ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !.
ئابلەت ئېلى بوۋىمىز ئارتۈركتىكى سەپىرىنى مۇئاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ،23 -چېسلا قومۇل شەھىرىگە قايتىپ كەلدى . 24-چېسلادىن 25 -چېسلاغىچە قومۇل توت كوچا بەركەت كاۋاپخانىسىنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. 25-چېسلا يەنە ئابلىمىت موسا ئائىلىسىنىڭ تەكلىب قىلىشىغا ۋە قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى ،ئابلەت بوۋاينىڭ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان بىرقىسىم باغداشلىقلار 25-چېسلا توت كوچا مىراس تىز تاماقخانىسىغا يىغىلىپ ،ئابلەت بوۋىمىز بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى .
ئىدىيەۋى تۇرغۇنلۇق ھالاكەتنىڭ باش پەللىسى
ئۇلار تاماق ئارلىقىدا تەبىئىلا پاراڭغا چۈشۇپ قالدى.مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى زەن سېلىپ ئاڭلىدىم.
_____ ئابلەھەت بوۋا، سىز نىمە سەۋەپتىن، يەتمىش ياشقا ئۇلاشقاندا ۋېلىسپىت مىنىپ سەپەرگە چىقىپ قالدىڭىز؟
_____ ئادەمنىڭ شۇنداق ئۆزىنى ئويلايدىغان بىر ۋاقلىرى بولىدىكەن. بەزەن كۈنلىرى تۇرۇپلا مەن بۇ دۇنياغا نىمىشقا كەلدىم،ئۆتكەن ئۆمرۈمدە نىمە ئىشلارنى قىلدىم؟ دىگەن ئويلار پەيدا بولۇپ قالدى.مەن مۇشۇنداق ئويلار بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈمنى ئەسلىدىم.ئەسلىگەنسېرى ناھايىتى تار دائىردە،بىكىنمە ھالەتتە ياشاپ ئۆزەمنى ئۆزەم چۈشەپ قويغاندەك ھىس قىلدىم.يەنە بىر جەھەتتىن رادىئودا سۆزلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مەنزىرسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مېنى بارغانسېرى تەشۋىشكە سالدى.بۇنىڭ بىلەن بوۋامنىڭ:<<مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا>>،<<سەپەر قىلىڭلار ،ساغلام ۋە رىزىق- نىسۋىلىك بولىسىلەر>>،<<ھەقىقى كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس،دىلنىڭ كورلىقىدۇر،كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ>> دىگەن سۆزلىرى ئەسلىنىشكە باشلىدى.مەن ئۆزەمگە: مەن ئۆمرۈمدە يا كىسەل بولمىسام يا بىر مەجروھ بولمىسام ،كۈچ- قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تۇرسا،نىمە ئۈچۈن سەيىر قىلمايمەن؟ دىگەن سۇئال تۇغۇلدى.شۇنىڭ بىلەن پارتىيەنىڭ 90يىللىق خاتىرە كۈنىلىرىدە شىنجاڭنى ۋېلىسپىت بىلەن ساياھەت قىلىپ ،جاي- جايلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنى يوقلاپ،ئۇلاردىن ئۆگۈنۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىقتىم.سەپەر جەريانىدا كۆزۈم ئېچىلدى،تېخىمۇ روھلاندىم. بارغانلىكى جايدا ھەر مىللەت خەلقى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى.بىرمۇ كىشى ماڭا يات كۆزىدە قارىمىدى. شۇڭا بۇ سەپەردە<< ئىدىيەۋى تۇرغۇنلۇق ھالاكەتنىڭ باش پەللىسى >>دىگەن ھىسقا كەلدىم.
گۈزەل شىنجاڭ مۇھەببەتكە تولغان باي زىمىن
______ ئادەم كۆرمىسە بىلمەيدىكەن،يۇرتتا يۈرگەن بولسام ئۆمرۈم يەنە ئېرىقتىكى لاي سۇدەك ئۆتۈپ كىتەركەن.مەن 1-ئايدا ئۆيدىن چىققاندىن بۇيان ئاقسۇ،كورلا،ئىلى،ئالتاي،چۆچەك،سانجى ئۈرۈمچى،تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ كىلىۋاتىمەن.مەن بۇجايلارنى ئايلىنىش جەريانىدا،رادىيودا بىرىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەققدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقى چىنلىقىنى ھىس قىلدىم.بەزى جايلاردا چارۋىچى دېھقانلار:<< ھۆكۈمەت بىزگە بىنا ئۆي سېلىپ بېرىپ ،مۇقىم ئولتۇراقلىشىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش ،كۆرمىگەنلەر ئىشەنمەيدۇ،جاڭچۈنشەن شۇجى ھەقىقى خەلىق پەرۋەر كىشى ئىكەن>>دىيىشتى.مەسلەن،ئاراتۈركنى مىسال قىلسام بۇ ناھىيىدە بىرمۇ كەپە ياكى كىسەك ئۆي قالماپتۇ.بەش قەۋەتتىن تۆۋەن بىرمۇ بىنانى ئۇچراتمىدىم.كۆمۈر،نېفىت،ئالتۇن،قوغۇن بۇ كىچىككىنە تاغلىق ناھىيىنى شۇنداق تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ.ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇردۇم،ساھىپخانلار ھەر ئۆيدە بىردىن پاخلان سويۇپ مېنى ئەزىزلەپ مېھمان قىلدى.گۈزەل شىنجاڭ ھەقىقەتەن مۇھەببەتكە تولغان باي زىمىن ئىكەن ___
دىگەن بايانلىرىدىن ،<<بىر يەر شۇ يەردە ياشىغۇچىلار سەۋەپلىك ئىسىل بولۇدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولمايدۇ>> دىگەن شەرىق ھىكمىتىنى ئەسلىدىم.
ھايات مۇھەببەت ،ھايات كۆرەش دىمەكتۇر
مەن ھازىر ئۆزەمنى ناھايىتى بەختىلىك ھىس قىلىۋاتىمەن.ئويلىسام ئۆمرۈمدە بۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ باقماپتىكەنمەن.مەن بۇ سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن خەنزۇ،قازاق،موڭغۇل دوستلار بىلەن تونۇشتۇم.ئۇلار سەپەرنىڭ ناھايىتى قىيىن ئۆتكەللىرىدە ماڭا غەرەزسىز ھالدا ،خالىس ياردەم قىلدى.چوڭلارنىڭ:<<ئادەم ،ئادەم بىلەن ئادەم بولۇدۇ>> دىگەن سۆزى مانا مۇشۇ سەپەردە ھەقىقى ئىسپاتلاندى.بەلكىم بۇنداق بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ باقمىغان كىشىلەر ئىنساننىڭ قەدىرقىممىتىنى،ئۇلۇغلىغىنى ۋە ئۇنىڭ ھىممىتىنى بىزچىلىك چۈشەنمەسلىگى مۈمكىن. چوڭلىرىمىز دائىم:<<بىر- بىرىڭلارغا مېھرى - مۇھەببەتنى ،سەۋىرنى تەۋسىيە قىلىڭلار >>دەيتتى.گەرچە مەن ئۇچراتقان دوستلار بۇ گەپلەرنى بىلمىسىمۇ،لېكىن ئۇلار
مېھرى مۇھەببەتنى ،كۆيۈمنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن،قىسقىسى ئۇلار ھايات ئۈچۈن سەمىمى كۆرەش قىلىدىكەن.
مەن ئۇلارنى ئويلىسام ھازىر كۆزۈمگە ياش كىلىۋاتىدۇ، ھاياتتا ھەقىقى جانغا جان ئۇلىغىان كىشىلەرلا ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدىكەن.
مەن كىچىگىمدە تۈزۈك ئوقۇيالمىغان بولغاچقا گەپنى تازا قاملاشتۇرپ دىيەلمىدىم ،بىراق بەك ئويلايمەن.
ئەسلى پىلانىمدا قومۇل ئەڭ ئاخىرقى بىكەت ئىدى،ئەندى يەنە پىچانغا بېرىپ بىرەر مەكتەپتە لىكسىيە ئۇيۇشتۇرپ:<<ھايات مۇھەببەت ،ھايات كۆرەش دىمەكتۇر >> دىگەن سۆزنى مەكتەپكە ۋىۋىسكا قىلىپ،ئېسىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىشنى ئويلاۋاتىمەن.
ھايات جاسارەتكە سالام قىلىدۇ
ئۆلۈك جانلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدۇ.شۇڭا مۇھەببەت جاسارەتتە ئىمكان تاپىدۇ.بىز باغداشلىقلار ئابلەھەت ئېلى بوۋاينىڭ قەلبىدە پەرھاتنىڭ روھىنى كۆردۇق.مانا بۇ روھ بىز قەدىرلەيدىغان،بالىلارغا سۆزلەيدىغان، مەكتەپكە ۋىۋىسكا قىلىپ،ئېسىپ قويۇدىغان روھ!.
گۈزەل تىلەكتە گۈزەل كىلەچەك جىلۋە قىلىدۇ
ئىنسان ئەرك ئۈچۈن ياشايدۇ.ئابلەھەت ئېلى بوۋا سېنىڭ روھىڭ ئەرك ئىزلەپ كىتىۋاتىدۇ.بىز سېنىڭ قەلبىڭنى سۆيىمىز.
سەن ماڭغان يوللاردا قۇياش پارلايدۇ،
بىزگىمۇ ھەرسەھەر بەخت تىلەپ قوي.
سەن باشلاپ بارىسەن بىزنى ئۇپۇققا،
كەينىڭدە باغداش بار ئۆزەڭ بىلىپ قوي.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-27 17:04قايتا تەھرىرلىدى ]