تۆمۈر ئاتچى ئابلەت ئېلى بوۋاي قومۇلدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈگۈن ھۇررا مۇنبىرىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىشقا باشلىغان،ئابلەت بوۋاينىڭ قومۇلغا يول ئالغانلىقى توغىرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم... خەۋەر تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: ئابلەت ئېلى بوۋاي ئۈرۇمچىدىكى قىسقىغىنا 3كۈنلۈك ئارام ئېلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ،9-ئاينىڭ7-كۈنى ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قاراپ ۋېلسېپىتلىك يولغا چىقتى. بوۋاي سەپىرىدە توقسۇن،تۇرپان،پىچانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.شۇڭا شارايىتى يار بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ بوۋاينىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ئابلەت ئېلى بوۋاي ئالاقە نومۇرى:13201232647
ئابلەت بوۋاي توغرىسىدا توردىكى تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىچە: بىر نەچچە كۈن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە ئۈستى-بېشىغا كەسپىي ۋېلسىپىت تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيىمىنى كېيىۋالغان بىر ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدىم، بوۋاي بىلەن مۇڭداشقاندىن كېيىن ،بۇ كىشىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئۆزى يالغۇز ۋېلسىپىت مىنىپ شىنجاڭنى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ چۆچەكتىن يېنىپ قارامايغا كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئككىنچى كۈنى ساھەردە بوۋاي چۇشكەن مېھمان سارايغا بېرىپ ئىككىمىز بىرگە ‹‹ نائىل ›› تېز تاماقخانىسىغا بېرىپ ناشتا قىلغاچ بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىگەللىدىم.ئابلەت ئېلى بوۋاي ۋېلسېپېت ھەۋەسكارى بولۇپ ، 2008-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئوۋلېمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ بىر نۆۋەت دىيارىمىزنى يىگانە ۋېلسېپېت بىلەن ئايلانغان ئىكەن، بۇ نۆۋەت بولسا پارتىيىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن يەنە بىر قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ناشتىلىقىمىز ئاياغلاشماي تۇرۇپ ‹‹ نائىل ›› تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى نەيىم ئەپەندى كېلىپ قالدى، ئۇ بوۋاينىڭ ئىشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بوۋاينىڭ قارامايدىكى مەزگىلىدىكى بارلىق تاماقلىرىنى ئۆز تېز تاماقخانىسىغا ئورۇنلارتۇردى، سۆھبەتتىن كېيىن مەن بوۋاينىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ۋە قاراماي ‹‹ دولان ›› پۇتبول كۇلۇبى ،قاراماي ‹‹ كىچىك بۈركۈت ›› ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبى بىرلىكتە بوۋايغا ئىختىسادىي ياردەم قولىنى سۇندى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى ،شىنجاڭ كېزەر دىلشات ئىنىمىز ئۈرۈمچىگە چۇشكەن كۈنى ئابلەت ئېلى بوۋاي قارامايدىن ئالتايغا قاراپ يولغا چىقتى، بىزنىڭ ئالاقىمىز بىلەن ئاخشام سائەت 10دا قاراماي ئورقا رايونىدا بوۋاينىڭ ئالدىغا 10لارچە ئۇيغۇر يىگىتىمىز چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم ھەم مېھمان سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ .ئەتىگەن بوۋاي سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئالتاي تەرەپكە يولغا چىقتى ھازىر 19:40 مىنوت ئۆتكەندە بوۋاي مەن بىلەن ئالاقىلاشتى ، دىيىشىچە قوشتولغايغا كېلىپتۇ.
ئابلەت ئېلى بوۋاينىڭ ئالتاي سەپرى لېنىيەسە: قاراماي --- قاراماي ئورقا رايونى--- قوشتولغاي--- بۇرچۇن ---ئالتاي(دۆلەت217يولىنى بويلاپ ماڭىدۇ)
13899588650, ئابلەت ئېلى بوۋاينىڭ ئالاقە نومۇرى:13201232647
تەكلىپ:(شەخسىي پىكرىم).
1.مۇنبەر ئەھلىنىڭ قارامايدىن ئالتايغىچە بولغان ئارىلىقتا تونۇشلىرى،تۇققانلىرى بولسا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ ،بوۋاينىڭ ھەر جەھەتتىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ھاۋالە قىلسا.
2. ئالدىغا چىققانلارنىڭ بوۋاينىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بولۇپ قويسا.
3. مۇنبەردە ئىنكاس قايتۇرۇپ ،بوۋاينىڭ ئاھۋالىنى كوپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرسا.
4.كوپچىلىكنىڭ بۇ خەۋەرنى باشقا ئۇيغۇر تورلىرى،مۇنبەرلىرى ۋە چ چ توپلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتسەك...
توردىن بۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئون ئىككى تاغ مۇنبىرىدىكى ئىلىم ئەپەندىم ماڭا تېلېفۇن قىلىپتۇ. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇ بوۋاينى قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئابلەت بوۋاي 9-ئاينىڭ12- كۈنى سەھەردە قومۇلغا كېلىپتۇ. ئەنىۋەر ھاجىم زەرگەرخانىسىنىڭ خوجايىنى مەرىپەتپەرۋەر ، ساخاۋەتچى ئەنۋەر ھاجى، ئىلىم، ئىلتەرىشنىڭ خوجايىنى يىمىت تاھىر، قومۇل پۇتبۇلچىلىقىنى ئاتامانى ئابلىمىت موسا، شائىر ئابلېز ئۆمەر ھاجى، مۇخبىر مەسئوتجان مەن قاتارلىق كىشىلەر <<مىسران>> تاماقخانىسىغا يىغىلىپ ئۇنى كۈتىۋالدۇق...ئۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قومۇلدىكى 2 كۈنلۈك پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، چۈشتىن كېيىن ئاراتۈرك ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقماقچى! ئاراتۈركتىكى دوستلار خەۋەردار بولۇپ قالغايسىزلەر!
ئابلەت ئېلى بوۋاينىڭ قومۇلدىكى قىسمەن پائالىيەتلىرىدىن كارتىنىلار! مىسراندىن تاماقلىنىپ قايىتتۇق... قوغۇنچى قىزنىڭ ئالدىدا... ساخاۋەتچى ئەنىۋەر ھاجىنىڭ ھوزۇرىدا... ھەرەمگە ماڭغان بوۋايلار ئابلەت ئېلى بوۋاي بىلەن قىزغىن سالاملاشتى... بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى... پۇتبول ئاتامانىمىز ئابلىمىت موسانىڭ چوڭ ئۆيىدە... قومۇل غەيرى -ماددىي مەندەنىيەتلەرنى قوغداش مەركىزىدە، مۇقامدىن ئارىيە ئاڭلىماقتا... مۇقام مەركىزىدىكىلەر بۇ ئىرادىلىك ئابلەت بوۋاي بىلەن سۈرەتكە چۈشتى...
<<رومانتىك دۇنيا>> گۈلخانىسىدىكىلەر بۇ ياشانغان، روھى ياش قەھرىمان بوۋايغا گۈل تەقدىم قىلدى! | |
| | |
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە مەڭگۈ گۇمران بولىدۇ!يازما تەييارلۇغۇچى چوغلان تورىدىن ئەركىم .رۇخسىتى بىلەن يوللاندى .[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-15 13:00قايتا تەھرىرلىدى ]