ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى arsilanhanدە2011-09-10 20:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
«ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا ھەقىقى ھالال يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى كۆپچىلىكنىڭ بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق تەشكىللىك تەكشۈرۈشلەرنى ۋاقتى بولسىلا قەتئىي قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزگە رەھمىتىنى بىلدۈردى »
بۇ سۆزىڭىزگە قاراغان ئايشەمخان بۇرۇن ھالال بولمىغان نەرسىلەرنىمۇ ساتقان ئوخشىمامدۇ ؟
ياخشىمۇ سىز ؟ ئارىسلانخان ، قارىسام سىز مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭى ئەزاسى ئىكەنسىز ، مەخسوس موشۇ تېما ئۈچۈن كىردىڭىزمۇ - قانداق ؟! ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مىللىي كارخانىمىز ئايشەمخان تورتخانىسى توغرىلىق يۈز بەرگەن مەسىلىگە تۇتىۋاتقان سەمىمىي پوزىتسىيىسى ، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھلىل ۋە ئەمىلىي پاكىت خاراكتىرلىق تەكشۇرۇشلىرىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى كۆرۇپ تۇرۇپمۇ يەنە " ئىغۋا " تۈسىنى ئالغان بۇنداق پىكىر قىلغىنىڭىز بەكمۇ ئەپسوسلىنارلىق ئىشمۇ قانداق؟ !
" .....ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ...............رەھمىتىنى بىلدۈردى ." __ سىزنىڭ ئۈزۈپ ئالغان مونۇ جۇملىڭىز بەكمۇ كۇلكىلىك ! قارىغاندا سىز "ھەمدە..." نىڭ ئالدىدىكى مەزمونلارنى چۈشىنەلمىدىڭىزمۇ ياكى.......؟!!
مۇنبىرىمىز ئەزالىرى سىز دىگەندەك ئىشلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى پاكىت خاراكتىرلىق كۆرۇپ ، تەكشۈرۈپ چىقتى ، مەقسىدى : موشۇ ئىشلارنىڭ راست،يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ ، كەڭ ئاممىنى خاتىرجەم قىلىش . سىز ئەگەر بۇ تەكشۇرۇشكە ، زىيارەتكە قايىل بولمىغان بولسىڭىز ، كېيىنكى سۈرەتلىك زىيارەتنى كۆرۇڭ ، ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىللە كۆرەيلى . ھەرگىزمۇ ئەمىلىي پاكىت ئالدىدا كۆزىمىزنى يۈمىۋالىدىغان ، راۋان ، تولۇق جۇملىلىرىمىزدىن خالىغانچە ئۈزۈپ ئېلىپ ، ئەسلىدىمۇ كۆڭلى پاراكەندە ئاممىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ پاراكەندە قىلىدىغان ، پاكىتسىز ، پەرەزنى ئاساس قىلغان ، چۇۋالچاق پىكىرلەرنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنايلى .
مېنىڭچە ئارىمىزدىكى بىر ئۇيغۇرىمىزنىڭ يۇزىدىكى بىر قارا يۇيۇلسا ، يولى كېڭىيىپ ، روناق تاپسا ، بۇ ئەلۋەتتە ئەزەلدىنلا تىجارەت ۋە باشقا كەسىپلەردە تېخى باشقا مىللەت ، باشقا رايونلارغا قارىغاندا دىگەندىكىدەك تەرەققى قىلىپ كېتەلمىگەن ، بوينىمىزنى قىسىپ كېلىۋاتقان بىزدەكلەر ئۈچۈن زور ياخشىلىق ۋە ئامەتتۇر . بولسا باشقا چوڭ-كىچىك كارخانىچىلىرىمىزنىڭمۇ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش روھنى نامايەن قىلىپ ، ۋۇجۇدىنى پاك تىلەك ، ھالال نىيەتلەرگە تولدۇرۇپ ئۇزلۇكسىز ئالغا مېڭىشىغا چىن - دىلىمدىن تىلەكداشمەن !!