karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 804 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 340 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 340 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دۇنيادە ئەڭ-دىگەن كىتاپ تەرجىمىسىگە باھا


 « دۇنيادا ئەڭ .... » (3)
دېگەن كىتابنىڭ تەرجىمە – تەھرىرلىكىگە باھا

مۇھەممەت يۈسۈپ



        جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتلىك 11- قۇرۇلتىيى 3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ، ئېلىمىزنىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەرجىمە – نەشىرىيات خىزمىتىمۇ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ ، كىشىنى خۇشال قىلارلىق ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ياخشى كىتابلار تەرجىمە – نەشىر قىلىنىپ ، كىتابخانلارنى مەمنۇن قىلماقتا . مەنمۇ مۇشۇنداق خۇشاللىق ھېسسىياتىم بىلەن جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر – قازاق شۆبىسى تەرىپىدىن يېڭى نەشردىن چىققان « دۇنيادا ئەڭ ...» (3) نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆردۈم . بۇ كىتابنىڭ ئىككى – ئۈچ بېتىنى كۆرە – كۆرمەيلا تەرجىمىسى ، تەھرىرلىكى ، كوررېكتورلۇقى جەھەتلەردە بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى سېزىشكە باشلىدىم – دە ، خەنزۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتىم . كۆرگەنسېرى مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم . بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەمدە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتكە ئازراق پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دېگەن ئوي بىلەن بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە ، تەھرىرلىكى ، كوررېكتورلۇقى جەھەتلەردە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلاپ ، تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن . ماقالىنىڭ ھەجىمىنى كۆزدە تۇتۇپ ، كىتابتا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتارى تىزماي، تىپىك مىساللارنىلا ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەمدە بۇ مىساللاردىن زۆرۈر بولغانلىرىغىلا تۈزىتىش پىكىرىدىن باشقا ئىزاھات بېرىلدى . قالغان مىساللارغا ئىزاھات بېرىلمەي ، تۈزىتىش پىكىرىلا بېرىلدى .


1. مەنىسى توغرا تەرجىمە قىلىنمىغان
 جۈملە ۋە ئاتالغۇلار


74- بەت 7- تېمىدا :( تۆۋەندە باشقا مىساللاردا بەت ۋە تېما دېگەن سۆز قىسقارتىلىپ ، 74—7 شەكىلىدە ئېلىندى . تىرناق تېشىغا كىتابتا بېسىلغىنى ، تىرناق ئىچىگە ئاپتورنىڭ تۈزىتىش پىكرى بېرىلدى )
‹  联邦山   › --   ‹ بىرلەشمە تاغ › ( ئىتتىپاق تېغى ) . بىرلەشمە تاغ دېگەنلىك ئۇقۇم جەھەتتە مۇۋاپىق ئەمەس . چۈنكى ، بۇ ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقى    澳大利亚联邦   commonwalhofAustiralia   دېگەن ئاتالغۇدىكى ئىتتىپاق دېگەن سۆزنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ، تاغنىڭ سۈپىتىنى ئەمەس ، نامىنى بىلدۈرىدۇ .
      103-28 送给。殡仪用的花圈 گۈلچەمبىرەك سوۋغا قىلغان (گۈلچەمبىرەك ئەۋەتكەن ) . چۈنكى ، ئۆلۈمگە تەزىيە ئۈچۈن گۈلچەمبىرەك سوۋغا قىلىنمايدۇ ، بەلكى ئەۋەتىلىدۇ .
     210-243  世界最快的莫尔斯电码收报员...   تېلېگرافنى ئەڭ تېز قوبۇل قىلغۇچى پرېداتچىك (   تېلېگراممىنى دۇنيادا   ئەڭ تېز قوبۇل قىلغۇچى رادىست ) چۈنكى رادىست ، تېلېگرامچى،تېلېگرافست دېگەنلەر بىر مەنىگە ئىگە ، پرېدانچىك بولسا تېلېگرام ماشىنىسىنىڭ ئۆزى تۇرسا ، قانداقمۇ تېلېگرامچى ( ئادەم ) دېگىلى بولسۇن ؟ 


   271- 103  ۋە 295-143 دە خەنزۇچە 联邦 سۆزى توغرا تەرجىمە قىلىنماي ۋە ئىككى خىل تەرجىمە قىلىنىپ ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلار قانۇنى ، فېدېراتىپ تۈرمىسى دەپ ئېلىنغان . بۇ سۆزنى ئىتتىپاق دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك ئىدى.چۈنكى،ئىنگلىزچە commonwealth,comfedratlon,federal,fediratip   دېگەن تۆت سۆزنىڭ ئىستېمال قىلىنغان ئورنى ھەرخىل بولسىمۇ، خەنزۇچىغا  联邦   دەپ ۋە ئۇيغۇرچىغا مۇناسىپ ھالدا ئىتتىپاق دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قېلىپلىشىپ بولغان بولسىمۇ ، بۇ ئاتالغۇ بۇ يەردە كۆچمە مەنىگە ئىگە بولۇپ ، قوشما شتاتلار ياكى ئا ق ش دەپ تەرجىمە قىلىنسا ئەسلى مەنىسى توغرا ئىپادىلەنگەن بولاتتى .

   368- بەتتە 反抗兵役  قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئەسكەرلەر ( ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە قارشىلىق قىلىش )
     369- بەتتە洛夫号“船。 苏联潜艇在但泽海面上击沉24,484 吨“古斯特 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 24مىڭ 484 توننىلىق‹ ۋىك. گوستىك › ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى داتسىگ دېڭىزىدا چۆكۈپ كەتكەن ( سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى داتسىگ دېڭىزدا 24مىڭ484 توننىلىق ‹ ۋىليام گوستلوپ› ناملىق پاراخوتىنى چۆكتۈرۋەتكەن ) .

   239-51 英国贵族院是所有立法大会中法定人数最少的,代表人数中不到0.3%即可构成法定人数处理一件事,只要有了名贵族院议员,其中一个是司法大臣或他的代表在场即可。   ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى بارلىق قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتايلىرى ئىچىدە قانۇن بېكىتكۈچى ئادەم سانى ئەڭ ئاز كېڭەش بولۇپ ،ۋەكىللەر سانى 0.13% پىرسەنتكە يەتمىسىمۇ ، قانۇن بېكىتىش ئادەم  سانىنى  تولۇق بولغان دەپ ھېسابلايدۇ ( ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى بارلىق قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتايلىرى ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى ئەڭ ئاز بولۇپ ، ئۇلار ۋەكىللەرنىڭ سانى ئىچىدە 0.3پىرسەنتكە يەتمىسىمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتكەن دەپ ھېسابلىنىدۇ ) .

   261-88 ( 3- ئابزاستا ) 。。。在莫斯科一年一度的军事检阅中, 有辆坦克好象比享舍尔公司制造的德国王家“虎”2型坦克(72.8)吨还要重。  موسكىۋادا يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتتا بىر تانكا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ خىنسىر شىركىتىدە ياسالغان . قارىماققا گېرمانىيە خان ئائىلىسىنىڭ  ‹ يولۋاس –2 › شەكىللىك تانكىسىدىنمۇ ئېغىردەك كۆرۈنىدىكەن ( موسكۋادا يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتقا بىر تانكا قاتناشتۇرۇلغان . ئۇ گېرمانىيە پادىشاھ  جەمەتىنىڭ ھېنچېل شىركىتىدە ياسالغان ‹ يولۋاس –2 › شەكىللىك تانكىسىدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن .

  291-135  一批武装匪徒从塞拉热窝内弗里敦窃走了塞拉热窝内“选择托拉斯”的价值。。。1,800万法郎的钻石。   ... بىر تۈركۈم قوراللىق باندىتلار سېررافرئېتون شەھىرىدىكى فرئېتون ‹ توراس › شېركىتىنىڭ 18مىليون فرانت قىممىتىدىكى ياقۇتنى ئوغرىلاپ كەتكەن ( بىر تۈركۈم قوراللىق باندىتلار سېررالېئوننىڭ فرئېتون شەھىرىدە سېررالېئون ‹ تاللاش ترىستى › نىڭ18 مىليون فرانك قىممىتىدىكى ئالمىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن )

300-153  此后有2,000个公民要多付100%的所得税。   شۇنىڭدىن كېيىن 2000گراژدانىسى بار ئورۇنلار 100% تاپاۋەت بېجىنى ئارتۇق تۆلەيدىغان بولدى ( 2000 پۇقرا 100% تاپاۋەت بېجىنى ئارتۇق تۆلەيدىغان بولدى ) .

1. تىلىمىزدا قېلىپلىشىپ بولغان بولسىمۇ ، ئۆزگەرتىپ ياكى خاتا
تەرجىمە قىلىنغان قىسمەن ئاتالغۇلار


(1)ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم كېمىلىرىنىڭ نامى تەرجىمىسىدە 20يىلدىن بۇيان ئاپولون ۋە ئىتتىپاق دەپ قېلىپلىشىپ قالغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ ، ئۇنى ئاپالو ( 103- بەتتە ) ۋە ئىتتىپاقداش ( 370-بەتتە )دەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن . ئەسلىدە رۇس تىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەن نامدىكى ئىتتىپاق دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى بولغاچقا ، ئۇيغۇرچىغىمۇ خەنزۇچىغا مۇناسىپ ئىتتىپاق دەپ ئېلىش لازىم ئىدى .

(2) سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەپ ئۇزاقتىن قېلىپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى ( 244-بەتتە ) دەپ تەرجىمە قىلىنغان .

( 3) ئەنگلىيە ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەنگلىيە ليەنباڭى ، بەزىدە فېدېراتىپ ئەنگلىيە ۋە ۋاتىكاننى ستانودىللا،ستانۋىللا ( بۇ مۇتلەق خاتا تەرجىمە بولۇپ ئىنگلىزچىسى The Vatican citv stare , ئىتالىيانچىسى  stato della citta vaticano  شەھەر دۆلىتى ۋاتىكان دېگەن مەنىدە ) ، بەزىدە بولسا ۋاتىكان دەپمۇ توغرا ئالغان؛ تىلىمىزدا ئۇزاقتىن قېلىپلىشىپ قالغان دۆلەت نامى ئىسلاندىيىنىمۇ بەزىدە خەنزۇچە خەت مەنىسى بويىچىلا مۇز ئارىلى دەپ تەرجىمە قىلغان بولسا ، بەزىدە ئىسلاندىيە دەپ توغرا ئالغان ؛ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان خانلىقى دەپ ئۆزگەرتىپ ئالغان .


2. ئالماستۇرۇۋەتكەن ياكى خاتا تەرجىمە قىلىنغان
بىر نەچچە چەت ئەل يەر ناملىرى


65-133 凡尔赛 ۋېرسالىس ( ۋېرسال )
97-18瑞典 شىۋېتسارىيە ( شۋېتسىيە )
123-61大巴哈马岛 داباخما ئارىلى ( بۈيۈك باھاما ئارىلى )
128-68 加尔各答 جاكارتا ( كالكوتتا )
135-86 檀香山 سەندەل دەرىخى تېخى ( ھونولولو )
     تەنشياڭشەن --- بۇ ، ھاۋاي ئارىلىنىڭ مەركىزى ھونولولو شەھىرىنىڭ ئىككىنچى خىل ئاتىلىشى ئىدى. كىتابتا خەنزۇچە خەت مەنىسىنى قوغلىشىپلا سەندەل دەرەخلىك تاغ دېگەن مەنىدە تەرجىمە قىلىنىپ ، شەھەر نامى بولماي ، تاغنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
   137-89 秘鲁    توگو ( پېرو )
   165-140 ۋە 134-83   奥地利 ئاۋستىرالىيە ( ئاۋسترىيە )
  224-19 冰岛的首都雷克雅来克 مۇز ئارىلىنىڭ پايتەختى رېيىك ( ئىسلاندىيە پايتەختى رېكياۋىك )
  300-152 نىڭ 3- ئابزاستا 。。。卡塔尔等酋长国。。。 قاتارلىقلار ( قاتار ). دۆلەت نامى قاتار قاتارلىق خەلىپىلىك دۆلەتلەر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن قاتارلىقلار دېگەن سۆز ئالماشتۇرۇپ قويۇلغان .
  323-196  利比里亚 لىۋىيە ( لىبېرىيە )
  3. تەرجىمىدە تاشلىنىپ قويۇلغان بىر نەچچە سۆز – ئىبارىلەر ۋە خاتا تەرجىمە قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار .
   87---1  نىڭ 2- ئابزاستا 阿布扎比酋长国首领  ئەبۇدەبى خەلىپىلىكىنىڭ باشلىقى .
116-50  تۆت نەپەر ئېسكىموس ( ئوكيوۋاھ ، ئەگىنۋاھ ، سېگلو ۋە ئوتەھ )
   129-70 公里  261،250 -  250 مىڭ كىلومېتىر ( 250 مىڭ 261 كىلومېتىر )
  157-124   1971年7月31日 至8月7日   1971-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە .
  223- 14  نىڭ  2-ئابزاستا  مېكسىكىنىڭ پايتەختى 墨西哥的首都
278- 115-1967年一月19日1967-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى .
126-65   1.270        (1،270 )
163-139     45.5     ( 54.5 )
237-46   چارلىز x  ( چارلىز X  1831-1757 )
301-155   1.965  مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ( بىر تىرىليون 965 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) ۋە باشقىلار .
2. قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق جۈملىلەردىن مىساللار
18-42 世界上最大的巧克力工厂 دۇنيا بويىچە شاكىلات ئىشلەيدىغان ئەڭ چوڭ شاكىلات زاۋۇتى ( دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شاكىلات زاۋۇتى ) .
35-72 加利福尼亚州的北好来坞   كالېفورنىيە شتاتىنىڭ شىمالىدىكى ھوللىۋودتا ( كالىفورنىيە شتاتىدىكى شىمالىي ھوللىۋودتا )
214-3  这个岛国位于太平洋赤道南纬一度。   بۇ ئارال دۆلىتى تىنچ ئوكيان ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىي كەڭلىكىدىكى بىر گرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ ( بۇ ئارال دۆلىتى تىنچ ئوكياندا ئېكۋاتوردىكى جەنۇبىي كەڭلىك بىر گرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ ) .
255-79   巡洋舰  ئوكياندا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان پاراخوت ( ئوكيان چارلاش پاراخوتى )
战略导弹潜艇  باشقۇرۇلدىغان بومبا ئورنىتىلغان ستراتېگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ( ستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق سۇ ئاستى پاراخوتى )
菜油动力潜艇سەنەركە كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ( سەلياركا كۈچى سۇ ئاستى پاراخوتى )
276-112  爱德华。赤德森要付给塞西尔。布来弗。赤德森夫人一笔离婚费。。。   ئىدۋارت خۇدسون سېسىل بىلاففېرخودسون خانىمغا ئاجرىشىش ھەققى ئۈچۈن ... ( ئىدۋارد خۇدسون ئاجرىشىش ھەققى ئۈچۈن سېسىل بىلاففىر خۇدسۇن خانىمغا ... دەپ تەرجىمە قىلىنسا ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئىسمى ئېنىق ئايرىلاتتى )




3.چەت ئەللەرگە ئائىت ھەرخىل نام –ئىسمىلارنىڭ ئىنگلىزچىسىنى ئۇيغۇرچىغا
 تىرانسكىرىپسىيە قىلىشتا يۈز بەرگەن مەسىلىلەر


    مەن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشقا سالاھىيىتىم يوقلۇقىنى  ئالدىن ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك دەپ ھېسابلايمەن . لېكىن ھەر خىل قوللانما ، لۇغەتلەر بىلەن ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نەشرىدە بېسىلغان چەت ئەللەرنىڭ ئىنگلىزچە  ھەر خىل نام – ئىسىم ، ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ ، ئەينەن ترانسكرىپسىيە قىلىش جەھەتتىمۇ بەزى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى . ئا ق ش نىڭ شتاتلىرى ۋە شەھەرلىرىدىن قىسمەنلىرىنىڭ تەرجىمە نامىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا ترانسكرىپسىيە قىلىپ يېزىشتا باشقا كىتابلار ( جۈملىدىن خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە يەر ناملىرى قوللانمىلىرىدىمۇ ) ، گېزىت – ژۇرناللاردىمۇ تىلىمىزدا ھەرخىل ئىستېمال قىلىپ بىرلىككە كەلمىگەن ئەھۋال بولغانلىقتىن ، بۇ ھەقتە توختالمىدىم . تۆۋەندە بۇ كىتابتىكى بۇنىڭدىن باشقا چەت ئەل ئادەم ئىسمى ، يەر ناملىرى ۋە باشقا ئاتالغۇلاردىن ئۇيغۇرچىغا ترانسكرىپسىيە قىلىنغانلىرىدىن سەزگەن بىر نەچچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم .

        ئىنگلىزچە ئىسىملارنى ئوقۇشتا خاتا تەلەپپۇز قىلىنغان ياكى بىر خىل ئىسىم بىر نەچچە خىل تەلەپپۇز قىلىنىپ بېسىلغانلاردىن مىساللار :
36-73    William   دېگەن ئادەم ئىسمى ۋىللىئام ، ۋىليام ، ۋىللام دەپ ئۈچ خىل بېسىلغاندىن باشقا ، 369- بەتتە ۋىك دەپ پۈتۈنلەي باشقا ئادەم ئىسمى قىلىنىپ ئېلىنغان ( ۋىليام )
60-122    Wiktoria   دېگەن ئادەم ئىسمى ۋېكتورا ، ۋېكتورىيە ، ۋېكتور دەپ ئۈچ خىل ئېلىنغان ( ۋېكتورىيە )
61-124   Hotel Richmond    خاتىل رىستونى ( رېستورانى ) دەپ ئېلىنغان . ئىنگلىزچە مېھمانخانىنى      Hotel – ھوتېل دەيدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ ، تەرجىمان ، تەھرىر بۇنى مېھمانخانىنىڭ نامى قىلىۋالغان . ھالبۇكى بۇ مېھمانخانىنىڭ نامى خەنزۇچە رىسكموند دەپ ئېنىق تۇرسىمۇ ، لېكىن قارىسىغىلا – خاتىل دەپ تەرجىمە قىلىنغان .
69-142  John جوخان دەپ ، 347-239 دە جون دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان ( جون ) 
89-3 Macaithui ماك ئارتخور ( ماكارتور )
Rochcfller3-89 دېگەن ئادەم ئىسمى روچفېللېر ۋە 94-14 دە روكىفېللېر دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان ( روكفېللېر )
96-17  دىكى Plaey   دېگەن ئادەم ئىسمى بىر تېمىنىڭ ئىچىدە پالېينى ۋە پالېي دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان ( پەلېيى )
145-104 ئىكلويىش 4-شەكىللىك ئايروپىلان ( بۇ ئايروپىلاننىڭ نامى مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلەردە ئىنگلىزچىسى llysin   ، رۇسچىسى دەپ ئېلىنغاچقا ، ئۇيغۇرچىسى ئىليوشىن بولاتتى )
183-180 Leopold   لىپوپولد ( لېئوپولد )
203-231 نىڭ 3-ئابزاستا Bill Donnelly  بىلەن Eine Hogg  دېگەن ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى بېلل . دونىنللى ۋە ئېرنې خوگگى دەپ ، 4- ئابزاستا تانلى بىلەن خوگ دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان ( بېل دونېلى ۋە ئېرنى خوگ )
292-138 دە ۋە 5-9 دە ئامېرىكىدىكى بىر ئايروپىلان شىركىتىنىڭ نامىنى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە بويىن دەپ ئىنگلىزچە نامىنى بېۋويىڭ دەپ ئىككى خىل ئالغان ( ئىنگلىزچىسى Boeing ، رۇسچىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرچە بوئېڭ بولۇشى كېرەك ئىدى )
307-164  برازىلىيە پۇل بىرلىكى  cruzeiro   كروزئېرو دەپ ئېلىنغان . بۇ ، پۇل نامىنىڭ ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، نېمىسچە ، تۈركچە بولۇپ ، بەش خىل يېزىقتىكىسى مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلەردە بىردەك كروزېيرو دەپ ئېلىنغاچقا ، ئۇيغۇرچىسىدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى )
360-264 Teobaldo Visonri    تېئو. بالدوۋىس كونتى ( تېئو بالدوۋسكونتى )
357-259  دە خەنزۇچە ئاھاڭ بىلەن ئەندوڭنى دەپ بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئېلىنغان . ھالبۇكى 272-104 دە بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئانتونى ئىكەنلىكى روشەن مەلۇم ئىدى .


4.كوررېكتورلۇق جەھەتتىكى مەسىلىلەر


        بۇ كىتابتا كوررېكتورلۇقى جەھەتتە يۈز بەرگەن مەسىلىلەر تەرجىمە تەھرىرلىكتىكى مەسىلىلەردىنمۇ ئېغىر . ئادەتتە ھەممىلا  كىتابتا دېگۈدەك بىر نەچچە ياكى ئاز ساندا كوررېكتورلۇق توغرىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . لېكىن بۇ كىتابتا كوررېكتورلۇق ، جۈملىدىن تىنىش بەلگىلىرى جەھەتتە يۈز بەرگەن خاتالارنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ . ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرى جەھەتتىكى خاتالىقى 100دىن ئېشىش مۇمكىن . كىتابتىكى سان خاتالىرىدىن تەرجىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى باشقىلارنىڭ كوررېكتورلۇقتىكى سەۋەنلىكتىن يۈز بەرگەنلىكى ئاسانلا سېزىلىپ تۇرىدۇ .يەنە بىر گەۋدىلىك مەسىلە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنىڭ ئارىسىغا خەنزۇچىدا چېكىت قويۇلىدۇ ، ئۇيغۇرچىدا چەت ئەلچىسىگە ئوخشاش بولۇش ، چېكىت قويماسلىق لازىم ئىدى . ھالبۇكى ئۇيغۇرچىدا بەك قالايمىقان بولغان ، بەزى جايدا چېكىت قويغان ، بەزىدە قويمىغان ، بەزىدە پەش قويغان . بىر خىل ئاتالغۇ ، ئىسىمنىڭ ئىملاسى ئىككى خىل ، ھەتتا ئۈچ خىل بېسىلغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن .
49-97 بايلىغى ( بايرىقى )
133—81     2.945      ( 2,945 )
256-80    ئىساپانىيە  ( ئىسپانىيە )
338-224   ئىتتاتنىڭ  ( ئىسپانىيە )
338-223    50 مىليارد ماركىلىق پوچتا ماركسى ( 50 مىليارد مارىكلىق پوچتا ماركسى ) ۋە باشقىلار .


      ئاخىرىدا بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە ، تەھرىرلىكى ، كوررېكتورلۇقى ( ئومۇمەن بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىسىنىڭ ساپاسى ) جەھەتتە يۈز بەرگەن يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن ، جەمئىيەتكە مەنىۋى ئوزۇق يارىتىۋاتقان تەرجىمان – تەھرىرلەرنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت قەدىرلەشكە مۇناسىپ جاپالىق ئەمگىكىنى مەنمۇ20نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم ئۈچۈن ئوبدان چۈشىنىمەن . كىتابنىڭ تەرجىمە – تەھرىرلىكى – كوررېكتورلۇقىدا توغرا- ئوبدان ئىشلەنگەن قىسمى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇنى جەزمەن مۇئەييەنلەشتۇرۈش كېرەك . بۇ كىتابتا چەت ئەل ئادەم ئىسمى ، يەر نامى ۋە ھەرخىل يات ئاتالغۇلارنىڭ نىسبەتەن كۆپرەكلىكى بىر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ، خىزمەتتە خېلى قىيىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىش كېرەك . لېكىن كىتابتا سادىر بولغان مەسىلىلەرنىڭمۇ نىسبەتەن كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ . مەن بۇ كىتابنىڭ ساپاسىنى يېقىنقى 7-8 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا تەرجىمە قىلىنىپ ، نەشىر قىلىنغان كىتابلاردىن مەن كۆرگەنلىرىم ئىچىدىكى نىسبەتەن ناچار ئىشلەنگىنى دېيىشكە ئىختىيارسىز مەجبۇر بولدۇم .

       كىتابنىڭ ساپاسى جەھەتتە يۈز بەرگەن بىر قاتار مەسىلىلەردىن بەزىلىرى تەرجىمان – تەھرىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قوللانما ، لۇغەتلەردىن قېتىرقىنىپ ئىزدىمىگەنلىكىدىن يۈز بەرگەن . بەزىلىرى ئەسلىدە بىلىدىغان ياكى ھەل قىلىش ئاسان مەسىلىلەر بولسىمۇ ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمىغانلىقتىن يۈز بەرگەن ( بىر نەچچە چەت ئەل نامىنىڭ تەييار لۇغەتتىن توغرا كۆچۈرەلمىگەنلىكى بۇنىڭ كونكرېت مىسالى ) ، ئايرىملىرى بولسا چۈشەنمەي تەرجىمە قىلىشتىن يۈز بەرگەن دەپ ھېس قىلدىم .مېنىڭچە ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ، قېتىرقىنىپ ئىشلىگەندە يۇقىرىقى خاتالىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن ساقلانغىلى بولاتتى . بولۇپمۇ كوررېكتورلۇقتا يۈز بەرگەن مەسىلىلەردىن تامامەن ساقلانغىلى مۇمكىن ئىدى .دەرۋەقە ، بىر كىتابنىڭ تەرجىمە – تەھرىرلىكىنى مۇتلەق نۇقسانسىز ئىشلەش مۇمكىن ئەمەس. بىر كىتابتا ئۇنداق – مۇنداق ئاز ساندا خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەس . ھالبۇكى خەنزۇچە خەت سانى 140 مىڭ ئەتراپىدا بولغان بۇ كىتابتا چوڭ – كىچىك ھەر خىل خاتالار بىر نەچچە يۈزگە يېتىشى مۇمكىن .

      تەرجىمىدە ھەر خىل قوللانما – لۇغەتلەر خىزمەت قورالى ۋە تەرجىمىنىڭ ئۆلچىمى . ئۇنىڭغا تايىنىش ۋە ئاساس قىلىشىمىز  كېرەك . تەرجىمە خىزمىتىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ، تەرجىمىشۇناس ، بۈيۈك ئەدىب لۇشۈننىڭ ‹ قولۇمدىن لۇغەت چۈشمىدى ، دۈمبەمدىن تەر قۇرۇمىدى › دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا دۇچكەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەس ئەمەس . تەرجىمىدە ، بولۇپمۇ تەھرىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر . تەھرىرلىك --- بىر كىتابنىڭ پۈتۈن خىزمىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل . تەھرىرلىرىمىز تەرجىمانلار كەتكۈزۈپ قويغان خاتالار ۋە مەسىلىلەرنى سېزەلىشى ، تۈزىتەلىشى،ئىككى خىل تىل بىلىمىدىن ئاساسى پۇختا بولۇشى ، ئومۇمىي بىلىم دائىرىسى كەڭ بولۇشى،ئەستايىدىل تەھرىرلەپ مەسئۇل بولۇشى كېرەك .قىسقىسى ، كەسىپكە پىشقان بولۇشى لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن ،ھەر دائىم ئۆگىنىپ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . تەرجىمان ، تەھرىرلىرىمىز خەنزۇچە ھەر خىل قوللانما – لۇغەتلەرنى ساقلاپ پايدىلانغاندىن باشقا ، زۆرۈر بولغان چەت تىل قوللانما ، لۇغەتلىرى ( ئالايلى ، خەنزۇچە بىلەن رۇسچە ، ئىنگلىزچە ، ئەرەبچە ، پارسچە قاتارلىق چەت تىل سېلىشتۇرما لۇغەتلىرى ) نى يىغىپ ساقلاش ، ئۆزىدە بولمىسا كۇتۇبخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئېلىپ پايدىلىنىش كېرەك ( خەنزۇچە – چەت تىلچە قوللانما ، لۇغەتلەردىن سۆز – ئىبارىلەرنى بىۋاسىتە چۈشىنىپ  كۆرەلمىسىمۇ چەت ئەل ئادەم ئىسمى ، يەر نامى ۋە ھەر خىل ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ يەنە خەنزۇچە مۇناسىپ لۇغەتلەردىكى چۈشەندۈرۈشتىن پايدىلىنىش ، يولۇققان قىيىنچىلىقنى ھەل  قىلىش لازىم دېمەكچىمەن ) . تىلىمىزدا قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇلارنى چوقۇم شۇ بويىچە قوللىنىش ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىملا سۆزلۈكىگە ئەمەل قىلىش لازىمكى ، ھەرگىز مەيلىچە ئۆزگەرتمەسلىك لازىم . بولۇپمۇ تەرجىمىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ، قارىسىغا ‹ ئۇرۇۋەتمەسلىك › كېرەك . بۇ ھەم خىزمەت پوزىتسىيىسى مەسىلىسى  ھەم تەرجىمە ئەخلاقى مەسىلىسى بولىدۇ . بۇلاردىن باشقا ئالاقىدار كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن شۇ كىتابنىڭ سىگنالىنى كۆرۈشنى --- ئاخىرقى كوررېكتورلۇقىنى ئەڭ ياخشىسى تەھرىر مېنىڭ ۋەزىپەم ئەمەس دەپ تونۇماي ، ئۆزى كۆرۈپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن . بۇنداق قىلغاندا مەيلى كوررېكتورلۇقتىن چۈشۈپ قالغان خاتالار بولسۇن ياكى تەرجىمە – تەھرىرلىكتە كۆزدىن ‹ قېچىپ › قالغان خاتالار بولسۇن مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ‹تورغا چۈشۈرۈپ ›تۈزەتكىلى بولاتتى . گېزى كەلگەندە تىلغا ئېلىش  كېرەككى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان ( باش تەرجىمان جامالىدىن مۇھەممىدى تەرجىمە قىلغان ) . بۇ كىتاب بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى ‹ دۇنيادا ئەڭ ... › دېگەن باشقا بىر نەچچە كىتابنىڭ تەرجىمە – تەھرىرلىكىنىڭ نەقەدەر ياخشى بولغانلىقى روشەن سېلىشتۇرما بولدى .

     مەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى رەھبەرلىكىنىڭ ۋە ئالاقىدار تەرجىمان ، تەھرىر ، كوررېكتور يولداشلارنىڭ بۇ كىتابنى نەشىر قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ يەكۈنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . نەشرىياتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كىتابخانلارنىڭ ئىلىم –پەن ئۆگىنىشتىكى يۈكسەك ئارزۇسىنى قاندۇرۇش يولىدا سۈپەتلىك كىتابلارنى ھەم كۆپ  ھەم تېز نەشىر قىلىشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن .


مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، بايقالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-19 01:36قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-18, 17:40
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-18 17:39 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        ئىلگىرى  مەن  تەرجىمە  قىلىنماقچى  بولغان  تىلنى  پىششىق  بىلسە  تەرجىمە  ياخشى  بولىدۇ  دەپ  قارايىتتىم  .  لېكىن  ھازىر  شۇنى  بىلدىمكى  تەرجىمىنىڭ  ياخشى  بولماسلىقى   كۆپىنچە  ئانا  تىلغا  ياخشى  ئەمەسلىكتىن  كېلىپ  چىقىدىكەن  .
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-18 22:24 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 570
شۆھرەت: 3092 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3085 سوم
تۆھپە: 1811 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1818 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن تەرجىمە قىلىش يەنە ئادەمنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىغىمۇ باغلىقمىكىن دەپ ئويلايمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-18 22:34 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 615 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 615 سوم
تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 344 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 520(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى قەستەن ئادەمنىڭ شۇ شەيئى ۋە نەرسىلەرگە بولغان ئۇقۇمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق ،پەلەستىندىكى بىر شەھەرنى بەزىدە « غەززە » ،بەزىدە «گازا » دەيدىكەن. لىۋىيە زۇڭتۇڭىنى بەزىدە «كازافى» بەزىدە «قازافى» دەپ ئاتايدىكەن.ئىشقىلىپ بەك كۆپ.نۇرغۇنلىرىنى ئەسلىيەلمىدىم.ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە دىكتۇرلار ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرىدىكەن.چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم ۋە ئورۇن يوق.بىز پۇقرالار مۇ ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلەرنى ئەيىپلىشىمىز لازىم.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 10:18 |
guljannat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2076
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 822 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 812 سوم
تۆھپە: 463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 466 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەرجىمە ئەڭ ئاۋۋال  ئانا تىلىنى پىششىق بىلىشتۇر.................
يازىمەن دەپ يازالمىدىم، يازمايمەن دەپ تۇرالمىدىم
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 21:31 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 291
شۆھرەت: 1475 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1495 سوم
تۆھپە: 883 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 883 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇھەممەت يۈسۈپ ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا ...مەن تىنىڭىزنىڭ سالامەتلىك  ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق،ئائىيلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى تىلەيمەن .
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 19:21 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى