ھەسەت قىلما بايلارغا ھەرگىز ،.
باي كۆپەيسە كەمبەغەل ئازلار.
زىمىستان قىش قانچە ئاز بولسا،
ئۇزىرىدۇ گۈل-چىمەن يازلار.
ھەسەت قىلما بايلارغا ھەرگىز،
بايدىن چۈشەر غېرىپكە سايە،
قۇسۇر ئىزدەپ تام يۆلىگەندىن
ئەۋزەل ساڭا ئۈمىد ۋە غايە.
ھەسەت قىلما بايلارغا ھەرگىز ،
سەنمۇ پۇل تاپ خەجلىگىن يوللۇق.
يوقسۇزلارغا تاشلا كۆزۈڭنى ،
بېخىل بايدەك قىلمىغىن شۇملۇق.