turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 650 قېتىم كۆرۈلدى
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 1452 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1456 سوم
تۆھپە: 811 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 818 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 <ساۋاقداشلارغا سالام>دىن بالىلار پىسخىكىسىغا نەزەر

      تۇغلۇق

  ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار، مەن نېمە ئۈچۈن جىنايەت يولىغا مېڭىپ، تېخى كىچىكلا تۈرمىگە بېرىپ قالغانلىقىمنى بايان قىلىش ئارقىلىق، سىلەرنىڭ مېنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۈگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزۈڭلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
       مەن ئەسلىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم، مانا ھازىر تۈرمىدە تۇرۋاتىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى قىزغىن، قاينام- تاشقىنلىققا  چۆمگەن مەكتەپ قوينىدا مېھرىبان ئۇستازلارنىڭ سەمىمى تەربىيسىدە ساغلام ئۆسۈۋاتقان ياش نوتا ئىدىم. مېنىڭمۇ مېھرىبان ئاتا- ئانام، ئىللىق ئائىلەم، كۆزلىرىدىن ئۈمىد نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان شوخ ھەم قىزغىن ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى. بىز بىللە ئوينايتتۇق، بىللە ئوقۇيتتۇق، كەلگۈسى ھەققىدە تولىمۇ شېرىن ئارزۇلارنى قىلاتتۇق، ھېچقانداق غەم دېگەننى بىلمەيتتۇق. مەنمۇ ئۈگىنىش جەھەتتە سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتىم. مۇئەللىم ھەمىشە مېنى ماختايتتى، داداممۇ ھەر دائىم: << ئوغلۇم بەك ئەقىللىق، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ >> دەپ مەندىن سۆيۈنەتتى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىزچىل ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم. بۇ مەزگىلدە مەن بىر قاتار يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتۇم، ئاغىنە بولدۇم. بۇ ساۋاقداش ئاغىنىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە مېنى ئىزدەپ كېلەتتى. مەنمۇ بەزىدە ئۇلارنى ئىزدەپ باراتتىم. بىز بىللە مۇزاكىرە قىلاتتۇق، زېرىككەن چاغلاردا قىزلارنى ئېلىپ تانسىخانىغا باراتتۇق. كېيىنچە ھاراق ئىچىشنى، تاڭلار ئاتقۇچە تورخانىدا ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدۇق. نەتىجىدە ئۈگىنىشتە چېكىنىپ كەتتىم. مەن بەزىدە ئۆزۈمگە پايدىسىز يولغا مېڭىپ قالغانلىقىمنىمۇ ئازدۇر- كۆپتۇر ھېس قىلاتتىم. نېمە ئامال؟ ، << ئەل- ئاغىنە دېگەننىڭ يۈزىنى، كۆڭلىنى قىلمىساق، كىممۇ بىزنى ۋاي دەيدۇ. ئەلدىن ئايرىلغۇچە جاندىن ئايرىل دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟!>>. كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋەردى، راست، ئىلگىركىلەر قالدۇرغان: << تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەغدىرىڭ شۇنداق بولار >> دېگەن سۆز ھەقىقەتەن توغرىكەن. مانا ھايت- ھۇيت دېگۈچە مەۋسۈملۈق ئىمتىھانلارمۇ كېلىپ قالدى. دادام يېققىندىن بۇيانقى ئەھۋالىمغا زەن سالغان بولسا كېرەك: << ئوغلۇم، ئوغۇل بالا دېگەن خەقنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تۇرسا نومۇس بولىدۇ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ سەت ئىش يوق، ئۈگىنىشكە سەل كۆڭۈل بۆلۈپ قويغىن، ئازىراق تىرىشقىن، سەن دېگەن ئوقۇغۇچى، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا ئوقۇش! >> دەپ تەكىتلەپ قويدى. بۇ ئەسلىدە ماڭا نىسبەتەن ئەڭ سەمىمى تەنقىد ئىدى. گەرچە دادام كونا زىيالى بولسىمۇ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. بىراق يېققىندىن بۇيان كوچىدىكى ئاغىنىلەرنىڭ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، پوخۇر كىيىنىپ يۈرۈشلىرى، كىنو- تېلىۋېزورلاردىكى ھەر خىل مەئىشەتلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن بېزەلگەن دېسكوخانا، تورخانا ۋە خىلمۇ-خىل ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار ھەر دائىم خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ماڭا بارا- بارا مەنىسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى، كاللامغا دەرسمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ، تاپشۇرۇق نەتىجەمنىڭ تۆۋەنلىكى مېنى تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ سىنىپ يىغىنىدا: << ئەكبەر قاپاق تۇرە- ھە، ھۇ دۆت!  نومۇسنى بىلمەيدىغان شالتاق......>> دەپ كايىپ كېتىشى مېنى ئوقۇشتىن بىراقلا بىزار قىلدى. مەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تىل- ئاھانەتلىرىدىن ئېغىر خورلۇق ۋە نومۇس ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىم مەكتەپنى، ئوقۇشنى ئويلىسام كۆڭلۈم ئەنسىرەيدىغان، ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز تەشۋىش بېسىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ماڭا قىلچىلىكمۇ خۇشاللىق بېرەلمىگەن بۇ مەكتەپتىن ئاخىرى چېكىنىش قارارىغا كەلدىم. كوچىدىكى ئاغىنىلەر بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. مەنمۇ ئەمدى ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرۈپ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى بارا- بارا يانچۇق كولاپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. شۇنداق يۈرۈپ ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەرياندا مەن كۆپ قېتىم يانچۇقچىلىق قىلدىم. تېخى تورخانىدىن ئاق تاماكا ئېلىپ چېكىپمۇ باقتىم، ئاخىرى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن تورىغا چۈشتۈم. شاراقلاپ سېلىنغان سوغۇق غەيرىي سائەت ئىككى قولۇمنى ئاچچىق قىسقاندىلا خاۋالىت ئۇيقۇدىن سەگىپ ئۆزەمنى تاپقاندەك بولدۇم. مەن سوراق جەريانىدا مەكتەپتىن قالغانلىقىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، بىراق مەن بەك، بەكلا كىچىككەن ئىدىم. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەسكى بولمىغى بىر دەملىك ئىكەن. مانا مەن قانۇننىڭ ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۈچ يىللىق تۈرمىدە ئۆزگىرىشكە كەلدىم. بۇ ئۈچ يىل گۈلدەك چاغلىرىم ئەمەسمىدى؟ ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان، بارلىق ئىقبال چېچەكلىرىم خۇشپۇراق چاچىدىغان مەزگىلىم ئەمەسمىدى؟ ئاھ، ئۈچ يىل!!!......... 
     مەن ئازغىنا ھوزۇر- ھالاۋەتنى، ساختا ئابروينى، بىمەنە تۇرمۇشنى چوڭ كۆرۈپ ئۆزۈمنى نابۇت قىلدىم، گۈزەل ئىستىقبالىم ۋەيران بولدى. ئاتا- ئانامنى، ئۇستازلىرىمنى بىھۇدە يەرگە قاراتتىم. مەن ھازىر رەزىل ۋە خۈنۈك ئۆتمۈشۈمنى ئويلىسام ناھايىتى خىجىل بولۇۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە ئوخشاش ئازغان ياشلارنى يەنىلا ئۈمىد بىلەن تەربىيلەپ چىقىش يولى، ئىستىقبال بەرگىنىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىۋاتىمەن. مەن تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، پىسخولوگلارنىڭ سەمىمىي يېتەكلىشىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز قىلمىشىمغا ئاڭلىق تۆۋۋە قىلماقتىمەن. كېلەچىگىمنى ئويلىسام يەنىلا پۇرسەتنى قەدىرلەپ قانۇن، مەدەنىيەت پەنلىرىنى تىرىشىپ ئۈگەنمەكتىمەن.
ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار، بۇ ئاددىي سالىمىم سىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ نەسىھەت بولالىغىنىدا، سىلەرنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، ئائىلە ۋە مەكتەپتە تەربىيىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، قېتىرقىنىپ تىرىشىپ ئۈگىنىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلاد بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
           مۇنۇ خەتتىن مەن  ھازىر بالىلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان پسخىك مەسلىلەرنى تۆۋەندىكى بەش نۇختىغا يىغىنچاقلىدىم.

1.تونۇش- بىلىش مەسىلسى

  ھەممىمىزگە ئايانكى،ئادەمنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى توغرا بىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئامرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى سىكوت پىك:<< قەلب خەرىتىسى>> ناملىق ئەسىرىدە: << ئەسقاتمايدىغان ئەقىدىلەردە كاجلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، رىئالىققا ئازغۇنلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىش داۋامىدا قەلىب كېسەللىكى پەيدا بولماي قالمايدۇ>> دەپ يازىدۇ. بۇ خەتتە بولسا:<<مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىزچىل ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم. بۇ مەزگىلدە مەن بىر قاتار يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتۇم، ئاغىنە بولدۇم. بۇ ساۋاقداش ئاغىنىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە مېنى ئىزدەپ كېلەتتى. مەنمۇ بەزىدە ئۇلارنى ئىزدەپ باراتتىم. بىز بىللە مۇزاكىرە قىلاتتۇق، زېرىككەن چاغلاردا قىزلارنى ئېلىپ تانسىخانىغا باراتتۇق. كېيىنچە ھاراق ئىچىشنى، تاڭلار ئاتقۇچە تورخانىدا ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدۇق. نەتىجىدە ئۈگىنىشتە چېكىنىپ كەتتىم. مەن بەزىدە ئۆزۈمگە پايدىسىز يولغا مېڭىپ قالغانلىقىمنىمۇ ئازدۇر- كۆپتۇر ھېس قىلاتتىم. نېمە ئامال؟ ، ئەل- ئاغىنە دېگەننىڭ يۈزىنى، كۆڭلىنى قىلمىساق، كىممۇ بىزنى ۋاي دەيدۇ. <ئەلدىن ئايرىلغۇچە جاندىن ئايرىل >دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟!>> دىگەن باياننى كۆرىمىز. مانا مۇشۇ باياندىن بىز ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەينى چاغدا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن تونۇش -بىلىش جەھەتتە ھىسسى سەۋىيەدە قالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.دىمىسەكمۇ بالىلار ھامان ھادىسىنى كۆرۈپ، ماھايەتنى كۆرمەيدۇ.تەنقىتنىڭ ئاچچىق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدۇ.خەلقىمىز ھەمىشە :<< ئادىشىڭ قاغا بولسا ،يىيىشىڭ پوق!>>دەپ تەكىتلەيدۇ.ئېنىقكى، ئىسانىيەتنىڭ جەمىيىتى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەت جەمىيىتىدىن ئىبارەت.شۇڭا بىز جەمىيەتتە ياشىغان ئىكەنمىز ئەڭ ئەۋۋەل تەبىئى ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە دۇچ كىلىمىز.مانا بۇ ئېھتىياج بىزدىن ئۆزىمىزنى بىلىشنى،ئوبىكىتنى،سوبىكىتنى بىلىشنى بولۇپمۇ ماھايەتنى بىلىشنى جۈملىدىن كىشىلىك مۇناسىۋەتنى توغرا بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ساغلام پىسخىك ئاساستىن ئايرىلىپ قالىمىز.<<ساۋاقداشلارغا سالام>>ناملىق خەتتىن ساۋاق شۇكى،بالىلار ساغلام پىسخىكىغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىكەن،توغرا بىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇساپىنى چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشى كىرەك.بولمىسا بالىلاردا روھى تىنەش كىسىلى پەيدا بولۇدۇ.

2.   ظادةت مەسىلىسى

ھەممىمىزگە مەلۇم  ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ. ئادەمدە ياخشى ئادەت بولسا ھامان ياخشى خاراكتىر يىتىلىدۇ.ئەگةر ئۇنداق
بولمىسا ئەكسىچە بولىدۇ. ئېنىقكى، <<ساۋاقداشلارغا سالام>>ناملىق خەتتە:<< مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىزچىل ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم. بۇ مەزگىلدە مەن بىر قاتار يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتۇم، ئاغىنە بولدۇم. بۇ ساۋاقداش ئاغىنىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە مېنى ئىزدەپ كېلەتتى. مەنمۇ بەزىدە ئۇلارنى ئىزدەپ باراتتىم. بىز بىللە مۇزاكىرە قىلاتتۇق، زېرىككەن چاغلاردا قىزلارنى ئېلىپ تانسىخانىغا باراتتۇق. كېيىنچە ھاراق ئىچىشنى، تاڭلار ئاتقۇچە تورخانىدا ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدۇق. نەتىجىدە ئۈگىنىشتە چېكىنىپ كەتتىم>> دىگەن باياننى كۆرىمىز. دىمەك ،بىز بۇ باياندىن ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا پاسسىپ ئىندۇۋىندىئال مايىللىق،چۈشكۈن روھى خاراكتىر پەيدا قىلىدىغان سەلبى تەرەپنى كۆرەلەيمىز. شۇثا ياش - ظأسمۈرلةرگة قارىتىلغان تةربىيىدة ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى تەكىتلەش ۋە بۇ ھەقتە ئۈگۈت بېرىش بىز ئاتا- ئانىلارغا نىسبەتەن ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس.

3. قىزىقىش مەسىلىسى

قىزىقىش ئادەمنىڭ ئىندۇۋىندىئال مايىللىقىنى بەلگىلەيدۇ. يةنة كېلىپ قىزىقىش مەسىلىسى ئادەمدىكى غەيرىي ئەقلىي ئامىل مەسىلىسى. تەبئىيكى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىش بۈگۈنكى مائارىپ ساھەسىدە بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى بالدۇر ئېچىپ، تالانتلىقلارنى ئالدىن بايقاپ، بالىلارنى ئىجابى ئىلگىرلەشكە ئىلمىي يېتەكلەپ، جىنايەت ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دةل <<ساۋاقداشلارغا سالام>> ناملىق خەتتىكى: <<گەرچە دادام كونا زىيالى بولسىمۇ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. بىراق يېققىندىن بۇيان كوچىدىكى ئاغىنىلەرنىڭ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، پوخۇر كىيىنىپ يۈرۈشلىرى، كىنو- تېلىۋېزورلاردىكى ھەر خىل مەئىشەتلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن بېزەلگەن دېسكوخانا، تورخانا ۋە خىلمۇ-خىل ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار ھەر دائىم خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ماڭا بارا- بارا مەنىسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى>> دىگەن بايانغا ئىنچىكە زەن سالساق مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ
ئىندۇۋىندىئاللىقىدىكى پاسسىپ قىزىقىش، جىنايەت خاتالىقىنى بەلگىلىگەن ئاساسى ئامىلدۇر. شۇڭا بىز بولغۇسى تەلىم تەربىيىدە ياش- ئۆسمۈرلەرگە:
1› قىزىقىشتىن ئىبارەت بۇ پىسخولوگىيىلىك ھادىسە ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئۆزلۈك تەرەقىياتىدا ئوينايدىغان رولى ھەققىدىكى بىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
2› قىزىقىشتىن ئۆزگىچىلىكنى بايقاپ، تەربىيە نىشانىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، ئۆزلۈك تەرەقىياتىنى تىزلىتىش.
3› ئاكتىپ قىزىقىش شەخىسكە ۋە جەمئىيەتكە بايلىق، ساغلاملىق، تەرەقىيات ئېلىپ كېلىدۇ. پاسسىپ قىزىقىش شەخىسكە ۋە جەمىيەتكە كېسەللىك، بالاي- ئاپەت،چۈشكۈنلۈك ئېلىپ كېلىدىغان تەتۈر يۆنۇلۇشلۈك قىممەت مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈش.
4› ئۆزلۈك تەرەقىياتىدا قىزىقىشتىن ئىبارەت بۇ پىسخولوگىيىلىك ھادىسە ئىجابىي ياكى سەلبىي مايىللىق، تەتۈر قىممەت پەرقى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەلىم تەربىيە سالمىقىنى ئارتتۇرىشىمىز كېرەك.

4.تەپەككۈر  مەسىلىسى

      تەپەككۈر قىلىشنى بىلمىگەن  ئىنسان كالىغا ئوخشايدۇ.ئوقۇش دىمەك، تەپەككۈر قىلىش دىمەكتۇر.شۇڭا ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرسىدىكى بىردىن بىر پەرىق،ئەقلى تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلى بولغان سەنئەتتۇر.فىرانس باكۇن:<< بىلىم گېزى كەلسە ئەخلەتكىمۇ ئايلىنىپ كىتىدۇ.بىراق تەپەككۈر قىلىشنى بىلىۋالغانلىق بىباھا ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشكەنگە باراۋەر >>دەيدۇ.بۈيۈك ئالىم ئەينىشتىن ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش سىرىنى يەكۈنلەپ:<< تەپەككۈر بارلىق غەلبىنىڭ ئاساسىدۇر.مەن يىتىشنى ئارزۇ قىلغان نىشانىمغا قۇرۇق گەپ سۆزگە ئەمەس،بەلكى بىر ئۇلۇغۋار كۈچ ___ تەپەككۈر ئىقتىدارىمغا تايىنىپ يەتكەن.مەن تەپەككۈر  ئىقتىدارىم بولغاچقىلا ئۈزۈپ چىقالىدىم>> دەيدۇ.دىمەك تەپەككۈر ئادەمدىكى بىر خىل پىسخىك ئىقتىدار بولۇپ،سىزنىڭ ھاياتتا غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇبىيىتىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ. شۇڭا ھەرقانداق نەتىجە ئەمىليەتتە تەپەككۈرنىڭ ئاخىرقى يەكۈنىدۇر. <<ساۋاقداشلارغا سالام>>ناملىق خەتكە نەزەر سالساق:<< مەن ئازغىنا ھوزۇر- ھالاۋەتنى، ساختا ئابروينى، بىمەنە تۇرمۇشنى چوڭ كۆرۈپ ئۆزۈمنى نابۇت قىلدىم، گۈزەل ئىستىقبالىم ۋەيران بولدى. ئاتا- ئانامنى، ئۇستازلىرىمنى بىھۇدە يەرگە قاراتتىم. مەن ھازىر رەزىل ۋە خۈنۈك ئۆتمۈشۈمنى ئويلىسام ناھايىتى خىجىل بولۇۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە ئوخشاش ئازغان ياشلارنى يەنىلا ئۈمىد بىلەن تەربىيلەپ چىقىش يولى، ئىستىقبال بەرگىنىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىۋاتىمەن. مەن تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، پىسخولوگلارنىڭ سەمىمىي يېتەكلىشىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز قىلمىشىمغا ئاڭلىق تۆۋۋە قىلماقتىمەن. كېلەچىگىمنى ئويلىسام يەنىلا پۇرسەتنى قەدىرلەپ قانۇن، مەدەنىيەت پەنلىرىنى تىرىشىپ ئۈگەنمەكتىمەن.
ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار، بۇ ئاددىي سالىمىم سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ نەسىھەت بولالىغىنىدا، سىلەرنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، ئائىلە ۋە مەكتەپتە تەربىيىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، قېتىقىنىپ تىرىشىپ ئۈگىنىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلاد بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. >>دىگەن بايانلارنى ئۇچىرتىمىز.بۇ جاھانغا پاتمىغان سەركە ئەينى چاغدا قېلىپلاشقان تەپەككۈر ئادىتىنى بۇزۇپ،جانلىق ھالدا قارشىسىدىن چىقىش ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىنى كۈزەتكەن بولسا،تۈرمىگە كىرىشتىن ئبارەت بۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالمىغان بولاتتى.تەبىئىكى،<< ئىنسان ئەڭ ئازغۇن ھايۋان>> .شۇڭا بىزدە جانلىق مەنتىقى تەپەككۈر بولۇشى كىرەك.بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا پەلسەپىۋى نەزىريە،ئەقلى مەسلەھەت يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى كىرەك.قىسقىسى بالىلار ،بىزنىڭ تەپەككۈر ھالىتىمىزنىڭ   تەقدىرىمىزنى،   ھايات - ماماتىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىگىنى بىلىشى كىرەك.

5. غايە- ئېتىقات مەسىلىسى
 
     غايە -ئېتىقاتنىڭ كۈچى زور بولۇدۇ.نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار مەخسەتلەر مانا مۇشۇ غايە - ئېتىقاتتىن تۇغۇلىدۇ.ئەگەر ئادەملەردە غايە - ئېتىقات بولمايدىكەن،ئادەمنىڭ قەلب ئېنىرگىيىسى بولمايدۇ.روھى چۈشكۈنلىشىدۇ،يالغۇزلۇق،خامۇشلۇق،غېرىپلىق،ھەسەتخورلۇق،روھى تىنەش،تەشۋىشلىنىش،ئەسەببىلىشىش،ئۆلۈمنى ئويلاش قاتارلىق پىسخىك كىسەللەر يۈز بىرىدۇ. <<ساۋاقداشلارغا سالام>>ناملىق خەتتە:<<مەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كايىشلىرىدىن ئېغىر خورلۇق ۋە نومۇس ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپنى، ئوقۇشنى ئويلىسام كۆڭلۈم ئەنسىرەيدىغان، ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز تەشۋىش بېسىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ماڭا قىلچىلىكمۇ خۇشاللىق بېرەلمىگەن بۇ مەكتەپتىن ئاخىرى چېكىنىش قارارىغا كەلدىم. كوچىدىكى ئاغىنىلەر بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. مەنمۇ ئەمدى ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرۈپ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى بارا- بارا يانچۇق كولاپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. شۇنداق يۈرۈپ ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەرياندا مەن كۆپ قېتىم يانچۇقچىلىق قىلدىم. تېخى تورخانىدىن ئاق تاماكا ئېلىپ چېكىپمۇ باقتىم، ئاخىرى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن تورىغا چۈشتۈم. شاراقلاپ سېلىنغان سوغۇق غەيرىي سائەت ئىككى قولۇمنى ئاچچىق قىسقاندىلا خاۋالىت ئۇيقۇدىن سەگىپ ئۆزەمنى تاپقاندەك بولدۇم. مەن سوراق جەريانىدا مەكتەپتىن قالغانلىقىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم،>>دىگەن بايان بار. دىمەك ،بىز بۇ ھاياتتا ،ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشتا مەلۇم ئىجابى قىممەتنى ،مەلۇم پارلاق نىشاننى،چىن ئېتىقاتنى تۇتقا  قىلمايدىكەنمىز ، خۇددى چېكى يوق قاراڭغۇ دېڭىزدا قالغان  يەلكەنسىز  كىمىدەك تىنەپ قالىمىز.ئاخىرقى نەتىجە ،يوقۇرقىدەك ئاچچىق ھەسرەت،قارڭغۇ تۈرمە،چەكسىز پۇشايمان بولۇدۇ.شۇڭا بالىلاردا توغرا بىلىش،ئىجابى قىزىقىش،ئېتىقات خاراكتىرلىق ئىرادە پەزىلىتى ۋە گۈزەل ھىسسىيات ،زامانغا لايىق قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيىسى بولۇش كىرەك.



                                                                                          2011-يىلى 6-ئاينىڭ12-كۈنى.
[ بۇ يازمىنىtuglukدە2011-09-14 03:25قايتا تەھرىرلىد ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-13, 23:53
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-13 23:24 |
79588010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پايدىلىنىش قىممىتى باركەن........ساقلاپ قوياي...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-14 18:15 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1500 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1500 سوم
تۆھپە: 865 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 865 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېما ئىكەن. رەھمەت سىزگە. كىيىنكى پۇشايمەن، ئۆزىگە دۈشمەن دىگەن گەپ بار.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-14 20:40 |
nj2011
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3270
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خالىسىڭىز ئايرىم سوھبەتلەشسەك
چچ 1469152506
تىلفون 15999444710
مەركىزى خەلق رادئىو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگرامما گۇرۇپپىسىدىن
hawar
ئالتۇن ياتىدۇ سايدا ، تۇنۇمىسا نىمە پايدا .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-16 10:46 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 1452 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1456 سوم
تۆھپە: 811 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 818 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆڭۈل بۆلگنىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەتلەر بولسۇن ھەمدە  ھىدايەتلىك تاڭلار يار بولسۇن!.
تىلفۇنۇم:
18999039120
شەنبە ئەتىگەندە تىلىفۇن قىلىمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-16 14:03 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس