turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 2/2     Go
بۇ تېما 1661 قېتىم كۆرۈلدى
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 337
شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالام  ، مەڭگۇ تاش ئاكا ، بۇ يېقىملىق ، تېتىشلىق ئەسىرىڭىز بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان  ئۆز روھىيىتىمگە، ئېتىقادىمغا يات بولغان سوغۇق ، مېھىرسىز ماكانلاردا يۈرۈپ تەمتىرىگەن ، ئۇسساپ - چاڭقىغان روھىم سۆيۇملۇك يۇرتۇم « تۆگە قارنى» كارىزىمغا قاراپ قانات قاقتى ، ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئۇزۇن ھويلىلىق ئۆيلىرىمىزنى پۈتۇن ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۇلگەن ھالدا سېغىنىپ ئەسلىدىم ، جۈجەم ، ئۆرۇك ، شاپتول ، نەشپۇت ۋە ھەر خىل سەي ، كۆكتاتلىرى بىلەن مول-ھوسۇل بېرىپ تۇرىدىغان ، بەرگىلىرىنى تېرىپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان  خۇشپۇراقلىق قىزىل گۇللىرى بىلەن يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئىختىيارسىز چاتقاللىق پاكار تاملاردىن بويۇنداشقا ، ئوخشاپ كەتكەن ئۈجمىلەرگە قول ئۈزىتىپ بىرەرتالدىن تېتىپ بېقىشقا مەجبور قىلىدىغان ئەپلىككىنە بېغىمىزدا خىيالەن سەيلە قىلدىم ، ئەنە  ، ئاشۇ ھويلىمىزدا ، كىچىككىنە ئەمما دادامنىڭ گۇل قوللىرى بىلەن ئاۋات بولىدىغان باغچىلىرىمىزدا ،  تېتىك ، چاققان قەدەملىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن مېھرىبان ، تەلەپچان  دادامنىڭ بەستلىك سىماسى بىردە بېشىغا ئاپپاق شاپاق ، ئۇچىسىغا قىسقا كۆك رەڭلىك خادانى چاپان ، قارا ئىشتىنىنى پاكىزە پارقىرتىشنى ئېسىدىن چىقارمايدىغان مەسسسنىڭ ئىچىگە تىقىپ كىيگەن ھالىتى بىلەن نامايەن بولسا ، بىردە بېشىغا يارىشىملىق چوڭ قارا تۇمىقىنى، ئۈچىسىغا ئۈزۈن قارا كەمزۇلىنى كىيگەن ، قىزغۇچ ، ئۇزۇن ساقاللىق دادامنىڭ ئالدىراپ نامازغا  مەسچىتكە ماڭغان ھالىتى نامايەن بولدى .باغچىمىزدىن  ئېتەكلىرىگەگايىدا قىزىل گۇل تېرىپ ياكى سەي-كۆكتات تېرىپ چىقىپ كېلىۋاتقان ، گايىدا قولىغا ئاپتۇۋا كۆتۇرۇپ تاھارەت ئېلىشقا ماڭغان ئاقكۆڭۇللۇكىدىن چۇمولىگىمۇ ئازار بەرمەيدىغان مېھرى ئاپتاپ، سۆيۇملۇك ئاپام ماڭا قاراپ كۈلۇمسىرىگەندەك قىلاتتى ......ئاھ ، خۇدا ! ئاشۇ ئاددى، ئەمما ئىللىق  ئائىلەمدە ، تاغ ئاتام ، باغ ئانامنىڭ باغرىدا ئەجەپمۇ بەخىتلىك ئىدىمغۇ !!!

ھازىرقىدەكلا  ئېسىمدە ، ھەر  ئۇلۇق جۇمە كۇنلەردە ، ياكى چوڭ نەزىر -چىراق ، ھېيىت - ئايەم سەۋەبلىكمۇ ياكى دادامنىڭ مەھەللىنىڭ ئىمامى ، پۇتۇن ئاستانە يېزىمىزنىڭ خاتىپى  بولغانلىقتىنمۇ  ۋە ياكى دادامنىڭ مىجەزىنىڭ ئوچۇق -يورۇق ، مېھماندوست ، ئاقكۆڭۇللۇكىدىنمۇ  ئەيتاۋۇر ئۆيىمىزگە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى ، ئاشۇ مېھمانلار قاتارىدا ئارىلاپ - ئارىلاپ زاھىر ئاخۇن دادىمىزمۇ  كېلىپ قالاتتى ، دادامنىڭ بۇ مېھماننى ئالاھىدە تەكەللۇپلار بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىشلىرىدىن ، ئۈزۈندىن - ئۇزۇن مۇڭدىشىپ كېتىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يېققىنلىقىنى ، بىر-بىرىگە  ھۆرمىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلاتتىم ......

بۇ ئىككى جاپاكەش ، مېھرىبان ئاتىلار  مۇڭداشقاچ بىز بالىلىرىنىڭ كەلگۇسىگە باش قاتۇرۇشۇپ ، ئۇلۇغ ئاللاھ  بۇيرۇپ قالسا ، تېخىمۇ «يېققىن تۇغقان» لاردىن بولۇپ ئۆتسەك،  دىگەندەك  تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقانلىقى بەكمۇ ئېنىق ئېسىمدە . ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىڭىزدىلا سىزنىڭ مۇلايىم ، تىرىشچان ، ئاقكۆڭۇل تەسىرىڭىزدىنمۇ ياكى چوڭلارنىڭ  قالدۇرغان ياخشى تەسىراتىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ  ئىشقىلىپ ، سىزنىڭ « ئاكام » بولۇپ قېلىشىڭىزنى ئارزو قىلغانمەن ...

سىز دىگەندەك  مېنىڭمۇ تاغدەك زەپەردەست ئاتام 98-يىلىلا بىر ئۆمۇرلۈك ئارزو ئارمىنى بولغان ئۇلۇق بەيتۇللانى زىيارەت قىلىش ئارزوسى بىلەن مەككە- مەدىنەگە بېرىپ ، مەڭگۈلۇك ئارمىنىغا يېتىپ ، ئاللاھنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس زىمىنىدىن ئورۇن ئالدى ، ئۇلۇق ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن  يۇرتىمىزنى ، بىزدەك تېخى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۇرگەن ، ھېچقانداق ئىش كۆرمىگەن ، ئاتا مېھرىگە تۈزۈكرەك قانمىغان پەرزەنتلىرىنى  مەڭگۇلۇك تاشلاپ ئاللاھنىڭ ھوزورىغا قاراپ يول ئالدى . بەلكىم دوستلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق كۇنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلەر ئاز بولسا كېرەك ، ئۇشتۇمتۇتلا   چوڭ، كىچىك ماشىنا ، تىراكتۇر ، ھارۋا ...لار  پۇتۇن مەھەللىنى  بىر ئالغان ، ئۆيگە ، ھويلىلارغا كېلىۋاتقان كىشىلەر پېتىشمايۋاتقان ،  ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتقان ، ھېچبىر نەرسىنى كۆرمەيلا « ۋاي ، دادىڭىزدىن ئايرىلدۇققۇ ؟...» دەۋاتقان ، تېخى نەچچە كۇن بۇرۇنلا ، ئاجايىپ ھاياجان ، خۇشاللىقلار ئىلكىدە شۇنچە يوغان ، يوغان سومكىلارنى دەس كۆتىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ، « ھەممىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ، خوش ئەمىسە » دەپ كۈلۇمسىرەپ يولغا چىققان دادام ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۇپ ھاجىلارنىڭ يولىغا تەلمۇرۇپ ئولتۇرغىنىمىزدا  ئۆزى ئەمەس ، كىيىم- كېچەك ، سومكىلىرى، بىزگە ئالغان سوۋغاتلىرى  قايتىپ  كەلدى .دىمەك ، دادام بىزنى چىن-كۆڭلىدىن ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ، خاتىرجەم كەتكەنىدى ...
دادامنىڭ سەپەرداشلىرى(ھاجىلار) دادامنىڭ « ئوغۇلبالىدەك قىزلىرىم بار ، خېلى ئوغۇللاردىن ئارتۇقراق ئوقۇتتۇم ، بولۇپمۇ كىچىك قىزىمنىڭ قۇرئان قىرائەت قىلىشلىرىنى ، ھۆكمەت ئوقۇشلىرىنى ئاڭلىساڭلار بىلىپ قالىسىلەر ...» دىگەنلىرى بويىچە مەن بىلەن ئالاھىدە كۆرۇشۇپ ، تەسەللى بېرىشتى .

  تەلەپچان ئاتا- ئانامنىڭ تەربىيىسىدە روھىيىتىمگە  ئادىمىيلىكنىڭ ئۇلى سېلىنغانئىدى ، ھازىر ئويلىسام ، تۆت ئەتراپىمنى قاپلىۋالغان قورقۇنچلۇق ، ئېزىقتۇرغۇچى تۇمانلار ئىلكىدە  ئەقىل كۆزلىرىم  خىرەلىشىپ ، بارار نىشانىمدىن خېلى يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى چوڭقۇر قورقۇنچ ، پۇشايمان ئىلكىدە ھېس قىلىۋاتىمەن . تالاي قېتىملار « مەن كىم ؟ » « مەن نىمە قىلىۋاتىمەن ؟ » « ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟» ...   دەپ ئۆز- ئۆزەمگە سۇئال قويغانمەن !

ئاشۇ چىداملىق ، باتۇر ھەقىقى دېھقان پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ھەر ۋاقىت كەڭ سەھرالىرىمنىڭ ھەقىقى پاتقاق ھىدلىرىنى ، چاڭ - توزاڭلىرىنى ، ساددا دېھقانلىرىنى ، ئەمگەك قايناتقان ئېتىز - قىرلىرىنى ، ئۆزەم باققان قوي - كالا پادىلىرى بىلەن ئايدىڭ كېچىلىرى ۋە ئاجايىپ سىرلىق تۈستىكى ساناقسىز يۇلتۇزلىرىنى قېنىپ ، قېنىپ  سېغىنىمەن ......
ئۆزەم ياشاۋاتقان مونۇ دەۋىردىكى بىر قىسىم تاماخور ، تىلى بىر ، دىلى مىڭ ، تەخسىكەش ، ھەسەتخور  كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىككە يات قىلمىشلىرىدىن قاتتىق يىرگىنىمەن .
ھەر ۋاقىت ئۆز- ئۆزەمگە نۇرغۇن ئىشلاردا  « قىزىل چىراق » يېقىپ تۇرىمەن ! مەنمۇ  ھەر بىر قېتىم ئوغلۇمغا قارىغىنىمدا ، ئۆزەمنىڭ « مەسئولىيەتسىز ئانا » ئىكەنلىگىمدىن باغرىم سۇ بولىدۇ ، مانا موشۇنداق ئوغلۇمنىڭ ئانا مېھرى بىلەن ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان مۇھىم پەيتلىرىدە ، غوجاملارنىڭ  « يېشىل چاقىرىقى » غا  ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، دائىم سىرتلاردا خىزمەت ئىشلەپ ، «تۆھپە» قوشۇپ كەلدىم . ...، ئۇلۇق سەھرايىمنى تەنھا قالدۇرۇپ، ئاشۇ بالىلىق ھېسلىرىمغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىم ...

شۇڭا ھازىر ھەر ۋاقىت تىلەيمەنكى ، ھەممىگە قادىر ئاللاھ  ، قەلىپ ئاسمىنىمنى ئاشۇ سەھرايىمنىڭ ئەتتىگەنلىك  ھاۋاسىدەك  ساپلىغىن ، كارىزىمنىڭ تاتلىق سۇلىرىدەك پاكلىغىن  ،  مەرھۈم ئاتا - ئانامنىڭ ئۈمىد ى بولغان مەن بارغانسېرى چوڭقۇرلاۋاتقان گۇناھ ئازگاللىرىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ ، ئاشۇ نۇر كەبى پارلىنىپ تۇرغان يورۇقلۇققا  يۈزلەنگەيمەن ......

سىزنىڭ ھەممىگە ئىلھامبەخىش  بولغان بۇ نۇرانە ئەسىرىڭىزگە مۇبارەك !!
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ، كۇچلۇك نۇر چىقىرىشىڭىزغا  تىلەكداشمەن !...
[ بۇ يازمىنىiparhanدە2011-10-02 10:30قايتا تەھرىرلى ]
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 02:52 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 971
شۆھرەت: 5394 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5367 سوم
تۆھپە: 3171 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3154 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2904(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىپارخاننى تونۇغاندەك قىلىۋاتىمەن جۇمۇ...
lutun
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 07:32 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 337
شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ پەخىرلىك يۇرتدىشىم  ، كەسىپدىشىم ، قەلىبدىشىم  تاراتى  ،  بىز ئەزەلدىنلا  يېققىن تونۇشقۇ ؟ ،  ئارلىقىمىزنىڭ يىراقلىقى ، كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ كەم بولىشى سەۋەبلىك سەل ياتلىشىپ قالدۇق - شۇ ، لېكىن ھەر قېتىم  سىز « تاراتى» نىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇغۇنىمدا ، ئاشۇ تونۇش جاراڭلىق ئاۋازىڭىز ، چاققان ، تېتىك بەستىڭىز ، ئاجايىپ تىرىشچان ، كىتاپخۇمارلىقىڭىز ، رومانتىكىلىققا تويۇنغان ئۆزگىچە پىكىرلىرىڭىز ئېسىمگە كېلىپ تۇرىدۇ .

  سىز ۋە ئوسمانجان زاھىردەك قېرىنداشلىرىمىز ماڭا  ۋە مېنىڭدەك  نۇرغۇن دوستلىرىمىزغا ھەر ۋاقىت يېڭىچە ھايات ئىلھامى   ئاتا قىلىۋاتىسىزلەر ...

سىزگە ۋە مەڭگۇ تاشقا ھەر ۋاقىت قۇرىماس ئىلھام ، غۇلىماس ئىرادىلەر تىلەيمەن !
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 10:52 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 971
شۆھرەت: 5394 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5367 سوم
تۆھپە: 3171 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3154 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2904(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېقىن تونۇشكەنمىز، ئەمما كىملىكىڭىزنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. ئامان بولۇڭ. مەنمۇ سىزدىن پەخىرلىنىمەن.
hawar
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 11:13 |
hanjar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 261
شۆھرەت: 1434 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1495 سوم
تۆھپە: 840 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 843 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . بۇئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ئۆزەممۇ بىلمەي ئۆزەمنىڭ كىچىك چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى. مەنمۇ دىېھقان ئوغلى،سەھرا بالىسى. كىچىكلىكتىكى ساپ مۇھىت، ئاتا-ئانامنىڭ بىز 6بالىنى بېقىش جەريانىدىكى جاپا مۇشاققەتلىرى....،ئاتا-بوۋىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بالىلارچە ئويۇنلار، ساپ كۆڭۇل مەھەلە خەلقى ،ھازىر بىلەن ئۆتمۇشنى ناھايىتى ئىنىق سېلىشتۇرۇش بىلەن گاھى خوشاللىققىا باشلىسا ،گاھى چەكسىز خىيال بىلەن ئازاپلارغا تاشلاپ قويدى. سىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .نۇرغۇن سۆزلەرنى يازغۇم بار ئىدى.،بالىلىقتىكى نۇرغۇن ئائىلە،تۇرمۇش،......قاتارلىق بىرقاتار ۋەقەلىكلەر مېنى خىياللار قاينىمىغا سۆرەپ ماڭماقتا................
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-08 16:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 2/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر