ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېمىنى 9- 10 ئاي ئىلگىرى ئۆزۈم يازغان. رەسىم يوللىغان بوشلۇق تاقىلىپ كەتكەچكە، قىستۇرغان رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قاپتىكەن. ئىلىم قېرىندىشىم مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى تەييارلاپتۇ، ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن!
سىلەرگە ئېنىق ئىسپاتلانغان بىر ئىشنى يەتكۈزۈپ قوياي:
ھازىر بىر قىسىم ئاشخانىلاردا YUTONG) 玉桐) ماركىلىق چوتكا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قوي يۇڭىدىن ياسالغانلىرىمۇ، چوشقا تۈكىدىن ياسالغانلىرىمۇ بار ئىكەن. قوي يۇڭىدىن ياسالغانلىرىنىڭ تۇتقۇچىدا 羊毛刷 دەپ يېزىقلىقكەن. ئۇنىڭ تۇتقۇچى كەڭرى قىسقا بولىدىكەن: مانا بۇ رەسىمدىكىدەك:
玉桐 ماركىلىق چوتكىنىڭ باشقا تۈردىكىلىرى ئاساسەن چوشقا قىلىدىن ياسالغان.
مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:
باشقا ماركىدىكى چوشقا تۈكىدىن ياسالغان چوتكىلاردىن تۆۋەندىكىدەكلىرى بار:
بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە ئېنىق قىلىپ چوشقا قىلى دەپ يېزىلغان، چوتكىنىڭ ئۆزىدە يېزىقلىق ئەمەس
بۇنىڭدىمۇ ئېنىق قىلىپ چوشقا قىلى دەپ يېزىلغان، ئەمما چوتكىنىڭ ئۆزىدە يېزىقلىق ئەمەس
ئومۇملاشتۇرغاندا، مەن ئۇچراتقان چوتكىلار ئىچىدە پەقەت ئۈستىدىكى كالتا تۇتقۇچلۇق چوتكىلا سەل ئىشەنچلىك، باشقا چوتكىلارغا ئاساسەن ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
[ بۇ يازمىنىoychanدە2011-09-24 12:25قايتا تەھرىرلىد ]