turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 600 قېتىم كۆرۈلدى
e-fan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بازارغا سېلىندى

بىلكان شىركىتى نامىدىن بارلىق تورداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز!

بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدىكى مول كەسىپ تەجىربىسىگە ئىگە يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ۋە ئېلىكتىرون ئىنژىنىرلىرى، ياش كارخانىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى قوشۇمچە قىلغان ئېلىكترون، يۇمشاق دېتال شىركىتى.
شىركەت يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال تەتقىق قىلىش؛ مەخسۇس يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكىلىق مەسلەھەت بىرىش، تور مۇلازىمېتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بىلكان شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بىلكان پەد روزى ھېيىت كۈنى رەسمى بازارغا سېلىندى.

بىلكان پەد بولسا شىركىتىمىز ھازىرقى ئېلېكتىرون بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل داڭلىق پەدلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش ھەم كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، دىيارىمىزدا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا، مەھسۇلاتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى نۆۋەتتىكى بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلىگەن، مەشغۇلات سىستېمىسىنى Google Android مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچىنى يادرولۇق قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھالەتتە ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، يۇقۇرى سەپلىمىلىك قاتتىق دېتال مۇھىتى ۋە ئىلغار يۇمشاق دېتال سىستېمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات.

قاتتېق دېتال جەھەتتىكى ئاساسى سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە:
1.        SAMSUNG مىكرو كونتروللىغۇچ  ئىشلىتىلگەن. خىزمەت تېزلىكى GHz1 دىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ۋەزىپە ئورۇنداش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك. ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) گىرافىكلارنى قوللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.
2.          MB512 ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن. مەشغۇلاتنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. GB 16 لىق ئىچكى سىغىم بار. ساقلىغۇچ ئۆزىكىگە iNand Flash  ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىش دەۋرى ۋە مۇقىملىقى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان. سىرتتىن GB 32 لىق ساقلىغۇچ كارتىسى قوللايدۇ.
3.        8 دىيۇملۇق 768×1024 ئېنىقلىقتىكى، كوندېنساتورلۇق، كۆپ نۇقتا سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن.
4.        ئىشلىتىش قولاي، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە ھەممە ئادەمنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
5. USB ، HDMI ئېغىزلىرى تەمىنلەنگەن. بارماق دىسكا، ياندىسكىلارنى خالىغانچە چېتىپ ئىشلىتىشكە، HDMI ئېغىزى بولغان تېلېۋىزورغا چېتىپ مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. كۆكچىش، سىمسىز تور (WiFi)، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS)، 3G  تورى ئۆزىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئۆزەكلەر تەمىنلەنگەن. 
يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1.        ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يادرولۇق قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. مەشغۇلات يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەم كۆپ خىل تىل-يېزىقنى ئورتاق قوللايدۇ.
2.        يۈز مىڭلىغان ھەقسىز پىروگراممىلارنىڭ سەھنىسى بولغان گۇگىل يۇمشاق دېتال بازىرىدىن تۈرلۈك قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار، ئۆگىنىش دېتاللىرى، ئويۇن قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
3.        مەھسۇلاتقا كارتون ئېلىپبە، ئاۋازلىق كىتاب، مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى تەربىيەلەش يۈرۈشلۈك قوللانمىلىرى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش تىپىدىكى دېتاللار، ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ قاتارلىق ئۆگىنىش تىپىدىكى دېتاللار تەمىنلەنگەن.
4.        مەخسۇس ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بازىرى بار. خالىغاندا كىرىپ يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ چۈشۈرۈشكە، يېڭىلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرى ئۆز نەتىجىلىرىنى تارقىتىشقا، بازارلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
5.        بىلكان كەسپىي يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئەترىتى مەھسۇلات سىستېما ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلايدۇ. ھەربىر خېرىدار ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈرلۈك يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈپ، ئىجادىيەت بىلەن مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن، پۈتۈنلەي يېڭىچە مۇھىت بەرپا قىلىدۇ.
6.        ئېچىۋىتىلگەن. مەزكۇر مەھسۇلات يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، شىركەت مەزكۇر مەھسۇلات مۇھىتى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تۈزۈش، يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئائىت تېخنىكا ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ.
7.        ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىدۇ، يىڭى ئەپلەر قوشۇلىدۇ. مەخسۇس بازارغا كەم دىگەندە ھەپتىدە بىر ئەپ قوشۇلۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
8.        تور ئارقىلىق مەزمۇن تارقىتىلىدۇ. ئېلكىتاب، رەسىملىك كىتاب، ئاۋازلىق مەزمۇنلار تور ئارقىلىق يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.




شىنجاڭ بىلكان ئېلىكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى


بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈلدى،مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك سوئالىڭلار بولسا شۇيەرگە كىرىپ سورىساڭلار.بىلىك كۇلۇبىدىكى تېما ئادرېسى:


تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-02, 13:51
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-01 17:38 |
ibrayim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھېچيەردىن باھاسىنى ئۇقالمىدىمغۇ قانچە پۇلكەن
ئالمىنىڭ ئايپەد تىن ئەرزان بولسا بىرنى ئالىمەن
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 13:38 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2000(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تور سۇرئىتى قايداراقكىن ئەمدى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 19:56 |
qimanzar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3011
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 608 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 621 سوم
تۆھپە: 365 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 366 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ رۇناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن ،كۈندىن -كۈنگە مىللى كارخانىلارنىڭ راۋاجلىنىشى ھەممىمىز ئۈچۈن خوشاللىنارلىق ئىش ..بۇندىن كىيىن تېخمۇ رۇناق تېپىپ يېڭىلىققا يۈزلىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .بىز ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت ياراتقىنىڭلارغا تەشەككۇر .
hawar
ئانا تىلىم، گۈھەر تىلىم !!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 22:24 |
79588010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پۇلى قانچە زادى............سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت دېگەندەكلەرچۇ؟؟؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-06 14:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كومپىيوتورئۇچۇرلىرى