turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 4435 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرزادە: مۇساپىرچىلىقتا ئەسئەت سۇلايماننى سېغىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-13)
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش مۇنبرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار!
        ئۈچ-تۆت ئاي بۇرۇن باغداش ئىنىمىزنىڭ بۇ مۇنبەر ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولساممۇ، ئشىلىرىم ئاۋۇپ كېتىپ بۇ مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرەلمىگەن ھەم ھەر قايسىڭلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش پۇرستىىگە ئېرىشەلمىگەنىدىم. ئەمدى پۇرسىتى كەلگەن ئوخشايدۇ. بۈگۈن كىرىپ مۇنبەردە نادىر تېمىلارنىڭ ۋە ئىلغار پىكىرىلىك تورداشلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ھەم سۆيۈندۈم ھەم بۇ مۇنبەرنى بالدۇرراق ئېچىپ كۆرمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم(ۋاقتىدا كىرەلمىگىنىم ئۈچۈن باغداش ئىنىمدىن ئۆزرە سورايمەن). تورداشلارغا سالام بەرگۈم كەلدى. ئەمما، قۇرۇق قول كېلىشىنى خالىماي، دوستلرىمىنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن يېقىندا قۇرۇلغان "سەرخۇش بلوگى" دىن ئاممىبابراق بىر تېمىنى ئېلىپ كەلدىم. "مۇساپىرچىلىقتا ئەسئەت سۇلايماننى سېغىنىش" دېگەن بۇ تېما "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دە ئېلان قىلىنغان "زىيالىلارنىڭ رولى ۋە كىملىكى ئۈستىدە ئويلىنىش" دېگەن ماقالىىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، ئۆزۈمچە بۇ تېمىنى مۇشۇ مۇنبەرگە ماس كەلگۈدەك دەپ قارىدىم. 
     بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇنبەرگە كۈندە كىرەلمىسەممۇ ئارىلاپ كىرىپ، پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىمەن، يېڭى تېما يوللايمەن ھەم خالايدىغان تورداشلارنى "سەرخۇش بلوگى" غا كىرىپ زىيارەت قىلىپ چىقىپ كېتىشىكە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇلىنىشى:http://serhush.com

مۇساپىرچىلىقتا ئەسەد سۇلايماننى سېغىنىش

ئىلىم تەتقىقاتى زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ
        مەن ئەسەد سۇلايمان ئاكا بىلەن ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكىدەك جىق كۆرۈشمىگەن. ئاز، ئەمما مەنىلىك سۆھبەتلەردە بولدۇق. گاھى سۆھبەتلەرنى ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، گاھى سۆھبەتلەرنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئىككىمىز يۈزمۇيۈز تۇرۇپ قىلىشتۇق. ئەسەد سۇلايمان ئاكىغا مۇناسىۋەتلىك كەچمىشلەرنى ئەسلىگىنىمدە، مۇنداق بىر قانچە نۇقتا ئېسىمگە كېلىدۇ. بىرى، ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇش تەييارلىقى بىلەن تۇرغان كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ «ھازىرقى ياخشى شارائىتىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى» دىگەن گېپى ؛ ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق كىتابىنى يېڭى ئېلىپ ئوقۇپ ھېچنېمىنى ئۆگىنەلمىگىنىم ۋە ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ بەتمۇ-بەت خاتىرە قالدۇرۇپ تۇرۇپ ئوقۇغىنىم؛ ئۈچىنچىسى، ئۇنىڭ « تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى بەرگەن ئىلھام.
 
          2006  -يىلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدىم. ھاياجانلاندىم ھەم خىيالچان بوپقالدىم. ھاياجىنىمنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما خىيالچان بوپقېلىشىم، شۇ چاغدىكى راھەتلىك تۇرمۇشۇم، كىچىك بولسىمۇ تونۇلۇۋاتقان ئىگىلىكىم بىلەن غايەم ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش ئارىلىقىدىكى ئازابلىق تېڭىرقاشلارنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر ئىش بىلەن بېرىپ، كاللامدا ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە، ئەسەد سۇلايمان ئاكا بەختىمگە يارىشا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرغانىكەن. بىز بۇرۇنمۇ ئۆيۈمدە ۋە باشقا ئىلىم سۆھبەتلىرىدە كۆرۈشكەن، ئەسرارلاشقان بولغاچقا، قورۇنۇپ ئولتۇرمىدىم. قىسقىچە ھال- ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېلىشتىكى مەقسىتىمنى− ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كېلىپ، قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم.
− ئادەمنىڭ ئۆزى قىيالمايدىغان نەرسىلەردىن، ئەۋزەل شارائىتتىن كەچمىكى تەس، بۇنى چۈشىنىمەن. ئەمما ھازىرقى شارائىتىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى. چاقىرىق كەلگەن بولسا، بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. چوقۇم ئوقۇڭ. ئۇ يەرلەرگە چىقىپ دەماللىققا جاپا تارتىسىز، قۇربان بېرىشىڭىزنىڭ ۋەزنى ئۈستىدە ئويلىنىسىز. ئەمما، يىراقنى كۆزلىگەندە ئەرزىيدۇ، ئىككىلەنمەڭ.
        ئۇ يەنە ئارىلىقتا تەتقىقات نىشانىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر تاللاش، تەتقىقات دائىرىسىنى مۇمكىنقەدەر كونكرېتلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردا بىر مۇنچە مەسلىھەت بەردى ۋە ھازىر كىملىك تەتقىقاتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ناھايىتى گۈللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، «كىملىك ۋە شەھەرلىشىش» تېمىسىدا ئىزدىنىشىمگە بىر نۇقتىدىن ئۇستازنىڭ ئاشۇ نەسىھەتلىرى سەۋەب بولغانىكەن. نىشاننىڭ ئېنىق بولماسلىقى، غايىنى بەك يۈكسەك، تەتقىقات دائىرىسىنى بەك كەڭرى قىلىۋېلىش، ئىلىمدە  ئىزدىنىۋاتقان ئادەمنىڭ ھېچقانداق ساھەدە پۈتۈن بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەتقىقاتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تونۇش ھاسىل قىلىشىمغا ئەسەد سۇلايمان ئاكا سەۋەب بولدى دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
      ئۇنىڭ « تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ » ناملىق كىتابىنى 1999-يىلىلا يېڭى نەشردىن چىققاندا سېتىۋالغانىدىم. ئەمما ئۇقۇپ ھەزىم قىلالمىغانىدىم (ياش ئالىمنىڭ مەزكۇر كىتابىدىكى ئاساسلىق ماقالىلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ 1990 – يىللاردىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغانىدى. − مەسئۇل مۇھەررىردىن). يەتتە يىلدىن كىيىن، يەنى 2006-يىلى ئۆكتەبىردە «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكىنىم رەسمىي ئېنىق بولغاندا بۇ كىتابنى قايتىدىن تەپسىلىي ئوقۇدۇم، خاتىرە قالدۇردۇم. كىتاب مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدى. جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئايال يازغۇچىسى چى زىجيەن مۇخبىرلار ئۆزىنى زىيارەت قىلغاندا كىتاب ئوقۇش توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا بىز كىتابتىن ھېچقانداق نەپ ئالالمايمىز. بىرى، ئۇ،  چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ئەخلەت كىتاب بولسا ؛ يەنە بىرى، كىتاب ئۆزى ياخشى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىز تېخى كەلمىگەن بولسا.» مېنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىم ئىككىنچى خىلغا ياتاتتى. يەنى، مەن روھىي دۇنيارىم بۇ كىتابنى ئوقۇشقا تولۇق شەرت – شارائىت ھازىرلىمىغان ئەھۋالدا، توغرىراقى، نەزەر دائىرەم تار ۋاقتىدا ئوقۇپ، ئۇ كىتابتىن ھېچقانداق نەپ ئالالمىغانىدىم. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سىزنىڭ بىر ئىلمىي ئەمگەكتىن نەپ ئالالماسلىقىڭىز ئۇ ئەسەرنىڭ ناچار يېزىلغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئوقۇش ۋاقتىڭىزنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. يەنە شۇنداقلا، بىزنىڭ بىرەر مۇتەپەككۇرنىڭ پىكرىنى ھەزىم قىلالماسلىقىمىز، ئۇنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەسلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىنسان ھېچبولمىغاندا ئۆزىدىكى بىلىمسىزلىك ئازابىنى يېڭىشى، كاللىسىنى زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئىزدىنىشى كېرەك. كېيىن جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىپ بۇ كىتابنى قايتا قولۇمغا ئالغىنىمدا، ئاپتورنىڭ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىدا پسىخىك چۆكمە بوپقالغان نۇقتىلارغا بەكرەك ئاغدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيىنىڭ، ئىجتىمائىي كونترولنىڭ كۈچىگە سەل قارىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەلكىم ئۇنىڭ شارائىتى، ئىمكانىيىتى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇ يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى چۈشىنىپ باقسا، بۇرۇن ھېس قىلمىغان تەرەپلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئەسىرىنى قايتىدىن ئىشلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈش ماقالىمىزنىڭ مەقسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ گەپلەر ھازىرچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
         2003-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ »تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە« ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشردىن چىقتى. مەن بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر نەزىرىدىكى ئوبرازى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نۇقتا مېنى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا بەند قىلدى. مەن بۇ كىتابتىن شۇنداق ھۇزۇر ئالدىم. ئادەتتە مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىتابنى قولۇمغا ئالغىنىمدا بىراقلا ئوقۇپ قوپۇپ كېتىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق بولغاندا، كىتابتىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھاملار ئارىلىقتىكى ئۈزۈكچىلىك تەسىرىدە غۇۋالىشىپ قالمايدۇ. ئاپتور بىلەن تەڭ مۇڭدىشىپ قىلىۋاتقان پىكىرنىڭ ئىزچىللىقى بولىدۇ. ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ بۇ كىتابى ماڭا تەتقىقاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەرس بەرگەن، قايناق ئىلھاملارنى ئاتا قىلغان. شۇ ئارىلىقتا ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ »ئۆزلۈك ۋە كىملىك« دىگەن كىتابىدىكى ئىنگلىزچە كىرىش سۆزنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلدىم. 2006-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكا بېرلىنغا خەلقئارالىق ئىلىم مۇھاكىمىسى يىغىنىغا بارىدىغان بوپقالدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ خۇنەندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلىپ تېلېفون بېرىپتۇ. مەن ئۇستازنىڭ بۇ ھاۋالىسىنى خۇشھاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. تەرجىمىنى تۆت كۈن ئىچىدە تۈگەتتىم. تەرجىمىنى تاپشۇرغاندا ئەسەد سۇلايمان ئاكا ناھايىتى خۇشھال بولدى. مەنمۇ ئۇستاز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش  قىلىپ بېرەلىگىنىم ئۈچۈن خۇرسەن ئىدىم.
       بىر كۈنى ئۈرۈمچى «يەنئەن» يولىدىكى «شىنخۇا» كىتابخانىسىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. بىز پاراڭلاشقاچ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. ئويغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر، بولۇپمۇ رومانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئەسەد سۇلايمان ئاكا يېڭى چىققان بىر روماننى ۋاراقلىغاچ ماڭا شۇنداق دېدى :
      − رومانلار بىزدە خېلى جىق چىقتى. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. ئەمما، بىزدە ئەدەبىي ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىغاندا ئىلىم تەتقىقاتى قىلىدىغانلار بەك ئاز. نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا ئىلىم تەتقىقاتى زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىۋاتىدۇ. بىزدە ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا سىغدىلىپ كىرىۋالغان نۇرغۇن ئادەم بار. بۇنداق كىشلەردە تىرىشچانلىق بار، بەلكىم ئىقتىدارمۇ بولۇشى مۇمكىن. مەن دېمەكچى، ئەدەبىي ئەسەرنى يازالايدىغانلار يازسا. ئەگەر بۇ جەھەتتە تالانت بولمىسا، باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە كۆچۈش كېرەك. ئىلىم تەتقىقاتى قوشۇنىمىز زورايسا بولاتتى.
ئەسەد سۇلايمان ئاكىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇنىڭ تەتقىقات ھەققىدىكى بۇ سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ.
         مېنىڭ ئىلىم تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قېلىشىممۇ سەۋەبسىز ئەمەس. مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەتقىقاتىنىڭ ئاجايىپ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقى ۋە گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى كۆردۈم. «بۇ كۈنلەردە رىزقىم بار» ناملىق ماقالەمدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، چەت ئەللەردە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتلار ئىچىدە ئويغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەر نىسبەتەن ئازكەن. يەنە كېلىپ، چەت ئەللەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن پايدىلانمايدىكەن. بۇ ھال ماڭا بىر نۇقتىنى − بىزدە ئىزچىل سەل قارىلىۋاتقان، خاتا چۈشىنىلگەن ياكى تىكىپ قوراشتۇرۇپ پاخال قىلىۋېتىلگەن تەتقىقاتنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا يولىغا قايتىپ كېلىشى لازىملىقىنى ھېس قىلدۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەد سۇلايمان ئاكىدەك باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش تەتقىقات قوشۇنى بولۇشى كېرەككەن.
       بۇنداق ئويلىشىمدا يەنە مۇنداق سەۋەبمۇ بار. ھەقىقىي − چىن مەنىسى بىلەن قىلىنغان ئىلىم تەتقىقاتى ئەجدادلارنىڭ ئەقلىنى ئەۋلادلارغا ئۇلايدىغان ئەقلىي مىراس؛ بۇرۇنقىلارنىڭ پىكىرىي قۇۋۋىتىدىن دالالەت بېرىدىغان مەنىۋىيەت ئەينىكى؛ بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم شەرت. شۇڭا ئىلىم تەتقىقاتى بولۇشى، بولغاندىمۇ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بولۇشى كېرەك. رېئاللىقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن چىقىش قىلغاندا، پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان بىر تۈركۈم ياش تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان، جىق ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك جەريان. يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا مەجبۇرىي سىغدىلىپ كىرىۋالغان، ئەمما تۈزۈك نەتىجە يارىتالمىغانلار ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ باشقا ساھەسىدە ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ.
        مەن مۇساپىرچىلىقتا پىكىر ھەمراھى ئىزدەيمەن، خىيالىمدا كىملەردۇر بىرسى بىلەن غايىبانە پاراڭلاشقۇم كېلىدۇ. ئەسەد سۇلايمان ئاكىنى مۇساپىرچىلىقتا سېغىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن خىيالىي مۇڭدىشىمەن. ئۇ، خىيالىمدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق سېيمالارغا ئوخشاشلا زاھىر بولىدۇ، ماڭا مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكچى بولىدۇ. مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى، ئۇ، ئىلىم تەتقىقاتىنى چىن مەنىسى بىلەن قىلدى؛ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىن ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تەتقىقات رېلىسىنى ئۇلىدى. مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى، ئۇ، باش چۆكۈرۈپ داۋراڭسىز ئىشلىدى ؛ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى، قىممەتلىك ئەمگىكى بىلەن تالاي ئىلىمخۇمار ياشقا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى، ئىزدىنىشچان روھى بىزگە  بىلىمى ۋە پەزىلىتى بىرلەشكەن بىر مۇنەۋۋەر زىيالىينىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ۋە مۇنداق بىر نۇقتىنى روشەنلەشتۈردى: ساغلام ئىدىيىنىڭ جامائەت قەلبىگە سىڭىشى، تەسىر قىلىشى ناھايىتى ئاستا جەريان. بۇ جەريان مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنسان قەلبىنى ئوۋ نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ. سەگەك پىكىر ئىگىلىرى ئاشۇ ئىدىيىلەرنى ئۇچرىشىشلار، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر داۋامىدا يەنە بىر تۈركۈم سەگەك كىشىگە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مۇنەۋۋەر بىر زىيالىي ھايات ۋاقتىدا تەتقىق قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىكىرىي قۇۋۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزىتىلىشى لازىم. يامان يېرى، بىزدە بۇ ئۆلچەمگە چۈشىدىغان مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ئاز قېلىۋاتىدۇ. قېنى، مېڭىپ باقايلى، يول تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا !

سەرخۇش تور خاتىرىسىدىن ئېلىندى . ئۇلىنىشى: http://serhush.com
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-12, 12:35
ئۇيغۇرزادە تور خاتىرىسى http://serhush.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-12 05:36 |
bagdax
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 14
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 839 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 432 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 433 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 924(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسىلام : زۇلپىقار ئۆز باش ئاكا ،
باغداش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز : ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدا سىزنىڭ شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرستىتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەرىڭىزدىن باشلاپ سىزنى تونىغان ئىدىم .
  كېيىن شىنجاڭ مەدەنىيتىدە سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن: مانا بۈگۈن سىزنىڭ باغداشقا كىرگەنلىكىڭىزدىن مەن ئەمەس نۇرغۇن تورداشلار چوقۇم خوش بولدى :
   مۇنبىرىمىز قايتا ئېچىلىپ ھازىر تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسىمۇ  خېلى مەزمونى چوڭقۇر كىشىگە پايدىسى بولدىغان ئەسەرلەر خېلى بار :
ھەم سىز بىلەن پىكىرداش ، سۆھبەتداش بولىدىغان پىكرى ئۆتكۈر تورداشلىرىمىزمۇ بار :
  بۇندىن كېيىن باغداش تورى ئارقىلىق سىز بىلەن كۆپرەك ئەسرالىشىپ تۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز !
   سالامەت بولۇڭ !
lutun
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 12:57 |
taxkin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
تۆھپە: 132 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 132 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۇيغۇر زادە نىڭ يازمىللىرىنى  شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدە كۈرۈپ ئۇيغۇرزادە گە ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى .مانا بۈگۈن باغداش مۇنبىرىدە ئۇيغۇر زادە نىڭ بۇماقالىسىنى كۈرۈپ،   ئۇيغۇر زادە نىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولماي  تۇرالمىدىم.          ئۇيغۇر زادەنىڭ    بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگەزور ئۇتۇقلار تىلەيمەن !                                    
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 13:40 |
ئېقىن
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 213 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 214 سوم
تۆھپە: 120 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 121 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھابا! ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم ،قەدىمىڭىز بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئىشىنىمەنكى ئۇزۇنغا بارماي بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. سىز تۈزگەن «سەرخۇش ئېنگىلىزتىلى3» نى ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇچۇرۇشىشنى باشلىغانىدىم . بۇ كىتابلار توغرۇسىدا تېلفۇندا سۆزلەشكىنىمىز بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالغاندۇ.  جەمىئەت، مىللەت توغرۇسىدىكى ئەسەرلىرىڭىز بىزگە داۋاملىق يېڭى ئويلارنى ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.ھارمىغايسىز!
hawar
ھاياتىڭ كۆل سۈيىدەك ئەمەس، ئېقىندەك جۇش ئۇرۇپ تۇرسۇن!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 14:50 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 959
شۆھرەت: 5334 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5307 سوم
تۆھپە: 3135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3118 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2893(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇرزادىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 16:41 |
uytekin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 165
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 12 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھابا! ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم  باغداش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىلىغىڭىزغا خوش بولدۇق.
ئۇلۇغ ئەجدادىمىز نەچچە ئەسىرلەردە ياراتقان پارلاق مەدىنيىتىمىز يات مەدىنيەتلەرنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كىلۋاتقان .بىلىپ بىلمەي بەزى قىممەتلىك مەدىنيەت بايلىقلىرىمىزنى يوقۇتۇپ قويۋاتقان .موشۇنداق تەخىرسىز ئەسىردە ئۆزىنى زىيالى، ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ بىر تامچىسى دەپ بىلدىغان ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بىر سىناق ،تۆھپىنىڭ چوڭ كىچىگى بولمايدۇ،بىر ئېغىز ساپ ئۇيغۇر سۆزىنى ساقلاپ قالغنلىقمۇ چوڭ تۆھپە،ئۇيغۇرغا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشمۇ چوڭ تۆھپە.يوقۇلۇپ كىتىش خەۋىپى بولۋاتقان،ئۇنتۇلۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتقان مەدىنيەت بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ چىقىش،تەتقىق قىلىش،ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش كىرەك.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 17:14 |
0998turkizad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زۇلپىقاركا باغداش تورىغا كىرگەنلىكىڭىىزدىن خۇشالمەن!
سىزدىن  سوراپ باقاي ئەسئەت سۇلايمان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايون تەۋەسىدە بارمۇ يوق؟
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 17:40 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرەت: 848 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 849 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 507 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى 0998turkizadدە2011-09-12 17:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زۇلپىقاركا باغداش تورىغا كىرگەنلىكىڭىىزدىن خۇشالمەن!
سىزدىن  سوراپ باقاي ئەسئەت سۇلايمان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايون تەۋەسىدە بارمۇ يوق؟


ئەسەت سۇلايماننىڭ قايتىپ كېلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا داۋاملىق ئىشلەيدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا  خەۋەر بار :
 لېكىن ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىكنى بىلمايدىكەنمەن :
 بەلكىم زۇلپىقار بىلىشى مۇمكىن :

زۇلپىقار ئۆزباش ئامىرىكىغا بارغاندىن كېيىن  نۇرغۇن قېتىم شىنجاڭ مەدەنىيىتىدە نادىرئەسەر لەرنى ئېلان قىلدى ،
مېنىڭ سەمىمىي تەكلىپىم : 
 بەزى ئەسەرلەردە كەسپىي ئاتالغۇلار كۆپرەك ، گەرچە ئىزاھىتى بېرىلگەن بولسىمۇ سەل چۈشىنىكسىز "بولسا كېيىنكى ئەسەرلەردە سەل چۈشىنىكلىك ۋە ئاددى قىلىپ يازغان بولسا دىگەن كىچچىكىنە تەلىپىم :
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 18:50 |
oyganganzimn
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 232
شۆھرەت: 1384 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 794 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 244(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەدىمىڭىزگە مەرھابا،زۇلپىقار  بارات  ئۆزباش  ،باغداش مۇنبىرىگە  ئەزا  بولغانلىقىڭىزنىڭ  ئۆزى باغداش  مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ  خوشاللىقى،شۇنداقلا  سىزنىڭ  ئىنتايىن كىچىك  پىئېل  پەزىلەت  ساھىبى  ئىكەنلىكىڭىزنىڭ نامايەندىسى،سىزنىڭ  ھاۋاي  ئونۋېرسىتىدا  ئوقۇۋېتىپ  يازغان جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى  ئەسەرلىرڭىزنى  ئوقۇپ  نۇرغۇن سېلىشتۇرما  تەسەۋۇرلارغا ئەگەشكەن  ئىدىم،ئۇيغۇرنىڭ دۇنياسىنى  ئۇيغۇر  بىلمىسە  باشقىلارنىڭ  ئۇنداق  بىلىپ كېتىشى  مۈمكىن  ئەمەس،چۈنكى  بىز  كۆپ  ھاللاردا  ئۆزىمىزدىن  ئۆزمىزلا  پەخىرلىنىپ  كەلدۇق،<<بىزنى دۇنيا  تونۇيدۇ>>  دېگەن  ئىككى-تۆت  تال سۆزلەر  بىزنى ناركۇز  دورىسىدەك  ئەللەيلەتتى،،ئەمما  بىزنىڭ سان  جەھەتتىكى نوپۇزىمىز  بىلەن  ئىلمىي  نوپۇزىمىز  تەتۈر  تاناسىپ  بولۇپ  كەلدى، مەنمۇ  ئىلگىرى ئەسئەد  سۇلايماننىڭ  نۇرغۇنلىغان  سۆھبەت-پىكىرىلىرىگە  داخىل  بولغان،ئەسئەدنىڭ  ئىجتىمائىي  پەن تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي  تەھقىنلىرى چەتئەللىك  نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي  پەن ئالىملىرنىڭ   دىققىتىنى  تارتتى،شۇڭا  ئۇلار  ئەسئەدكە  خەت  يېزىپ  ئۇنى  تەتقىقات ساھەسىدە  ھەمكارلىشىشقا  تەكلىپ قىلدى،ئەسئەد  ھازىر يەنە  چوڭ تەتقىقات تېمىلرىنىڭ  تەييارلىق  خىزمەتلىرىنى  ئىشلەپ  ئۇيغۇر  دۇنياسىغا  ئەڭ مول  نازۇ-نېمەتلەر  بىلەن  تولغان  مەنىۋى داستىخان  سالماقچى.
    ھۆرمەتلىك ئۆز باش  ئەپەندىم،ئاخىردا  سىزنىڭ  باغداشتىكى  قەدىمىڭىزنىڭ  قۇتلۇق  بولىشىنى تىلەش  بىلەن  ھاۋايدىكى  ئوقۇشىڭىزنىڭ  تېخىمۇ يارقىن نۇرلار  بىلەن جۇلالىنىشىنى،تېنىڭىزنىڭ  بەقۇۋۋەت  ساغلام،زەبەردەست  تۇرۇشىنى تىلەيمىز...
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-13 01:35 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرەت: 1070 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 608 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 879(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! زۇلپىقار ئەپەندىم. باغداش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.سىزنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى ۋە ئەلكۈيى مۇنبىرىدكى يازمىلىڭىزغا قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئىز بېسىپ  ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. ھەم مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزمۇ قالمايدۇ.ھەقىقەتەن ئادەمدە سىلكىنىش ۋە قاسراق تاشلاش پەيدا قىلىدۇ.باغداشتىمۇ ھەم مۇشۇنداق سەر خىل ئەسەرلەر كۆپ.بولسا جېك ۋە گۈلەن قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بۇ بىكەتلەرگە قەدەم تەشرەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ باقسىڭىز دىگەن ئۈمىددە مەن. سىزنىڭ« ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيدۇ؟»دىگەن ئىدىيىڭىز بۇيىچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئىلغار بىر مەۋقەگە باشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.باغداش تورنىڭ قۇرغۇچى ھەم باشقۇرغۇچىلىرىمۇ مۇشۇ ئىدىيە بىلەن ياشايدۇ دەپ ئويلايمەن.
  ئاللاھ سىزگە سالامەتلىك ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلسۇن!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-13 09:52 |
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۈتاشنىڭ ئاۋازىغا قېتىلدىم.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-13 14:30 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز