ھالال بىلەن <مۇسۇلمانچە> ئاللىقاچان بىر مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان بولۇپ كەتتى . بۇھازىر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە سۆز .خەنزۇچە 清真مۇ ھالال مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولدى .چۈنكى ئىسلام دىنىمىزدىكى ھالال مەنىسى ھارام تەركىبلەردىن خالىي بولغان يىمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ .شۇ يىمەكلىكنى ئىشلەيدىغان جايدا ھارام نەرسىلەرنى سېتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ .ئەگەر سېتىلىپ قالسا ئىشلەپ چىقارغان نەرسىمۇ ھارام بولىدۇ . ئۆتكەندە ئۆز ئالدىغا ھالال دەپ ماركا باسقان بارلىق يىمەكلىكلەرنى سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يىغمىدىمۇ ؟بۇ نىمىنى چۈشۈندۈرۈدۇ خالايىق؟
ئازاتلىقتىن كېيىن دانا رەھبەرلىرىمىز جۇڭگونىڭ ئەمەلىيتىگە بەك ئۇيغۇن ھالدا <مۇسۇلمانچە> دىگەن سۆزنى كەشىپ قىپتۇ .چۈنكى دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مۇھىتتا ھەقىقى ھالال ئۆلچەمدىكى يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش .
بولۇپمۇ ھالال ئىستىمالىغا كۆنۈپ قالغان لېكىن ھارام ئىستىمالى قىلىشتىن يانمايدىغان يېڭى ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا <مۇسۇلمانچە> دىگەن بۇ ئەمەلىيەتكە باققان نام بەك ماس كېلىدۇ .بۇ نىمە دىگەن لايىقىدا قويۇلغان نام ھە ؟؟؟؟؟ ئەگەر قارا قويۇق ھالال دىگەن ماركىنى باسسا بۇ نەقەدەر قورقۇنۇشلىق ئىش ھە ؟
ھاراق سېتىلىدىغان ئاشخانىلارغا ،مېھمانخانىلارغا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلسە بۇ نەقەدەر كۈلكىلىك ئىش ھە؟بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىغىمۇ دەخلىسى بولۇر.شۇڭا مۇسۇلمانچە دىگەن بۇ ئىجازەتنامە دۆلىتىمىزدە ھەقىقى ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا نىڭشادا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگان قۇرۇلمىغان بولاتتى ھەم رادىل ئابلامۇ شىنجاڭدا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگاننىڭ تەسىس قىلىنىش شېرىن خىيالىنىمۇ قىلمىغان بولاتتى .
شۇنداق قېلىپ ئەسلى ھالال ئاشخانىلاردا ھاراقنى قەتئىي ئىچىشكە بولمايىتتى
لېكىن مۇسۇلمانچە دىگەن خەت باستۇرۇلغان ۋىۋىسكىنى ئېسىپ بۇ ئاشخانىلاردا ھاراقنى خالىغانچە ئىچىشكە بولىدۇ .چۈنكى بۇ مۇسۇلمانچە ئۆزگىچە تەمدىكى ئاشخانە . بۇنىڭغا ھەرقانداق شەخىسنىڭ بۇ ئاشخانىدا يىيىشكە بولمايدۇ دەپ جار سېلىشىغا بولمايدۇ .ئەگەر بۇنداق قىلسا قانون ئاپراتلىرى ئۇ ئاشخانىنى قوغداپ ئىش تېرىغۇچىغا چارە كۆرىدۇ .
دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانچە دىگەن ئۆلچەمنى چەتئەللەرگە ئوخشاش ئۆلىمالار بىرلىكى بولغان ئىسلام دىنى جەمىيەتلىرى بەرمەيدۇ بەلكى دىنى ئىشلار كومىتىتى بىرىدۇ . بۇ كىنىشكىنى بىرىشكە جەمىيەتتىكى ئۆلىمالار ئارلىشالمايدۇ ھەم پىكىر قىلىش ھوقوقىمۇ يوق .
ھازىر مۇسۇلمانچە يەنى 清真 ئىجازەتنامىسىنى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتتىكى بىرسى ھەرخىل يوچۇقتىن پايدىلىنىپ قىينالمايلا ئالالايدۇ . ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە دىن ئارلىشالمايدۇ . چۈنكى دىن ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىگە ئارلاشماسلىقى كىرەك .
شۇنداق قىلىپ بىز ئاللىقاچان مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتۇق .ھېچكىم مۇسۇلمانچە ھاراق ساتىدىغان ئاشخانىلارنى <ھالال> ئەمەس دەپ خۇددى قارا قويۇق ئايشەم تورتخانىسىنى بايقۇت قىلغاندەك بايقۇت قىلمىدى .توي مەرىكە رېستۇرانلىرىمىزدىمۇ ھاراق سۇدەك ئىچىلدى . ھەتتا بۇ رېستۇرانلىرمىزدا ئاخشىمى ھاراق ئىچىلىپ ئەتتىگىنى شۇ ھاراق پۇرۇقىدا نەزىر قىلدۇق . ھاھاھاھاھاھ(ئاچچىق كۈلكە) ...ئىمانىمىز ئاجىزلىشىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۋاتىمىز بەزىلىرىمىز . مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سەسكەنگىدەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىۋاتىدۇ . ئۆزىمىزنى بىر ئوپىراتسىيە قىلايلى خالايىق .بىز گىلىمىزنى پاكىز تۇتساقلا ھەم مۇسۇلمانلىق مەۋقەيىمىزدە چىڭ تۇرالىساقلا ھەم ئىبادەت يولىغا قايتساق ساختا <مۇسۇلمانچە> لار ھايات تۇرالمايدۇ .
ئاخىرىدا ئايشەم تورتخانىسىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى .ھەرگىز ھېلىقى مەنىدىكى <مۇسۇلمانچە> يىمەكلىك ئىشلەپ چىقارماي بەلكى مۆئمىن مۇسۇلمانلار چىن كۆڭلىدىن ئىتىراپ قىلىدىغان ھالال ئۆلچەمدىكى يىمەكلىك بىلەن تەمىلىشىنى چىن نىيىتىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .ھالال يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قىلىنغان
تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاللاھ بەركەت بەرسۇن .
[ بۇ يازمىنىyaqibagدە2011-09-07 19:40قايتا تەھرىرلى ]