ئابدۇروۇپ پولات تەكلىماكانى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز. ئەسەرنىڭ ئەسلى تېمىسى <<ئۇيغۇردىكى ئەبگارلىق>> .ئەسەر تېمىسىنى نىمە سەۋەپتىن ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم. پېقىر بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى تولۇق بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىققان. ئەسەردە ئۇيغۇر جەمىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋاتقان ناچار خاھىشلار قاتتىق قامچىلانغان.
ئەزىز تورداشلارنىڭ ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ ئاپتورغا تىل سالماسلىقىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن ،بۇ تولۇمۇ ئەدەپسىزلىك.
بۇ مۇھتىرەم ئۇستازغا باھا بەرگۈسى بارلار بۇ ئۇستازنىڭ
<< مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىندىن مۇئارىفەتۇل لۇغەتەيىنگىچە>> ناملىق ئەسىرىنىمۇ ئاز دىگەندە ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
تۆۋەندىكى قۇرلارنى دىققەت بەن ئوقۇڭ. ئەگەر تەپەككۈر ئۇسولىڭىزدا مەسىلە بولمىسىلا.........
<<بىراق، ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئولارنىڭ (ئەلھەمدۇ لىللاھ، مەن مۇسۇلمان) دىگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ (ناماز ئوقۇش كونىلىق بۇلىدۇ) دىگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەرنى قۇيىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ (مەن ماركىسىزمچى، كوممونىستمەن) دىگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتى كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى- سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلاپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائىتىنىڭ قاتارىغا قۇشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قۇيىۋىتىپ، قوللىرىدىن تەسۋى چۈشۈرمەي (سۇبھانەللاھ) دىيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە- مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ (ھاجى ھەرەم) بۇلىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ (مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن) دىگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يۇرۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى (كۆڭلى قارا ئادەم) دەيدۇكى، قارا كۆڭۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يىگانە (مەن) دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كۇيىدا، يەنە قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا- ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۇيىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ- 21- ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇلىۋاتقان ئەھۋال. >> [ بۇ يازمىنىnurدە2011-09-11 17:48قايتا تەھرىرلىدى ]