karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1930 قېتىم كۆرۈلدى
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 215 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 215 سوم
تۆھپە: 121 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 121 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ قايتا جەم بولىشى

لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ قايتا جەم بولىشى
)فىليەتون(
ئابدۇلھەمىد ياسىن
 

 21.ئەسىر بۇسۇغۇسىدا لىياڭشەن باتۇرلىرى ئۆز ۋاقتىدىكى شانۇ-شۆھرىتىنى ئەسلەپ قاپتۇ ۋە ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتقان، بىر مەھەل ئەركىن يايرىغان كونا ماكانىنى سېغىنىپ، لىياڭشەن تېغىغا قايتا يىغىلىشىپتۇ. بۇ يەر ھازىر مەشھۇر ساياھەت ئورنى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى، ئۇلارنى ئۇنتۇماي ھەربىرىگە بىردىن ھەيكەل ئورناتقانىكەن. ئۇلار ئۆز ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ «ھە، بۇ ساڭا تازا ئوخشاپتۇ، ھەي بۇ ماڭا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەنغۇ؟» دىگەندەك قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن بىرھازا تاماشا قىلىشىپتۇ. ئاندىن ھەممىسى سۇڭ جىياڭ باشچىلىغىدا سادىق مەرتلەر سارىيىغا يىغىلىپ ئۆز ئورنى، ئۆز تەرتىپى بىلەن ئورۇن ئېلىشىپتۇ.

-بىز ئەسلىدە-،دەپ سۆز باشلاپتۇ سۇڭ جىياڭ يارەنلىرىگە بىرقۇر نەزەر تاشلاپ،-ساداقەت، مەرتلىكنى ئەلا بىلىپ، تەڭرى يولىنى تۇتۇش مەخسىدىدە بۇيەرگە يىغىلغان ۋە بۇ يەرنى قالتىس گۈللەندۈرگەن ئىدۇق. كىيىنكى ئىشلارنى ئېيتىشقا پەقەتلا رايىم بارمايدۇ. ھەممىڭلارغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم. تەڭرىقۇتقا ئەل بولىمىز دەپ ھەممىڭلار كۆپ رىيازەت چەكتىڭلار، بىراق مانا نەچچە ئەسىر ئۆتۈپ ھالا بۈگۈنكى كۈندە، ھەممىمىزنىڭ نىيىتى ساپ بولۇپ، ساداقەتمەنلىكنى ئەلا بىلگىنىمىز تۈپەيلىدىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىمۇ بىزنى ئەتىۋارلاپ، بىز ھەققىدىكى كىتاپلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. بىز تەسۋىرلەنگەن تېلۋىزىيە فىلىملىرىنى ناھايىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ-،سۇڭ جىياڭنىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قاراقۇيۇن لى كۇي ئورنىدىن دەست تۇرۇپ:

-ئاغا، ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىزنى ئۇنداق ياخشى كۆرىدۇ-يەي، مۇنداق قەدىرلەيدۇ، دەپ كەتتىڭىز، قېنى ئەمىسە بىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ كۆرۈپ باقمايمىزمۇ؟-،دەپ توۋلىدى.

 -راست شۇنداق قىلىلى ئاغا-،دىدى دەرۋىش ۋۇسۇڭ باشلىق بىرنەچچەيلەنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇڭ جىياڭ «قانداق قىلىمىز» دىگەن مەنىدە موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ خەلپىتىمگە قارىدى. خەلپەت ئالدىرىماي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ:

-بوپتۇ، مىنىڭمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئەقىل-سەۋىيىسى، ئاڭ-ئىتىقادى قاتارلىقلارنى بىر كۆرۈپ باققۇم بارىدى. ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلىلى، ھەممەيلەن ھازىر تارقىلىپ ئون يىلغىچە ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا خالىغانچە ياشايلى، قېنى كىم ھازىرقى دەۋىردىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، كىمنى پالاكەت باسىدۇ، كۆرۈپ باقايلى-،دىدى. سۇڭ جىياڭ خەلپەتنىڭ ئۆز مەيلىچە قارار چىقىرىۋەتكىنىگە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ يارەنلەرنىڭ ۋۇيۇڭنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغىنىنى ھىس قىلىپ، يېنىدىكى بوز تولپار لو جېنيىگە قارىدى ۋە «شۇنداق قىلىمىزمۇ؟» دىدى. لو جىنيىمۇ دەھاللا «شۇنداق قىلايلى» دەپ شىۋىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى ئون يىلدىن كىيىن مۇشۇ ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر لىياڭشەنگە يىغىلىشقا ۋەدە بىرىشىپ،  ئۆزىنى سىناپ بېقىش  مەخسىدىدە بىر-بىرى بىلەن ۋىدالىشىپ يۇرتلىرىغا ئاتلاندى...

ئەلقىسسە، ئەمدى گەپنى شىپالىق يامغۇر سۇڭ دانىشتىن باشلايلى. ئۇ ئىنىسى سۇڭ چىڭنى باشلاپ، ئۆز ناھىيسىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يۇرتىغا كىلىپ زاماننىڭ رەپتارىغا نەزەر سېلىپ باققاندىن كىيىن ھازىرقى دەۋىردە مەرتلىك، ساداقەت دىگەن گەپلەرنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەڭ مەرد ئادەمنى ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىغىنى، ھەتتا مازاق قىلىدىغانلىغىنى، ئىلگىركىدەك ئىناۋەت-ھۆرمەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن مەردلىك، ساداقەت دىگەنلەردىن كىچىپ، ئۆزى ئەڭ قاملاشتۇرالايدىغان ئىش  ھوقۇقدار بولۇشنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشنى باشلىۋەتتى. ھەممىگە مەلۇملۇق ئەسلى ئۇ ناھىيە يامۇلىدا كىچىككىنە بىر ئەمەلدار ئىدى. ئۇ شۇيەردە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ۋە خانغا ئەل بولۇش جەريانلىرىدا ئەمەلدارلىق سەنئىتىنى بىرقەدەر ياخشى ئىگەللىۋالغان بولغاچقا، ھەدىگەندىلا يامىشىپ يۈرۈپ ئوزۇن ئوتمەي ئۆز ناھىيسىنىڭ ھاكىملىق مەنسىۋىگە ئولتۇردى. ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا پارا بىرىش، ئېلىش ئىشلىرىدا ئېپى بولغاچقا (مەسىلەن، چاۋگەي ھەزرەت قىزىل چاچ شەيتان لىيۇ تاڭدىن ئەۋەتكەن ئالتۇنلارنى ۋە يارەنلىرىنىڭ سوۋغىلىرىنى چاندۇرماي ئېلىش، ئەلچىلىككە كەلگەن، گاۋ ئەمىر، تۇڭ ئەمىر قاتارلىقلارغا سوۋغا بىرىش قاتارلىقلاردا ئۇ بۇجەھەتتە پىراكتىكا قىلغان)، ئىشلىرى ناھايىتى تىزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. ھەتتا ئەمىلى پەيدىن-پەي ئۆسۈپ ئۆلكە باشلىقلىغىغىچە باردى. ئەمما ئەجەپلىنەرلىك يىرى شۇكى، ئۇنىڭ نەپسىمۇ بارغانچە يوغىناپ، ئۆز يېنىنى توملاشقا شۇقەدەر بېرىلىپ كەتتىكى، يۈز مىڭلاپ، مىليۇنلاپ پارا ئالىدىغان، ھەرتەرەپكە مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىشقا ئايانماي پۇل سەرپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەتراپى خوشامەتچىلەر بىلەن تولۇپ، كۈنلىرىنى رىستۇران، ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىلاردا ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ نىمە ۋەزىپىسى بارلىغىنىمۇ ئۇنتۇغىدەك دەرىجىدە خۇدىنى يوقاتتى. گۈزەللەرمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كىتەلمەيتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىرىكلىككە قارشى كۆرەش ئەۋىجگە چىقىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان بۇ قارىۋاي «شىپالىق يامغۇر» ئاسانلا تورغا ئىلىندى. ئۇ شۇقەدەر سەت يىقىلدىكى، ئۆلكە باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن بىراقلا ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلدى. ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىلگىركى ساداقەتمەنلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆلۈم جازاسى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆمۈرۋايەت تۈرمىدە يېتىشقا ھۆكۈم قىلىندى.

لىياڭشەننىڭ ئىككىنچى ئاتامانى بوز تولپار لوجىنيى شاگىرتى ئالاقانات يەنچىڭنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى خېبىيغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يۇرتىغا كىلىپ خېلى ئىشلارنىڭ كويىغا كىرىپ باقتىيۇ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، مەرتىۋىلىك ئائىلىدە ئۆسكەن ئىسىلزادە ئادەم بولغاچقا، ھازىر نىمە قىلىشىنى پەقەتلا بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى ئەمدى سودىگەرچىلىك قىلاي دىسە، ھازىرقى زاماندىكى رەڭۋازلىق تىجارەت يوللىرىنى ئۇ بىلمەيتتى. ھېلىقى كارامەت گۇمپىلىرىنى ئىشلىتىپ جان باقاي دىسە، ئۇنداق قىلىشقا ئورۇن ۋە شارائىت تېپىلمايتتى ھەم ئۇنداق ئۆزىنى بازارغا سېلىشقا غورۇرىمۇ يول قويمايتتى. تەلىيىگە سادىق ھەمراھى ئالاقانات يەنچىڭ چېلىشىش سورۇنلىرىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ خوجىسىنى بېقىپ كەلدى. بىراق بۇ كۈنلەرمۇ ئوزۇنغا بارمىدى. ئالاقانات يەنچىڭ تازا نام چىقىرىپ يۈرگەن كۈنلەردە داڭلىق ساھىپجاماللارغا بۇزۇلۇپ، ئۆزىگە ئەيدىز كىسىلىنى يۇقتۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ كۈنى تۈگەپ، ئىلگىركى داڭلىق خېبىيلىق بوز تولپار لوجىنيى يەنە چارىسىز قالدى. ئۇ ھازىر ئالاقانات يەنچىڭغا تەسەللى بەرگەچ، لىياڭشەنگە قايتا يىغىلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

موللا تاپقاق ۋۇيۇڭغا كەلسەك، ئۇ ئۆز يۇرتىغا كىلىپلا، بىلىم يۇرتلىرىغا كىرىپ ئۆزىنى سىناپ باقتى. بىراق ھازىر بىلىم يۇرتلىرىدا ئەمەلىي قوللىنىدىغان نەرسىلەر ئۆگىنىلمەي، ساپلا قورۇق نەزەرىيىلەرنىڭ دەۋىر سۈرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، ئۆز ئىقتىدارىنى باشقا ساھەدە نەتىجە يارىتىشقا سەرىپ قىلىشنى لايىق تاپتى. ئۇ ئاخىرى ھازىرقى زاماندا باي بولۇشنىڭلا ھەممىدىن مۇھىملىغىنى، پۇل بولسىلا مەيلى ھوقۇق بولسۇن، مەيلى باشقا ئىمتىياز بولسۇن ھەممىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىپ، مۇشۇ ساھەگە يۈرۈش قىلىشنى لايىق تاپتى ۋە ئۆزىنىڭ سىھرىگەرنىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان كارامەت ھىيلە-تەدبىرلىرى بىلەن بۇ ساھەگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدى. ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىخلاسمەن موللا ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ، «ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس، سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس» دىگەندەك ھەرخىل دۇرۇس تىجارەتلەر بىلەن بىرگە ئاسان پۇل تاپقلى بولىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «ئاق سېتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» ئوزۇن ئۆتمەي كارامەت بېيىپ كەتتى. ھەتتا بايلىغىنىڭ سانىنى ئۆزىمۇ دەپ بىرەلمىگۈدەك، بايلىق بار سارايلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تۆت-بەش ئادەمممۇ كۆتىرەلمىگۈدەك ھالغا يەتتى. ئۇيەنە كۈنىنى ئالالماي مۇھتاجلىقتا قېلىپ، ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن ئوزۇن قېلىچ گۈەن شىڭ، قوش يارما دەستلىك خويەنجۇ، تىرىككەك چىڭ مىڭ، تاش ئاتار جاڭ چىڭ، گۈلدار شەيىخ لوجىشىن قاتارلىق ئەلەمدارلارنى ئۆزىگە خاس قوغدىغۇچى قىلىپ ياللىۋالدى. بىراق ئوزۇن ئۆتمەي قاچانلاردىدۇ ئۆگىنىۋالغان خىروئىن خومارى ئەۋىجگە چىقىپ، بار بىساتىدىن قورۇق قالغاننى ئاز دەپ، ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەنلەر يەنە چارىسىز قېلىشتى.

پەلەك ئەجدىھاسى گۇڭ سۈنشىڭ بىرمەھەل دورا سېتىپ بېقىپ، ئاخىرى ئۇ ئىشىمۇ قاملاشماي، جىنكەش موللىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھازىر تاپاۋىتىمۇ، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. چۈنكى نە-نەلەردىن نازىنىنلار ئېرىنى ئۆزىگە قارىتىش، كىملەرنىڭدۇر چىرايلىق ئۆيىنى بۇزدۇرۇش ئۈچۈن بۇ موللامغا ئوقۇتۇشقا كىلىپ نۆۋەت ساقلىشىپ كىتەتتى. گۇڭ سۈنشىڭ ئۇلارنى ئاۋال ئۆزىگە «قارىتىپ» قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە ئوقۇپ بىرىپ، ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ كەتتى.

قاپلانباش لىن چۇڭ تاغدىن چۈشۈپلا بىرىنچى قىلىپ مۇناپىق گاۋچىيۇدىن ئەنتىنى ئېلىشنى ئويلىغانىدى. كىم بىلسۇن گاۋچىيۇدىن ئەنتىنى ئالالمىغاننى ئاز دەپ، تۇرمۇش يولىدا ھازىرقى دەۋىرگە ماسلىشالماي گاڭگىراپلا قېلىپ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ناھايىتى كۆپ جاپا تارتتى. كىيىن بىر كىنو ئىشلەش شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بىراق بۇ يەردىمۇ رىژىسور بىلەن ئەپلىشەلمەي كۈنلىرىنى نادامەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

قاراقويۇن لى كۇينىڭ ئانىسىنى يولۋاس يەپ كەتكەندىن كىيىن تەرەپ-تەرەپلەردە سەرسان بولۇپ، ئۇچىرىغانلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئىلگىركى نام-شەرىپىنى پەش قىلىپ، ئاش-ئوزۇق تېپىپ يىدى. كىيىن «خەلقارالىق بوكىس چىمپىۇنى تايسىن بىلەن مۇسابىقىلىشىمەن» دەپ جار سېلىپ يۈردى-يۇ، ئادەتتىكى بىر لەشكەر، يۈزسىز جاۋتىڭغا يىڭىلىپ قېلىپ ئەلەمدە يۈردى.

قوش قېلىچ دەرۋىش ۋۇسۇڭنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. ئۇ دەسلەپ «ئاكامنى تېپىپ راھەت كۆرسىتەرمەن» دەپ ئويلىغانىدى. نەدىكىنى ئاكىسى ھازىر بېيىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانا ئېچىپ، قۇشۇمچە رىستۇران ماڭدۇرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىنىسى ۋۇسۇڭنى كۆرۈپ، ئۇنى مىھمانخانىنىڭ قوغداش ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. ۋۇسۇڭ ئاكىسىنىڭ پاكار تۇرقىغا، نۇر چېچىپ پارقىراپ تۇرغان ئايپاڭ بېشى ۋە قاتۇرۇپ كىيىۋالغان كىيىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭ تەكلىپىگە ياق دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتسە نىمە قىلارىنىمۇ بىلەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇيەردە ئىشلەپ قالدى. ئەجەپلىنەرلىك يىرى، بۇ يەر جىمى بۇزۇقچىلىق، پاھىشۋازلىقنىڭ ماكانى بولۇپ، ۋۇسۇڭ پاك ئۆتكەن بىر ئەر بولغاچقا، بۇ بوزۇقچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇشقا، قوغداپ بىرىشكە كۆنەلمەي تۇرغان مەزگىللەردە ئاكىسىنىڭ ئايالى پەن جىنلىيەننىڭ تەپ تارتماستىن مىھمانخانىدا شىمىنچىڭ بىلەن ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلىشىدىغانلىغىنى بايقاپ قالدى. ئاكىسىغا ئېيتىۋىدى، ئاكىسى «ئىشىڭنى قىل، ھەركىم ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن يۈرىدىغان زامان بۇ!» دەپ چالۋاقىدى. ۋۇسۇڭنىڭ ئىمانى كەربالاغا ئۇچۇپ،  يۇمشاق باش لامزەللە ئاكىسىغا بولغان غەزىۋىنى باسالماي بۇ يەردىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى، كىيىن ئۇقسا، ھېلىقى زىناخور شىمىنچىڭ، ئاكىسىغا ياردەم بىرىپ مىھمانخانا ئېچىپ بەرگەنمىش. (شۇڭا ئاكىسىنىڭ بويى تېخىمۇ پاكارلاپ، بېشى خېمىردەك يۇمشاق، لامپىدەك پارقىراق بولۇپ قالغانىكەن) ۋۇسۇڭ ئاخىرى دەرۋىش بولاي دىسە ھازىر دەرۋىشنىڭ ئەتىۋارى بولمىغاچقا ھەم باشقا ئىش قىلىشمۇ ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىگەچكە ئامالسىز جەمىيەتتىكى لاماكانلارنىڭ توپىغا قېتىلىپ كەتتى.

 لىياڭشەن باتۇرلىرى ئاساسەن ھازىرقى زاماننىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ئۇلار ئون يىلنى كۈن ساناپ دىگۈدەك ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى لىياڭشەنگە يىغىلىشتى. شىپالىق يامغۇرى سۇڭجىياڭ ناھايىتى پۇختا ئادەم بولغاچقا يەر ئاستى ئۆيىدىكى مال-دونيالارنى سەرپ قىلىپ يۈرۈپ تۈرمىدىن ئاران دىگەندە قېچىپ چىقىپ بۇيەرگە يىتىپ كەلدى. موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ خىروئىن زەربىسىدە ئاجىزلاشقان تىنىنى سۆرەپ يۈرۈپ بۇ يەرگە ھەممىدىن كىيىن يىتىپ كەلدى.  بوز تولپار لوجىنيى قاتالىق ئەلەمدار پالۋانلار ئاللىبۇرۇن يىغىلىپ بولغانىدى. ھەممەيلەن سادىق مەرتلەر سارىيىغا توپلىنىپ بولغاندىن كىيىن سۇڭ جىياڭ سۆز باشلاپ:

-بىز ھازىرقى دەۋىردە كىشىلەر ئارىسىدا ياشايمىز دەپ پو ئاتماي، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىلا ياشىغىنىمىز ھەممىدىن ياخشىكەن-،دەپ بېشىنى چايقىدى. موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ بولسا خىروئىن خۇمارىدا لاغىلداپ تىترەپ، ئاغزى-بۇرنىدىن سۇ ئېقىتقىنىچە:

-ھازىرقى زاماندا ياشاش، نىمە دىگەن خەۋىپلىك-ھە، بىز ئەڭ ياخشىسى سۇڭ دانىش ئېيتقاندەك كىتاپ ئارىسىغىلا كىرىۋالايلى-،دىدى. باشقا پالۋانلارنىڭ ھالىمۇ ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس بولغاچقا، بىردەك ۋۇيۇڭنىڭ پىكىرىگە ئۈن قېتىشتى...

 

ئادرىسىم: قاراقاش ناھىيە1- ئوتتۇرا مەكتەپ. 

 


تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-07, 03:19
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-06 23:30 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2834(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئەسەركەن، بۇنداق ئەسەر يېزىشقىمۇ ئېپىم بار دەڭ...
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-07 22:55 |
rabbani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3093
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 158 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 159 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 94 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالامەت يازغۇچىلىرىمىز باردە بىزنىڭ،بەزىلەر ئوقۇسىمۇ ھەيران قالار؟بولسا تەرجىمە قىلىپ ،باشقىلانىڭ تورلىرىغىمۇ چىقىرىۋېتىڭ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 15:48 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 1245 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1255 سوم
تۆھپە: 744 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 744 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قالتىس ياخشى يېزىپسىز ، ئەسلى ئون يىلدىن كېيىن ھەممىسىنى تۈرمىدە جەم قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولاركەن :
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 15:52 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 269
شۆھرەت: 1360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1370 سوم
تۆھپە: 813 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 813 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىلىپتۇ ، بۇ  ساھەدە خېلى كارامىتىڭىز باركەن - جۇمۇ  !   قېنى ،  تېخىمۇ  ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن .
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 16:19 |
kawimmol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 879 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 910 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 512 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۇلۇپ قوساقلىرىم ئاغرىپ كەتتى ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،
ۋۇسۇڭ قولىدىن ئايرىلىپ قالغان ، تىلەمچىلىك قىلسا جىق پۇ ل تاپاتتى ئۇ .
ھە راست شىپالىق يامغۇر سۇڭ جىياڭ گۇل چېكىش ئورنىغا بېرىپ يۇزىدىكى تامغىسىنى يۇدۇرۋالغان بولسا ھېلىقى چىرايى خېلى تۇزۇلۇپ قالاتتى.
ھەممىدىن لى كۇيگە ئۇۋالدە، ئانىسى يولۋاسقا تاشلاپ بېرىپ ھەي ، ھازىر ئۇ قارا جەمىيەت باشلىقلىرىنىڭ قارا كۆزەينەك تاقايدىغان قوغدىغۇچى بولان بولسا بوپتىكەن
西部医院
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 16:45 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 838 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 839 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 501 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئامما ما شائىر بۇ فىليەتونىنى رەسمى يېزىپ قويۇپتۇ !

ئەخمەق گۇيتلاركەن :
بۇلار سۇ بويىدا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستاننسىسىغا بېرىپ سۇ بويىدانى قايتا ئىشلار گۇيلار ، رولغا ئۆزىمىز چىقىمىز دىسە بوپتىكەن ئەسلى :
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 19:13 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 610 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 610 سوم
تۆھپە: 366 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 366 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەنزو تارىخىدا بەلگىلىك ئورنى بىلەن خەن مىللىتىنى ھاياجانغا سالىدىغان شىر يۈرەك ،108 پالۋان ھازىرقى زامانغا قايتىپ كەلسە بەلكىم پۇتۇنلەي دىگۈدەك << قانوننى كۆزگە ئىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى >> دىگەن جىنايى جازاسى بىلەن گۇندىخانىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-09 13:36 |
anar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 233
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 515 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 515 سوم
تۆھپە: 308 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 308 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          ئاللا -ئاللا ! بۇ فىليەتۇن ئاجايىپ ياخشى يېزىلىپتۇ  ، كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم دىسە   ، بۇ مەرت پالۋانلار بىزنىڭ  جەمىئىتىمىزدە ياشاپ باقايلى جېنىغا ئۇۋال قىپتۇ دىسە.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 12:53 |
uyghurizlari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

bak yah xi ye zep ciz...adam ni aqqek kul di han asar kan...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-30 01:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر