ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى tuglukدە2011-09-18 12:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كالامۇللادىكى:<<بىز ئىنسانلارنى دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياراتتۇق>>.
<<بىز جەننەتنى ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئەجرىگە بىرىمىز >>.دىگەن بايانلار ئىسىمدە!.
بىراق بۇ شائىر:
ئىنساننىڭ ئارزۇسى__ بەخىت -سائادەت،
پۇل- مالغا بېرىلىش ئەكىلەر ئاپەت.
.......
بۇرادەر! ئايەت سۆزلىمەكچى بولسىڭىز ئەسلىسى بويىچە سۆزلەڭ ياكى سۆزلىمەڭ ، بولمىسا خاتالىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. يۇقارقى شېئىردىن دۇنيانى گۈللەندۈرمەيلى، ئەجىر قىلمايلى، دېگەن مەنا چىقامدىكەن؟ دىمەكچى، بۇ دۇنيانى دەپ ئاخخرەتنى ئۇنتۇمايلى، يەنە دىمەكچىكى،بۇ كۇبلىت يۇقارقى 3- كۇبلىتقا بېرىلگەن رەددىيە.ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قاراپ بېقىڭ:
ھاياتىي
دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى-دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.(24) - سۈرە يۇنۇس
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (اﷲ دىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ) ».(77) سۈرە نىسا
كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.(134) سۈرە نىسا
كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ اﷲ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.(212) سۈرە بەقەرە
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە اﷲ نىڭ رەزاسى بار». اﷲ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر .(15) - سۈرە ئال ئىمران
(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى(يەنى
دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.(15) - سۈرە ھۇد
سىلەر اﷲ نىڭ ئەھدىنى ئەزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار: سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى
دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر.(95) سۈرە نەھىل
بىز(كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان
دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر.(131) - سۈرە تاھا
كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن)
دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.(20) - سۈرە شۇرا
(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبرىلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇر.(36)- سۈرە شۇرا
(كۇففارلارغا)
«(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بۇلۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر » (دېيىلىدۇ) .(46) - سۈرە مۇرسەلات
يۇقارقىلار دۇنيا نىمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمى.