karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1754 قېتىم كۆرۈلدى
hawar
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 883 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 871 سوم
تۆھپە: 450 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 464 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1014(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئامىرىكىنىڭ كېيىنكى دۈشمىنى كىم؟

11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە ئون يىل بولدى؟
    11-سىنتەبىر، ئۇنىڭغا ئالاقىدار قانداق ئوبراز بولسۇن، ھەممىسى تارىخ تەرىپىدىن ئازاب ئوقۇبەتنى خاتىرىلىدى، كىشىلەرنىڭ ئەسلەشلىرى بىلەن ئۇنتۇلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئون يىل داۋامىدا، بىزنىڭ:« دۇنيا زادى تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ يوق؟»  دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپقىمىز بار.
     11-سىنتەبىر، چۈشتىن بۇرۇن،4  ئايروپىلان، 3000 دىن كۆپرەك ھاياتلىق،  90 مىڭدىن كۆپ ۋەقەدىن كېيىن كەلگەن داۋالاش خادىمى،  400 مىڭدىن كۆپ چاڭ توزاننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى...... بىز ئىزچىل نىمىلەرنى قىلماقچى،  قۇرۇق ئەسلىمىنى ئىلگىرىكى كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ، قۇرۇق سان-سىفىرلارنى ئەسلىدىكى تىرىك جانلارنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ، ھەر يىلقى خاتىرە كۈن كېلىشتىن ئاۋۋال مۇناسىۋەتسىز بوپ قالاي دېگەن«يادىكار» لارنى كۆز ئالدىمىزغا ئەپ كېلىشنىمۇ خالىمايمىز. بۇ دۇنيادا ھاياتلىق، يەنىلا  تېررورلۇق مەۋجۇت  بولغاچقا ئاجىز.
    11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە ئون يىل بولغاندا:  بىنلادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ،كازافى قېچىپ كەتتى ،ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى دۈشمىنى كىم؟

     ئۆتكەن 30 يىلدا،ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى، تاجاۋۇز قىلدى، ياكى بومباردىمان قىلدى. ھالبۇكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى قوشسىمۇ ئامېرىكىنىڭ  بىر غول ھاۋا ئارمىيە قىسىمىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. يەنە باشقىلىرى بارمۇ؟
       روسىيە بىر مەزگىل ئامېرىكىغا دۈشمەن بولغان، بىراق، بۈگۈنكى موسكىۋانى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى مەزگىلىدىكى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ، روسىيەنىڭ  ئىچكى تاشقى مالىمانچىلىقلىرى بار، بۇ دۆلەت يەنىلا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئامېرىكىغا ئانچە چوڭ تەھدىتمۇ بولالمايدۇ. تېررورچىلار؟  لادىننىڭ ئېتىلىشى، كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە بىر قېتىملىق ئېغىر زەربە بولدى، گەرچە يەنىلا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لادىندىن ئىبارەت بەلگە خاراكتېرلىك شەخىس ئازلىغاندىن كېيىن،ئېنىقلا ئامېرىكا ئازراق خاتىرجەم بولدى.
         ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆزىمۇ؟
      11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە ئون يىل بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى تاشقى ۋەزىيىتى ياخشى بولمىدى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا قەرز كىرزىسى قوشۇلدى، ئېغىر ئىشسىزلىق ئۈستىگە نامراتلار بارغانسىرى كۆپەيدى،بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولدى، بۇ ئالاھىدە دىققەت تارتىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆزى بولىشى مۇمكىن. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە نەزەر سالساق،بۈگۈنكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ۋە ئىراق ئۇرىشىنىڭ مەنبەسى،كىلىنتۇن ۋە كىچىك بوشتىنلا باشلانغان ئەمەس.  بۇنى ئۇلاردىن بۇرۇن ۋەزىپىدە ئولتۇرغان رونالد رىگان ۋە چوڭ بوشتىن سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.  20-ئەسىرنىڭ 70،80-يىللىرىدىكى ئىران ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشىدەك ئىككى قېتىملىك ھەرىكەت ئىسلام رادىكاللار ھەرىكىتىگە ئوت ياقتى، شۇنداقلا ئامېرىكىنى ئىسلامغا تېخىمۇ قارشى ئورۇنغا  سۆرەپ كىردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەرشارى ئىستىراتېگىيىسىگە شەكسىز ئۇيغۇن، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن،  ئۇلار مەشغۇلات تەپسىلاتى جەھەتتە بەزى  مەسىلە خاتالىقلارنى قالدۇردى، شۇنداقلا بۇ جەريانغا بازا تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇقىنى كۆمدى.
بىز ئەسلىدە 11-سىنتەبىر ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالامتۇق؟ يېنىكلىك بىلەن جاۋاب بەرگەندە: شۇنداق. چاد كلارك «بارلىق دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش» دېگەن كىتابىدا 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن پۈتۈنلەي ساقلىنىشقا بولاتتى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كىچىك بوش ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كىلىنتۇننىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنى يۈرگۈزمىدى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، سوۋېت ئىتىپاقى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدە بيۇكراتلىق ئىستىلى ۋە ئىنتايىن ئېغىر زىددىيەت مەۋجۇت.  پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق بازا تەشكىلاتى شۇنىڭ بىلەن پەيدا بولدى ۋە تەدرىجى تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭدىكى زور بىر قىسىم سەۋەب ئامېرىكىنىڭ،  ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ئۆز قىلمىشى ۋە ھۆرمەتسىزلىكى.


    ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئىستىراتىگىيىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەربىي كۈچ، بومبا، ئوق، كويزا ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بازا تەشكىلاتى، ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىك، رادىكال ئىسلامىزىم بىلەن ئۆز ئارا تىركىشىش ئىدېئولوگىيەسىنى بەرپا قىلدى، ئامېرىكىغا نىسبەتەن،«چاتاق تېرىغۇچىلار» نى بىراقلا يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، بۈگۈنكى دۈشمەن تۈنۈگۈنكى دۈشمەننىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.  ئەگەر بۇ خىل ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە، رادىكال تېررورچىلار، ئامېرىكا تۈرمىگە سولىغان ۋە ئۆلتۈرگەنلىرىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
       ئامېرىكىدا بىرەر يۇشۇرۇن ئاپەت مەۋجۇتلا بولسا، مەلۇم كىشىلەر مەلۇم كۈنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاجىز ھالقا بىلەن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارىشىدىكىدەك، ئامېرىكا دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى رەت قىلىپ، بىر تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇردى، ھەربىي تەھدىت بىلەن بىخەتەرلىكنى قوغلاشتى، نەتىجىدە ئۆزى تېخىمۇ بىخەتەر بولماي قالدى.  شۇڭا ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆزى. 
جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى دۈشمىنىمۇ؟
        جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى دۈشمىنىمۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە «جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتى»، «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى»، « جايلار ئىستىراتېگىيىسى» قوشۇلۇپ سۆزسىز  يوشۇرۇن دۈشمەن بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بولۇپ قالدى.
      10يىل ئىلگىرى، «يېڭى ئامېرىكا ئەسىرى» پىلانى:« ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ گۈللىنىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا» دەپ جاكارلىغان. جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش ھەيئىتى دائىم جۇڭگونىڭ تەھدىتىدىن ئەنسىرەيدۇ. راند شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىدە«يۇمشاق قوۋۇرغا» مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. «جۇڭگو بولسا دۈشمەن» دېگەن ئىدىيىنى تەرغىب قىلىدىغان كىتابلارمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ.نۇرغۇن  ۋاشىنگتونلۇقلار  خۇددى كېلەركى «كەم بولسا بولمايدىغان» دۈشمەننى ئىزدەۋاتقاندەكلا. ئۆتكەن 20يىلدا، ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەسىگە ئىگە بولدى. بىراق، ئاسىيا،تىنىچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىۋاتقان ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  ۋالاسې گرېگسىن ئېيتقاندەك، «جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئوخشاش بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى شىددەت بىلەن يوقالماقتا. ئامېرىكىنى توسىماقچى بولسا، بېيجىڭنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىگە قارشى تۇرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەكسىچە، پەقەت يادرۇ كۈچىنى ئاشۇرۇپ يادرو تەھدىتىدىن ساقلانسا،باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى ياساپ ئامېرىكا  ھاۋا ئارمىيە قىسىمىغا تاقابىل تۇرسا،ھاۋا ئارمىيە قىسىمىنى ياخشىلاپ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە ئەۋزەللىكىنى ئاخىرلاشتۇرسا، شۇنداقلا سىممېترىك بولمىغان قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراسى ۋە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تاقابىل تۇرسىلا بولىدۇ. بۇلارنىڭ بارلىقىنى جۇڭگو قىلىۋاتىدۇ.

     بۇ ئون يىلدا، ئامېرىكا لادىننى تۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە مالىيە سەرپ قىلدى، ئاخىرى بىر پاي ئوق ئاۋازىغا ئەگىشىپ پۈتۈن بۇلار ئاياغلاشتى. ئامېرىكىلىقلار كۈلدى، جۇڭگولۇقلار يىغلىدى. تېررورلۇققا قارشى پائالىيەتتىن قولى بوشىغان ئامېرىكىلىقلار، ئاللىقاچان جۇڭگودىن ئىبارەت لوق گۆشكە شۆلگەي ئېقىتىپ بولغان تۇرسا، بۇ دەقىقىدە قانداقمۇ تىنىچ تۇرۇشنى خالىسۇن؟

      ئۇزاق تارىختىن بۇيان، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا بولغان نەپسانىيىتىنى مۇلايىم قىياپەتتە  كۆرسەتتى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى سودا ئالاقىسىدە، جۇڭگولۇقلار ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇندا دەپ پەرەز قىلىپ كەلدى، چاينى قارشى تەرەپنىڭ كۈمۈشلىرىگە ئالماشتۇردى؛ كېيىنكى ئەپىيۇن ئۇرىشىدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆرگىنى ئەنگىلىيەنىڭ قەبىھلىكى بولدى،  ئامېرىكا دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ ئەپىيۇن سودىسىدىكى جىنايەتلەرنى شىددەت بىلەن سۆككەنلىكى جۇڭگولۇقلارنى بىخۇدلاشتۇردى،بىراق ئامېرىكا دەرھال توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئولجا بۆلۈشتى؛ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى يىتىم قالدۇرۇش  سىياسىتى  بىتچىت بولغاندىن كېيىن،جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى تىنىچلىقنىڭ سىگىنالىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئامېرىكا كۆپ قېتىم جۇڭگو شىزاڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرىگە ئارىلاشتى، ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى» تور بېتىدە 8-ئاينىڭ 29-كۈنى «بىز نىمىشقا تەيۋەنگە ئىھتىياجلىق» دېگەن تىمىدا بىر پارچە ماقا لە ئېلان قىلىنىپ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى، كۈلكىلىك بولغىنى، تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ تۇرسا، ئامېرىكىنىڭ نىمە ئىشى؟   

      ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىردەم مۇلايىم، بىردەم يولسىز، بىردەم ئەقىللىق، بىردەم يالغان دۆت بولىۋالىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك خاراكتېرىگە نىسبەتەن، مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
جاھان تىنىچسىز، ئۇرۇش ئوتى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇ ئون يىلدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ زىھنى كۈچى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا سەرپ بولدى، بەلگە خاراكتېرلىك شەخس لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى، ئامېرىكىنى كەلگۈسى ئون يىلدا ئارام ئالغۇزمايدۇ، قىسمەن زېھنىنى كازافىينى قوغلاشقا سەرپ قىلغىنىدىن باشقا،  تېخىمۇ كۆپ قىسىمىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى يولىدا سەرپ قىلىدۇ. جۇڭگو پەخەس بولىشى كېرەك. 



مەنبە : باغداش جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىسى : باغداش تور بېكىتى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان :رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ:

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-19 15:49 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 224
شۆھرەت: 1135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1145 سوم
تۆھپە: 678 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 678 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئامىرىكىنڭ كېيىنكى نىشانى جۇڭگو بولۇش ئېھتىماللىقى يوقىرى :
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 17:54 |
adiyat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3190
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لىكىن ، ئىشنىڭلاركى ئاخىر جوڭگو  ئامرىكىنى  تۇيدۇماي غىققىدە قىپ  قويىدۇ.
ئۇ  چاغدا  سىلەر  ۋە  پۈتۈن  دۇنيانىڭ  دىمى  ئىچىگە چۈشۈپ  كىتىدۇ.
قاتتىق  يەرگە ئۈسۈۋالغاندەك  باشلىرىڭلار  غوڭۇلداپ  كىتىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 20:35 |
edirhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 402 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 402 سوم
تۆھپە: 232 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 235 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     قەغەز يولۋاسلار ئۆز ئارا تۇتۇشۇپ باقسا بىلگىلى بولىدۇ. قايسىسى ھەقىقىي يولۋاس؟
     بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئونۋېرسال كۈچىنى باھالاش ئۆلچىمى نىمىلەر ؟ بۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا ئامرىكا ئۈستۈنلۈككە ئىگىمۇ جۇڭگومۇ؟ يەنىلا ئېھتىيات قىلغىنى تۈزۈك، ئامرىكا دۆلەت ئونۋېرسال كۈچى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئون ھەسسىچىلىك كۈچكە ئىگە... ھەربىي كۈچ جەھەتتىمۇ ئوخشاش...ئەگەر ئامرىكىنىڭ دۈشمىنى ئۆزى بولسا بىلمىدىم، باشقا بىر دۆلەت ھازىرچە ئامرىكىغا رەقىب بولالمايدۇ.
    
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 23:02 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 605 سوم
تۆھپە: 338 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 504(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە ئامىركىدىكى ئېغىر ئىشسىزلىق ۋە قەرىز كىرزىسىدىن كىيىن پەيدا بولغان ئامىركا تارىخىدىكى نامراتلىق رىكورتى ئامىركا پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا سەۋەپچى دۈشمەن دۆلەتكە بولغان قارشىلىق سادالىرىنى كۈچەيتىپ ،ئومۇميۈزلۈك جامائەت پىكىرى ۋە جامائەت بېسىمى پەيدا قىلىپ، ئامىركىنىڭ شۇ دۈشمەن دۆلەتكە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىگە   ۋە ئوت ئېچىشىغا سەۋەپچى ئامىللارغا يول ئاچىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 11:18 |
arkim
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1895 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1930 سوم
تۆھپە: 1092 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 409(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىردەم مۇلايىم، بىردەم يولسىز، بىردەم ئەقىللىق، بىردەم يالغان دۆت بولىۋالىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك خاراكتېرىگە نىسبەتەن، مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
ئامرىكىلا ئۇنداق ئەمەس...ئۇنداق دۆلەتلەر يەنە بار.
西部医院
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 11:22 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1363 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئامىرىكا جۇڭگونى دۇشمەن دەپ قارسا دولەتنىڭ سەي موملرىنى بىكارغا يەپ بوردىلۋاتقان مىليونلىغان ئەسكەر نى ئىشقا سالسا بۇلىدۇ،ئاددىسى ھەسەل ھەرسىدىمۇ غۇرور بۇلىدىغۇ؟دولەتنىڭ ئىززىتى،ئىگلىك ھۇقوقى دەخلىگە ئۇچۇرسا قاراپ تۇرۇش ........
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 12:38 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 555 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 555 سوم
تۆھپە: 333 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 333 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 136(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشىنىڭلاركى ،ئامىرىكىغا نىسبەتەن خۇدادىن باشقىسى بىكا .  
ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ،بىرلا ئورۇندا تۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگەقۇدرەتلىك ھەربى كۈچ ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە  . <<  دۇنيا  ساقچىسى >> دىگەن نام بىكاردىن كەلمىگەن  .
ئەمىليەتتە قىسمەن ئۇششاق دۆلەتلەرنىڭ  ( ۋېنسوئېلا  ،چاۋشەن  ....) ئامىرىكا ئۇستىدىن خىلمۇ _  خىل  ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشى، خۇددى پىستە كۈچۈكنىڭ ئون بەش قەدەم يىراقتىن تۇرۇپ  ئادەمگە  قاراپ قاۋىغىنىدىن باشقا ئىشى ئەمەس ، قاراپ باقمامسىلەر قايسى بىر تەرەققى قىلغان دۆلەت تاموشۇ كەمگىچە ئامىرىكىغا قارشى پىكىردە تۇرالىدى ، قايسى بىر قارشى تۇرغىنى تۇمشۇقىغا يىمىدى .  
ھازىرقى جەمىيەتكە نىسبەتەن تانكا ، زەمبىرەكنى ئىشقا سالسىلا زەربە بەرگەنلىك ھېساپلانمايدۇ  ، ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۇرگۇزۇش  ، سودا يوللىرىنى ئۈزىۋېتىش ، مەبلىغىنى توڭلۇتۇش ، ياردەم مەبلىغىنى قىسقارتىش قاتارلىقلىرنىڭ ھەممىسى قارشى دۆلەتكە يۇرگىزىلىۋاتقان ھۇجۇم شەكىللىرىدۇر . ناۋادا موشۇ خىل جازا مۇددىتى داۋاملىق ئۇزۇرايدىكەن  ئۇ ھالدا مەملىكەت ئىچىدە ئىشسىزلىق ، پۇل پاخاللىق  قاتارلىق خىلمۇ-خىل زىدىيەتلەر كەپ چىقىپ ئاقىۋەت ھاكىمىيەت ئۆزلىكىدىن غۇلايدىغان ئەھۋاللار كەپ چىقىشى مۇمكىن  . چاۋشىيەننىڭ ھازىرقىدەك نامرات دۆلەت ئەھۋالىمۇ  دەل موشۇ  ئامىرىكا بىلەن قارشىلاشقانلىغىنىڭ   تىپىك مىسالى بولالايدۇ .  
مەيلى ھاۋا ئارمىيە جەھەتتىن بولسۇن ،مەيلى دېڭىز ،قۇرۇقلۇق جەھەتلەردىن بولسۇن ئامىرىكا ھازىر تەڭداشسىز ھەربى كۈچكە ئىگە  ،شۇنداق دىيىشكە بولۇدۇكى  ھازىرقى ھالەتكە نىسبەتەن جۇڭگو نى ئۇيقۇدىكى ئەجدىرھا دىسەك ئۇھالدا ئامىرىكا قۇتراۋاتقان يولۋاستۇر .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 14:46 |
يولۋاس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەنزۇلارنىڭ سانى 1 مىليارد 500 مىليۇنغا يىتەي دىدى.  ئامرىكا تۇتۇشۇپ قالسا تەڭ بولالىشى بەك تەس. خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭ سىيسە، بىر شەھەرنى سۈيدۈك كەلكۈن بىلەن گۇمران قىلىۋىتىدۇ.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 14:49 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 605 سوم
تۆھپە: 338 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 504(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى yuzbexiدە2011-09-20 14:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئىشىنىڭلاركى ،ئامىرىكىغا نىسبەتەن خۇدادىن باشقىسى بىكا .  
ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ،بىرلا ئورۇندا تۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگەقۇدرەتلىك ھەربى كۈچ ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە  . <<  دۇنيا  ساقچىسى >> دىگەن نام بىكاردىن كەلمىگەن  .
ئەمىليەتتە قىسمەن ئۇششاق دۆلەتلەرنىڭ  ( ۋېنسوئېلا  ،چاۋشەن  ....) ئامىرىكا ئۇستىدىن خىلمۇ _  خىل  ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشى، خۇددى پىستە كۈچۈكنىڭ ئون بەش قەدەم يىراقتىن تۇرۇپ  ئادەمگە  قاراپ قاۋىغىنىدىن باشقا ئىشى ئەمەس ، قاراپ باقمامسىلەر قايسى بىر تەرەققى قىلغان دۆلەت تاموشۇ كەمگىچە ئامىرىكىغا قارشى پىكىردە تۇرالىدى ، قايسى بىر قارشى تۇرغىنى تۇمشۇقىغا يىمىدى .  
ھازىرقى جەمىيەتكە نىسبەتەن تانكا ، زەمبىرەكنى ئىشقا سالسىلا زەربە بەرگەنلىك ھېساپلانمايدۇ  ، ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۇرگۇزۇش  ، سودا يوللىرىنى ئۈزىۋېتىش ، مەبلىغىنى توڭلۇتۇش ، ياردەم مەبلىغىنى قىسقارتىش قاتارلىقلىرنىڭ ھەممىسى قارشى دۆلەتكە يۇرگىزىلىۋاتقان ھۇجۇم شەكىللىرىدۇر . ناۋادا موشۇ خىل جازا مۇددىتى داۋاملىق ئۇزۇرايدىكەن  ئۇ ھالدا مەملىكەت ئىچىدە ئىشسىزلىق ، پۇل پاخاللىق  قاتارلىق خىلمۇ-خىل زىدىيەتلەر كەپ چىقىپ ئاقىۋەت ھاكىمىيەت ئۆزلىكىدىن غۇلايدىغان ئەھۋاللار كەپ چىقىشى مۇمكىن  . چاۋشىيەننىڭ ھازىرقىدەك نامرات دۆلەت ئەھۋالىمۇ  دەل موشۇ  ئامىرىكا بىلەن قارشىلاشقانلىغىنىڭ   تىپىك مىسالى بولالايدۇ .  
مەيلى ھاۋا ئارمىيە جەھەتتىن بولسۇن ،مەيلى دېڭىز ،قۇرۇقلۇق جەھەتلەردىن بولسۇن ئامىرىكا ھازىر تەڭداشسىز ھەربى كۈچكە ئىگە  ،شۇنداق دىيىشكە بولۇدۇكى  ھازىرقى ھالەتكە نىسبەتەن جۇڭگو نى ئۇيقۇدىكى ئەجدىرھا دىسەك ئۇھالدا ئامىرىكا قۇتراۋاتقان يولۋاستۇر .

سىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزغىمۇ قوشۇلىمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 15:23 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 639 سوم
تۆھپە: 380 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 381 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى يولۋاسدە2011-09-20 14:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خەنزۇلارنىڭ سانى 1 مىليارد 500 مىليۇنغا يىتەي دىدى.  ئامرىكا تۇتۇشۇپ قالسا تەڭ بولالىشى بەك تەس. خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭ سىيسە، بىر شەھەرنى سۈيدۈك كەلكۈن بىلەن گۇمران قىلىۋىتىدۇ.


بىر بومبا بىلەن 10 مىڭنى يوق قىۋېتەلەيدىغان تۇرسا :
ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيتىدىن ئامىرىكىغا دۈشمەن بولغىدەك دۆلەت يوق :
بۇرۇنقىدەك چوڭ كەڭرى سايغا چىقىپ ئىككى تەرەپتە ئاكوپ كولاپ ئۇرىشىدىغان ۋاقىتلار ئەمەس ھازىر :
ئامىرىكنىڭ  پاكىستان دەمدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر بازىسىدىكى كۈرۈشچى ئايرىپىلانلار 1 سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ سەيلى ساياھەت قىلىپ كېتەلەيدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم :

ئېسىڭلەردىمۇ ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو  زېمىنىغا ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان ئامىرىكا جەڭ ئايرۇپىلانىنى توسقىلى چىققان جۇڭگو ئايرۇپىلانى سوقۇلۇپ كېتىپ يوق بولۇپ كەتكەن ، ئامىرىكا ئايرۇپىلانى جۇڭگو زېمىنىغا قونۇپ ، يەنە بىزنىڭ ئادەملەر ئۇنى رىمونت قىلىپ ماۋتەي بىلەن مېھمان قىلىپ ئۇددۇل مېڭىپ سولغا ئەگىلسىڭىز ئامىرىكىغا بارىسىز  ، بولمىسا ئاپىرىپ قويايلى دەپ يولغا سېلىپ قويغىنى : 
   جۇڭگونىڭ ئايرۇپىلانى ئامىرىكىغا ئەمەس چېگراسىغا بېرىپ باقسۇن ، جاجىسى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا :  
 
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 15:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر