بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى nalaدە2011-09-26 14:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ بۇ سۆيۈملۈك قېنى قىززىق خەلقىمىز بەك قىززىق دىسە، چوڭ تاللا بازارلىرىدىن بالىلىرىمىزغا تەييار چۆپ دىگەندەك يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بىرىمىز پەقەت 清真دىگەن خەتكە ئىشىنىپلا؛ يەل قازان شورپىلىرىنى ئىچىۋىرىمىز ئىشەك گۆشىدە شورپىسىنى قىلىدىكەن دىسىمۇ <يالغان، باشقىلار تاپقان گەپ> دەپلا؛ كوچىلاردىكى 清真ئاشخانىلىرىدىكى تاماقنى يەۋىرىمىز خوجايىنىنى سۈرۈشتۈرمەيلا؛ ھاراق ئىچىدىغانلارنى دىمەيلا قويايلى.......ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن كۆپچىلىك بىر مۇسۇلمان ئايال خوجايىنلىق قىلىۋاتقان، 20-30 ئۇيغۇر قىز-ئوغۇل ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان يىمەكلىكلەردىن گۇمانلىنىپ ۋابادىن قاچقاندەك قېچىپتىمىز. قاچانمۇ ئۆز ئەقلى تەپەككۈرىمىز بىلەن مەسلىلەرنى ئويلايدىغان بولارمىز؟ ئەگەر تورتخانىدىن راسىت شۇنداق نەرسىلەرنى كۆرگۈچىلەر بولسا قورقماي ئورنۇڭلاردىن دەسىت تۇرۇپ ئىسپاتلاپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟ نىمىشقا ھازىرغىچە گەپلا يامراپ گۇۋاھچى چىقمايدۇ؟ ئۆزىمىزدىن نىمىشقانى كۆپرەك سورايلى قېرىنداشلار.
باشقىنى دىمىسەكمۇ ئايشەمخان ئاچىمىزنىڭ قانچىلىغان قىز-ئوغۇللارغا ھۈنەر ئۆگىتىپ، خىزمەت مەسلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى، قانچىلىغان ئاتا-ئانىلارنى بالىسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىدىن خالىي قىلغانلىقىنى ئويلايلى. موشۇ ياخشىلىقلارنى سىز ۋە بىز قىلالىدىقمۇ؟ ھازىر سىز ۋە بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئادەمگە زىيان كەلتۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ۋە بۇندىن كىيىنمۇ ئايشەمخان ئاچىمىزغا ئىشەنگەن ھەم ئىشىنىمەن.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قومۇلغا بارغىنىمدا ئايشەم تورتخانىسىغا كىرىپ تاتلىق-تۈرۈملەردىن تازا يىدىم.
ئايشەمخان ئاچا، قىيىنچىلىق ئادەمنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىدۇ. اللە ئۆزلىرىگە مەدەتكار بولسۇن. <ئىت قاۋاپ قېلىۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ> . ئۆزلە يالغۇز ئەمەس، بىز ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز.