1-جۇڭگو تارىخىدا ، دارغا ئېسش جازاسى ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئۆلۈم جازاسى ئەمەس. دەل ئەكسىچە، خان جەمەتىدىكىلەر مېيىتنى پۈتۈن پېتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،بېشى بىلەن تېنىنى ئاجرىتىۋېتىدىغان كاللا كېسىش جازاسىنىڭ ئورنىغا، ئېسىلىپ ئۆلىۋېلىش ياكى دارغا ئېسىش جازاسىنى تەلەپ قىلىشاتتى. بىراق، دارغا ئېسىش جازاسىغا ۋاقىت كۆپ كېتىدىغان بولۇپ، جازالانغۇچى خېلىلا ئازابلىنىدۇ.
2- لىپەكنى ئېلىۋېتىش جازاسى، قەدىمكى زاماندىكى تەن جازا تۈرلىرىنىڭ بىرى، لىپەك سۆڭىكىنى ئېلىۋېتىدىغان جازا. قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق ھەربىي ئالىم دابەي پاڭجۈەننىڭ نەۋرىسىگە ئىلگىرى بۇ جازا بېرىلگەن.
3-بۇرۇن ۋە قۇلاقنى تىشىش بولسا ئىككى خىل ئەڭ دەھشەتلىك جازا، بۇنىڭدا تۆمۈر زەنجىر بۇرۇن ۋە قۇلاقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، گۇناھكار قاتتىق ئازابلىنىدۇ،ھەمدە تۆمۈر زەنجىرنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن، پەقەت ئازاپلىق بىر قىياپەتتىلا تۇرالايدۇ.
4-ئۈچ ئەۋلادىنى قۇرۇتۇش، خەن دەۋرىدىكى جازا نامى. بۇ جازا ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ قىلغانلارغا بېرىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىسيان كۆتۈرۈش، خانغا ئاسىيلىق قىلىش قەستىدە بولۇش، يۈز ئۆرۈپ ۋەيران قىلىش قەستىدە بولۇش قاتارلىق ئون خىل گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا بېرىلىدۇ،گەرچە جىنايەت غەرىزى بولمىسىمۇ، سىياسەتكە بىنائەن ئۈچ ئەۋلادى قىرىپ تاشلىنىپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىنىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار بىر پۈتۈنلۈكى قارىشىنىڭ جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدىكى كونكرېت ئىپادىسى.
5-كۆيدۈرۈش جازاسى، بۇ گۇناھكارنى كۆيدۈرىدىغان بىر خىل شەپقەتسىز جازا. بۇنىڭدا ياغاچ كۆمۈر بىلەن مىس تۈۋرۈك قىزىتىلىپ، ئادەمنى تۈۋرۈك ئۈستىگە ياماشتۇرۇپ، ياغاچ كۆمۈر ئۈستىگە يىقىتىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىدىغان جازا. كېيىنچە بۇ جازا نامى قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەن گۇناھكارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىيلىكنى كۆرسىتىدىغان بولدى.
6-قورساقنى يېرىپ ئۆلتۈرۈش، مەخسۇس ھامىلىدار ئاياللارغىلا بېرىلىدىغان جازا، گۇناھكارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ قورسىقىنى يېرىپ بوۋاقنى ئالىدىغان جازا، بۇ ئىنتايىن ئازابلىق بىر كۆرۈنۈش.
7-بۇ جازادا ئادەمنى چاناپ قىيما- چىيما قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ۋەھشىيلىك دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
8-ئايپالتا جازاسى، قەدىمكى رەھىمسىز جازا تۈرلىرىنىڭ بىرى، مەنىسى بولسا ئايپالتا بىلەن باشنى چاناپ، ياكى ئادەمنى ئىككى پارچە قىلىپ ئۆلتۈرۈش.
9-ئالتۇن خەمەك بىلەن باشقا ئۇرۇش جازاسى، بۇ بولقا بىلەن ئادەمنىڭ بېشىنى يانجىۋېتىدىغان جازا تۈرى.
10-قازانغا تاشلاپ قاينىتىش جازاسى، بۇنىڭدا ئادەمنى قايناۋاتقان قازانغا تاشلاپ قاينىتىدۇ.
11-قامچىلاش، نىسبەتەن يېنىك جازا، بۇنىڭدا ئادەمنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قامچا بىلەن ئۇرىدۇ.
12- غەرىبكە ساياھەتنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چەمبىرەك چىڭىتىش ئەپسۇنىنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىك سۇن ۋۇكوڭنىمۇ ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئادەمنىڭ باش قىسىمى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇمىلاق چەمبىرەك بىلەن باش قىسىمى قىسىپ قويۇلسا، بۇنداق كاللا قىسقۇچقا ئادەتتىكى كىشىلەر چىىداپ بولالمايدۇ.
13-قەپەس، كىشەننىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ رەسمىي يۇسۇندا قانۇن يۈرگۈزۈش قورالىغا ئايلاندى. بۇ خىل ئالاھىدە ياسالغان ياغاچ قەپەسنىڭ ئۈستى قىسىمى تاقاق بولۇپ گۇناھكارنىڭ بوينىنى قىسىپ تۇرىدۇ؛ پۇتىدا نەچچە خىش دەسسەپ تۇرىدۇ، جازانىڭ ئېغىر يېنىكلىكى ۋە جان تالىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلگەن خىشنىڭ قانچىلىكلىكىگە باغلىق. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەزى جىنايەتچىلەر مۇشۇ پېتى ئۈچ كۈن ئاممىغا سازايى قىلىنىپ ئاندىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
14-بارماقنى قىسىش جازاسى، بۇ كىنو-فىلىملەردە دائىم ئۇچىرايدىغان جازا تۈرى، ئاتالمىش ئون بارماق زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ، بارماقنى قىسىدىغان جازا ۋەھشىيلىكتە ئۇچىغا چىققان.
15-قول- پۇتلىرىنى پارچىلاپ ئۆلتۈرۈش، بۇيەنە پارە-پارە قىلىپ ئۆلتۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ دەل خەلق ئارىسىدىكى «قىيما –چىيما قىلىۋېتىش» دېگەن جازا شۇ،(陵迟) قول- پۇتلىرىنى پارچىلاپ ئۆلتۈرۈشنىڭ كۆرسىتىدىغىنى تاغ چوققىسىنىڭ يانتۇلۇقىنىڭ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىشى دېگەندىن ئىبارەت، (凌迟) نىڭ ئەسلى مەنىسى:«ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن تاغ تۆپىلىكى». ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىسمى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ ۋە ئۆلۈم جازاسى بەرگەندە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ گۆشىنى بىر-بىرلەپ كېسىپ ئېلىپ، ئاستا-ئاستا ئازابلاپ ئۆلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جازا ئەڭ دەسلەپ بەش دەۋر مەزگىلىدە پەيدا بولغان، لىياۋ سۇلالىسىدە رەسمىي جازا نامى قىلىنغان، كېيىنچە جىن، يۈەن، مىڭ چىڭ سۇلالىلىرىدە رەسمىي قانۇنىي جازا قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ۋەھشىي جازا تۈرلىرىنىڭ بىرى.
داۋامى كېيىن ئايرىم يوللىنىدۇ:
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-21 17:32قايتا تەھرىرلىدى ]