karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1665 قېتىم كۆرۈلدى
ayding
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3368
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قومۇل خاتىرىلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-24)
 

 

                             قومۇل خاتىرىلىرى  


                                         ئايدىڭ

                            2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە 

  

    2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆزۈم يالغۇز قومۇلغا سەپىرىمنى باشلىدىم. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىمقى سەپىرىم بولغاچقا، ئۇنچە ھاياجاندىمۇ بولمىدىم. كاللامدا ماقالەمنى قانداق يېزىشلا بار ئىدى، پويىزدا قومۇلدىن چىققان قاشتاش سودىسى قىلىدىغان بىر ئادەم بىلەن سەپەرداش بولدۇق. ئۇ ئادەم خوتەندىن ئاپارغان 30تۈمەن قىممىتىدىكى قاشتېشىنى بىر خەنزۇغا تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، ئاچچىقتا ئۆيگە قايتىۋاتقان ئىكەن. بۇ ئادەم يەنە مۇشۇنداق ئازابقا مۇپتىلا بولغان تۇرۇقلۇق، يەنە مەن بىلەن شۇنچە خۇشال پاراڭلاشتى. نېمىشقىكىن بۇ قېتىم مەن قومۇلغا ئائىت بىلىملەرنى ھوزۇرغا تايانغان ھاياجان ئىچىدە ئەمەس، ئەقىلگە تايانغان سوغۇق قانلىق ئىچىدە چۈشىنىۋاتاتتىم. نېمىشقىكىن ئۇ ئادەمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن كاللامدا جەنۇبتىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرى بىلەن شەرقتىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ تۇرمۇشى، كىشىلىرىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، كاللىسىدىكى ئازادە بوشلۇق دېگەنلەر ھەققىدە سېلىشتۇرۇش پەيدا بولدى. ئېنىقكى، كىم قايسى يۇرتتا چوڭ بولغان بولسا، شۇ يۇرتتىن سۆيۈنەتتى، شۇ يۇرتنى ماختايتتى. لېكىن ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ماختاشتىكى ئاساسلىرىنى كۆرسىتىشتىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئاز- تولا ئوخشىمايتتى. بۇ تاشچى بوۋاي ئۆزىنىڭ  سوغۇق قانلىقى، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلىقى، كىتاب ئوقۇيدىغانلىقى، ئالاقە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن ماختىناتتى. ئۇ ئادەم ئىنسانلار كاللىسىنى ئىشلىتىش كېرەك دەيتتى. نېمىشقىكىن كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ مەھەللىدىكى دېھقانلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. بىزنىڭ مەھەللىدە ئاتامدىن باشقا بېرىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەمنى تاپالمىدىم. لېكىن بۇ تاشچى بوۋاي تاش سودىسى قىلغاچ « ئانا يۇرت» نى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپتۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار چېغىدا « ئانا يۇرت» نى ئوقۇۋاتمايۋاتقان چاغدا، بۇ بوۋاي شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بىلىش نىيىتىدە شۇ كىتابنى ئوقۇپ چقىپتۇ. ئادەملەرنىڭ پىكىر قىلىش شارائىتى، پىكىر قىلالايدىغان بوشلۇقى راستىنلا  باشقا ئىش ئىكەن. ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ ئوچۇقلۇقى دېگەن زادى  نېمە ئىش؟ قەشقەر بىلەن قومۇل گەرچە ئىككىلىسىلا ئۇيغۇر يۇتلىرى بولسىمۇ، ئۇ يەردە ئەڭ ئاددىي كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا پەرقلەر باردەك قىلاتتى.

 پەزىلەتنىڭ ئۆيىنى قايتا كۆردۈم، بىزنىڭ مەھەللىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆيلىرى يادىمغا كەلدى. پەزىلەتنىڭ ئۆيىدە ئۈچ بالا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانىغا قارىماي، ئۆي سايمانلىرى تولۇق ئىدى. بىزنىڭ مەھەللىدىكى كىشىلەر تېخى ھازىرغىچە ئۆيلىرى چالما كېسەك ئۆي. بەزىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تېخى بىر پارچە ئەسكى كىگىزدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ھالاتتە تۇرۇقلۇق. نېمىشقا بۇنداق پەرق شەكىللىنىدۇ؟ مەن ھاجىم دادامنى بەكلا باي دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەسلكىنى بىلدۈردى ماڭا. مەن رېئاللىقتىن قاتتىق ھەيران قالدىم. بىزنىڭ  باي كىشىلىرىمىز يەنىلا ئاشۇنداق ۋەيرانە، چۇۋالچاق ئىدى. قانداق قىلاي؟

قومۇل شېۋىسىگە بارغانچە تونۇشلىشىۋاتىمەن، بازاردىكى ئادەم، كىچىك بالا، قېرى مومايلار، ئىشقىلىپ، مەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ بارلىقى مۇشۇ شېۋىدە سۆزلىشەتتى ۋە  گەپلىرى ئۆزىگە ھېچقانداق ئالاھىدە بىلىنمەيتتى. ماڭا  قومۇل كىشىلىرىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تۇرمۇش جەريانىدىكى پىكىرلىرى قومۇل كىشىلىرى بىلەن قەشقەر كىشىلىرى ئارسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى دەپ بېرىۋاتاتتى. ئىشقىلىپ، قومۇلدىكى ئاتمىش ياشلىق تاغچى موماينىڭ يان تېلېفوننى بىمال ئىشلىتىپ يۈرۈشى، ئۆيىدە ئالمىنى ئاقلاپ يېيىشى، كېيىنىشكە خېلىلا ئەھمىيەت بېرىشى، ھېساپ قىلسا پۇلنى تۈمەنلەپ ھېسابلايدىغانلىقى، شۇنچە  نۇرغۇن ياشانغان ئۇيغۇر بوۋاي مومايلارنىڭ كوچا ئابتۇبۇسلىرىدا خەنزۇلار بىلەن بىرلىكتە سەپەرداش بولۇشى، قومۇلدىكى خەنزۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىنتايىن كونا بىر كۆرۈنۈشنى بېرىشى( قەشقەردىكى خەنزۇلارنىڭ ئۆيلىرى ھامان يېقىندا سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى)، كىچىكتىن چوڭغا، قېرىدىن، كىچىك بالىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر خەنزۇچە بىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرۇپ باراتتى. ھەتتا ئۇيغۇر ئائىللىرىدە خەنزۇچە خەت يېزىقلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقى مېنى باشقىچە قىلىپ قويدى.

 

     ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

بۈگۈن قومۇلغا كەلگىنىمگە دەل 12كۈن بولدى. بۇ 12 كۈن مېنى قومۇلدىكى تاغچىلارغا شۇنچىلىك يېقىنلاشتۇردىكى، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ قېرى ياشلىق ئادەملەرنىڭ مېنى سەن دېيىشىنى شۇنچىلىك ئىچىمدىن قوبۇل قىلىپ كەتتىم. قومۇل تاغلىرىدا يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاجايىپ ياخشى تەمى بارئىدى خۇددى كىشىلىرىنىڭ ئاجايىپ مېھمان دوست تاتلىق كۆڭلىگە ئوخشاش.

   بۈگۈن يەنە ئىككى ئۆيدە مېھمان بولۇپ كەلدۇق، بۇ ئۆيلەر قومۇل شەھرى ئىچىدىكى ئۆيلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاماق قىلىشىمۇ، چاي دەملىشى، ئىچىشى تاغچىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن. مەن تاغچىلارنىڭ چوڭ پىيالەلەردە لىق قۇيغان تۇزلۇق چېيىغا ئاجايىپ كۆنۈپ كېتىپتىمەنكى، تۇز سالمىغان، كىچىك پىيالىلەرگە يېرىم قۇيغان چايلار ئۇسسىغان يېرىمگە قىلچە بارمىدى. ئۇسسۇلۇققا قانمىدىم. بۇ قېتىم مەن جىق تىل ماتېرىياللىرى توپلىيالمىدىم، ئەمما ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى كۆردۈم. تاغچىلارنىڭ ئىنتايىن كەڭ، ئازادە، قوپال ئۆيلىرىدە قانچىلىك يايرىغان كۆڭلۈم بىنالاردىكى ئوخشاش لايىھەلەنگەن ئۆيلەردە شۇنچىلىك قىسىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قومۇل، قەشقەردە قانداق ياشايدىغانلىقدىن ئومۇمىي چوڭ ماھىيەتنى بايقاش بىلەن بىرگە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى سېزىشكە باشلىدىم.

ئولتۇراق ئۆيى جەھەتتە، بۇ يەردىكى سوغۇق ھاۋا كىشىلەرنى ئۆينىڭ تېمىنى قېلىن، دېرىزىلەرنى قات-قات، ئۆينى كارىدورلۇق سېلىشقا مەجبۇرلاپتۇ. تاغلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئاجايىپ كەڭرى ئىكەنكى، ئۆينىڭ ئىچىدە ئىككى كىچىك بالا خالىغانچە خىلمۇخىل ئويۇننى ئوينىيالايدىكەن. ( ھەتتا كىچىك بالىلار ئوينايدىغان پىجىرنىمۇ). ئۆينىڭ ئىچىدىكى تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلىرىمۇ ئەتراپلىق ۋە تولۇق بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە سېلىنغان تام ئوچاق پىملىق ۋە قولايلىق ئىكەن.

تاماق يېيىش ۋە مېھماندارچىلىق ئادىتى جەھەتتە، مېھمانلاپ بارغۇچى ئۆزلىرى بارىدىغان ئۆيگە خالتا قىلىپ بارىدىكەن. خالتىنىڭ ئىچىگە ئۆزى تاپالىغان ھەر نەرسىنى سالسا بولىدىكەن. كۆپىنچە نان، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بار نەرسىلىرى بولىدىكەن.  ھەرقانداق مېھمان  تاماق تارتىلغاندا ئۆزىنىڭ قولىنىڭ پاكىزلىقىغا ئۆزى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەككەن، قولغا سۇ بېرىلمەيدىكەن. ئۆيگە كىرگەن مېھمانلارغا بىرىنچى بولۇپ داستىخان سېلىپ، قاتتىق سوغۇقتا ئاسان قېتىپ قالمايدىغان قېلىن نانلىرى بىلەن تۇز سېلىپ دەملەنگەن چاي قۇيىدىكەن. قومۇلدىكى تاغچىلار بولسۇن، قومۇل شەھىرى ئىچىدىكىلەر بولسۇن، ھەممە كىشى ئەتتىگەن، كەچتە چاي ئىچىدىكەن، چاي قۇيغاندا چاينى سۈزگۈچتە سۈزۈپ پىيالىلەرگە قۇيىدىكەن. چۈشتە تاماق قىلىپ يەيدىكەن. مېنىڭ بۇ كۈنلەردە يەپ باققان تاماقلىرىم مانتا، چۆپچۈرە( ئەمەلىيەتتە تۈگۈرە)، ياپما، خوشاڭ، شوچا، قولداما( بارماق ئاش)، ئۈگرە، داپەنجى، گاڭپەن. بۇلارغا ئىشلەتكەن كۆكتاتلار ياڭيۇ، سەۋزە، سامساق، بەسەي، پىياز. باشقا كۆكتاتلارنى يەپ باققىنىم يوق. چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن،  ئەگەر مېھماندارچىلىق چۈشكە توغرا كەلسە تاماق تارتىلىدىكەن. تاماقنى قەشقەر تەرەپتىلا شۇنچە زورلامدىكىن دېسەم، قومۇلدا كىرگەن ھەربىر ئۆيدە شۇنچە زورلىدىكى، تاماق تۈگىگىچە باش كۆتۈرمەي يېيشتىن باشقا چارەم بولمىدى. تاماق يېيىلگەندە چايمۇ ئۈزۈلمەي قۇيۇلۇپ تۇرىدىكەن. ئادەم بىر ۋاق تاماق يەپ بولغۇچە كەم دېگەندە ئۈچ چوڭ پىيالە چاي ئىچىپ بولىدىكەن. چايمۇ، تاماقمۇ تۈگىگەندىن كېيىن، مېۋە- چىۋە قۇيۇلىدىكەن. بۇلارنى تاماقنى باسىدۇ دەيدىكەن. مەن كىرگەن ھەممە ئۆيدە چوقۇم مېۋە- چېۋە بار ئىكەن. بۇ يەردە بىر سېلىشتۇرۇش قىلغۇم كەلدى: قەشقەردىكى نۇرغۇن دېھقان ئۆيلىرىدە يازدا ئۆزىنىڭ بېغىدا بار مېۋە بولسا بار بولغان بولىدۇ، قىشلىرى مەن قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ مېۋە- چىۋىنى ھەر ۋاقىت تەييارلاپ قويغىنىنى كۆرمىدىم بۇ چاغقىچە. بۇ ئىككى يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى يېمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئېنىق بېكىتەلمىدىم. بەلكىم ھەر ئىككىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مېۋە- چېۋە يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەزىدە يەنە چاي ئىچىلىدىكەن. يەنە بىر قىزىق ئىش، بۇ يەردە تاماق دېگەن سۆز ئىچمەك دېگەن پېئىل بىلەن بىرىكىدىكەن. بۇنى مەن بۇنى قومۇل خەلقىنىڭ بەك چايخۇمارلىقى، ئۇسسۇلۇققا تەشنالىقى ۋە ئاشنىڭ قويۇقىدىن سۈيىنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىدىن ئاشۇنداق ئىشلىتىش شەكىللەنگەنمىكىن دېدىم. بۇ يەردىكىلەر ئورتاق ھالدا قايناق سۇنى كەشۈي دەيدىكەن ۋە ئۇنى شۇ پېتى ئىچكەندىن دەملەپ ئىچىشكە  بەكراق كۆنۈپ كېتىپتۇ. تېخى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارسا چاي كۆتۈرۈپ بارىدىكەن. بۇلارنىڭ تاماقلىرىدا  گۆش، ئۇن، چاي ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن داستىخان يىغىشتۇرۇلىدىكەن، داستىخاندا ئەرلەر بولسا دۇئا قىلىدىنىدىكەن، بولمىسا قىلىنمايدىكەن. بۇلارنىڭ داستىخاندا بولىنىدىغان سۆزلىرى:«ساھىبخان: ھە،نان يەپ ئىچىڭلەر. چاي ئىچ. مېھمان: يەيتىمىز . ساھىبخان: ئەكەسىلە(ياكى ئەكە) چايدىن يەنە قۇياي. مېھمان: ئامدان ئىچتۇق.  دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن بولسا: ساھىبخان: يا تاماقتىن ئامدان ئالمىدىڭلار. مېھمان: ئوبدان يېدۇق.» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق تاماقلىنىش ئادىتىنى كۆرۈپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئادەتلىرى مۇشۇنداق بولغىيمىدى دەپ قالدىم. قەشقەردە دۇئا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن چىن- تەخسىلەر يىغىشتۇرۇلىدۇ ھەمدە  دۇئا قىلىنغاندا ئۆي ئىگىلىرى چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ. مېھمانلارمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ساھىبخانلارغا رەھمەت دەپ بىرمۇنچە سۆزلەرنى قىلىدۇ. يەنە  بىر ھەيران قالغىنىم بۇ يەردە مېھمانلارنىڭ ئۈستىگە مېھمان كەلسە، باشتا كەلگەن مېھمان ئورنىدىن ئۇنچە بەك تۇرۇپ كەتمەيدىكەن، يېڭى كەلگەن مېھمانلارمۇ باشتا كەلگەن مېھمانلاردىن تىنچ- ئامانلىق سوراشقا ئۇنچە كۈچەپ كەتمەيدىكەن. ساھىبخان ئۆزى تونۇمايدىغان مېھمانلارغا  ئۆزى بىۋاستە گەپ قىلماي، ئۆزى تونۇيدىغان مېھماندىن بۇ ناتونۇش مېھماننى سورايدىكەن، شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر بۇ ناتونۇش مېھمان جىمغۇرراق بولۇپ قالسا، ئۆيدىن كەتكۈچە بىر ئېغىزمۇ پاراڭ قىلماي كېتىپ قالىدىكەن.

بۇ يەردە مېھماندارچىلىق كەچكىچە بولۇپ كەتسە، كەچتە كىمنىڭ ئۆيىدە بولسا شۇ ئۆيدە قونۇپ قالىدىكەن، كېتىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمەيدىكەن. سەككىز كۈن ئىچدە ئالتە ئادەمنىڭ ئۆيىدە قوندۇق. ئەگەر مېھمانلارنى ئۇزاتسا، گەپ ئۇنچە جىق بولۇنمايدىكەن. «ساھىبخان: ھە، ماڭاملا؟يەنە كېلىپ تۇرۇرلا» دەيدىكەن. مېھمانلار ساھىبخانغا ئېگىلىپ سالام قىلىپ « ھە خوش، رەھمەت، سىلەرنى بەك مالال قىلدۇق» مۇ دېمەيدىكەن، كەينىچىلەپمۇ ماڭمايدىكەن. ساھىىبخانلارمۇ« خۇدايمىغا ئامانەت، ئاۋايلاپ ماڭالا، مەن ئاپىرىپ  قويايمۇ، ئۆيدىكىلەرگە بۇنى ئالغاچ بارسىلا» دېگەندەك  جىق گەپلەرنى قىلمايدىكەن.

بۇ يەردە كاۋاپ شۇنچىلىك ئوخشىمايدىكەن. كەچلىك، مىللىي بازارلاردا ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۇڭگانلارنىڭ يايمىلىرى ئارلىشىپ ئېچىلىدىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىرى ئاساسەن سىرتتىن تاماق يېمەيدىكەن، شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئاشخانىلارنىڭ تاماقلىرى ئانچە ئوخشىمايدىكەن.

ئۆينى بېزەش جەھەتتە، بۇ يەردە قەشقەردىكى ئۆيلەردە بولىدىغان ئويۇق، گۈزەل ۋە ھەرخىل نەقىشلەر دېگەندەك مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە شەكىللەرنى كۆرمىدىم. لېكىن ئۆي سەرەمجانلىرى جەھەتتە ئالاھىدىلىككە ئىگىكەن، يەنى ھەممە ئۆيدە چاچما تىكىلگەن ياستۇق، ئورۇن- كۆرپىلەر بار ئىكەن. ھازىر بۇ يەردە ئۈنچىدىن ئۆي سەرەمجانلىرى توقۇش مودا بولىۋېتىپتۇ. ھەممە ئۆيلەردە ئۈنچىدىن توقۇلغان چەينەك قويغۇچ، مېۋە سېۋىتى، قەغەز سالغۇچ، چوكا-قوشۇق سالغۇچ، گۈل لوڭقىسى تېپىلىدىكەن. خىزمەت قىلمايدىغان قومۇل ئاياللىرى بىكار ۋاقتلىرىدا كۆپلەپ كەشتە تىكىشكە باشلاپتۇ. ئاياللار قول ئىشى ئارقىلىقمۇ ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرىدىكەن، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىكەن، ئەڭ مۇھىمى مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن.  ئالدىنقى قېتىمدا تېخى بىر ئېغىز ئۆيىنى مەخسۇس ئۆزى تىككەن چاشمىلار بىلەن كۆرگەزمە ئۆيى قىلغان ئايالنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. قومۇللۇقلار ئۆيلىرىنى ئۆزى تىككەن، ياسىغان، توقۇغان نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە ئامراق ئىكەن. ئۇلار ئۆيىنى بېزەپلا قالماي، تىككەن نەرسىلەرنى  سېتىشنى ئويلايدىكەن. قومۇلدا يەنە تېخى ئۆيدىكى ئاياللارنىڭ ئىقتىدارىنى زايە قىلماسلىق مەقسىتىدە چاچما تىكىش، ئۈنچە توقۇش، باقمىچىلىق دېگەندەك قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار جەھەتتە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن.

قىزىق بىر ئىش شۇكى، بۇ يەردە ئادەتتە ئۆيلەرگە كۆرپە سېلىپ قويمايدىكەن. مېھمانلار گىلەمدىلا ئولتۇرىدىكەن. بۇلار بەلكىم كۆرپە بىلەن ئۆي زىننەتلەشكە قىززىقمىغاندۇ.

ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئېچىش جەھەتتە، بۇ يەردە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆزى بايقىغان ئىقتىدارىنى باشقىلارغا يوشۇرماي دەيدىكەن، ھەم ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن. بىز زىيارەت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا ئالاھىدىلىكى بولغاچقا قىلغانلىقىنى دېدى. زىيادە كەمتەرلىكنى خالاپ كەتمەيدىكەن. بەلكىم مەن تېخى قەشقەر خەلقىنى قومۇل خەلقىنى زىيارەت قىلغاندەك زىيارەت قىلىپ باقمىدىم، لېكىن سېزىمىمدە قەشقەر خەلقىنى، دېھقانلىرىنى ئىش بەك ئالدىغا سېلىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى بايقاشقا بىر ئاراملىق بەرمىدى. قەشقەردىكى دېھقان ئاياللار بەك مىسكىن قالدى.

 

 

※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

 

 

بۈگۈن ئاراتۆرۈكنىڭ تۈركۆل دېگەن يېزىسىدىن قادىر ساراڭ دېگەن شۇنچىلىك چىقىشقاق ئادەمنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ ئادەمنىڭ بېيىتنى شۇنچە جىق بىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئەقلىم لال بولدى. كاللامدا شۇنداق ئوي بار ئىدى:خەلق ئېغىزىدا ئېيتىلىدىغان گەپلەر قانچىلىك پىكىر چوڭقۇرلىقىغا يەتتى؟

  ئۇ ئادەمنىڭ پاراڭلىرىدىن بايغا توي باركەن دەپ ئاڭلاپ بارغان چاغدىكى دىئالوگ:

  -سىز نەدىن؟

- تۈركۆلدىن.

 -تونۇشۋانىنى.

-بولىدۇ.

-بىز دېگەن باي شەھرىنىڭ گۈلى.خۇمارخاننىڭ ئېرى. بىر بالىنىڭ دادىسى. دادام كۇچالىق قادىر ئۇستام دېگەن بولىدۇ.  ئىسىمىم ئېلى مەشرەپ.

- بىزمۇ ئالتە شەھەرنىڭ گۈلى. توختاشخاننىڭ ئېرى. سەدىن باينىڭ يالغۇز ئوغلى. بەش بالىنىڭ دادىسى، ئىككى ئوغۇلنى بويۇنغا ئاستىم، ئىككى قىزنى قۇلاققا ئاستىم، بىرسى ئۆلىۋىدى يەرگە باستىم ، بىرسى قورساقتا، ئېتىم قادىر دېگەن بولىدۇ.

 ئۇ ئادەم بۇنداق گەپتانلىقى بىلەن شۇ يەردىكى كىشىلەرگە ياراپ كېتىپتىكەن ۋە شۇ يەردە بىر ھەپتە مېھمان بولۇپ كەپتىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ ساراڭ دەپ لەقەملىك بولۇپ قېلىشى شۇ سەۋەپتىن ئىكەن:

ئۇ ئادەم بىر كۈنى تاغدا ئورما ئورۇۋېتىپ بىر قىزىل كۆينەكلىك  جۇگان بالىنى خىيالى كۆرگەندەك بولۇپ قېلىپ، ئۇ جۇگاننىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپتۇ. لېكىن ئۇ جۇگان يوق تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئاغرىپ ئۈچ ئاي يېتىپ قاپتۇ. كېيىن خىلمۇخىل دورىلارنى قىلسىمۇ ئوڭشالماپتۇ. كېيىن قادىر ئىشان دېگەن داڭلىق ئىشان:« بۇ بالىدا كېسەل يوق، 41 توي ئوينىسا ئوڭشىلىدۇ» دېگەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى تويدا بولغانىكەن. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ قارنى ئاچتىمۇ، قىشتا پۇت-قولى  ئۈشۈدىمۇ، ھېرىپ قالدىمۇ كارى يوق، پەقەت توينىڭ پېيىدا بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم ياياق پېتى قومۇلنىڭ ھەممە يەرلىرىگە توي ئىزدەپ بېرىپتىكەن، بۇ ئادەمنىڭ تويغا مەھلىيالىقى شۇنچىلىك ھەيران قارارلىق ئىكەنكى، قەيەردە داپنىڭ ئاۋازى ئۇ ئادەم شۇ يەردە ئۈنىدىكەن. مەشرەپ قىلغان يۇرتنى، ئادەملەرنى تونىسۇن، تونىمىسۇن ئۇسۇلغا ئۆزىنى ئاتىدىكەن، بېيىت ئېيتپ سورۇننى قىزىتىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ تويدىن باشقىنى بىلمەيدىغانلىقىغا قاراپ كىشىلەر ساراڭ دېگەن لەقەمنى ئىنئام قىپتىكەن قادىركىمىزغا. قادىركىمىز ئىزدەپ بېرىپ پاراڭچى ئادەملەر بىلەن پاراڭ سېلىپ كېلىدىكەن، ئەلۋەتتە ئۆزى بىلەن پاراڭ سېلىشقا ماس كېلىدىغان ئادەملەر بىلەن سالىدىكەن. بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ بۇ ئىقتىدارى بىلەن قىزلارنى مەھلىيا قىلىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن. بۇ ئادەم شۇنچىلىك ئوچۇق ۋە سەممىي ئىكەنكى، ئۆزنىڭ ئەيىبى بولسىمۇ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن دېۋىتىدىكەن. بۇ ئادەم 30نەچچە يىلدىن بېرى ئوينىغان تويلىرىنى، بېيىت ئېيتىپ يولۇققان ۋەقەلىرىنى شۇنچىلىك قىزىق ۋە ئوچۇق كۆڭۈللۈك دەپ بەردىكى، بىز تولا  كۈلۈپ ئۈچەيلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۈزۈلگەن ئۈچەيلىرىمىزنى دوختۇرمۇ ئۇلىيالمىدى. دوختۇرغۇغۇ كىرمىگەن بولمىسا.

ئۇيغۇر مۇشۇنداق ئوتتۇز يىللاپ، ناخشا-ئۇسۇل، مەشرەپنى دوست تۇتقان، تويلا ئوينايدىغان بىر كىشىنى ئۆز قوينىغا سېخىيىلىك بىلەن ئېلىپ بېقىپتۇ. بۇلارنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟! ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان كىشىگە قىلغان مەرتلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

بۇ ئادەمنىڭ كېسىلىنى بەلكىم  پىسخولوگلار ئېنىق بىلۇر. قادىر ئىشان ئېيتقان توي ئارقىلىق كېسەل داۋالاشمۇ تېببىي پىسخولوگىيەدە ئالاھىدە ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.

 

   ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

 

ھازىر تارىخى ۋەقە، ھېكايە، چۆچەك ئوقۇسام ئىلگىرىكى ھاياجانلىرىم كەلمەس بولۇپ قاپتۇ. ماڭا تارىخى ۋەقەلەر شۇنچىلىك ئاددىيلىق ئىچىدىكى تۇرمۇش ھاياتىدەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆچمەس، ئۇلۇغ تارىخ دېگەن نېمە؟ بەزىدە بۇلار ماڭا ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنىڭ كىشلەر ئەسلىمىسىدىكى مۇبالىغىدەكلا تۇيۇلىدۇ. تارىخى بۇرچ تۇيغۇسى دېگەنلەر تېخىمۇ قۇرۇق گەپتەك تۇيۇلىدۇ، ئىلگىرىكى ئۆتكەن كىشىلەرگە قىزىقىمەن، لېكىن ئۇلارنى ئاجايىپ ھاياجاندا ئەمەس، نېمە بولغان بولسا شۇنى كۆرگەندەك، ھېسيات قوشمىغان ھالەتتە چۈشىنىشنى خالايمەن.

قومۇلغا كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ قەشقەر توغرىسىدىدىكى بىلىشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي غايىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. مەن قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن (ئەلۋەتتە مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى چىن يۈرىكىمدىن تونۇيمەن) بىرمۇ تارىخىي شەخسنى تونۇمايدىكەنمەن، يۇرتنى، يۇرتنىڭ ھېكايىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۆزۈمدىن بارغانچە خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالدىم.

ئۆيدىن يىراقلىغانسېرى يۇرتنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، يۇرت سۆيگۈم ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. باياتىن ئوقۇغان« روھ يىلتىزىنى ئىزدەپ» دېگەن سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ساياھەتتە بىر سېرىق ئۇيغۇر بۇ ساياھەتنى قىلغانلارغا بىر تويدا شۇنداق دەيدىكەن:«سىلەر ئاق ئۇيغۇر، بىز سېرىق ئۇيغۇر، ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر!»

 بەلكىم سېرىق ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مەھەللىلەرگە بارسا، ئۇلارغا بۇنداق گەپنى قىلىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر چىقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار بۇلارنى تونۇمايدۇ،«ئاق ئۇيغۇرلار» سېرىق ئۇيغۇر  قېرىنداشلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكىنىگە نەچچە ئەسىرلەر بولۇپ كەتتى. مەنمۇ يۇرتۇمدىن ئايرىلغىلى بىر يىل بولمايلا، يۇرتقا نىسبەتەن ئايرىلىق، ھىجران، سېغىنىش تۇيغۇمنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىدىن ئۇھسىنپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئادەملەرنىڭ يۇرتىغا بولغان تەلپۈنۈشى قانداق بولسا، ئەسىرلەرسېرى ئۆچمەي ساقلىنىپ قالالايدۇ؟

 

 

※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

 

 

بارغانسېرى نۇرغۇن ئىشلار كاللامدا ئايان بولغانسېرى ئۇلارغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىشتا تەمتىرەپ قالدىم.

ئەڭ دەسلەپتە كاتانوفنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرىنى شۇنچىلىك كۈلگۈم كېلىپ قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇغانىدىم ۋە ئۇنى ئىلمىي ماقالەمگە ماتېرىيال مەنبەسى قىلىپ تاللىغانىدىم. تىل تەكشۈرگىچىلىك يەتتە- سەككىز ئۆيدە قوندۇم، مېھمان بولدۇم. شۇ يەردىكى كىشلەر بىلىملىك، كۆپنى كۆرگەن دېگەن نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم. شۇ جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ بىلىملىك دەپ چاغلايدىغان كىشىلىرىدىن ئۇلارنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى ئىلغا قىلىشقا دىققەت قىلدىم. يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىلىملىك دەپ چاغلايدىغان كىشلىرى توينى جىق كۆرگەن، يۇرتلارنى جىق ئايلانغان، پاراڭچى كىشىلەر ئىكەن. بۇ يۇرت كۆرگەنلەر شۇ يەردىكى كىشىلەرگە باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغۇچىلار ئىكەن. بۇ چاغدا كاللامغا  مەھەللىمىزدىكى ھاجىلار كەلدى. بىر ئادەم ھەرەمگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئادەم ھەج قىلىش سەپىرىدىكى يول تەسىراتلىرىغا يەنى بىر مۇنچە پاراڭلارغا ئىگە بولىدۇ. بىزنىڭ يۇرتتىكى ھاجىلار ئادەتتە مېنىڭچە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قورساقتىكى ئىلىمىغا  ئەمەس، يول تەسىراتلىرىدىكى پاراڭلىرىغا تايىنىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئىناۋت تاپىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا تاكى ھازىرغىچە يەرلىك كىشىلەر بىلىملىك كىشىلەر دېگەنلىك يۇرت كۆرگەن كىشىلەر دېگەن پىكىر ئەندىزىسىدە تۇرۇپ كەپتۇ. بۇ پىكىرلەرنى مەن بۇرۇنقى چاغلارغا نىسبەتەن ئىلغار پىكىر، ئەمما ھەممە ئادەم يۇرت كۆرەلەيدىغان بولۇپ كەتكەن  بۇ دەۋردە ئادەتتىكىدەك نورمال پىكىر دەپ ھېسابلايدىغان بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بىلىملىك ئادەملەردىن يەنىلا زىيادە ھاياجانلىنىپ كېتەلمىدىم. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ تەپەككۇرى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ چوڭقۇرلار ھە؟!

 پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يەرلىك كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر، ئەمما زامانىۋىي بىلىملەردىن يەنىلا خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالدىم.

ئادەم كۈتۈپخانىلاردا، مەكتەپنىڭ خىلمۇخىل ئىلمىي سورۇنلىرىدا تۇرۇپ، مېنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىشىم مىللىتىم ئۈچۈن، خەلقىم ئۈچۈن دەپ ئىرادىگە كېلىدىكەن، كۆزلىرىگە ياش كېلىدىكەن، بەزىدە خىجىللىقتىن يۈزلىرى ئوت بولۇپ، كىرىدىغانغا تۆشۈك تاپالماي قالىدىكەن. لېكىن بۇ تاغلارغا، يۇرتلارغا كەلگەندە بولسا، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشدىكەن، تۆرگە چىقىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن، غورۇرى ئۆستۈرلىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ئىلمىي سورۇنلاردا پۇچۇلانغان يۈرىكى بۇ يەردە داۋا تېپىپ قالىدىكەن، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن. ئادەم ھامان ئۆزى قەدىرلەنگەن جايدا ياشاشنى ئىستەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەمنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق سوئاللار كېلىدىكەن: مەن داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، مۇشۇ يەردە خەلقىم نېمە بولسا شۇ بولايمۇ ياكى يۈرىكىم قىسىلسىمۇ، كەمسىتىلسەممۇ چىداپ، رىقابەت بار يەردە ياشاپ، كىتابلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتەيمۇ؟

ئەلۋەتتە، ئۆزىنى كۆتۈرگەن خەلقى بىلەن ياشىسا، باشقىلاردىن كېلىدىغان خورلۇقمۇ يوق، رىقابەتمۇ يوق، ۋاقىت دېھقانچىلىققا، ھاۋاغا قاراپ ئالدىرىماي ئىش قىلىدىغان يەردە ئەركىن ياشىغىلى بولىدۇ. چوڭ شەھەرلەردە ياشىسا، ئەركىن نەپەس ئالىدىغان ساپ ھاۋامۇ يوق، رىقابەت كەسكىن، ۋاقىت جاندىن ئەزىز، قولىدىن بىر ئىش كەلمىسە، شەھەر تەرىپىدىن مەجبۇرى سىقىپ چىقىرىلىدۇ، قولىدىن ئىش كەلمىگەنلىككە، تارىخىنىڭ پارلاق ياكى ئەمەسلىك، ھازىردا ھوقۇقىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىلىدۇ. زادى قەيەردە ياشاش كېرەك؟ بىلىمەن، مەن  شەھەرنىڭ مۇھىتىنى، شەھەرلىك كىشىلەرنى بىر تالمۇ ياقتۇرمايمەن، ئۆزۈمنىڭ تار يەردە گۆش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يېيىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغىنىمنى بىلىمەن. لېكىن مېنىڭ رىقابەت دۇنياسىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ، باشقىلار بىلەن ئىلىم جەھەتتە چۈشىدىغان بەيگىدە قىلچىمۇ يېڭىلىپ قالغۇم يوق. ئادەم قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلغانغا قارىغاندا، كۆرەش قىلىپ قىيىنچىلىقىنى يەڭسە ياخشىراق. بولمىسا ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىنتايىن ئادەتتىكى ئىشلارنىلا بىلىدىغان ئاڭقاۋ بىر ئادەم بولۇپ قالغۇدەك.

بىر كىشىلەردىن بۇ يېنىڭلاردىكى تاغلاردا بۆرە بارمۇ؟ ئوۋچىلارنىڭ ئوۋ قىلىشتا رىئايە قىلىدىغان ئۆلچەملىرى قانداق؟ توي قانداق بولىدۇ؟ ئۆلۈك قانداق ئۇزىتىلىدۇ دېگەندەك سوئاللارغىمۇ  ياخشى ۋە ئەتراپلىق بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمىدۇق. ئادەملەر تۇرمۇشتىكى بۇ تەرەپلەرنى بىلمەي تۇرۇپ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟ بىزنىڭ خەلقىمىز ئۆزىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۆزىنى كۈندىلىك ئىشلارنىڭ ئالدىغا سېلىپ قويماي، ئىشلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئىشلارنى تىنچ تۇرۇپ ئويلاپ  باقامدىغاندۇ؟

 

※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

 

نېمىشقا بىز ياش قورامدىكى بالىلار چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئالالمايمىز، كۆڭلىگە يېقىنلىشالمايمىز؟

چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ ئارىلىقىدىكى پەرقلەر قانداق كېلىپ چىقىۋاتىدۇ؟

كاتانوفنىڭ بۇ تىل ماتېرىياللىرىنى قانداق توپلىغانلىقىنى راستىنلا چۈشىنىپ يەتتىم. كاتانوف ئۆزى بىلەن بىر قەۋىمدە، بىر يۇرتتا بولمىغان تۈرك قېرىنداشلىرى ئارسىدا ئىنتايىن جىق مۇشەققەتلەرنى كەچۈرۈپ، «كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» دىكى مەزمۇنلارنى توپلاپ، بىزگە يەتكۈزۈپتۇ. مەن جېنىمدا ماقالەمگە كېرەكلىك تىل ماتېرىياللارنى تولۇق توپلاپ بولالماي، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇۋاتىمەن.

نەچچە ئايدىن بېرى «كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنى قانداق تەتقىق قىلسام، ياخشى تەتقىق قىلالايدىغانلىقىمنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم. بۇنىڭغا كاللامنىڭ شۇنچە تەستە ئشلىگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. تەتقىق ئۇسۇلى ۋە نېمىنى تەتقىق قىلىش ئاجايىپ ئىش ئىكەن، بۇ ئادەمنى شۇنچە ئۇزاق ئويلاندۇرىدىكەن.

 

يەنە بىر ئىش، مەن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشتىن بەكلا تارتىناتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ئادەملەردىن تارتىنمىساممۇ بولغۇدەك دېگەن يەرگە راستىنلا  كەلدىم. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشىن تارتىنىدىغان كىشلەر ئۈچۈن پايدىلىق قوللانما تۈزۈشنى ئويلاپ قالدىم.

 

  ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

سېغىنىش دېگەن نېمە؟ مېنىڭ ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىشىمنى ئاتا- ئانىسى، قېرىنداشلىرى يېنىدا بارلار مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايتتى. مەن شۇنچە ئەركىن بولدۇم دېگەن تەقدىردىمۇ  «ھە، ئانا، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق، خىزمىتىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي!» دەيدىغان ئاتامنى، ھەممە  بالىلىرىنىڭ ئاغرىقىنى ئۆزى تارتىشىنى خالايدىغان ئانامنى كۆرەلمەيۋاتاتتىم. تىل تەكشۈرىمەن دەپ بۇ يەرلەردە يۈرۈپ، ئۆيىدىكىلەرنى راستىنلا سېغىنىپ كېتىپ باراتتىم. ئانامنى تولا چۈشەيتتىم. چۈشۈمدە كۆرگىنىمدەك ئانام راستىنلا ئاغرىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم ئۆيگە كەتمىگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم. ئۆيدە بولغان بولسام، ئانامغا قارىيالىغان بولاتتىم. تىل تەكشۈرۈشنى توختىپ قويۇپ ئۆيگە كېتىشنى قارار قىلغاندا، يەنە ئانام يولۇمنى توسۇپ، ماڭا ئىلھام بەردى:« بالام، سىز بىزمۇ بېرىپ باقمىغان، كۆرۈپ باقمىغان يەرلەرنى كۆرۈپ تىل تەكشۈرۈۋاتىسىز، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ساقىيىپ كەتتىم. ماقالىڭىزنى ياخشى يېزىپ پۈتتۈرسىڭىز، شۇ بىز ئۈچۈن زور تەسەللىي» دېدى. ماقۇل دېدىم ۋە تىل تەكشۈرۈشۈمگە قايتىدىن چۆكتۈم.

بۈگۈن ئۆي توغرىسىدا يەنە خىيال سۈرۈپ قالدىم. ئۆزىگە تەۋە مۇستەقىل ئۆيى بولۇش ئۇ ئاجايىپ ئىش ئىكەن. ئانام بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئانام:«بالام، تىل تەكشۈرگىچىلىك باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بويۇن قىسىپ ئولتۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەركىن بولالىدىڭىزمۇ؟» دېدى. مەن ئانامغا بۇ ئەنسىرەشلىرىنىڭ تامامەن ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە بەك ئازادە تىل تەكشۈرۋاتقانلىقىمنى دەپ ئانامنى خاتىرجەم قىلدىم. لېكىن ئۆي ھەققىدىكى خىياللىرىم داۋاملىق يۈكسىلىپ بېرىۋاتاتتى. «دادام ۋە ئوغلۇم» دېگەن كىنودىكى سادىقنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا دادىسىغا:«دادا، دېڭىزغا بىر ئۆي بەرگىن، ئۇنىڭمۇ بىر ئۆيى بولسۇن!» دېگەنلىرىنى تېخىمۇ بەك چۈشىنىپ يەتمەكتىمەن. ئادەمنىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ  بولۇشى ئاجايىپ خاتىرجەم بىر ئىش ئىكەن. ئادەم خاتىرجەم بولسا، نېمە ئىشمۇ قىلار؟ خاتىرجەملىكنىڭ شەكلىنى، ئىپادىسىنى ئادەم ئېغىزدا شەرھىيلەپ بېرەلمەيدۇ، لېكىن كۆڭۈل بىلەن ھېس قىلالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تىل تەكشۈرۈشتە ئۆز ئۆيۈمنى چىدىغۇسىز سېغىندىم.

 

             ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

قومۇلنىڭ باي يېزىسدا ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇلاق ئېچىش، بۇلاق  تازىلاش ئىشى بار ئىكەن. بۇ پائالىيەتتە شۇ يەرلىك كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن توپلىنىپ، بۇلاقلارنىڭ  كۆزىنى ئاچىدىكەن. ئەمگەك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوپچە تاماق قىلىپ يەيدىكەن.بۇلارنىڭ پائالىيىتى بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇ كۆڭۈللۈكلىكىنىڭ سەۋەبى ئاددىيىلىقتىكى بىرلىكىدە ۋە قەلبىنىڭ ئۆزى تازىلىغان بۇلاق سۈيىدەك پاكىزلىقىدا. بۇلارنى مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ تونۇشتۇرۇپتۇ. پروگراممىدا ئەزەلدىن ئاددىيىلىق تەشەببۇس قىلىنغان ئەمەس. ئادەم بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندە، ئاددىي نەرسىلەرنى يۈكسەكلەشتۈرۈپ سالىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يۈكسەكلەشتۈرۈشنى ماختاش دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. پروگراممالار ھەقىقەتەن ماختايدۇ، يۈكسەكلەشتۈرمەيدۇ. شۇڭا مەن پروگراممىلارغا بەك ئۆچ. ماختاش ئۇيغۇر كىشىلىرىگە بىخۇتلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. بىخۇتلۇق لازىم ئەمەس بىزگە!

 

         ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

بۈگۈن سائەت 15:30دە جىگدە قۇدۇق كەنتىدە كۆك مىسىلىسىنى ئۆتكۈزۋالىدىغان بىر مەشرەپ بولدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ كۆك مىلىسىنى ئوينىمىغىلى ئۇزاق بولغاچقا، بۇ مىلىسىنىڭ قائىدە تەرتىپلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ، ئاخىرى بۇ مەشرەپنىمۇ تۈگەتتى. مېنىڭ كۆرگىنىم شۇلار ئىدى:

ياسىنىشىپ، تارتىنىشىپ كەلگەن ئۇسۇلچى، بېيتىچى ئاياللار، ھېپىزلار جىگدە قۇدۇق كەنتىنىڭ مەدەنىيەت زالىغا قاتار بولۇپ ، يەنى تۆرت داپچى ئايال ( بۇلار داپ چېلىپ مۇقام ئېيتىدۇ) بىر غىرجەكچىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئالدىغا قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى تونىنى كىيگەن، موخازىلىك دوپپىسىغا بۆرتۈمشاھ ئارتقان ئىككى ئۇسۇلچى ئايالنى چىقىرىپ، يانلىرىدا تاقسا لېگەنلەردە مۆگە- چۆگە كۆتۈرۈۋالغان سەككىز- توققۇز ئاياللارنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇسۇلچىلار ئۇسۇل ئويىنغاچ، ھېپىزلار  سازلىرى چېلىپ، مۇقام ئېيتقاچ كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، مۇقاملىرىنى توختاتماي ئېيتىپ، بىر مەيدان مەشرەپ قىلدى. بۇ مەشرەپ ياشانغانلارنىڭ مەشرىپىمۇ ياكى قومۇلدىكى كىشىلەر ئۇسۇلغا شۇنداق ئۇستىمۇ سەھنىدە ياش قىزلاردىمۇ بەك پىرقىراپ، شوخلۇقنى بولۇشىغىچە قىلىپ ئۇسۇل ئويناشتى. بىرىنچى قېتىملىق مەشرەپ تۈگىگەندە، كۆك خېنىمنىڭ يۈزى ئۈچ قېتىم ئېچىلدى( بۇ يەردە تويى بولغان قىزنىڭ  يۈزىمۇ ئۈچ قېتىم ئېچىلىدىكەن)ئىككى بېيىتچى ئايال بىر بىرىدىن قېلىشماي، كۆك بېيىتلىرىنى ئېيتتى. بىر ئايال ( ئالدىنقى قېتىم بىزگە قوشاقىنى پىلىمۇتتەك ئېيتىپ بەرگەن ئايال) پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆك بېيىتىغا قوشۇپ ئېيتتى. بۇ چاغدا كۆڭلۈمدە بۇ مىسرانى قوشمىسا ياخشى بولاركەن دەپ ئويلاپ قالدىم، كۆك بېيىتلىرى ماقال- تەمسىللەردەك تۇراقلىشىپ قالسا ياخشى بولارمىكىن.بېيىتلاردىن كېيىن، يەنە بىر مەيدان مەشرەپ بولدى. توۋا خۇدايىم، بۇ يەردىكى كىشىلەر قېرىغىنىنى سەزمەي، ئۇسۇلنى ئويناپ، ناخشىنى توۋلاپ، شوخلۇقنى ئاجايىپ قىلىدىكەن. ناخشا- ئۇسۇلغا ماھىر دېسە، بۇ قومۇل خەلقىنى دېسە بولىدىكەن. ئىشقىلىپ مەن بارا- بارا قەشقەر كىشىلىرىگە ئىچ ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇلارنىڭ تويىمۇ خۇشاللىق بىلەن ئەمەس، مىسىكىنلىك بىلەن بولىدىغان بولۇپ قالدى، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى بەك مۇجۇلۇپ كەتتى. قاراڭ، ئاچامنىڭ تويىغا كەلگەن مېھمانلارغا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللىرىدە ئىششەك غەم بىلەن تويغا كېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ قويۇپلا ئۆيلىرىگە، ئىشلىرىغا ئالدىراشقان. ئۇ يەردە توي ئاشۇنداق بولىدۇ راستىنلا يىغلىغۇم كەلدى مېنىڭ.  بۇ يەردىكى كۆك مىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراڭلار. چېھرىدىن خۇشاللىق كەتمەيدۇ. بىكار چاغلىرىدا كۆڭۈل ئاچىمىز، ئەنئەننى ئۇنتۇپ كەتمەيمىز دەپ بۇنداق مەدەنىي پائالىيەتكە كەپتۇ. قەشقەردىكى دېھقانلار، ھەممىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم، نۇرغۇنلارنىڭ ئوغۇللىرى 2009-يىلىدىكى ۋەقەدە ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، نۇرغۇنلارنىڭ قىزلىرى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەيمىز دېگەن سىياسەتنىڭ دەستىدىن ئىچىكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن. قېنى مېنىڭ قەشقىرىمنىڭ خۇشاللىقى؟!

   قەشقەر دېسەملا كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ. ئانامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم. ئانامنى چىڭ قۇچاقلىۋالسام، مۇڭداشسام، يۇمشاق قوللىرى بىلەن بېشىمنى سىلاپ قويسا، قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ئۇخلاپ قالسام. ئاتامنىڭ ھېكايىلرىنى ئاڭلىسام، پۇتلىرىنى  تۇتۇپ قويسام. مېنىڭ ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىشمنى كىممۇ چۈشىنەر؟! ھېچكىمگە چۈشەندۈرەلمىدىم قەلبىمنى مەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئىنتايىن ياخشى يازىمەن دەپ يۈردۈم بۇ يەردە. ئۆزۈمنى بەزىدە مەن ئادەم ئەمەس دەپ تىللىغۇم كېلىدۇ. ئاتا- ئانامغا قارىماي، بۇ يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈردۈم. ئانامغا، ئاتامغا قاچان قانارمەن؟!

 ئاددىي كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن كىم ئىش قىلىدۇ؟ ئالتە بالىنى يىگىرمە يىلدىن ئوقۇتقان ئاتام بىلەن ئانام ئۈچۈن كىم ئىش قىلىدۇ؟

 توغرا مەن كۆك مىلىسىنى يېزىۋاتقان. ئۇلارنىڭ مەشرىپى تۈگەپ، كىشىلەر تېخى ئۇسۇلغا قانماي تۇرغاندا، بىر مويسىپىت چىقىپ، بۇ مىلىسكە كەلگەن كىشىلەرنى رەسمىي ھالدا كۆك مىلىسىغا ئۆيىگە چىللىدى. بۇ چاغدا بۇ مىلىسىنىڭ چاي ئۆتكۈزۋېلىش مىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇ مىلىسكە كەلگەن كىشىلەر  ھەممىسى ئاتايىتەن جابدۇشۇپ كەلگەنىكەن، ئۇلار تېخىچە پەسەيمىگەن قىزغىنىلقىنىڭ قالغانلىرىنى 25-چېسىلا ئۆتكۈزىلىدىغان مىلىسكە ئاياپ قويۇپ تارقاپ كېتىشتى. ئۇلارنى مەن مەھەللىمىزدىكى تويغا كەلگەن كىشىلەرگە ئوخشىتالمىدىم. ئىشقىلىپ مەن كۆرگەن يېزىنىڭ تويلىرىدا قېرىلار، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇغقانلار مۇڭدىشىپ دائىم كۆز يېشى قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ مىلىسكە كەلگەنلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇرۇق تۇغقان دەپ يۈرۈشكە پۇرسەت يوقكەن، ھېپىزلارنىڭ داپلىرى ئۇلارنى ئۇسۇلغا چىللايدىكەن. ئۇلار ھامان كۆڭۈل ئاچىدىكەن. مەشرەپ قىلىدىكەن.

نېمىشقا قەشقەر يېزىلىرىدىكى ئاياللار شۇنچە مىسكىن ۋە كۆز يېشى قىلىدۇ؟

 

             ※    ※     ※   ※   ※   ※    ※   ※   ※  ※ ※

قومۇلدىكى جەمئىي 32كۈنلۈك تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ يەرلەردىن مەكتەپلەردە ئەزەلدىن بىلىپ باقمىغان كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تۇپراق تۇيغۇسىنى، ئانا تىل تۇيغۇسىنى سېزىپ ئالدىم. بۇ تىل تەكشۈرۈش ئۇيغۇر تىلغا بولغان يالقۇنجىغان ئوتنى يۈرىكىمگە قايتىدىن تۇتاشتۇرغانىدى. مەن بۇ ئوت بىلەن ئانا تىلىمىزنى ھاياتقا ئىگە قىلغان كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا، تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان ئىدىم. ئىككى يۇرتىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەيلى شەرقتە بولسۇن، مەيلى جەنۇپتا بولسۇن، ھەممەيلەن ئاجايىپ بىر قەلبىداشلىقىنى، يىلتىزداشلىقىنى چىن قېتىمدىن تونۇپ يەتتىم.

خەلقىم ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىرىم بىلەن باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە قارار بەردىم.
[ بۇ يازمىنىaydingدە2011-09-24 17:19قايتا تەھرىرلىد ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-23, 15:37
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) نادىر ماقالە
  • ئۆز كېلەچىكىڭىزنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭ!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-23 14:35 |
    alnur
    ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 62
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 582
    شۆھرەت: 3152 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3145 سوم
    تۆھپە: 1847 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1854 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 244(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدى بىلەن يۇرتىمىزغا كېلىپ تىل تەتقىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر! يازمىڭىزدا قومۇل خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئويۇن-تاماشا ھەم ئۆز ئارا مۇئامىلە، تىل ئالاھىدىلىكى ..............قاتارلىقلارنى ھېس قىلغىنىڭىز بويىچە ناھايىتى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ چىقىپسىز.  . 
    [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-24 22:16قايتا تەھرىرلىدى ]
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 15:57 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 129
    شۆھرەت: 799 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 794 سوم
    تۆھپە: 457 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 467 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 285(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلئارام:
        مۇنبەرگە كىرىپلا قۇرۇق قول كەلمەپسىز-ھە! سىزنىڭ قەلەم ئىزلىرىڭىزدىن تىزىلغان ئۈنچىلەرنى ئوقۇشقا مەن خۇشتار، بۇ خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇش بولدۇم. سىزنى تولىمۇ سېغىندىم ساۋاقدىشىم. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي! ئوقۇشلىرىڭىزنى نەتىجىلىك قىلغاي! ئامان بولغايسىز!
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 18:05 |
    menggutash

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 349
    نادىر تېما : 12
    يازما سانى : 97
    شۆھرەت: 925 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 964 سوم
    تۆھپە: 492 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 492 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1018(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆز يۇرتىدىكىلەرگە قىلچىمۇ يېڭىلىق تۇيغۇسى بولمىغان نەرسىلەرنى باشقا يۇرتتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزەتكەندە نۇرغۇن قىممەتكە ئىگە دېتاللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ. بىر يازمىدا ھەممىنى تۆكۈۋەتكىلى بولمايدۇ. يازمىڭىزدىكى قىسمەن نۇقتىلار بولۇپمۇ مەمەدان، يۇرت كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋام نەزەرىدە ئەقىللىق ئادەم دەپ قارىلىپ قېلىشى ۋە تۆرگە ئۆتۈۋېلىشى مەسىلىلىرى ھەقىقەتەن دېققەتنى تارتىشقا تېگىشلىك ئىكەن. يەنە بىرى مەشرەپ، ناخشا ئۇسسۇللارنى شۇنچىلىك خۇشاللىق بىلەن ئويناشلار.... ئازاب ۋە تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈش مەسىلىسى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق.
    hawar
    چ چ:1272497571
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 18:39 |
    sabila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1384
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 75 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
    تۆھپە: 43 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 43 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلئارام:
    ئالدى بىلەن يۇرتىمىزغا كېلىپ تىل تەتقىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!
    لېكىن
    «قىزىق بىر ئىش شۇكى، بۇ يەردە ئادەتتە ئۆيلەرگە كۆرپە سېلىپ قويمايدىكەن. مېھمانلار گىلەمدىلا ئولتۇرىدىكەن. بۇلار بەلكىم كۆرپە بىلەن ئۆي زىننەتلەشكە قىززىقمىغاندۇ.»
    دەپ يېزىپسىز.ھازىر ھەممە ئۆيلەردە تۆرە كۆرپىسى سېلىنىدۇ.بۇ تەرىپىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز؟
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 18:45 |
    ilim
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 531
    شۆھرەت: 3446 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3498 سوم
    تۆھپە: 1921 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1953 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 828(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەبىلە تاغ رايونلىرىدا تۆرە كۆرپىسىنى ھەممە ئائىلىلەر سېلىۋەرمەيدۇ .
    西部医院
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 19:27 |
    bano
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2523
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 42 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تاغلىقلارنى تاغچى دىسىڭىز ئاچىقى كېلىدۇ.
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 20:30 |
    tohotur
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 729
    شۆھرەت: 3957 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3958 سوم
    تۆھپە: 2335 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2338 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1607(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1. بۇ ئېرىق چېپىش ئەلۋەتتە قومۇلدىكى بەش شەھەر ئون ئىككى تاغدا ھەممە يېىردە مەۋجۇت بولغان ئىش ، بىر يىلى شەھەر ئىچىنىڭ دىخانلىرى ئېرىق چېپىپ چىقىپ خەلىق باغچىسىدىكى كۆلنىڭ تومىسىنى چېپىپ بۇزۇۋاتقاندا شارىلىداپ ئاققان بىېلىق ئارىلاش سۇ ھازىرغىچە ئىسمدە .
    ئېرىق چېپىش ئھتىمال قومۇل ۋاڭ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر خىل ھاشار تۇسىنى ئالغان پائاليەت بولۇشى مۇمكىن ، ئەتىيازنىڭ كۇنى چاپىدۇ ، بۇنداق راۋانلاشتۇرۇش كۆپچۇلۇكنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئاساسەن ھەر بىر ئويدىن چوقۇم ئەمگەك كۇچى چىقىدۇ ،
    ھازىر راھەتباغدا ئەتىيازدا ئېرىق چاپماس بولدى ،
    مەن دائىم ئەجداتلاردىن قالغان بۇ راۋانلاشتۇرۇش تېخنىكىسنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىسغا سىڭدۇرۋالساق دەپ ئويلاپ قالىمەن ،
    مەن بىر قومۇللۇق ئەمما مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېۋىرغول دەرياسىغا سال تاشلاپ تاغدىن قومۇلغا كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۇرئىتىم يوق ،
    2.قومۇل مۇقام مىلىسلىرى ،  بۇ قەدىمدىن كەلگەن بىر ئارغامچا قومۇللۇقلار مۇقام ئاڭلاپ ھوزۇرلانغان ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەجداتلىرىمۇ مانا شۇ مۇقامنى ئاڭلاپ ھوزۇرلانغان ، سىز بۇ ئارغامچىنى قولاققا تۇتسىڭىز  نەچچەمىڭ يىللىق ئەجداتلار بىلەن مۇڭدىشالايسىز ھەم سىرىدىشالايسىز ،
    ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئېۋىرغول دەرياسى بويدا ئولتۇرۇپ ھەسرەتلەنگەن بىر ئۇيغۇر نىڭ ئچىدىكى مۇڭنى ھازىر بىنا ئويدە ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇڭى بىلەن قوشۇۋېلىش بىر خىل سەنئەتلا ئەمەس مۇكەممەل ئىستىتىك تۇيغۇ
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 04:12 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 934
    شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
    تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2830(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستۇتىغا باردىم، ئايدىڭ ئاي ھەجەپ ئۇچرىمىدى دىسە....
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 17:40 |
    ayding
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3368
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 90 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈندۈزدە ئايدىڭ نېمە ئىش قىلسۇن؟! ھە،ھە!
      قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى ئايتاراتىنى يۇرت تېشىدىكى كۆلبىمىزگە! قارشى ئالىمىز!
    يەنە قەدەملەر يەتسە، كۆرۈشۈشكە ئۇلىشارمىز ئاللاھ خاھلىسا!
    ئۆز كېلەچىكىڭىزنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭ!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 18:01 |
    ayqeqak
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى  ئەمەس،ئۇنۋېرستېت (中央民族大学 )ئۇنۋېرستىتقا ئۆزگەرگىلىمۇ 18 يىل بولدىغۇ دەيمەن .....
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 18:15 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز