ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت قىلغان قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ شېركىتىنى ئىككىنچى قېتىم
كۆرىشىم .بىرسى توتكوچىدىكى ئىلتەرىش شېركىتى يەنە بىرسى قۇتار شېركىتى .
يەنە بامۇ باللا؟ئۆزەڭلەر بىلىدىغان ساپ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن شېركەتلەرنى
بىلىدىغانلار بارمۇ .بىلسەڭلەر يېزىپ قويۇڭلار .
قۇتار شېركىتىدىكەر تېجارەت دائىرەڭلەرنى كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ باقسام سىلەردە
پۇل دىگەن جىقتەك قىلىدۇ .سىلەرگە تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈشنى تەكلىب
بىرىمەن .
پۇل تاپىمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم مەلۇم بىر كەسىپنى چىڭ تۇتىشىڭلار ۋە شۇ كەسىپنى تورلاشتۇرۇشقا
تىرىشىشىڭلار كىرەك .تورلاشتۇرۇش شەكىللەندۈرەلمىگەن شېركەت ھامىنى مەغلۇب بولىدۇ .
بەك كەڭ مۇلازىمەت دائىرە يېيىۋېلىشمۇ ياخشى ئەمەس .بۇ مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچىنى چېچىپ تاشلايدۇ .
سىلەر ھەرگىز خېرىدار كېلىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان دۇكان تىپىدىكى شېركەت بولماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
چۈنكى بۇنداق تېجارەت شەكلىنىڭ دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى .سىلەرنىڭ باشقا ھەرقانداق شېركەتلەردىن
پەرىقلىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىكىڭلەر،ئالاھىدە مۇلازىمىتىڭلەر ۋە ياكى خاس مەھسۇلاتىڭلار بولىشى كىرەك .
قومۇلدا كەسىپلىشىش ۋە زەنجىرسىمانلىشىشقا ئىھتىياجلىق نۇرغۇن كەسىپ تۈرلىرى بار .ۋاقىت بولغاندا
بىز پىكىرلىشىپ باقساقمۇ بولىدۇ .
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۇئالىم شېركەت خۇجايىنى شېركەت قۇرماستىن ئىلگىرى قانداق كەسىپ بىلەن
روناق تاپقان ؟شۇنى بىر دەپبەرگەن بوسلا .