قېرىنداشلار !
گەرچە ئايشەمخان ئاچىمىزغا ئۇۋال قىلىنغان بولسىمۇ مەن <ئايشەمخان> ۋەقەسىنى
ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ قومۇل ئۇيغۇرلىرىغا
قىلغان ئاگاھلاندۇرىشى دەپ قارايمەن ئىنشائاللاھ (ئاللاھ بۇيرىغان بولسا).
چۈنكى ھازىر ئەتراپىمىزنى ھارام نەرسىلەر قاپلاپ كەتتى .ھازىر بازاردىن
ھەقىقى ھالال ئۆلچەمدىكى يىمەكلىكلەرنى تېپىش قىيىن بولۇپ كەتتى .
شۇنىڭغا ئەگىشىپ قومۇلدىكى زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارمۇ ئىستىمالىغا ئانچە دىققەت
قىلمايدىغان ئىش ئەۋىج ئالدى .بالىلار نىمە يەۋاتىدۇ دىققەت قىلمىدۇق .
ئاياللىرىمىز نىمە يەۋاتىدۇ كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سالدۇق .نىمە كىيىۋاتىدۇ ،
كارىمىز بولمىدى . تېخى ئىماماتچىلىك قىلىۋاتقان بەزىلەر بانكا ئۆسىمى ئېلىپ ئۆي
سېتىۋالدى .ئاياللىرى ئارانلا بېشىنىڭ چوققىسىغا ياغلىق قوندۇردى .
تېخى ئاياللىرى خىزمەتچى .بەزى ئەرلىرىمىز ھاراق سورۇنلىرىدا تەپ تارتماستىن غادىيىپ
ئولتۇرۋاتىمىز ،ھاتتا شۇنداق سورۇنغا سەبىي بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز .
تويلار ھاراقسىز دېسكوسىز تاڭسىسىز قىزىمايدىغان بولدى .ئەڭ ئېچىنىشلىقى
پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئاتا ئانىلار شۇ كەچتىكى رەسۋاچىلىقنى كۆرۈشكە تەپ تارتماستىن
رېستۇرانغا كېلىدىغان بولدى .ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ توي قىلغان رېستۇراندا ئەتتىگىنى
نەزىر قىلدۇق .ماۋۇ ئۆز قەۋمىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى ئازراق بولسىمۇ كۆتۈرەر دىگەن ئۇمۇددىكى
خەلقىنى نا ئۇمۇد قالدۇرۇپ باشلىقلىرىمىزمۇ غىتمەكلىشىپ لاتىلاشقىلى تۇردى .خوشامەتچىلىك
ۋە نامەرتلىك ۋە ئەيىش ئىشرەت باشلىقلاردىن ئەگىپ كەتمىدى .بەزى باشلىقلار ياخىشىلىقنى توسايدىغان،
ئاجىزنى بوزەك قىلىدىغان ،خەلىقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى .ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھارامنى ئىلغىمايدىغان باشقىلارنى
پەس كۆرىدىغان،مىللىتىنى ،تىلىنى پەس كۆرىدىغان بولۇپ يىتىشىپ چىقتى .80-90-يىللاردىكى
باشلىقلار خەلىقنى خېلى ئويلايىتتى ،دىتىغا ياقمىغاندا ئالە بۇ ھوقوقنى دىيەلەيتتى .لېكىن ھازىرقى ئۇيغۇر ھوقوقدارلار
ھوقوق ئۇچۇنلا ھوقوق تۇتىدىغان ،نەپسى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ،مەنپەتى زىيانغا ئۇچىرمىسا
ھەرقانداق تەڭسىزلىك كۆرسىمۇ كارى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى .مانا بۇ يۇرتنىڭ چوڭلىرىدىكى ھالەت .
بىر چاغلاردا مۆلۆت شېرىپ شامىلى قومۇلنى بىر ئالدى .توي قىلىش ئۈچۈن نەزىر قىلسىمۇ مۆلۆت
شېرىپ ئوقۇۋاتقان ،ئۆي نەزىرى قىلسىمۇ مۆلۆت شېرىپ ئوقۇۋاتقان ،ئۆلۈك ئۆلسىمۇ مۆلۆت شېرىپ ،ماشىنا سېتىۋالسىمۇ
مۆلۆت شېرىپ ،ئىدەر قىلسىمۇ مۆلۆت شېرىپ .
نومىسسىز بەزى مۆلۆتشېرىپچىلەر پۇل ئۈچۈنلار يوقىرى تۆۋەن قاتىراپ يۈردى .كەمبەغەل
مۆلۆت شېرىپ ئوقۇتسا سوغاق ،باي ،ھوقوقدار ئوقۇتسا قىزغىن ۋە ئەكتىپ .
لېكىن ھازىر بۇ ھالەت ئىسمائىل داموللا ھاجىنىڭ كۈچىشى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا
ئۆزگىرىۋاتىدۇ .بۇ ياخشى ھالەت .
مانا يوقىرقى قىسمەن بايانلىرىمغا نەزەر سالايلى .ئىمانىمىز نەگە كېتىپ بارىدۇ .
بىز ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن قانچىلىك كۈچىدۇق؟دىنىمىزغا ئىلمان سۇدەك مۇئامىلە قىلىپ
ئەخلاقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانداق زىيانلارنى تاتتۇق ؟بىز نىمە ئۈچۈن
يەنە ئىبرەت ئالمىدۇق ؟
<ئايشەمخان تورتخانىسى> ۋەقەسى بەلكىم بىر پىتنە پاساتنىڭ نەتىجىسى بولىشىمۇ مۇمكىن .
لېكىن بۇ ۋەقە ئارقىلىق ئاللاھ بىزگە ئۆز ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش
بىرىۋاتىدۇ خالايىق .يىمەكلىكلەرلا ھالال ھارام دەپ ئايرىلماي ھەرقانداق ئىش ھەركىتمىز
مەنىۋىتىمىزمۇ ھالال ھارام دەپ ئايرىلىدۇ !!!ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى !!1000 يىلدىن ياقى ئەجدادلىرىمىز
ئىتىقاتىدا چىڭ تۇرۇپ مىللەت ساپلىقى ،دىن ساپلىقى ،تىل ساپلىقىنى ساقلاپ كەلدى .
ئەمدى ئەقىدىدىن يىراقلىشىپ مىللەت بۇزۇلۇش ،دىل بۇزۇلۇش .تىل بۇزۇلۇشقا قاراپ
مېڭىۋاتىمىز .
ئاڭلاۋاتىمىز !!خالايىق <قومۇل چوكانلىرى ياتولاردەك ياسىنىدىكەن ><قومۇل چوكانلىرى
توت كوچىدا ھاراق ئىچىدىكەن >(ماۋۇ تېمىنى كۆرۈڭ
http://makanim.cn/read.php?tid=124&fpage=1&page=1)
<قومۇل ئۇيغۇرلىرى زور مۇسىبەتلىك كۈنلەردىمۇ رېستۇران قىزىتىدىكەن >
<قومۇلدا ئىككى ياش مېھمانخانىدا قىلىشقان ئىشلىرىنى سىنغا ئېىلىپ تارقىتىپتۇ >،
<قومۇللۇق بىر ئىمام مىراس دەۋاسىغان چۇشۇپ سوتلىشىپتۇ >،<ھېلىقى باشلىق كانىيىدىن
ئىلىنىپتۇ ><ھېلىقى باشلىقنىڭ بالىسى خىرىستيانلىشىپ كېتىپتۇ >،<33591 تورىدا بىر
جۈپ قومۇللۇق ياشنىڭ سۆيىشىۋاتقان رەسىمى باركەن >......................
ئەنە قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا بەزىلەر سادىر قىلىۋاتقان ئەشەددىي ئەخلاقسىزلىقلارغا قاراپ
بېقىڭلار !!!بۇ رەسۋاچىلىقلار ھارام نەرسىلەرنى ئىلغىماي دىلىمىزنى بۇلغاپ ئىتىقاتىمىزغا سۇسلۇق
قىلىشىمىزدىن بولغان ئىشلار .بۇ ئىشلارنى كۆرسەك توسىمىغان بىزدىمۇ مەسئولىيەت بار .
ئاللاھ ئادىلدور نىمىگە كۈچىسەك شۇنىڭدىن ھوسول
ئالىمىز .ئاللاھ بىزنى ھەر ۋەقەلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇ تۇرىدۇ .ئويلىنايلى كۆپچىلىك !!
ئاخىرىدا تۆۋەندىكى ھەدىس ئارقىلىق ئىنكاسىمنى ئاخىرلاشتۇراي .
ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بىزگە ئۇلۇغ ئىگىمىزنىڭ ئاللاھىنىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دىگەن :‹‹ سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشىنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن ، مۇنداق قىلشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن ، بۇنڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا نارازى بولسۇن ، بۇ ئىماننڭ ئەڭ تۆۋەن زەئىپ دەرىجسدۇر ›› (ئىمان مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئاللاھ ھەممىمىزنى زەئىپ ئىماندىن ساقلىسۇن ئامىن .
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-09 10:56قايتا تەھرىرلىدى ]