دادام
شىياۋ سۇڭ جىجىيا
تەرجىمان: جېڭ ئەيجۈن
گۈلجەننەت مۇھەممەت تەرجىمىسى
مەن بار كۈچۈم بىلەن جاۋۇردىكى قىيمىنى ئىلەشتۈرۋاتاتتىم. بۈگۈن كەچتە مەن ھامبۇرۇگ بولكىسى پىشۇرماقچىمەن.
ئاپام ئەنسىرەپ ئوغرىلىقچە كىلىپ قاراپ قوياتتى. ئۇ دائىم مېنى كىچىك بالا دەپ قارايتتى، لېكىن، بۈگۈن شۇنداق خۇشال بولغان ئىدى.
-ئوھۇي، شاجياڭ خېلى يامان ئەمەس بوپتىغۇ دېدى دادام سىرتتىن كىرىپ. ئاشخانا ئۆي تېخىمۇ قىستاڭچىلىق بىلىنىپ كەتكەنىدى.
ئاپاممۇ قىستاڭچىلىق ھېس قىلىپ، دادامنى چىقىرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن دادام نارازى بولغاندەك قىلىپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىدە قاراپ تۇردى. ئىككىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ مەن پىخىلداپ كۈلدۈم.
تۆت ياش ۋاقتىمدا، تۇنجى بولۇپ قىلغان تامىقىممۇ ھامبۇرگ بولكىسى ئىدى. بەلكىم قىيمىنى كۈچەپ ئىلەشتۈرمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن، پىشۇرغان ھامبۇرگ قاتتىق بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، دادام، ئاپاملار يەنىلا « تەملىك بوپتۇ، تەملىك بوپتۇ » دەپ شۇنداق كۆپ يىگەن ئىدى. بولۇپمۇ دادام تېخى « ئەزەلدىن مۇنداق ئوخشىغان ھامبۇرگ بولكىسى يەپ باقمىغان ئىدىم» دېگەن ئىدى.
***********
ئۇ دېگەن 21 يىلىنىڭ ئالدىدىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى. ئەتە مەن ياتلىق قىلىنىدىغان بولدۇم. بۈگۈن مەن توي قىلمىغان قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆيدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزىۋاتاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ، مەن مۇشۇنداق ئايرىلىشتا قىيىن بولغان ھېسسىياتنى قولۇمغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۈچەپ قىيمىنى ئىلىشتۈرۋاتاتتىم.
ئاپام دائىم « قىيمىنى كۈچەپ تۇرۇپ يۈز قېتىم ئىلەشتۈرسىلا ئاندىن ھامبۇرىگ بولكىسى ئوخشايدۇ » دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. لېكىن مەن بۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما، مېنىڭ ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق، بۈگۈنكى ئالاھىدە كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ ئائىلىدىكى بارلىق ھاياتىمنى ئېسىمدىن چىقارمايمەن. بۇنداق تۇيغۇغا كېلىشىم تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى.
مەن كەينىمدە چەكسىزلىگەن ئىللىقلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، قولۇمنى توختىتىپ كەينىمگە قارىغىنىمدا، دادامنىڭ ھودۇقۇپ بىزنىڭ كەينىمىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان چىرايى تەبەسسۇمغا ئۆزگەردى. بەلكىم مەن تۇغۇلغان شۇ دەققىدىن باشلاپلا ئۇ مەن بىلەن ھازىرقىدەك ھېسسىياتتىلا بولۇشى مۇمكىن.
دادام ماڭا ئۆسۈپ يېتىلگەن جەرياندىكى ھەربىر دەقىقىلەرنىمۇ ئېسىمدە چىڭ ساقلىشىمنى ئېيتتى. شۇ سەۋەبلىك، ئۇ دائىم ماڭا تەبەسسۇم بىلەن باقاتتى. ئەمما، مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قالدىم. دائىم دادامنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرگىنىمدە شۇنداق بىئارام بولاتتىم. ئۆزۈمنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، مەن كۆزۈمنى ئالدىمدىكى قىيمىغا قارىتىۋالاتتىم.
تاكى يەسلىگە كىرگىچە بولغان ۋاقىتتا مەن دادامنىڭ كەسپىنى سۈرەتكە تارتقۇچى دەپ كەمسىتىپ كەلدىم. چۈنكى ئۇ دائىم بىر تىلكامىراسىنى كۆتىرىۋالاتتى. ئېيتشىلارغا قارىغاندا، مەن تۇغۇلغاندا ھاياجانلىنىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يېڭى، قاراڭ رەڭلىك، پارقىراپ تۇرغان تىلكامىرا سېتىۋالغانىكەن. مەن دائىم ئۆزۈمنى دادام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا ئەينەك قويۇپ سۆزلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. تىلكامىراغا قارىسىلا ئۇ شۇنچىلىك بەخىتلىك، مېھرىبان بولۇپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
ماڭا نىسبەتەن، سۈرەتكە چۈشۈش مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى ھېسابلىناتتى. يەنە كىلىپ، يەسلىدە ئوقىغاندىن باشلاپلا، ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەردە، تىلكامېرا دائىم مۇھىم رولىنى ئوينايتتى. ھەر قېتىم پائالىيەتنىڭ ئالدىنقىنى بىر كۈنىدە دادام مەندىن بەكىرەك جىددىيلىشىپ كېتەتتى. تەنتەربىيە يىغىنى كۈنى، ئۇ دائىم ئەتىگەندىلا دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. ئەڭ ياخشى بولغان سۈرەتكە تارتىش نۇقتىلىرىنى تاللاپ، سۈرەتكە تارتاتتى. ھەتتا ئادەتتىكى يىغىلىشلار، رېژىستىرداۋا بايراملىرى بولسۇن، ئۇ ئىككىلەنمەستىن قاتنىشاتتى.
بالدۇراق ئىشتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ دائىم تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن سىن لىنتلىرىنى كۆرەتتى. يەنە تېخى « بۇ دېگەن مېنىڭ ئەڭ ياخشى زاكوسكام» دەپ قوياتتى.
مەن «زاكوسكا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن مېنى ماختاۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايتتىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن ماروژنىنى ئەكىلىپ دادام بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمنى بىللە كۆرەتتىم.
شۇ ۋاقىتلاردا تىلكامىرانى ئوينىتىپ سۈرەتكە تارتىۋاتقان دادامدىن پەخىرلىنەتتىم، شۇڭلاشقىمۇ توختىماستىن ئاپپاراتنىڭ ئالدىدا خىلمۇخىل ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ، قوللىرىمنى ھەر خىل قىلىپ دېگەندەك قىلپ تۇراتتىم. ھەر قىتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئۈچ پۇتنىڭ كەينىدە تۇرۇپ باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئىنتايىن خۇشال بولاتتى. لېكىن، قاچاندىن باشلاپ بىلمىدىم، مەن ئۇنداق پەخىرلەنمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئاشۇ كونىراپ كەتكەن ئاپپاراتىدىن نۇمۇس ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ، مەن ئاپپراتقا قاراپ ھەرىكەتلەرنى چىقارمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا « شاجياڭ ----بۇ تەرەپكە---! » دەپ چاقىرغانلاردىمۇ، ئاڭلىماسقا سىلىپ، كارىم بولمايتتى. مەن تېخى دادامنىڭ ئاپپاراتىغا قاراپ توختىماي كۈلۈشتىنمۇ بىزار بولۇپ قالغانىدىم. تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ باش يازدىن باشلاپلا پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ كۈنى مەكتەپ ئوقۇش باشلىغان كۈنى ئىدى. گەرچە ئوقۇش باشلىغان كۈنى بولسىمۇ، لېكىن خۇشالىق بىلكەن كىلىپ قاتناشقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى،كەينىدە تۇرغان ئاتا-ئانىلارمۇ باشلانغۇچتىكىدىن خېلى ئوبدانلا ئاز ئىدى. بىز ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا ئىدۇق. ئەمدىلا باشلانغۇچقا كىرىپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتا، ئوچۇق دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بىردىنبىر سەھنىسى ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا بىر قانداق ئاۋارىچىلىقلارنى ھېس قىلمايتتۇق.
دېگەندەكلا، دادام ئۇ كۈنى يەنىلا خۇشال ھالدا ئاپپاراتىنى ئېلىپ كىلىپ قاتناشتى. تەنەپىسلەردىمۇ ئۇ ئۈچ پۇتنى سىنىپنىڭ كەينىدىكى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ قوياتتى، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ساۋاقاشلارنىڭ پىكىر نۇقتىسى، كۈلكە تېمىسى بولۇپ قالغانىدى.
-ھەي، كىمنىڭ دادىسى؟
دادام بۇ سىنىپ ئىچىدە بۇلۇنۋاتقان قىزىق سۆز تېمىسى قەتئىي ھېس قىلمىغانىدى. مەن پەقەت بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، ئوچۇق دەرسنىڭ تېزىراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
ئۇ سائەتلىك دەرس مېنىڭ بېشىمنى ئەڭ ئاغرىتقان بىر قېتىملىق ماتىماتىكا دەرىسى بولدى. ھەمدە، نېمىشقىكىن مەن دادامنىڭ ئاپپاراتى بىلەنلا بولۇپ قالدىم، مەشىق ئىشلىگەن ۋاقىتتىمۇ ئامال بار دىققتىمنى يىغىپ باقتىم.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمىم مېنى چاقىردى. بەدىنىمدىن سوغۇق تەر قويۇلدى. مېنڭچە بۇ تەر تامچىلىرممۇ كەينىدىكى ئاپپاراتنى مىدىرلىتىپ قوياتتى. شۇنڭىغىمۇ مېنىڭ بەك ئاچچىقىم كەلدى.
مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، لېكىن مۇئەللىمنىڭ نېمىنى سورىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. مۇشۇ ۋاقىتتا، سىنىپ ئىچىدىن دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى « شاجياڭ، غەيرەت قىلىڭ!ــ»
-ھە!، ئەسلىدە شاجياڭنىڭ دادىسىكەن..دەپ بوش ئاۋازدا كوتۇلداشقان قايسى بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى تۆۋەن سالدىم كەينىمگە قارىيالمىدىم، خۇددى بارلىق ئوقۇغۇچىلار مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇ كۈنى، مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا دادامغا « مەن سىزگە ئۆچ!» ۋارقىرىدىم دە ئۆيۈمگە كىرىپ قاتتىق يىغلىدىم. ئۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، مېنىڭ نېمىشقا بۇنداق يىغلىغانلىقىمنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قايتقىنىنى ئاڭلىدىم.
-شاجياڭ ، كەچۈرۈڭ، مەن ئەمدى ھەر گىز بارمايمەن.
ئۇ كۈنى كەچتە زالدا توختىماي بۇ گەپلەر ئاڭلاندى. دادامنىڭ ئازابلىق سۆزلىرى مېنى تېخىمۇ ئازابلىدى. دادامنىڭ ئاياغ تىۋىشىنىڭ ئاۋازىنىڭ يىراقلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.
كېيىنكى پائالىيەت يازلىق تەتىل ئاياغلاشقاندىكى مەدەنىيەت بايرىمى ئىدى. خور كوللىكتىپىدا مەن بار ئىدىم. تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىشىم ئىدى. يەنە ئىككى يالغۇز كىشىلىك ناخشىنىمۇ ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم. سەھنىنىڭ يان تەرىپىدىن ئوتتۇرىسىدىكى پەلەمپەيلىك ئورۇنغا كەلگۈچە، مەن ئاپپاراتلار توشقان ئەڭ ياخشى ئورۇنلاردىن دادامنى ئىزلىدىم، لېكىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ يالغۇز كىشلىك ئېيتقان ناخشامنى ماختاۋاتاتتى. لېكىن مەن يەنىلا بىر يېرىم كامدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. لېكىن مەن ئۇنى دادامنىڭ كەلمىگەن سەۋەبىدىن دەپ قارىمىدىم. ئەگەر ئۇنداق بولسا مەن تازىمۇ بىر يارىماس بولاتتىم.
ئۇ كۈنى كەچتە، مەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشتىن قايتقان دادامغا خۇشال ھالدا «دادا سىز بارمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن مەن يالغۇز كىشلىك ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتتىم» دېدىم.
بەلكىم مەن كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى كامدەك بولۇپ قىلىش سەۋەبى دادامنىڭ بارمىغانلىقىدىن بولغان، شۇڭا پەقەت مۇشۇ جۈملىنى تاشلاپ قويۇپلا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتتا ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دادامنىڭ مەسخىرىگە قالغان ھالىتىنى كۆرگۈممۇ يوق ئىدى. ھازىر قايتا ئويلاپ باقسام، ئۇ ۋاقتىم بەلكىم مېنىڭ قارشى تۇرۇش ۋاقتىمنىڭ باشلانغانلىقى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
مەن بارا-بارا دادام بىلەن پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەتتاكى «خەيرىلىك سەھەر» ۋە «خەيرىلىك كەچ» لەرنىمۇ دىمەيدىغان بولدۇم. تاماق ئۈستىلىدە، دادام ماڭا سۆز قىلسىمۇ، مەن ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىغان بولدۇم. بۇنداقلا ئەمەس تېخى، زېرىكسەم تېخى تاماقنى كۆتىرىپ ئۆيۈمگە ئەكىرىپ يەيدىغان بولىۋالدىم، ھەتتا تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇ ماڭا تورت ئەكىلىپ بەرسىمۇ ئازىراقمۇ تېتىپ باقمايتتىم.
شۇندىن كېيىن، دادام بىرەر پائالىيەتكىمۇ كىلىپ قاتنىشىپ باقمىدى. ئۆيدىمۇ ئاپپاراتىنى قولىغا پېرقىرتىپ باقمىدى، تەڭشەپ باقمىدى. ھاراق ئىچكەچ ئىلگىرىكى سىنئالغۇ لىنلىتىرىدىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدى.
مەن دادامنى ماڭا ئۆچ بولۇپ قالدى دەپ قارىدىم. لېكىنغۇ شۇ، بۇنداق كىشىنىڭ بىزار قىلىدىغان قىزىنى ياقتۇرماسلىقمۇ چۈشىنىشكە بولىدىغان ئىش ئىدى.
مۇنداقچە ئويلىغاندا، ئەكسىچە بولغۇلۇق بولدى، شۇڭلاشقىمۇ، قارشىلىق كۆرسىتىش مەزگىلىنىڭ سايىسىدىن قوتۇلالمىدىم. بىراق، مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەي دېگەن ۋاقىتتا، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزىچىلا ئەسلىگە كىلىپ قالدى. ئادەتتىكى ۋاقىتكلاردەك پاراڭلىشىۋېرەتتۇق. خۇددى مېنىڭ قارشى تۇرۇش مەزگىلىم قەتئىيلا مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۆيدىمۇ شۇنداق تېنىچ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. مەن ئەمدىلەتىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىرلىكتە غىزالىنىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. مۇشۇنداق بولغان بولسىمۇ، دادام ئىككىنچى پائالىيەتلەردە كۆرۈنۈپ باقمىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەنە مېنىڭ پائالىيەتلىرىمگە گەرچە ئۆز خاھىشىم بويىچە بولسىمۇ، كىلىپ قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەيلى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇسسۇل ئۇيۇشمىسىنىڭ دوكلات ئويۇنى بولسۇن، ياكى يەر بىلەن يەكسان بولىدىغان مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدە بولسۇن، يەنە ئالىي مەكتەپتىكى دىكلاماتسىيە مۇسابىقىسىدە بولسۇن مەن دائىم دېگۈدەكلا ئادەم دېڭىزىدىن دادامنىڭ سايىسىنى ۋە ئۇ ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان ئاپپاراتىنى ئىزلەيتتىم.
نەتىجىسى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى، دادام چوقۇم ئۇ يەردە يوق. ھەر قېتىم شۇ ۋاقىتتا مەن زورىغا كۈلۈپ، ئادەتتىكىدەك نورمال تۇرىۋالاتتىم.
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمدا، مەن پۈتتۈرۈش سۆزىگە مەن ۋەكىل بولۇپ تەيىنلەندىم، بۇمۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىكى بىردىنبىر ئەڭ مۇھىم بولغان سەھنەم ئىدى. مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دادامنىڭ كىلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن، مەن دادامغا قارىغان ۋاقتىمدا، ئېغىز ئىچىشىم تەس بولدى. بەك قورقتۇم، دادامنىڭ مېنى رەت قىلىۋېتىشىدىن « بېرىپ كۆرگۈم يوق»دىيىشىدىن قورقتۇم. مەنمۇ ھەقىقەتەن دادامنىڭ مېنى ئۇنچىۋالا ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن يەنە ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ئازابلانغان ھالدا « مەن ئەمدى ھەرگىز بارمايمەن» دېگەن تەكرار سۆزلىرىنى يادىمغا ئالدىم، نەتىجە بىرەر ئېغىز « ھەقىقەتەن بىرەرسىنىڭ مېنىڭ كىمنو كىيىپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش سۈرىتىمنى تارتىپ قويسا بوپتىكەن دېگەن ئارزۇيۇم»نىمۇ ئېغىزدىن چىقىرالمىدىم.
**********************
مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۆزۈم ھازىر شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بىلەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن.
توي مۇراسىمىنىڭ كۈنلىرىگە ئازلا قالغان ئىدى. زىياپەتنىڭ باشلىنىش لىنتىسىنى تەييارلاش ئۈچۈن، مەن يەنە دادام تۇتمىغىلى ئۇزۇن بولغان سىن ئالغۇ لىنتىلىرىنى ئاختۇردۇم. لىنتىلار ئىچىدە يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھامبۇرىگ بولكىسى پىشۇرغان ۋاقىتلاردىكىنىڭ ھەممىسىدە مەن بار ئىدىم. تاماق ئۈستىلىدىن دادامنىڭ « مەن ئەزەلدىن مۇنداق ئوخشىغان ھامبۇرگ بولكىسى يەپ باقمىغان » دېگەن سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتى، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەبىي گۆدەك ۋاقىتلىرىمدىكى مەن خۇش بولۇپ شادلىنىپ كەتكەنىدىم. فوتۇ ئاپپاراتتىكى مېنىڭ ئىپادىلىرىم دادامنى دائىم خۇشال قىلاتتى. گەرچە ئۆزى كۆرۈنۈشتە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دادامنىڭ كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك قىلاتتىم. مەن بىردىن-بىردىن لىنلىتىلارنى ئاختۇردۇم. خۇددى ئۆزۈمنىڭ يېتىلىش جەريانىنى بىر قول بىر دىن بىردىن بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىك پۈتۈن ئائىلىلىك بىرگە ئوينىغىلى ساياھەتكە بارغاندىكى لىنتىنى كۆرگەندىن كېيىن، لېنتا قىپىغا بىر قاراپ قويۇپ، ئىچىدىكى بىر دېسكىسىغا دادامنىڭ «تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىق ئالتىنچى سىنىپ ئوچۇق دەرسى»دەپ يېزىپ قويغان لىنتىنى كۆردۈم.
مەن تۇيۇقسىز دادام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئەسلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئىچىم ئاچچىق بولدى. مەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇ لىنتىنى چىقارمىدىم. ھەمدە ئۇنى ئۈستەلدىكى لېنتا قېپىغا قايتىدىن سېلىپ قويدۇم. مەن خىزمەتكە چىقىپ ئەمگەك قىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا، ئاندىن دادامنىڭ جىددىي خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت يەنە بىر قېتىممۇ قالدۇرماي مېنىڭ پائالىيەتلىرىمگە قاتنىششىنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە چەكسىزلىگەن بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاتام-ئانامغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولدى. بۇ سىن ئالغۇ لىنتىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاتا-ئانامنىڭ مېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، مەن نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن مىننەتدار بولمايمەن؟ مەيلى قانداقلا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قاتتىق ئەيىبلەنگەن دادامنىڭ ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىزمەن. بۇ خىلدىكى نەپرەت ئۇدا ئىككى ئۈچ قېتىم يۈز بەردى. مەن ئۈزلۈكسىز ئۇ نەپرەتلىك سۆزلەرنى ئېغىزىمدىن چىقارغان ۋاقتىمدا، ئاپام بىر يېنىمدا بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ، « دادىڭىز سىزنى چۈشىنىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بۇرۇنقىدەكلا ئەپلىشىپ قىلىشىڭلاردىن تولىمۇ خۇشال» دەۋاتاتتى.
*************************
-چۈنكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق، تارتىپ قويايمۇ؟ دادام كەينىگە يۇشۇرنىۋالغان كىشىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئەسلىتىدىغان كونا تىلكامېرانى ماڭا كۆرسەتتى. گەرچە 25 يىل ئالدىدا شۇنداق يېڭى پاسۇن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر قارىماققا كىشىلەرنىڭ ئانچىكى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەتمەيدىغان قوپال نەرسە بولۇپ قالغانىدى. بىراق دادام ئۇنى ئىشلىتىشتە بەكمۇ پىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئاپام ئاخىرى قىيمىنى ئېلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تامالىسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-ھەي، دادام قېنى؟ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام، دادام يوقكەن.
ھامبۇرگ بولكىسى شەكىللەنگەندە، دادام يەنە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئوڭايسىز ھالىتىنى كۆرۈپ، ئاپام ئىككىمىز بىر –بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتقاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق ئۈستىلى ئالدىدا خۇشال ئولتۇرغاندا، دادام تىلكامېرانى ئېچىپ قويدى. گەرچە مەن ئىنتايىن خۇشال بولغان بولساممۇ، لېكىن خجىللىقتىن ، مەن تىلكامېراغا قاراپ قانداقتۇر شەكىللەرنى چىقىرىپ قىلالمىدىم. ئەمما، مەن ھەقىقەتەن بەك خۇش بولغان ئىدىم. ئاتا-ئانام بىلەن شۇنداق كۆپ پاراڭلىشىۋالدىم. داداممۇ ئەتىكى توي مۇراسىمىنى ئويلاشمايلا، شۇنداق كۆپ ھاراق ئىچتى. ئاپام نەچچە توسقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر تەرەپتىن كۈلۈمسىرەپ تىلكامىرانى تەڭشەپ، بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىۋاتاتتى.
بۇ مېنىڭ توي قىلماستىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كەچلىك غىزالىنىشىم بولدى. بۇ ۋاقىتنى مەن بەكمۇ قەدىرلەيمەن، ئۇنتۇپ قالغۇممۇ يوق. مەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ، مېھمانخانا ئۆيگە كىرىدىم، كىچىك قەغەز يوچۇقتىن بىر سايىنى كۆردۈم. سىنچىلاپ قارىغان ئىدىم، دادامنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھالدا سۇپىدا ئۇخلاپ قاپتۇ. يېنىدا ھاراق چەينىكى ۋە قەدەھ تۇراتتى. لېكىن چىرايىدىن خۇشاللىق بىلىنىپ تۇراتتى. دادام تېخى ئاپامدىن يۇشۇرۇن ھاراق ئىچىپتۇ. مەن كۈلمەي تۇرالمىدىم. ئۇ ھوجۇرىدا مېنىڭ توي كۆينىكىم ئېسىقلىق ئىدى، دادام ئۇنىڭغا قارىغاچ بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچكەن ئىدى. مەن ئىشكاپتىن ئەدىيالنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاستا يېپىپ قويدۇم.
-شاجياڭ مېھمانخانىدىكى ئاپام چاقىرىۋېدى، مەن دەرھال رومكا بىلەن چەينەكنى ئېلىپ چىقتىم.
-ھە؟ داداڭ مەندىن يۇشۇرۇن ئىچىپتىمۇ....... ئاپام ئىسەنكىرەپ كۈلۈپ قويدى.
-مەن ساڭا بىر نەرسىنى كۆرسىتىمەن دېدى ئاپام قولۇمدىكى رومكا چەينەكلەرنى ئېلىۋالغاچ. ئاۋازىنىڭ بوشلىقىدىن خۇددى قورقۇنۇچلۇق ئويۇن ئوينايدىغان بالىلاردەك سۆزلەۋاتاتتى. مەن ئاپامنىڭ دېگىنى بويىچە كىرىسلوغا كىلىپ، تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشكە قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ دۆتلۈك بىلەن تېزگىنەكنى بېسىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋاسىز ھالدا «كېرەك يوق، كېرەك يوق » دەۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز تېلېۋېزوردا قاپقارا ئىكران پەيدا بولدى. «بۇ نېمە ئەمدى ؟» مەن يەنە يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىپ سالدىم.
تېلىۋىزور ئىكرانىدا مەن پەيدا بولدۇم. بۇ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتىكى مەدەنىيەت بايرىمى ئىدى. مەن تەمتىرىگەن ھالدا سەھنىدە تۇراتتىم. توغرا، دەل خور كوللېكتىپى ئېيتقان ۋاقىت ئىكەن.
-غەلتە ئىش، دادام ئۇ مەدەنىيەت بايرىمىدىكى پائالىيەتكە قاتناشمىغان ئىدىغۇ؟
-جىم، ياندا ئولتۇرغان ئاپام مۇلايىملىق بىلەن مېنى توستى. مەن يەنە قايتىدىن ئىكرانغا قارىدىم. ئىكراندا مېنىڭ ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ دادامنى ئىزلىگەن ھالىتىم تۇراتتى. چۈنكى ئالدىدىكى نەچچە كاللا تارتىلىپ قاپتۇ، شۇڭلاشقىمۇ مېنىڭ سۈرىتىم بەك كىچىك چىقىپ قاپتۇ. بەلكىم دادام تەنتەربىيە سارىيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئوغرىلىقچە تارتقان بولۇشى مۇمكىن.
-خانقىز غەيرەت قىلىڭ! مۇقەددىمىدىلا دادامنىڭ ئىنچىكە ئاۋازى ئاڭلاندى. مېنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دادا مېنى ماختاپ« خانقىز ئاۋازىڭىز بەك ياخشىكەن » دېدى.
- مەن دادام ئىكەنلىكىنى ئازىراقمۇ ھېس قىلماپتىمەن.
-شۇ ئەمەسمۇ، چۈنكى دادىڭىز سىزنى يەنە ئازابلىشىنى خالىمايتتى، شۇڭا دائىم ئۆزىنى يۇشۇرۋالدى. لېكىن، دادىڭىزنىڭ ئويۇنلىرى ئەخمەقتەك بولسىمۇ لېكىن قىزقارلىق ئىدى. لېكىن سىز بۇنى بايقىيالمىدىڭىز دېدى ئاپام تۇيۇقسىز بىر ئىشنى يادىغا ئالغاندەك قىلىپ، كۈلكىسىنى باسالماي كۈلۈپ كەتتى.
-نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ ئاپام نەپىسىنى ئوڭشىۋېلىپ، كۈلكىدىن چىققان ياشلىرىنى سۈرتۈپ:- چۈنكى دادىڭىز سىزنىڭ بارلىق نەرسىڭىزنى خاتىرە قىلىپ ساقلىۋالماقچى، چۈنكى ئۇ سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ دېدى.
ئۇ لىنتا تۈگىگەندىن كېيىن، ئاپام ئۈستەل ئاستىدىن بىر قەغەز ساندۇقنى مېنىڭ تىزىمغا قويدى. گەرچە ناھايىتى يېنىك نەرسە بولسىمۇ، لېكىن نېمىشقىكىن مەن شۇنداق ئېغىر ھېس قىلىپ كەتتىم.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغرىلىقچە تارتقان، ئاپام سۆزلەرنى دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى.
رەتلىك تىزىلغان سىنئالغۇ لىنتىلىرىدا، تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان مېنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭ بولىۋاتقان تارىخىم ۋە دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ئىدى. ئۇسسۇللۇق دوكىلات ئويۇنىدىكى لىنتىدا، دادامنىڭ قاتتىق چاۋاك چالغان ئاۋازى ئېلىنىپتۇ. يەر بىلەن يەكسان بولىدىغان مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدە، دادام باشقىلاردىن بەكىرەك ئالقىش ياڭرىتىپتۇ. دىكلاماتسىيە مۇسابىقىدە، ئۇ ماڭا ئوخشاشلا جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، ئۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن « مەكتۈپ پۈتتۈرگەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەپتۇ.
ھەر قانداق بىر لىنتا ئەڭ ياخشى بولمىغان ئورۇندا تارتىلغان ئىكەن. تىلكامىرا ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، كامىراغا قاراپ قول ھەرىكىتى قىلىش ئىمكانىيىتى بولماپتۇ. مۇشۇنداق بولسىمۇ، دادام باشتىن ئاياق مېنى قوغداپ تۇرۇپتۇ. مەيلى قانداقلىكى ۋاقىتتا بولسۇن، مېنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىم بولۇپ تۇرۇپتۇ. گەرچە، مەن بۇنى ھېس قىلالمىغانلىقىمدىن پۇشايمىنىم خېلى ئۇزنغىچە يوقىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە بەختلىك بىر قىزىنىڭ تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ئىككىنچى كۈنى، مەن يەنە بىر ئۆيدە توي كىيمىمنى كىيىۋالدىم. پىشايۋاندا ساقلاۋاتقان دادام مېنى كۆرۈپ ، تەبەسسۇم بىلەن «ۋاھ ! ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكىرەك دەل كەپتۇ» دېدى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بۇرنى پۈتۈپ قالغاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئاخشام دادام ئاشۇنداقلا ئۇخلاپ قالغان، ئازىراق زۇكام بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. لېكىن، ئۇ دائىم ئۆزىنى ئاقلاپ تۇراتتى.
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ دادامغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى. لېكىن ئاخىرىدا پەقەت « رەھمەت دادا» دېيەلىدىم. دادام ھېچنېمە دېمىدى. ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ، بىلىكىمدىن قولتۇقلىۋالدى.
چىركاۋنىڭ ئىشىكى ئىچىلدى. مەن ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم ئالدىمدا مېنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتى. قىزىل پاياندازدىن ئۆتكەندە، دادام تۆۋەن ئاۋازدا « توي قىزى خۇشال بولۇڭ » دېدى. ئاندىن ئاستا بېلىكىمنى قويۇپ بەردى.
- دادا، مەن ---------
مەن دادامغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۆسۈپ يىغلاپ ھېچنىمە دىيەلمىدىم.
توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوستلىرىمىز ئاللىبۇرۇنلا بىزنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتى. بىز ھەر بىر قەدەم ئالدىمىزغا ماڭغاندا، ئۇلار بىزگە ھەر خىل، رەڭگارەڭ گۈللەرنى چچېچىشاتتى. دوستۇمدىنمۇ ئىككى ھەسسە يوغان تىلكامېرانى يۈدىۋالغان دادامغا قارىدىم، كۈلۈمسىرەپ سىنغا ئېلىۋېتىپتۇ. تولىمۇ مېھرىبان.
مەن قەدىمىمنى توختىتىپ، تىلكامىراغا قاراپ، « دادا! » دەپ ۋارقىرىدىم. دادام ناھايىتى ھەيران قالدى، تىلكامىراغا قاراپ تۇرغان بېشىنى كۆتۈردى. «مەن بەختلىك بولىمەن»
مەن تىلكامىراغا قاراپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم.
دادام تىلكامىرانى قايتىدىن ئوڭشاپ كۆتىرىپ، كامىراغا قارىدى. ئۇ توختىماي بۇرنىنى تارتىۋاتاتتى. يەنە قولىنى سوزۇپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ، مېنى ماختىغان ھەرىكەتنى قىلدى.
-گىپىمىز گەپ ھە!
دادامنىڭ ئازىراق قىزارغان كۆزلىرى بىلەن تېخىمۇ تىكىلىپ قاراۋاتاتتى.
[ بۇ يازمىنىguljannatدە2011-09-22 18:06قايتا تەھرىر ]