكى ئالاھىدىلىك.
(1)ئېھتىياج جەھەتتە: بالام بىخەتەرلىكنى تەقەززا قىلىدۇ.چەكلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
(2)مۇدداجەھەتتە: ئۆزىنىڭ بەختى،مۇھەببىتى،ئەركى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ.باشقىلارنىڭ كۈچىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
(3)قىززىقىش جەھەتتە:گۈزەللىك،چىنلىق،ياخشىلىق ئۈچۈن پىكىر قىلىدۇ ۋە ئىنتىلىدۇ.
3.بالامنىڭ كىلەچەكتىكى خاركتىرى ۋە ئىقتىدارى.
ئۆزلۈك سۆيگۈسى بار،مەسئۇلىيەتچان،كەسكىن،پائالىيەتچان ئادەم بولۇدۇ.باشقىلارنىڭ مەسلەھەتىگە مۈمكىن قەدەر كىرمەيدۇ. مۇھەببەت- نەپرىتىنى ئوچۇق ئاشكارە قىلىدۇ.
مەسلىلەرنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.ھاياتتىن ھوزۇر ئېلىشنى قوغلىشىدۇ.
4. مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم.
ئىنسان روھ بىلەن ياشايدۇ.شۇڭا بالىلاردا ساغلام روھ بولۇشى كىرەك.ئەلبەتتە بالىلار بىزنىڭ كىلەچىگىمىز،شۇڭا بالىلارنىڭ ساغلاملىغى ئەتمىزنىڭ نۇرانە ئاساسى.بۇ نۇختىدا مەن بالامنى كىلەچەككە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش جەھەتتە باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەتكە،مەجبۇرىيەتكە ۋە جاۋاپكارلىققا ئىگە.مەن چوقۇم كىلەچەكنىڭ يۈزىگە قاراشقا جۈرئەت قىلىشىم كىرەك!.
(1)بالامنى مۈمكىن قەدەر ئوينۇتۇش ئارقىلىق ئويۇنغا قاندۇرۇپ،پىسىخىك ئىقتىدار قۇرلۇشىنى كۈچەيتىمەن.
(2) ئەمىلى ۋە ئەقلى مەزمومۇنلار بىلەن تەپەككۈر ،تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ،پەلسەپىۋى پىكىر قابىليىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.
(3) تۈرلۈك مۇناسىۋەت ھالقىلىرىغا قەستەن كىرگۈزۈپ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قابىليىتىنى تىرىشىپ يىتىلدۈرۈپ،مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمەن،
(4) تىل قابىليىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇچۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ،كەلگۈسى پائالىيەت بوشلۇغىنى كېڭەيتىپ،ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن چەكلىمىنى مۈمكىن قەدەر يوقىتىمەن.
5. بالىلارنىڭ QQ بېغىىدىكى سىمۋول ۋە ئۇنى چۈشىنىش
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەدىنيىتىنى ئارقا كۆرنۈش قىلغان ئىچكى ئېڭى بولۇدۇ.مانا بۇ يوشۇرۇن ئاڭدۇر.ئاڭ ئۆزىنى ھامان مەلۇم ئوبىكتىپ ۋاستە بىلەن سىمۋوللۇق رەۋىشتە ئىپادە قىلىدۇ.ئەمىليەتتە مانا بۇ سىمۋولولۇق ۋاستىلەرنى بىلىش قەلبتىن ئىبارەت چەكسىز ئالەمدىن كىلىۋاتقان روهنى ۋە ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن ئۇچۇرنى بىلىش - تونۇش مەسىلسى بولۇپ،يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن سۆزلەشكەنگە باراۋەر.مەسلەن ئالساق:ئۇيغۇرلاردا يۇلتۇزنى روھقا سىمۋول قىلىدۇ.شۇڭا پالانچىنىڭ يۇلتۇزى چۈشۇپتۇ ياكى يۇلتۇزى ئىگىزكەن دىيىلىدۇ.ئوخشاشلا بالىلارنىڭ QQ بېغىىدىكى سىمۋول ۋە ئۇنى چۈشىنىشمۇ ئەمىليەتتە ،يوشۇرۇن ئاڭنى قېزىش، روھنى چۈشىنىش مەسىلسىدىن ئىبارەت.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك نەمۇنىلىرى بولغان<<ئېرىق پۈتۈك>>ۋە <<ئوغۇز نامە>> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان چېغىمىزدا ،مەزكۇر تېمىنىڭ مۇكەممەل پەن سۈپىتىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولغانلىغىنى كۆرەلەيمىز.
داۋامى يېزىلىدۇ
[ بۇ يازمىنىtuglukدە2011-09-14 04:06قايتا تەھرىرلىد ]