خوۋ گوپىڭ
بوزقىر تەرجىمىسى
فېليەتون يازىدىغان بىر دوستەك يېقىندا گاۋ چىيۇ ھەققىدە بىر ماقالە يېزىپتۇ. ئۇ ماقالىسىدە نە قەلەمدە، نە ئەلەمدە ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق شەرقىي ئاستانە كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۅرگەن بىر سالپا-ساياق سولتەكنىڭ بىر توپ تېپىش بېلەنلا تەلىيى كېلىپ، ئەمىرلىك مەنسەپ كۇرسىغا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى قەيىت قىپتۇ.
شۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم. شۇ دوستەك نېمە مەسىلىنى يورۇتماقچىكىنە ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، 700نەچچە يىل بۇرۇنقى سوڭ سۇلالىسى فېۋدال خاندانلىق تۈزۈمىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇنداق ئىكەن ئەمەلدارلارنىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان بولىدىغان گەپ.شۇنداق تۇرۇپ كىممۇ خاندانلىقنىڭ گېپىنى يىرالىسۇن دەيسىز؟ بولۇپمۇ گاۋ خۇيزوڭ گاۋ چىيۇنى ياخشى كادىر ،دېسە كىممۇ ئۇنى قارا قورساق،دېيىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ بۇ پەقەت خان ئالىيلىرى بېلەن ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان بولغىندەىكلا بىر ئىش ، خالاس. ئوخشىمىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ گەپ قىلماي يەنە 700نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.
ۋەھالەنكى، 700يىلدىن كېيىن ئۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەرنىمۇ كەم-كۈتسىز بولدى دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنىسى ناتايىن. ئاۋال شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈركى، گاۋ چىيۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدۇ، بۇ ساھەدە ئۇنى ئەڭ ماھىر توپچى، خەلقئارلىق چولپان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇبادا جۇڭگونىڭ پۇتپول كوماندىسىدا مۇشۇنداق ماھىر تەنھەركەتچىدىن بىرسى بولىدىغانلا بولسا ئالامەت ئىش بولغان بولارىدى. شۇنداق بولغىنىدا تالاي توپ مەستانىلىرى ئۇنى مەبۇد تىكلەپ ، ئۇنىڭ ئايىقىغا باش قويغان بولاردىدى.
يەنە ئېيىتساق ، تەنتەربىيە ساھەسىدە ئاز-تولا بىرنېمە بىلىدىغانلارنىڭ كېيىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئەمەلدارلىق سورۇنىغا كىرىۋېلىپ چوڭ-كىچىك مەنسەپ كۇرسىدا ئولتۇرۇپ باققانلىقى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىش ھېساپلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئەشۇنداق ئىشلارمۇ رۇي بېرىپ باققان.مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە جۇاڭ زېدوڭ ئىسىملىك بىر دۇنيا تىك-تاك توپ چىمپىيوىنى بىرلا دومىلاپ مىنىستىر بولغان، جىڭجۈ تىياتىرى توۋلايدىغان خاۋ لىياڭ ئىسىملىك بىر ئارتىسمۇ مىنىستىرلىق كۇرسىغا ئولتۇرۇپ باققان. بۇنداق جانلىق پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، گاۋچىيۇغا ئوخشاش توپ تېپەلەيدىغانلارنىڭ ئەمەلدار بولۇشى ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بولغان كەلگۈسىدىمۇ بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشلاردۇر.
فېليەتون بېلەن ھەپىلىشىدىغان ئەشۇ دوستەكنىڭ قارىشىچە، ئەمەلدارلار سورىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا قەلەمگىمۇ ،ئەلەمگىمۇ ماھىرلاردىن بولۇشى كېرەككەن. بۇ سېپى ئۆزىدىن چەك باسمايدىغان گەپلەردۇر.
مەن مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ كوللىكتىپ پەتىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بېلەن قاتنىشىپ باققان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىريەرگە يىغىلىپ شات خوراملىققا چۆمگەن شۇ پائالىيەتتە بىراۋ ۋاڭ ھاكىمنى نومۇر ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ۋاڭ ھاكىم 40تىن ھالقىغان ، داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرئاسپىرانىتى بولۇپ، ئادەتتە قەغەزگە قارىماي تۇرۇپ شۇنداق جانلىق، راۋان دوكلات بېرىدىغان ناتىق كىشى ئىدى. باشقىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى قورسىقىدا ئۇمىچى بار ھاكىم، دەپ ھۆرمەتلەيىتتى. ۋاڭ ھاكىم دەسلىپىدە نومۇر كۆرسىتىپ بېرىشكە ئۇنىماي تۇرىۋالدى. كېيىن باشقىلار ئۇنى ماقتاپ ئۇچۇرىۋەرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ بەردى :
پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بەك ياخشى،
قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ بۇغداينى سۇغۇرۇش بەك موھىم.
يولۋاس يىلى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچىلا ئۆتۈپ كەتتى،
توشقان يىلىدىكى چاغاننى كۈتىۋالايلى.
بۇنى قانداقمۇ شېئىر دېگىلى بولسۇن؟ ھەتتا دېكلىماتسىيە قىلاي دېسە ئېغىزغىمۇ چۈشمەيدىغان تۇرسا ؟ بۇنىڭدىن ۋاڭ ھاكىم تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى، خۇددى تۇخۇم تۇغۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان مىكياندەك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.قارىماققا يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇ تالانىتلىق ھاكىمنىڭ قورسىقى سامان بېلەن توشۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. مانا بۇنداق ئىشلار زامانىمىزدىكى ئەمەلدارلىق سورۇنىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەيلى نېمىلا دېمەيلى ۋاڭ ھاكىم قانداقلا بولمىسۇن قاملاشسۇن-قاملاشمىسۇن بىر نېمىلەرگە غىڭشىپ باقتى؛ ئەمما، تالايلىغان چېن ھاكىم ، لى ھاكىملارنىڭ مۇشۇنچىلىك غىڭشىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. ھەتتا ئۇلار شېئىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.چۈنكى، ئۇلار بېلەن ئەدەبىياتنىڭ ئارىلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ. مۇشۇ ئەمەلدارلارنى گاۋچىيۇغا سېلىشتۇرساق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەرنى تاپالماي قىيلىنىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ. ئەمما، گاۋچىيۇ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.
قەلەمگىمۇ ، ئەلەمگىمۇ ماھىر بولۇش ئۆلچىمىنى گاۋچىيۇغا تەدبىقلىساق دەرۋەقە ئەمەلىيەتتىن يىراقلاپ كەتكەن بولىمىز،شۇنداقلا ئىقتىدارلىقلارنىمۇ تەڭلىكتە قويغان بولىمىز.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلدارلار سورۇنىدىكىلەرمۇ ئادەم ، ئادەم بولغان ئىكەن ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولماي قالمايدۇ. ئەمەلدارلارنى قەلەمگىمۇ ، ئەلەمگىمۇ ماھىر ئەمەس بولۇش ئۆلچىمى بوىيىچە ئۆلچىگەندە بۇ ئۆلچەمگە توشۇدىغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگىمۇ بىر نېمە دېمەك تەس. ۋەھالەنكى، توپ تېپىشنى بىلىدىغان گاۋچىيۇنىڭ ئەمەلدارلىققا تاللانغانلىقىنى يامان ئىش، دېگىلى بولمايدۇ. بۇنى سالاھىيەت بويىچە ئۈچرەتكە تۇرغۇزۇپ مەنسەپ كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇشتەك قېلىپلىشىپ قالغان ئۆلۈك ھالەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بىر قېتىملىق ئىسلاھات دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
گاۋچىيۇ ھەققىدە توختالساق ، ئۇنىڭ لىن چوڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئەخلاق ساپاسىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن، نىيىتىنىڭ نەقەدەر قارا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالايدىغانلىقى راسىت. ئەمما، ئۇنىڭدىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش خاھىشىنى ئۇنچە بەك كۈچلۈك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئوردىدىكى ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلىشتا يەرلىكتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى قوبۇل قىلىپ ، كوچا-كۇيلاردىكى بىكارچىلارنى ئازايىتقان.بۇنى ئوردىدىكى ۋەزىر ئەزەم سەي جىڭ غوجامنىڭ ئۆزىنىڭ 9ئوغلىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋالغانلىقىغا نىسبەتەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدۇ. گاۋچىيۇنىڭمۇ ئۆز يېقىن-يورۇقلىرىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋېلىشى ھېچقانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر ئېغىز گەپ بېلەنلا پۈتىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما، گاۋ چىيۇ نېمىشقا بۇنداق قىلمىغان ؟ بۇنىڭدا پەقەت بىرلا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ گاۋ چىيۇنىڭ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپىشنى بىلىدىغانلىقىدا بولسا كېرەك ، ئەتىمالىم.
مەنبەسى : خەنزۇچە «فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى»