ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈگۈن ھۇررا مۇنبىرىنى كۆرسەم ئابلەت بوۋاينىڭ قومۇلغا يول ئالغانلىقى توغىرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم خەۋەر تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە . ئابلەت ئېلى بوۋاي ئۈرۇمچىدىكى قىسقىغىنا 3كۈنلۈك ئارام ئېلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ،9-ئاينىڭ7-كۈنى ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قاراپ ۋېلسېپىتلىك يولغا چىقتى. بوۋاي سەپىرىدە توقسۇن،تۇرپان،پىچانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.شۇڭا شارايىتى يار بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ بوۋاينىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئابلەت ئېلى بوۋاي ئالاقە نومۇرى:13201232647
ئابلەت بوۋاي توغىرىسىكى مەن توردا كۆرگەن تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىچە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە ئۈستى-بېشىغا كەسپىي ۋېلسىپىت تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيىمىنى كېيىۋالغان بىر ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدىم، بوۋاي بىلەن مۇڭداشقاندىن كېيىن ،بۇ كىشىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئۆزى يالغۇز ۋېلسىپىت مىنىپ شىنجاڭنى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ چۆچەكتىن يېنىپ قارامايغا كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئككىنچى كۈنى ساھەردە بوۋاي چۇشكەن مېھمان سارايغا بېرىپ ئىككىمىز بىرگە ‹‹ نائىل ›› تېز تاماقخانىسىغا بېرىپ ناشتا قىلغاچ بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىگەللىدىم.ئابلەت ئېلى بوۋاي ۋېلسېپېت ھەۋەسكارى بولۇپ ، 2008-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئوۋلېمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ بىر نۆۋەت دىيارىمىزنى يىگانە ۋېلسېپېت بىلەن ئايلانغان ئىكەن، بۇ نۆۋەت بولسا پارتىيىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن يەنە بىر قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ناشتىلىقىمىز ئاياغلاشماي تۇرۇپ ‹‹ نائىل ›› تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى نەيىم ئەپەندى كېلىپ قالدى، ئۇ بوۋاينىڭ ئىشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بوۋاينىڭ قارامايدىكى مەزگىلىدىكى بارلىق تاماقلىرىنى ئۆ تېز تاماقخانىسىغا ئورۇنلارتۇردى، سۆھبەتتىن كېيىن مەن بوۋاينىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ۋە قاراماي ‹‹ دولان ›› پۇتبول كۇلۇبى ،قاراماي ‹‹ كىچىك بۈركۈت ›› ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبى بىرلىكتە بوۋايغا ئىختىسادىي ياردەم قولىنى سۇندى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى ،شىنجاڭ كېزەر دىلشات ئىنىمىز ئۈرۈمچىگە چۇشكەن كۈنى ئابلەت ئېلى بوۋاي قارامايدىن ئالتايغا قاراپ يولغا چىقتى، بىزنىڭ ئالاقىمىز بىلەن ئاخشام سائەت 10دا قاراماي ئورقا رايونىدا بوۋاينىڭ ئالدىغا 10لارچە ئۇيغۇر يىگىتىمىز چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم ھەم مېھمان سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ .ئەتىگەن بوۋاي سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئالتاي تەرەپكە يولغا چىقتى ھازىر 19:40 مىنوت ئۆتكەندە بوۋاي مەن بىلەن ئالاقىلاشتى ، دىيىشىچە قوشتولغايغا كېلىپتۇ. . ئابلەت ئېلى بوۋاينىڭ ئالتاي سەپرى لېنىيەسە: قاراماي --- قاراماي ئورقا رايونى--- قوشتولغاي--- بۇرچۇن ---ئالتاي(دۆلەت217يولىنى بويلاپ ماڭىدۇ) .13899588650, ئابلەت ئېلى بوۋاينىڭ ئالاقە نومۇرى:13201232647 تەكلىپ:(شەخسىي پىكرىم) 1. مۇنبەر ئەھلىنىڭ قارامايدىن ئالتايغىچە بولغان ئارىلىقتا تونۇشلىرى،تۇققانلىرى بولسا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ ،بوۋاينىڭ ھەر جەھەتتىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ھاۋالە قىلسا. 2. ئالدىغا چىققانلارنىڭ بوۋاينىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بولۇپ قويسا. 3. مۇنبەردە ئىنكاس قايتۇرۇپ ،بوۋاينىڭ ئاھۋالىنى كوپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرسا. 4.كوپچىلىكنىڭ بۇ خەۋەرنى باشقا ئۇيغۇر تورلىرى،مۇنبەرلىرى ۋە چ چ توپلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتسەك
ئابلەت بوۋاي  ئابلەت بوۋاي قارامايدىكى پۇتبۇل قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرگە  Mko,((>I1 75A60Uw نەيىم ئەپەندىم (دولان كوماندىسىنىڭ ئىگىسى ۋە جۈرئەت ئەپەندىم (قارامايدىكى پۇتبۇلنى ئەڭ قوللايدىغان مائارىپچى) ئابلەت بوۋاي بىلەن بىرگە I*mBU^<9V  ئابلەت بوۋاي ئۆزىنىڭ بەدەن چىنىقتۇرۇش تەجرىبىسىنى بالىلارغا سۆزلەپ بەرمەكتە |