ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10تەدبىر
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، مەملىكتىمىزدە راك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ 4\1 قىسمى ئاشقازان راكى ئىكەن. ئالىملار ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە جانغا زامىن بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى 10تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار :
1. يېڭى يىمەكلىكلەرنى يىيىش، چىلىغان يىمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يىيىش ياكى يىمەسلىك؛
2. تۈزنى ئاز ئىستىمال قىلىش، تۇزلۇق تاماق يىيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش؛
3. ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى، پۇرچاقتىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛
4. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛
5. يىمەك - ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ غىزالانماسلىق؛
6. تاماكا چەكمەسلىك، كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچمەسلىك؛
7. تاماقنى بەك تېز يىمەسلىك، تاماق بەك قىزىق ۋە زىيادە قاتتىق بولماسلىق؛
8. ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولۇپ، غەم- قايغۇ، ھەسرەت- نادامەتتىن ساقلىنىش؛
9. ئىچىملىك سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
10. يىگىلەشچان ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ئاشقازان تەكشۈرۈش ئەينىكىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
جىگەر ياللۇغى رېتسىپى ....
* ياپچان (قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن) دىن g 30 ، چىلاندىن بەش دانە ئېلىپ ھەركۈنى بىر قېتىم قاينىتىپ ئىچىپ بېرىلسە سېرىقلىقنى قايتۇرىدۇ. ھەم جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
* ياپچان، ئوسما يىلتىزىنىڭ ھەرقايسىدىن g 15 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن ، ئۇدا 7-5 كۈن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
* مامكاپتىن g 15، چۈچۈك بۇيىدىن g 6 ئېلىپ ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن، ئۇدا 7-5 كۈنگىچە قاينتىپ ئىچىپ بەرسە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ؛
* ھۆل سېمىز ئوتتىن g 60 (پاكىز يۈيۈپ چانالغان)، چۈچۈك بۇيىدىن g 6 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن قاينىتپ ئىچىپ بەرسە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالىدۇ؛
* پاقا يوپۇرماق ئوتتىدىن g 30 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە سېرىقلىقنى قايتۇرۇپ، ئۆتكۈز سېرىقلىق چۈشۈش تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ؛
* ھۆل - مەجنۇنتالنىڭ چىۋىقىدىن g 30 - g 15 ئېلىپ، ئۇدا 7-5 كۈنگىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ.
مىڭە چارچىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ....
مىڭە چارچىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ....
* باش قىيىپ كۆز تورلىشىدۇ، قۇلاق قىزىيدۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ؛
* پۇت- قول تاللىدۇ، ئەسنەك تۇتىدۇ، مۇگدەيدۇ؛
* دىققەت ئىتىبارى مەركەزلەشمەيدۇ، ئەستا تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەيدۇ؛
* پىكىر قىلىشى گاللىشىدۇ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ؛
* ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ كۆڭۈل ئاينىدۇ، قۇسىدۇ؛
* ئىچى تىتلداپ بىئارام بولىدۇ، مەيۈسلىنىش قاتارلىق مىجەز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-09-28 14:20قايتا تەھرىرلىدى ]