توۋا نىمە بوپ كىتىۋاتىدۇ بۇ جاھان
قايسى كۇنى بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇممۇ دۇچ كېلىپتىكەن بۇنداق ئىشقا،ئاچچىقىدا بىرنەچچە كۇبلىت شىئېر يېزىپتىكەن،
بۇگۇن بۇتېمىنى كۇرۇپ مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كېلىپ دوستۇم يازغان شىئېرنىڭ بىر نەچچە كۇبلىتلىرىنى يېزىپ قويغۇم كېلىپ قالدى،
شىئېردىكى بەزى ئىبارىلەرنى دوسلارنىڭ يۇزەكى كۇرۇپلا خاتا چۇشىنىپ قالماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن،،
< شوجاڭ>
كاتتا زات شوجاڭ دىگەن،ھورمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
كۇندەمىڭ <خوش-خوش>نى پەزىر قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن ،دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ ،بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
ئالمىغان ئۇ ھۇقۇقنى ھەرگىز ئاسانلا قۇلىغا
تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۇندە ماڭغان يۇلىغا
ئوراكولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا
سېتىۋالغان تۆگىنى <تۇگمە>ساتقان پۇلىغا
توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
شۇڭا ئۇ ھۇقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر
كوچىلاردا ئات چاتۇرۇپ خالىغانچە كىشنىتەر
ئىتلىرى كوپ ئالدىدا بۇيرۇق بىلەن چىشلىتەر
سىزبىلەن مەندەكنى بىر دوكلات بىلەن يەر چىشلىتەر
مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
ئالتە كۇندە سىزگىمۇ <تارقاقلىشىش>نىڭ گىپى بار
بېشىڭىزدا ئوينىتىقا باخشىلارنىڭ دېپى بار
ياخشىلارنى ئىقتىدارسىز دەپ چېقىشقا ئېپى بار
يا<قىزىل>يا<ئېگىز>يەرگە مېڭىڭ دەپ خېتى بار
كۇندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
سىزنى قوغلاپ ئورنىغا تۇققىنىنى قۇيىدۇ
<ئىززىتىنى ھۆرمىتىنى>ئۇققىنىنى قۇيىدۇ
پايدا مەنپەت نەدە بولسا يۇققىنىنى قۇيىدۇ
ھەركۇنى كۆڭلىنىبىر ئۇتقىنىنى قۇيىدۇ
قۇلىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ ،ھىممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى
،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
خەت ئۇرۇشۇم بەك ئاستا بولغاچقا بۇنى ئاران يېزىپ بولدۇم داۋامىنى كەچتە يوللاپ قۇيىمەن