turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 1023 قېتىم كۆرۈلدى
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە قىسقىچە ئىزدىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-27)
 
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ  22ــــ 24-بابلىرى ھەققىدە  مۇلاھىزە
 
 
 

 

 
 
 
 
بۇ ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك:
1-كىرىش سۆز
2-بابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
3-بۇ ئۈچ باب ھەققىدىكى قىسقىچە ئىزدىنىش
4-يەكۈن
كىرىش سۆز
    ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ  پەلسەپە ۋە پۈتكۈل ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرــــ شائىر، ئالىم، يالقۇنلۇق مەرىپەت مەشئەلچىسى،كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل دۇردانىسى ـــ «قۇتادغۇ بىلىك» ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ۋە ئىپتىخارلىق  ئورۇن تۇتقان.
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ  ئۆزىنىڭ 85باب، 6645بېيىت،13290 مىسرادىن تەشكىل تاپقان بۇ چوڭ ھەجىملىك ئاجايىپ ھېكمەتلىك داستانى ئارقىلىق پۈتكۈل قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ مۇقىم گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا فېئوداللىق تارىخىي مۇھىتىنىڭ  ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى،پەلسەپىۋىي ئىدېئولوگىيىسىنى، جۈملىدىن ئىقتىساد، سىياسىي، ھاكىمىيەت، ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە  قاتارلىق  جەھەتلەردىكى  جانلىق مەنزىرىسى ۋە ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
2-بابلارنىڭ قىسقىچە  مەزمۇنى
22-بابنىڭ  قىسقىچە  مەزمۇنى
ئايتولدىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى
    ئاللاھقا ئىمان كەلتۈر،ئۇنىڭغا ئىبادەت قىل. ياخشى يامان ئىشنىڭ ھەمىسى ئاللاھنىڭ تەقدىردىن بولىدۇ. ئاللاھقا ئىشىنىپ ئۇنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرسەڭ، نىمە تىلىسەڭ شۇنى بېرىدۇ، ئەزىز بولىسەن.( يەنى تەقدىرگە ئىشىنىش كۆز قارىشى ئىپادىلەنگەن)
پۈتكۈل ئىشلاردا توغرا  بول، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن.ھالاۋەت، بايلىق، بۈيۈكلۈك ھەممىسى توغرىلىقتىن كېلىدۇ. توغرىلىق ئىنساننى ئىككىلا دۇنيادا بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئىككى يۈزلىمىچى، غەيۋەتخورلار بىلەن يولداش بولما، ئۇنىڭدىن يىراق بول. قەدىناس دوستلارنى قەدىرلە، ئۇنىڭدىن ساڭا ھەرقاچان پايدا يېتىدۇ. سىرىڭنى چىڭ ساقلا. ھەسەتخورلۇق قىلما،ئايالىڭنى چىڭ تۇت. خۇش مىجەزلىك بول، شۇندىلا  ھەممە ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلەيسەن. ھالال ئادەم بول، سەۋىرچان بول، ھەر ئىشنى ماھارەت بىلەن قىل،  توپىلاڭغا قوشۇلما، كىشىگە يامانلىق تىلىمە، سەۋىر تاقەتلىك بول. ئۆلۈمنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇر، ھەرقاچان ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ تۇر، ئىقتىسادچىل بول، بۇزۇپ چاچما، يالغان سۆزلىمە، قېرىنداشلىرىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل، سېخىي مەرد بول،كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئاچما، مەغرۇرلانما، ھايات ئەبەدىي بولمايدۇ چۈشتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ،بەخت تۇراقسىز بولىدۇ قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ. ھاياتنى بوشقا ئۆتكۈزمە ياخشى ئىشلارنى قىل.مەيخورلۇق،پىتنە-پاساتچىلىق،زىناخورلۇقتەك ئىللەتلەردىن ئۆزۈڭنى يىراق تۇت،بۇلار بەختىڭنى قاچۇرىدۇ،يوقسۇل قىلىدۇ،يۈزۈڭنى چۈشۈرىدۇ.
23-بابنىڭ  قىسقىچە  مەزمۇنى
ئايتولدىنىڭ تىلى بىلەن ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى، جانلىقلارنىڭ ھامان ئۆلۈپ  كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. پەيغەمبىرىمىزگە،ساھابىلەرگە سالام ئېيتىلغان. ئېلىگكە  بەخت تىلەنگەن. ۋەسىيەتنامىدە: سادىق كىشىلەر بىلەن يولداش بول، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئۇ سېنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا  قىلغان ئەمەللەردىن ھېساب بېرىلىدۇ، شۇڭا ئۆلۈم كېلىشتىن ئاۋۋال ئويغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىل، ئۆلۈم كېلىشتىن ئاۋۋال تائەت- ئىبادەت قىلىۋال ئاللاھقا سېغىن. ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا پۇشايمانغا قالما، مال دۇنياغا ئالدانما.،ئادالەتلىك، توغرا بول. مەغرۇرلانما، يامان كىشىلەردىن يىراق بول، ياخشى كىشىلەرگە يېقىن تۇر.ئاچ كۆز كىشىگە ئىشىڭنى تاپشۇرما،ۋاپرسىزلارغا ئاش-نان بەرمىگىن، بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ، ھايات چەكلىك ھەممە جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى.قان تۆكمە، كىشىنىڭ ھەققىنى ئالما.سېخىي  بول، مال دۇنياغا مەغرۇرلانما.بۇ دۇنيا ھېچكىمگە ۋاپا قىلمايدۇ.خەلققە مېھرىبان بول.ئىش قىلىشتا غەزەبلەنمە.ئارتۇق مال-دۇنيا يىغما،راھەت- پاراغەتكە  بېرىلمە .ھامان بىر كۈنى راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇشۇڭدىن ئايرىلىپ جىنازىغا چىقىسەن شۇڭا ئۆلۈمۈڭگە بالدۇر ھازىرلان.قازايى- قەدەرگە  تەن بەرگىن، توغرا سۆزلۈك بول.
ھارامغا ئارىلاشما،زوراۋانلىق قىلما،قان تۆكمە،دۈشمەنلىك قىلما، قىساس ئالما.
خەلققە زۇلۇم قىلما.ياماننى يېنىڭغا يېقىن يولاتما.ياخشى قانۇن تۈزۈپ يۈرگۈز.يامانلار قىلىقىنى ئۆزلەشتۈرمە. پايدىلىق سۆزۈمنى ئاڭلا.مەيلى قانچە ئۇزۇن ياشىما ھامىنى ئۆلىسەن شۇڭا ھەر زامان ئۆلۈمگە تەييار تۇر.ئوغلۇمغا قاراپ قويغىن. پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلە.
ئايتولدىنىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى: مېنى كۆرىۋاتىسەن نېمە ھالدا كېتىۋاتقىنىمنى ئۇنۇتما، ساڭىمۇ ھامان مۇشۇ پەيت كېلىدۇ ، ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرغىن.بىكار يۈرمە كەچ  ئۇخلاپ سەھەر تۇر.ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى قەدىرلە، ئەلىگكە خىزمەت قىل، بۇنىڭ بىلەن قەلبىڭنى ئىللىت.يامانغا يېقىنلاشما، دائىم  ياخشىلىق قىل، مىجەز ۋە يولۇڭنى تۈزە. گەپ سۆزگە دىققەت قىل، ساغلام ياشىغىن.
ئايتولدىنىڭ سۆزى: بىۋاپا  دۇنيا ماڭا جاپا قىلدى، قارا يەرگە كىرىدىغان بولدۇم.يالىڭاچ كېلىپ يالىڭاچ كېتىۋاتىمەن.ئىسىت يىگىتلىك،ئىسىت ھايات،ئۆكۈنچ بىلەن يىغلاپ گۆرگە كىرىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايتولدىنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي بايانلار.
24-بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئايتولدىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەلىگنىڭ ئۇنىڭ ماتىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ۋە ئايتولدىنىڭ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭغا  پەند- نەسىھەت قىلغانلىقى. بايان قىلىنىدۇ.ئۇ نەسىھەت ئاساسلىقى: غەم قىلما،غەمنىڭ كەينى ھامان خۇشاللىق شۇڭا قايغۇڭغا مەنمۇ ھەمدەم بولىۋاتىمەن.روھىڭنى چۈشۈرمە. مەن ساڭا ئاتا بولىمەن.
ئۆگدۈلمۈشنىڭ ئەلىگكە جاۋابى: مەن سېنىڭ خىزمەتكارىڭ، ئاتامنىڭ جېنى ساڭا پىدا بولغان  مېنىڭمۇ جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇلنىڭ ۋەسىيەتنامىنى ئەلىگكە تاپشۇرغانلىقى، ئەلىگنىڭ خەتنى ئوقۇپ قىلغان سۆزلىرى، ئايتولدىغا تىلىگەن تىلەكلىرى، ئوغۇلنىڭ  ئاتىسىنىڭ  ئۆلىمىدىن كېيىن قىلغان ئىشلىرى، ۋەسىيەتنى ئىشتكەن ئەلىگنىڭ  كۈندىن-كۈنگە ھەق ئادالەت يولىنى تۇتقانلىقى خەلقنىڭ بېيىغانلىقى،  خەلقنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەنلىكى، ۋەسىيەتنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئايتولدىنى ئەسلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئايتولدىنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ ئۇنىڭ ئوغلىنى چاقىرتىش قارارىغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۈچ  باب ھەققىدە قىسقىچە  ئىزدىنىش
 
بۇ بابلار  ئاساسلىقى پەند-نەسىھەت  خاراكتىرىنى ئالغان. بۇ ئۈچ بابنىڭ  مەزمۇنىغا  ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە  داۋاملاشتۇرۇپ ئەستە ساقلاشقا  ئەرزىگۈدەك ھېكمەتلەر تولۇپ ياتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ  بۇ بىباھا، شاھانە ئەسىرى ئارقىلىق شۇ دەۋىر كىشىلىرىگىلا ئەمەس بەلكى بىزلەرگىمۇ ھاياتلىققا  مەشئەل بولغۇدەك دۇردانە سۆزلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئادەتتە بىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش تەجىرىبىسىنىڭ يەكۈنى بولغان ئەقىل-پاراسەت  جەۋھەرلىرىنى ئۇچرىتىمىز ھەم ئۇنىڭ «ماقال-تەمسىللەر» دېگەن خاس نامى بار. ماقال تەمسىللەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە،ئۇنىڭ ئاپتورى خەلق دەيمىز. ئەمما، شۇ نۇقتا  ئېنىقكى، ھەرقانداق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسىرىنىڭ ئەسلىدە بىر ئاپتورى بولىدۇ. ئەينى چاغلاردا  ھازىرقىدەك يېزىق  ياكى باشقا ۋاستىلەر  بىلەن خاتىرىلەش مۇمكىن بولمىغاچقا  ئۇ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ئاپتورى ئۇنتۇلۇپ  بۇ ئەمگەك ئومۇمىي خەلقنىڭ بولۇپ قالىدۇ. خوش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى  ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇ زادى قانچىلىك ئۇزۇن  تارىخقا ئىگە؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە  دەپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ تارىخىنىڭ  ئۇزۇنلۇق چېكىنى «قۇتادغۇ بىلىك» دەك  ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەسەرلەر  ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس.يەنە بىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ  تىلى شۇنچىلىك جىپىسلاشقانكى ئۇنىڭدىن بىرەر سۆزنى ئېلىۋېتىشكە ياكى قوشۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنىڭ ئۇنچىلىك مۇكەممەل شەكىلدە بولىشىمۇ ناتايىن. بۇ سۆزلەرنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە  كۈنىمىزدىكى  ماقال-تەمسىللەرنىڭ  «قۇتادغۇ بىلىك» تىكى ئىپتىدائىي شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بەلكىم،بۇ مۇناسىۋەتلىك  ماقال تەمسىللىرىمىزنىڭ  ئەڭ دەسلەپكى قەلەمگە ئېلىنغان شەكلىگە قىممەتلىك ھۆججەتلىك رول ئويناپ قالغۇسى.
بۇ بابلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن باغلىنىشلىق ماقال –تەمسىللەر، ئەقلىيەلەر:
تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس
1279-بېيىت
يەشمىسى:بىلگىنكى ھەرقانداق ياخشىلىق،يامانلىق  خۇدانىڭ ھۆكمىدۇر ،خۇداغا ئىشەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىل.
يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش
1285-بېيىت
يەشمىسى:(مەن) توپلاشنى بىلدىمۇ، يېيىشنى بىلمىدىم،
كۈنۈم ئۆكۈنچ بىلەن ئۆتتى،(بۇنىڭ) پايدىسى بولمىدى.
 بىر مىسقال دۆلەتنى(بايلىقنى) تۇتۇش ئۈچۈن، مىڭ مىسقال ئاقىللىق (پەم –پاراسەت) كېرەك.
1287-،1288- بېيىتلار
يەشمىسى:
توپلانغان مال-دۇنيالىرىڭنى تۇتۇشنى بىلسەڭ
ئىككى دۇنيادا يۈزۈڭنى يورۇق قىلىدۇ.
تۇتۇشنى بىلمىسەڭ، بىر مۇنچە مال بولسىمۇ
ساڭا يېتىشمەيدۇ،(ئاخىر) يۈزۈڭنى سارغايتىدۇ.
يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى (يۇقار)
قاغا بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پوق
يامان بىلەن يولداش بولما
1297- بېيىت
يەشمىسى:يامان  يولداشقا يېقىنلاشما،ساڭا زەرەر كەلتۈرىدۇ،
يامانلىق ئىلاندۇر، دىققەت قىل،سېنى چاقىدۇ.
كۆپ  ئاڭلا ئاز سۆزلە
1301-بېيىت
يەشمىسى:ھەممە سۆزنى ئاڭلا،لېكىن تېزلا ئىشىنىپ كەتمە،
كۆڭۈلدىكى سىرىڭنى ئاچما،(ئۇنى) چىڭ ساقلا، يوشۇر.
 ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ ئەڭ شىرىن دۈشمىنى
1303-بېيىت
يەشمىسى:ئاياللارنى بوش قويما ئىشىكىڭنى ئېتىپ يۈر،
ئەرگە ھەر تۈرلۈك  كېلىشمەسلىك ئاياللاردىن كېلىدۇ.
 سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پۈتەر.
1310-،1317-،1319-،1320-،1321-،1322-بېيىتلار
يەشمىسى:
1310.ھەرقانداق ئىشتا ئالدىرىما، سەۋر قىل،ئۆزۈڭنى تۇت،
سەۋرچان كىشىلەر ئارزۇسىغا يېتىدۇ.
1317.ئەگەر ئاچچىقىڭ كەلسە، ئۆزۈڭنى تۇت،سەۋر قىل،
سەۋرلىك كىشىنىڭ ئاقىۋىتى شادلىق بولغۇسىدۇر.
1319.سەۋر قىلسا، كىشى تىلىكىگە يېتىدۇ،
سەۋر بىلەن كۈتكەن ئوۋچى ئاق قۇ تۇتىدۇ.
1320.ئەگەرمۇشەققەت،  غەم قايغۇ كەلگەندە،
كىشى سەۋر قىلسا، يەنە قايتا شادلىق كېلىدۇ.
1321.گەرچە دۆلەت بېزىپ،(ئۇنىڭ) ئىشىكلىرى يېپىلسىمۇ،
كىشى سەۋر قىلسا،يەنە بارلىق ئىشلىرى ئوڭشىلىدۇ.
1322.سەۋر قىلغىن،سەۋر قىلماق ئەرنىڭ ئادىتىدۇر،
كىشى سەۋر قىلسا، مىسالى  كۆككە چىقىشقىمۇ يول تاپالايدۇ.
ئۆزگىگە  يامانلىق تىلىگۈچە ئۆزۈڭگە ئامانلىق تىلە
1315-بېيىت
يەشمىسى:كىشىگە يامانلىق تىلىمە،ئۆزۈڭمۇ زىيان سالما،
پەقەت  ياخشىلىق قىل،ھاۋايى-ھەۋەستىن (ئۆزۈڭنى) باس.
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن
1325-بېيىت
يەشمىسى:كىرىمگە قاراپ مېلىڭنى چىقىم قىل،
ئۆزۈڭگە لايىق بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلىمىگىن.
مەغرۇر بولساڭ چۈشەرسەن، كەمتەر بولساڭ ئۆسەرسەن
1330-بېيىت
يەشمىسى:
1330.دۆلەتكە ئېرىشسەڭ مەغرۇرلانمىغىن،
قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلما.
سەكراتقا چۈشكەندە (سۈرە) ياسىن ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق
1371-بېيىت
يەشمىسى:
ئۆلۈم كېلىپ تۇتقاندا، ئۆكۈنگەننىڭ پايدىسى يوق،
قارا يەر ئاستىدا قانچە نالە قىلساڭمۇ (بەرىبىر).
يامان بىلەن يولداش بولما
1378-بېيىت
يەشمىسى:
ياخشى كىشىلەرنى  ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت،
ياماندىن يىراق بول، زىيىنى تېگىدۇ.
قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ.
1393-،1394-بېيىتلار
1393.ئەي دۆلەتمەن ئەلىگ،دۇنيا تېرىلغۇ يەردۇر،
ئۇنى تېرىسا،كىشى ھايات ئوزۇقى ئورۇيدۇ.
1394.يەرگە نېمە تېرىساڭ، يەنە شۇ ئۈنىدۇ،
نېمە بەرگەن بولساڭ،قايتا شۇنىلا ئالىسەن.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ
1414-بېيىت
يەشمىسى:
ئىش قىلىشتا غەزەبلەنمە،ئاچچىقىڭنى يىغ،
بەگلەر غەزەبلەنسە، بەگلىكنى بۇزىدۇ.
ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز  باشنى
1415-بېيىت
يەشمىسى:
كىشىگە تىلىڭدىن  قوپال سۆزلەرنى چىقارما،
قوپال سۆز يېلىنجاپ كۆيگەن  ئوتقا ئوخشايدۇ.
بۇ  ماقال-تەمسىللەر ئاساسەن بىزنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى  ناچار ئىللەت،بولمىغۇر قىلىقلاردىن يىراق  بولۇپ،ھەق يولىنى تۇتۇشقا، ھاياتنى مەنىلىك،ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان. بىراق، يەنە شۇ نۇقتىنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى  شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى فېئوداللىق جەمئىيەت  بولغاچقا، بەزى  ماقال-تەمسىللەردە  ئەكىس ئەتكىنى خاس ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ  مەنپەئىتى قوغدالغان تەرەپلەرمۇ بار. بۇ ئەلۋەتتە  ئەسەرنىڭ يېزىلىش مۇددىئاسى ۋە  دەۋر ئالاھىدىلىكىگە يات ئەمەس. بۇنىڭغا ماتىرىيالىزىملىق قاراش بىلەن  مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
يەكۈن
    «قۇتادغۇ بىلىك» نوقۇل ئەدەپ-ئەخلاق  توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەت  خاراكتېرلىك دېداكتىك ئەسەر ئەمەس. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا دۇنياغا كەلگەن، ئەڭ ياخشى ۋە ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەدىئىي دىراماتىك ۋە شېئىرىي ئىپادىلەش شەكلىدە يارىتىلغان پەلسەپىۋىي قامۇس.  ئۇ گەرچە بىلىم ۋە ئادالەت بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ،خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى سىياسىي مەقسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، بۇ خىل مۇھىم ئىدېئولوگىيىنى تەبىئەت پەلسەپىسى،بىلىش نەزەرىيىسى،بەخت-سائادەت كۆز قارىشى ۋە ئىلىم-پەن تەلىماتلىرى  بىلەن ئاساسلىغان، يورۇتقان. گەرچە  بۇ بۈيۈك قامۇس ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى  تەتقىقاتلار تېخى ھەقدادىغا يەتكىنى يوق. بۇ بىز ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد  ئىلىم  كىشىلىرىنىڭ  داۋام قىلىشىغا  قويۇلغان مۇقەددەس بۇرچ. بۇ قېتىمقى  تاپشۇرۇقتىن  «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدىكى  ئۆزۈم قىزىقىدىغان بىر تەرەپنى(قۇتادغۇ بىلىك بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش) بايقىغانلىقىمغا  خۇشالمەن ھەم بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمنى  يۇقىرىدىكى ئۈچ باب كەڭلىكىدىن پۈتكۈل قۇتادغۇ بىلىك  دائىرىسىگە  كېڭەيتىش ئىرادەم بار.
 
  
  مەنبە: ئۆز قەلىمىم
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە مېنىڭ مەشىق ماقالەم. باغداش مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. مۇنبىرىمىز ۋە مېنىڭ رۇخسىتىمسىز  باشقا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق جايغا يۆتكىمەسلىكىڭلارنى سورايمىز.
 


[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-09-27 09:55قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-26, 17:47
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-26 17:34 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1174 سوم
تۆھپە: 685 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماقالىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ سىزنى يىتىلگەن تەتقىقاتچى ئوخشايدۇ دىسەم ئاخىرىدا <<بۇ ماقالە مېنىڭ مەشىق ماقالەم>> دەپسىز.  سىزدە كىلاسسىك ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە تەتقىقات ئىقتىدارى بار ئىكەن . ھارماڭ. ئاللاھ خالىسا سىزدىن  چوڭ نەتىجىلەر چىققۇسى .بىز ھەم چوڭ ئۈمۈتلەرنى كتىمىز.
    قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 20:12 |
manzil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 244 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇھەقتىكى تەتقىقاتىڭزنى توختىماي داۋاملاشتۇرشىڭزغا تىلەكداشمىز..
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 08:50 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 973
شۆھرەت: 5404 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5377 سوم
تۆھپە: 3177 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3160 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2927(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشمۇ چوڭ ئىش جۇمۇ...
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 09:19 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەرگەن ياخشى باھايىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلىرىم. ئاللاھ خالىسا بىلىمىمنى ياخشى جايغا ئىشلىتىمەن.مەندە كلاسسىك ئەسەرلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك بىر مۇھەببەت بار. بۇ ماقالىنى مەن «قۇتادغۇبىلىك» دەرسىدە مۇئەللىم بەرگەن مەۋسۈملىك ئىمتىھان تاپشۇرۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان ئىدىم. تۈنۈگۈن قارىسام كومپىيۇتىرىمدا بار ئىكەن. شۇڭا مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-09-27 09:59قايتا تەھرىرلىدى ]
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 09:41 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىزدىنىش يولىدا ھېرىپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزگە تېخمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 10:31 |
nala
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3397
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

< قۇتادغۇ بىلىگ > تىكى < ھەر قانداق ئىشتا تەمكىنلىكنى ساقلا، پەقەت تائەت- ئىبادەتكىلا ئالدىراپ يۈگۈر > مىسراسىنى بەك ياقتۇرىمەن.
   سەبىر، ھەممە  ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولسۇن.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 13:50 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى nalaدە2011-09-27 13:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
< قۇتادغۇ بىلىگ > تىكى < ھەر قانداق ئىشتا تەمكىنلىكنى ساقلا، پەقەت تائەت- ئىبادەتكىلا ئالدىراپ يۈگۈر > مىسراسىنى بەك ياقتۇرىمەن.
   سەبىر، ھەممە  ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولسۇن.


رەھمەت نالە!
ياخشى تىلەكلەر بىرگە بولغاي! ئاللاھىم ھەر بىرىمىزنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي! ئامىن!
hawar
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 15:54 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 371
شۆھرەت: 1895 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1915 سوم
تۆھپە: 1131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1131 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1310.ھەرقانداق ئىشتا ئالدىرىما، سەۋر قىل،ئۆزۈڭنى تۇت،

سەۋرچان كىشىلەر ئارزۇسىغا يېتىدۇ.

1317.ئەگەر ئاچچىقىڭ كەلسە، ئۆزۈڭنى تۇت،سەۋر قىل،

سەۋرلىك كىشىنىڭ ئاقىۋىتى شادلىق بولغۇسىدۇر.

1319.سەۋر قىلسا، كىشى تىلىكىگە يېتىدۇ،

سەۋر بىلەن كۈتكەن ئوۋچى ئاق قۇ تۇتىدۇ.

1320.ئەگەرمۇشەققەت،  غەم قايغۇ كەلگەندە،

كىشى سەۋر قىلسا، يەنە قايتا شادلىق كېلىدۇ.

مەنمۇ يۇقۇرقى  سۆزلەرنى  مەڭگۈ ئىيسىمدە ساقلايمەن . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 16:04 |
hanjar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 261
شۆھرەت: 1434 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1495 سوم
تۆھپە: 840 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 843 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى كۆرۇشكە ئىنتىزارمەن .  بىزنىڭ بالىلارنى تەربىيلىشىمىزدىكى ياخشى دەرىسلىكىمىز قىلىش ئۇستىدەياخشىراق ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك.  قانداق دىدىم ئەزىز قېرىنداشلار. مۇشۇنداق ياخشى دەرىسلىكنى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئەسدايىدىل قوبۇل قىلدۇرالاساق ،ماكتەپلەردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش تۇرلۇك تەربىيەلەر تەبىئىيلا ئۆز ئورنىنى تاپمامدۇ؟............... تىرىشىڭ،سىزمۇتىرىشىڭ ،مەنمۇ تىرىشاي، ھەممىمىز ئۆزلۇك ،ئۆملۇك ئۇچۇن تىرىشايلى.مۇشۇنداق ياخشى بىباھا بايلىقىمىزنى كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش ئۈچۇن ئىشلەتسەك .............................................................
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى