رامبو 888 باغداش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىدىن بولغان بەگزات ،ئۇيغانغان زىمىن
شەبنەم ئەپەندىلەر سىز كۆرگەن ئاۋۇ ھالال ئىجازەتنامىلىرىنى كۆپەيتىۋېلىپ
ئاندىن تۇيۇقسىز ھالدا ئەيشەم تورتخانىسغا بېرىپ تەكشۈردى .
بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش يازمىسى بار .سىز قېرىنداشلىرىڭىزغا بىر نۆۋەت ئىشىنىڭ
بۇ قېرىنداشلار ئاشۇ ھىندىنوزىيە ئىسلام جەمىيتى بەرگەن ئىجازەتنامىدىكى
شېركەت ئادرىسى ۋە ئىسمىنى ھازىر شۇ تورتخانىدا ئىشلىتىۋاتقان خۇرۇچلارنىڭ
ئۈستىدىكى ئىنگىلىزچە نامى بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرغان . ئەگەر بىزگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزغا
ئىشەنمىسڭىز بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ .
تۈكشۈرۈش دوكلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ .
./read.php?tid=3576 مەنمۇ بېرىپ تەكشۈردۇم .ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .ئۇلار شۇ مۇسۇلمانچە ئىجازەتنامىسى
بار چەتئەلگە ئىكىسپورت شەرتى توشقان خۇرۇچلارنى ئىشلىتىپتۇ .
ئوغا ۋالا ئەركەك بولسىڭىز قالايمىقان گۇمان قىلماي ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈڭ .
.
ئايشەم تورتخانىسى ۋەقەسى بىلەن بارلىق قومۇلدىكى ئۇيغۇر تورتخانىلارنىڭ سودىسى ئۆلدى .نۇرغۇن ئادەم ئىشسىز
قېلىش خەۋپىگە دۇچار بولدى .لېكىن ھارام خۇرۇچنى بەزى تورتخانىلار ئىشلەتمەيۋاتىدۇ دىيەلمەيمىز
بۇ ئىش بەلكىم بارلىق تورتخانىلارغا ئېغىر زەربە ۋە ئويلىنىش بولدى دەپ قارايمەن .
بۇ ئىشنى مېنىڭچە ھەرگىز ئۆز قەۋمىمىزدىن بولغان رىقابەتچىلەر قىلمىدى بەلكى باشقا قەۋىمدىن بولغان
رىقابەتچىلەر قىلدى دەپ قارايمەن .دەسلەپكى ئىسپاتلارمۇ سۈ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىۋاتىدۇ .
سىلەر ئايشەمخان ئاچىمىزغا ئىشىنىڭلار ..مەنمۇ دەرگۇماندا بولغان ئۆزەم بېرىپ تەكشۈرەپ گۇمانىمنى يەشتىم .
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-23 11:54قايتا تەھرىرلىدى ]