karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 685 قېتىم كۆرۈلدى
ansari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 257 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 289 سوم
تۆھپە: 132 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلاردىكى شەرمى-ھايا ئىسراپچىلىقى

ئەختەم ئۆمەر
شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر!
غەرب ئەللىرى كىنو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرىمىزغا شىددەتلىك باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن ئاتالمىش پادىچى ئىشتانلىرى ۋە يەڭسىز كوپتىلىرى بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىملىق كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ تاشلاشقا ئۈلگۈرۈپ، تال-تال سۇمبۇل چاچلارنى قىسقارتىپ، يالىڭاچلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ئىدى. يارىشىملىق رەڭمۇ-رەڭ كۆينەكلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگۈچىلەرنى ھەزىلكەشلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە « تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ »قىلىپ كۆرسەتتى؛ بۇنى بىز « يەرشارى خاراكتېرلىك ھادېسە »دەپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، بۇخىل كېيىم بارغانسېرى تار، بارغانسېرى شالاڭلىشىپ ئۇياتلىق جايلارنىمۇ ياپالمايدىغان دەرىجىگە تەرەققىي قىلىدى. بىر تۈركۈم خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئالدىدىن قارىسا كىندىكى ۋە كىندىك ئەتراپى، كەينىدىن قارىسا ئارقا ئېرىقچىسى بىمالال كۆرۈنۈپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئاپئاق پاچاقلار تۇغما ھالەتتە نامايان بولۇش مودا بولدى. ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ، ئۇلار بارغانسېرى بالىلىق ۋاقتىدىكى تۇرقىغا، قىلىقىغا قايتقىلى تۇردى؛ ئېغىدا دۇكان ئېچىشتىن ئۇيالمايدىغان ئەركىنلىك، كىيىملەرگە پاتماي قېلىۋاتقان « يەرلىك مەھسۇلاتى »نى كۆز-كۆز قىلىشتەك دادىللىق بارلىققا كەلدى. بۇ، بىز غەربلىكلەردىن قىزىقسىنىپ ئالغان ھارام سوۋغا ـ ئىپپەتنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش « زامانىۋىلاشقان » ھاياسىزلىق ئىدى!…
خوش، ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى، 2-3 ياشلىق ۋاقتىدىكى كىيىم كېيىش ئادىتى، تەقى-تۇرق شەكلى چوڭ بولغاندىمۇ يارىشارمۇ؟ ئۇچاغدا ئوماق كۆرۈنگەن نەرسە، تۇيۇلمايدىغان ئەۋرەت بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ، ئەلبەتتە. ھازىر بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى چار يىلاندەك تولغۇشۇپ « بولاق مانتا! كۆرسەڭ كۆزۈڭگە، يېسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا » دېگەندەك مېڭىشىۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانا بولۇش يېشىغا يەتكەن، بەزىلىرى نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولغانلاردۇر. ئېنىقكى، ئۇلار دىيانەتلىك، ھايا-نۇمۇسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرى دىنسىز ئەمەس!… ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، ئاتا-ئانىلار ساپاسىز بولمىغىنى بىلەن شۇنداق ئائىلىلەردە ئەقىدە-ئىتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئەخلاق قارىشى سۇسلاشقان…
ھەممىگە ئايانكى، ئەخلاق ـ ئىنساننىڭ ئىنسانلىق زىننىتى. ئەخلاقى ئۆلگەن جەمئىيەتنى قانۇن تولۇق ئىدارە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قەۋمنى تەبىئەت ھالاك قىلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا بۇنداق بايانالار ئوچۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئىلىم-پەنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ھالاكەت ۋە پالاكەت ـ « ئەيدىز »نى مەركەز قىلغان مەرەزلىكلەر ئەخلاقى يوقالغان ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈش » نەزەرىيىسى بويىچە كېلىۋاتقان ئاپەتلەردۇر. شۇڭا، ئاچچىق تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ بالا تۇغقان ئانىلار، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پەپىلەپ بالا باققان ئاتىلار پەرزەنتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ ئېغى ھەم بېغىغا ھېزىي بولمىساق بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى بوينىغا ئالغان مەكتەپلەر، مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشتا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشلىرى كېرەك. ھەربىر ئادەم، ئاتا-ئانا، ھەربىر يۇرت بالىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى باققان ئىت-مۆشۈكلەرگىمۇ ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھايات-ماماتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خارلىشى، يەكلىشىدىن، نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز! ئىشلىرىمىز ئالغا باسمايدۇ، روناق تاپمايمىز، ياخشى تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!… ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنساننىڭ قولتۇق، چاتلىرىدا قانچىلىك گۈزەللىك بولسۇن؟ بولمىسا ياراتقۇچىمىز اللە ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھالدا يوشۇرۇلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرارمىدى؟!…
يۇرت كاتتىلىرى، چوڭلار، بايلار، ئۆلىما-ئالىملارنىڭ، ئېسىل بىنا-داچا، ئالىي ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەستۇر. باشقىلار بىلەن كارى بولماي ئۆز نەپسىنى ئويلاش، قولىدىكى نام-ئەمەل، بايلىقنى ياشىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى، دەسمايىسى دەپ قاراش ـ ئەخمەقلىق، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. باشتا تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدىكى بايلىقنىڭ، سىزدىكى ئەمەل-مەنسەپنىڭ، سىزدىكى يۈز-ئابروينىڭ، سىزدىكى ئىلىم-بىلىمنىڭ، سىزدىكى ھۈنەر-كەسىپنىڭ!… بىر راھەتنىڭ مىڭ پاتمان جاپاسى، ئون كوي پۇلنىڭ يۈز كويلۇق دەردى بولغاندەك، بىر لەززەتنىڭ يۈز ئازاپلىق مەسئۇلىيىتى بولماي قالامدۇ؟ شۇڭا ھەربىر ئادەم بىرخىل مەسئۇلىيەت مۇھىتىدا ياشىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، مەلۇم بىر مەشھۇر قىزبېدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە « قىز » توشۇپ، بەش يىلدا 400 مىڭ كوي پۇل تاپقان ئىكەن، ئالتىنچى يىلى بىر ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، كاتتا دوختۇرخانىدا 600 مىڭ كويغا داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپ، 200 مىڭ كويغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ… ئېنىقكى، تەبىئىي ھالال بولمىغان ئىشتا ئىنسانغا ئارتۇقچە ياخشىلىق يوق! مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بەگلىك ۋە بايلىقنىڭ راھىتىدىن كۆرە ئازابى كۆپىيىپ كەتمەكتە. يالغان بايلىقنىڭ دەردى-بالاسى كۆپەيمەكتە. بەگ-بايلارنىڭ بايلىقىدىن قەرزى كۆپ، ئۆتىدىغان سۆزىدىن ئۆتمەيدىغان گېپى جىق بولماقتا!…
خوش، گېپىمىزگە قايتساق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى قالمىغاندە، بەزىلەرنىڭ ئاغزىنىڭ بېغى قالماسلىق يەنە بىر ئەگەشمە ھاياسىزلىق بولىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭسا قېرى ئىتنىڭ كونا سۆڭەككە كۈچى يەتمەي سۆڭەكنى كاراسلاتقاندەك ئاغزىدىن پاقىنىڭ گېلىدىكى شاردەك كۆپۈك چىقىرىپ سېغىز چايناپ مېڭىشلار؛ يولدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا توختىماي ماك چايناشلار… قېلىپىدىن چىققان ھاياسىزلىق، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيمەنمەي ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بەزىبىر بۇزۇق ئاياللارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم كۆپ يەرلەردە يەل مىلتىق ئاتقاندەك چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: « … ئاخشامقى سورۇندا ھېلىقى مەتۇلارغا پۇلنى تازا جىق خەجلەتتۇق دېگىنا ئاداش! قىممەت سەيلەرنى دىڭلا قىلىپ، ياڭجۇ بىلەن داخې، دا چىش قىلدۇق… ئاندىن… كېچىچە تۈزۈك ئۇيقا يوق… ھازىر تاۋيەندەخېڭ، چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ…»
لەنەت!!!… مۇشۇنداق گەپلەر ئەسلىدە بىزنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك گەپلەرمىدى جامائەت؟! قىزبالا دېگەننىڭ سۆزى ھايالىق، مۇلايىم، سىلىق، يېقىشلىق، لەززەتلىك بولمامتى؟ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلار لايىقىدا يوشۇرۇلسا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنمەمتى؟…
بىر قىسىم خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىدە، توغرا يولدىن تېيىپ كېتىشىدە ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ، ھەربىر ئەركەك تۈكى بار يىگىتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىشى كېرەك!…
« ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس » دەيدۇ كونىلار، ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!…
مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-19 21:30 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1363 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئازغۇنلۇققا بىشغىچە پىتىپ كىتىۋاتقان بۇ خەلىقنىڭ زەبۇنلۇقتا نىمە كۇنلەرنى كوردىغىنى كىشنىڭ يۇركىنى بەكمۇ ئىچىشتۇردۇ.
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 22:21 |
oqmas.izlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 138 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 138 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ..ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ كەتكەن..ئىشتاننىڭ ئېغىدا دۇكان ئاچىدىغان بىرسى بىلەن ئايرىم كورۇشۇپ نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سەتلىشىپ يۇرۇيسىز..؟ئۇرۇق-تۇققان خولۇم-خوشنا،تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ..؟دىسەم-:مەن بىر ئۆمۇر ياخشى كورىدىغان يىگىتىم ،ھازىرقى ئېرىم مېنى  تاشلىۋەتتى.مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۇچۇن شۇنداق قىلىۋاتىمەن..دىمەسمۇ..ئاچىقىمدا
-:ئاشۇ ئېرىڭىز سىزنىڭ خەنزۇ،ئۇيغۇر،قازاق دەپ ئايرىماي،قېرى-ياش،كادىر،دېھقان،ئىشلەمچى دىمەي <<يېتىپ>> بېرىشىڭىزگە،شۇلارنىڭ ئاستىدا يېتىپ ئۇلارنىڭ  پاسكىنا،مەينەت،شۇلگەي،ماڭقىلىرىنى شوراپ، خورلىنىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ...؟؟دەپ تاشلىغىنىم ئۇچۇن ھازىرغىچە ماڭا گەپ قىلماي يۇرىيدۇ.
ئەتە-ئۇگۇن باغداش مۇنبىرىدىكىلەردىن بىرەرسى ئۇ ئايالنى ئۇچرىتىپ قېلىپ نىمە ئۇچۇن بۇنداق يامان يولدا يۇرىيسىز..؟دەپ سوراپ قالسا باغداش مۇنبىرىدىكى <ئۆچمەس-ئىزلار>دىن ئۆچ ئېلىش ئۇچۇن شۇنداق قىلىۋاتىمەن دەپ تۇرۇۋالمىغىيدى..دەپ ئەنسىرەپ يۇرىيمەن
نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-20 10:34 |
dilnaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 839 سوم
تۆھپە: 485 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 485 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەييى ،جەمئىيەت تەسىرىمۇ بەك يامان بولىدىكەن ، ئورۇك ئورۇكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك . بىزنىڭ ئىشخانىدىمۇ بىر باشلىقنىڭ قارىسا تەقۋادار كۆرىنىدىغان بىر ئايالى بار . ئۇ بىچارە توختىماي ئۆزىنىڭ بارغان رىستۇرانلىرى ، بارغان چاي ئولتۇرۇشلىرى ، كېيگەن كىيىملىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ ،ئادامنى بىئارام قىلىدۇ . ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىش نۇقتىسىدىن ئەمەس ،ئۇنىڭ شوھرەپەرەسلىكىدىن بىئارام بولىمىز .ئەمىلىيەتتە جۇملىدىن مەن سىرتتا تاماق يىيىشنى،كىيىم -كېچەككەھەددىدىن زىيادە بېرىلىشنى  ھەرگىز ياخشى كۆرمەيتتىم . لېكىن ئۇ توختىماي ،ھوزۇرلىىدىغان پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كېرەك دەپ چالۋاقايدۇ. باشقىلارمۇ شۇنداق دەپ ئولتۇرىدىغان بولدى .شۇڭا كىيمىگەن كىيگەننىڭ ، يىمىگەن يىگەننىڭ پارڭىنى قىلىدۇ  دەپ ئويلايتتىم .يېشى چوڭراق بولمىغان بولسا ،ھېلىقىدەك ئېغى يوق ئىشتانلارنىمۇ كىيىپ باقامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن .ھەي ئىمان -ئېتىقادنىڭ سۇسلىغىنى نېمە دىگۇلۇك .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 22:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس